مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: TOGRAKPADIXASI

قىسمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 07:23:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلىپ راھىلە بىلەن ئادىل بىر مەزگىل ئۆز ئارا چۈشۈنۈش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەندىن كىيىن شىرىن مۇھاببەت قاينىمىغا غەرىق بولدى.
راھىلە باشتا ئادىل بىلەن ئارلىشىش جەريانىدا ئادىلنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئاستا-ئاستا چۈشۈنۈپ يەتكەندىن كىيىن ئادىلغا ۋە رەيھاننىڭ ئۆتمۇشگە ناھايىتى ھىسداشلىق قىلدى ۋە بۇ ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن ئادىل بىلەن رەيھانغا ياخشى قاراش ئۈچۈن ئۆز-ئۆزىگە ۋەدە بەردى.
رەيھاننىڭ بىرلا ئەنسىرەيدىغان تەرپى ئاپىسى زۆھرە ئىدى.زۆھرە گەرچە راھىلەگە كۈيۈنسىمۇ بىراق زۆھرەدە بىر خىل ئۆزىدىن تۈۋەن تۇرغانلارنى كەمسىتىش ئىددىيىسى بار بۇلۇپ ئاسانلىقچە ئادەم ياراتمايدىغان خۇيى بار ئىدى. بىراق قادىر بۇنىڭ دەل ئەكسىچە كىشىنىڭ ھالىغا يىتىدىغان، قاراتوغرا، كىبىرى يوق كىشى بۇلۇپ راھىلەگە ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىق قىلاتتى ۋە راھىلەنىڭ ھەرقانداق يوللۇق ئارزۇ-تەلەپلىرىنى قاندۇرۇپ كىلىۋاتقان ئىدى.
-مەن ساڭا دەپ قۇياي راھىلە مەن سىنىڭ بۇ توي ئىشىڭغا ھەرگىز قۇشۇلمايمەن، ئەگەر ئۇ ئادىل دىگەن يالاڭتۆش بۇسۇغامدىن ئاتلايدىغان بولسا ئۈستى-بېشىغا يۈندە چېچىپ قوغلاپ چىقىرىمەن.
-ئاپا نىمە دەيدىغانسىز؟ ئادىل دىگەن ناھايىتى ئىسىل، ئەخلاقلىق.......
-قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق ئىسىللىرىڭ. نەدە بىر تېگى-تەكتىنىڭ تايىنى يوق تازلىقچىنىڭ ئوغلىغا بىرىدىغان قىزىم يوق. مەن سىنى شۇنداق تازلىقچىنىڭ غالچىلىقىنى قىلسۇن دەپ باققانما؟ سىنى بېقىپ چوڭ قىلغۇچە ئون جېنىمنىڭ بىرسى قالمىدى. يەنە ئاپاڭغا ھۆرۆ-پۆرۆ دەيسىنا؟
-ئاپا بۇ مىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشىم تۇرسا نەدە بىر تۇنىمايدىغان ئادەم بىلەن توي قىلغاندىن ئادىل بىلەن توي قىلسام بەخىتلىك بۇلالايمەن ئەمەسمۇ؟
-بەخىتلىك بۇلمىش، سەن بەخىتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسەن؟ سەن ئەشۇ تازلىقچىنىڭ ئوغلى بىلەن توي قىلساڭ قانداق بەخىتلىك بۇلالايتىڭ؟ بۇندىن كيىن ئۇ ئادىل دىگەنننىڭ ئاغزىڭغا ئالغۇچى بولما!
راھىلە ئاپىسىنىڭ قەتئى نىيەتكە كەلگەنلىكىنى بىلىپ قانداق قىكلىشىنى بىلەلمەي ناھايىتى تىت-تىت بولدى ۋە يۇم-يۇم يىغلاپ كەتتى.
رەيھان بۇگۈن ناھايىتى ھارغىن ئورنىدىن تۇردى ۋە ئەجەل شەپىسىنىڭ ئۆزىگە كۈندىن-كۈنگە يېقىنلاپ كىلىۋاتقانلىقىنى سىزىپ جىددىيلىشىپ قالدى.قانداق قىلىش كىرەك؟ بۇ مەخپىيەتلىكنى ئۆزى بىلەن گۆرىگە ئېلىپ كىرىپ كىتىش كىرەكمۇ ياكى ئادىلغا بارلىق سىرلارنى ئاشكارىلىشى كىرەكمۇ؟ ئاشكارىلاشتا قانداق ئاشكارىلاش كىرەك؟ رەيھان بۇ سىرنى ئاشكارىلاي دىسە ئادىل ئۆزىنىڭ بىر تاشلاندۇق بالا ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئازاپلىنىشىدىن قورقتى. ئاشكارلىماي دىسە ئۆلۈم ئالدىدىكى ۋىجدان ئازابىدىن قورقتى. رەيھان كۆپ ئويلىنىشلاردىن كىيىن ئۆلۈپ كىتىشتىن بۇرۇن بۇ سىرنى ئادىلغا ئاشكارىلىماي بىرەر يېقىنىغا ئاشكارىلاشنى  ۋە ئۆزى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن يېقىنى ئارقىلىق ئاشكارىلاپ ئادىلنىڭ ئازاۋىنى ئازراقمۇ بولسا يەڭگىللىتىشنى ئويلىدى-دە كىمگە ئاشكارىلاش توغرىسىدا كۆپ ئويلاندى.
ئويلۇنۇشلاردىن كىيىن رەيھاننىڭ بۇ يۇرتتا رەشىدەدىن بۆلەك ھىچقانداق يېقىنىنىڭ يوقلىقى ئىسىگە كىلىپ رەشىدەنىڭ تېلېفۇنىغا تېلېفۇن قىلدى.
-ۋەي رەشىدە مۇئەللىممۇ؟
-شۇنداق  رەيھانمۇ؟ مىجەزىڭىز يوقمۇ نىمە؟ ئادىلغا يەتكۈزۈپ قۇيايمۇ؟
-ياق، ياق مەن سىزنى ئىزلەپ تېلېفۇن قىلغان ئىدىم. ۋاختىڭىز بولسا سىزگە دەيدىغان مۇھىم بىر گىپىم بار ئىدى. بولسا سىزنىڭ مەن بىلەن كۈرۈشكەنلىكىڭىزنى ئادىل بىلمىسە.
-بۇلىدۇ بۈگۈن چۈشتىن كىيىن دەرسىم يوق. چۈشتىن كىيىن ئۆيىڭىزگە كىرەي شۇ ۋاقىتتا كۈرشەيلى .خوش، خۇداغا ئامانەت،
-خۇداغا ئامانەت.

رەيھان رەشىدەگە قانداق دىيىش ۋە قانداق چۈشەندۈرۈش توغرىسىدا ئۇزۇن خىياللارغا بىرىلىپ ئولتۇرغاندا ئادىل قايتىپ كەلدى
-ئاپا قانداقراق تۇرسىز؟ نىمە يىگۈڭىز بار شاققىدە قىلىپ بىرەي.
ئوغلۇم مىنىڭ ھىچنىمە يىگىم يوق. ئۆزۈڭنىڭ نىمە يىگۈسى بولسا شۇنى قىلىپ يىگىن مەن بىلەن كارىڭ بولمىسۇن.
-كارىم بولمىسا بۇلامدۇ. سىز مىنىڭ بىر تاللا ئاپام تۇرسىڭىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ سىزنىڭ بىر تاللا ئوغلىڭىز. ئىككىىمىز بىر-بىرسىمىز بىلەن كارىمىز يوق يۈرسەك بىز بىلەن كىمنىڭ كارى.
ئادىلنىڭ بۇ گىپى رەيھاننىڭ يۈرىكىگە خۇددى بىرسى پىچاق زالغاندەك ئازاپلىدى ۋە ئادىل مەندىن كىيىن قالسا قانداق قىلار دەپ ئادىلدىن ئەندىشە قىلشقا باشلىدى.
-ئوغلۇم توي ئىشىڭنى ئويلۇشۇپ قويساڭ بۇلاتتى.
-ئاپا ۋاختى كەلگەندە چۇقۇم بىردەمدە ھەل بۇلىدۇ خاتىرجەم بۇلىڭە.
ئادىل تىزلا ئوت يېقىپ ئاپىسىغا سىڭىشلىك نارىنغا تۇتۇش قىلدى.
رەيھان ئادىلنىڭ بىر ەمدە پىشۇرۇپ كىرگەن تامىقىغا قاراپ كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش مەڭزىدە قېتىپ قالدى. ئادىل ئاپىسىنىڭ يىغلىغىنىنى كۈرۈپ يەنە ئاپىسىغا چاقچاق قىلىشقا باشلىدى.
-مىنىڭ تاماق ئىتەلەيدىغان بولغانلىقىمغا قاراپ يىغلاۋاتامسىز نىمە؟
-شۇنداق بالام سەن تاماقلا ئىتىشنى بىلىپ قالماي مىنىڭ ۋە ئۆزۈڭنىڭ كىر-قاتلىرىنىمۇ -يۇيۇپ، ئۆيلەرنى تازلاپ كىلىۋاتىسەن. قۇلۇڭنىڭ ئەپچىللىكلىنى كۈرۈپ خۇشال بۇلاۋاتىمەن.
-ئاپا مىنى ئائىلە ئىشلىرى قىلىشنى بەكرەك ئۈگەنگىلى قويماي تىزلا مىنىڭ بۇ  ئىشىمنى  تارتىۋالىسىزغۇ دەيمەن.
بولدى  تامىقىڭنى تىز يەپ مەكتىۋىڭگە ماڭ. قاچا-قۇچىلارنى ئۆزۈم يۇغۇشتۇرۋالىمەن.
ئادىل كەتكەندىن كىيىن رەشىدەنى كۈتۈپ تۇغان رەيھان دەرۋازا ئالدىغا نەچچە قېتىم چىقىپ كىردى بىراق رەشىدەدىن قىلچە شەپە يوق ئىدى. شۇ ئەسنادا دەرۋازىنىڭ غىچ قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان رەيھان دەرھال ھويلىغا چىقتى.رەشىدە كىرگەن ئىدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. خېلى ياخشىلىنىپ قالغاندەك تۇرىمەن.
قېنى ئۆيگە كىرسىلە.
رەيھان رەشىدەنىڭ ئالدىغا بىر چەينەك چاينى دەملەپ ئىككى پىيالە بىلەن كۈتۈرۈپ كەلدى ۋە تاماق شىرەسىنىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردى.
رەيھان قانداق گىپىڭىز بولسا دەۋىرىڭ بىز ئۈزۈن يىللىق خوشنا شۇڭا ھەر گىز تارتىنماڭ.
-مىنىڭ سىزگە ئادىل توغرۇلۇق دەيدىغان گىپىم بار ئىدى. شۇڭا سىزدىن ئۆتۈنۈدىغىنىم مەن بۇ دۇنيادىن كىتىشتىن بۇرۇن بۇ گەپلىرىمنى ھەرگىز ئادىلغا دىمىسىڭىز.
-نىمە دەيدىغانسىز رەيھان كىسەلخانىدىن چىققاندىن بىرى خىلى ياخشى بۇلۇپ قالغاندەك تۇرسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31836
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1224
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 3177 سائەت
تىزىم: 2011-2-26
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 09:36:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تىزرەك يوللىسىڭىز بوپتىكەن.

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 12:39:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-كىسىلىم ئۆزۈمگە ئايان رەشىدە مۇئەللىم، ئادىل مىنىڭ كىسىلىمنى يۇشۇرۇپ ماڭا دىمىگەن بىلەن مەن ھەممىنى بىلىپ بولدۇم. مىنىڭ بىر نەچچە كۈنلۈكلا ئۆمرۈم قالدى. شۇڭا سىزگە 20نەچچە يىلدىن بىرى ھىچقانداق ئادەمگە دىمەي كىلىۋاتقان ئىچكى سىرىمنى دەي دەپ بۇ يەرگە چاقىرتىشىم.
-نىمە دەيدىغانسىز رەيھان بىر نەچچە كۈنلۈكلا ئۆمرۈم قالدى دەيسىزغۇ؟ مانا بىر ئوبدان تۇرمامسىز؟
-مىنىڭ كىسىلىم پىشىپ قالغان كىسەل. مەن ئاشقازان راكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان، ئەجەل كۈتۈپ تۇرغان بىر ئايال، شۇڭا مەن دىمەكچى بولغان بۇ ئىشنى، مەن كۆز يۇمۇشتىن بۇرۇن ئادىلغا پەقەت دىمىگەن بولسىڭىز. بىلىمەن سىز ئادىلغا كۆپ ئەجىر قىلدىڭىز. سىزنىڭ ئەجىرىڭىز بىلەن ئادىل مۇشۇ كۈنگە ئىرىشەلىدى. بۇ دۇنيادا ئادىلنىڭ مەندىن قالسا سىزدىن باشقا ھىچقانداق يېقىن ئادىمى يوق.
-قېنى دەڭ. قۇلقۇم سىزدە.
-ئادىل مىنىڭ ئۆز بالام ئەمەس.
-نىمە؟ بۇ مۈمكىنمۇ؟
رەيھان كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ خۇدى كۆزىنى يۇمسا شۇ يىراق ئۆتمۈشكە قايتىدىغاندەك تىپتىنىچ بىر دەم ئولتۇرۋالدى-دە گىپىنى داۋاملاشتۇردى.
-رەشىدە مەن ئەسلىدە جەنۇبى شىنجاڭنىڭ س يېزىسىدىن بۇلۇپ ئاتا-ئانامنىڭ بىر تاللا يالغۇز قىزى ئىدىم. ئاتا-ئانام بەك باي بولمىسىمۇ بىراق تۇرمۇشىمىز كۈڭۈللۈك ئۈتەتتى. دادامنىڭ دىننى بىلىمى چۇڭقۇر بولغانلىقتىن يېزىمىزدا يۈز-ئابرۇيى ناھايىتى چوڭ ئىدى. ئەشۇ يىلى دادام بىلەن ئانام كەينى-كەينىدىن كەتكەندىن كىيىن مىنىڭ بەخىتلىك كۈنلىرىم ئاخىرلاشتى ۋە كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۈزۈمنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئاكامنىڭ قىستىشى بىلەن يەڭگەمنىڭ نىرۋىسى ئاجىز ئىنىسىگە ياتلىق قىلىنماقچى بولدۇم. مەن قانچە يالۋۇرغان بولساممۇ بىراق ھىچكىم مىنىڭ ھالىمغا يەتمىدى. مەن ئەتە توي دىگەن كىچىسى قېچىپ بۇ شەھەرنىڭ ك ناھيىسىگە كىلىۋالدىم ۋە ئاقكۈڭۈل بىر مۇماينىڭ ھىمايىسىگە ئىرىشتىم.
مەن تىرىكچىلىك قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىشتىن يېنىپ ئۆيگە ئاز قالغاندا يول ياقىسىدىكى ئورمانلىق ئىچىدە بىر بۇۋاقنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئورمانلىق ئىچى قاراڭغۇ بولغانلىقتىن ناھايىتى قورقۇدۇم. بىراق قەدەملىرىم مىنى ئورمانلىق ئىچىگە سۆرەيتى.
مەن يىغا ئاۋازى چىققان تەرەپكە ئاستا-ئاستا يېقىنلاشتىم. بىر بۇۋاق كىچە جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ كۈچەپ يىغلاۋاتقان ئىكەن. ئانامنىڭ كىچىدە يىغلىغان بۇۋاق ياخشىلىقتىن بىشارەت بەرمەيدۇ دىگەن گىپىنى يادىمغا ئېلىپ كەينىمگە قايتماقچى بولغان بولساممۇ بىراق پۇتلۇرۇم ماڭا بوي سۇنمايۋاتاتتى. مەن قەتىئى نىيەتكە كىلىپ بۇۋاقنى قۇلۇقغا ئالدىم ۋە  بىرەسى كىلىپ قالارمۇ دىگەن ئۈمۈدتە ئەتراپقا قارىدىم.
رەشىدە خۇددى تەسىرلىك بىر فىلىم كۈرىۋاتقاندەك، پۈتۈن بەدىنى قۇلاققا ئايلىنىپ قالغاندەك رەيھاننىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇراتتى.
مەن بىردەم ساقلىغان بولساممۇ بىراق ئەتراپتا ھىچكىم كۈرۈنمەيتى. بۇۋاقنىڭ ئاۋازى بارغانسىرى بۇغۇلۇپ كىتىۋاتاتتى. مەن بۇنداق تۇرىۋەرسەم بولمايىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم-دە بۇۋاقنى ئېلىپ دەرھال ئۆيگە قايتىپ كەتتىم. مەن كۆپ ساقلىغان بولساممۇ بىراق بۇۋاق يۇتتۇرۇپ قويغۇچىلارنىڭ ھىچقانداق ئۇچۇرىنى ئالالماي بۇ بۇۋاقنى ئۆزۈم بېقىش قارارىغا كەلدىم. بەلكى ئاتا-ئانىسى بېقىشنى خالىماي تاشكلىۋەتكەن تەقدىردىمۇ بۇ بۇۋاقتا ھىچقانداق گۇناھ يوق-دە.
شۇنىڭ بىلەن بۇ بۇۋاققا ئادىل دەپ ئىسىم قويدۇم ۋە قەمەرخان ئانىنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ بۇۋاقنى بېقىپ 7ياشقا كىرگۈزگەن ۋاقتىمدا قەمەرخان ئانام بۇ دۇنيادىن كەتتتى. قەمەرخان ئانامنى تىرىكلىكىدە يوقلاپ قۇيۇشقىمۇ ۋاختىنى چىقىرالمىغان ئۇرۇق تۇققانلىرى تۇشمۇ-تۇشتىن كىلىپ مىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغاننىڭ سىرتىدا بۇ جايدا تۇرغىدەك يۈزۈمنىمۇ قويمىدى. مەن شۇنىڭ بىلەن ئادىلنى ئېلىپ بۇ شەھەرگە كۈچۈپ كەلدىم.
رەيھاننىڭ گىپىنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلاۋاتقان رەشىدەنىڭ كۆڭلىگە بىر ئوي كەچتى-دە . رەيھاندىن:-
-بالىنى تېپىۋالغان ۋاختىڭىزدا يۆگەك ئىچىدە بىرەر نەرسە بارمىكەن. دىگىنىم كىيىن ئادىلنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى تېپىشقا ياردىمى بولغۇدەك؟
-ياق پەقەت بىر تال يۆگەكتىن باشقا ھىچقانداق نەرسە يوق ئىكەن.نەرسە يوق ئىكەن.
رەشىدەنىڭ كۆڭلى بىر نەرسىنى تۇيغاندەك جىددىيلىشىپ سورىدى.
-يۆگەكنى ساقلاپ قويدىڭىزمۇ؟
شۇنداق مەن ئۇ يۆگەكنى يىللاردىن بىرى ساقلاپ كىلىۋاتىمەن.
-يۆگەكنى كۈرۈپ باقسام بۇلامدۇ؟
-ئەلۋەتتە. مىنىڭ سىزنى بۇ يەرگە چاقىرتىشىمدىكى مەخسەتمۇ مەن كۆز يومغاندىن كىيىن ئادىل ھىچقانداق ئۇرۇق-تۇققىنى يوق بۇلۇپ قالىدۇ. شۇڭا سىزنىڭ ئادىلغا چۈشەندۈرۈپ كىيىن ئادىلنىڭ ئاتا-ئانىسى ئەينى ۋاقىتتا ئادىلنى قانداق تاشلىۋەتكەن بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر ئاتا-ئانىسىنى تېپىشقا ياردەم قىلارمىكىن دىگەن ئۇمۈدتىمەن.
رەيھان ھارغىن قەدەملىرىنى سۆرىگىنىچە ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ كەتتى.

قىزلارنىڭ دوستى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24390
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2907
تۆھپە نۇمۇرى: 163
توردا: 3944 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-2-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 07:20:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىز بەكمۇ ياخشى چىقىپتۇ !ئاخىرىنى ئۇقۇشقا تەقەززامىز!

قىزلارنىڭ دوستى يوق.

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 01:00:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىجارەتچى بولغانلىقىم ئۈچۈن دۇكاندا ئىككى كۈندىن بىرى پەقەت بىكار بۇلالمايۋاتىمەن.
ئەتە چۇقۇم ھەممىنى بىراقلا يوللايمەن. كەچۈرۈڭلار.

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-9 11:11:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەيھان كۈتۈرۈپ چىققان يۆگەكنى كۆرگەن رەشىدە يۆگەككە قاراپ قېتىپلا قالدى مۇندىن 20نەچچە يىل بۇرۇنقى ئىشلار خۇددى كىنو لىنتىسىدەك كۆزئالدىدىن بىرمۇ-بىر ئۆتۈشكە باشلىدى.
مەھەللىدىكى تەڭتۈش قىزلار بىلەن ئويناپ چارچىغان 8ياشلىق رەشىدە ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىردى ۋە يەڭگىسى زۆھرە تىكىپ ئولتۇرغان كىچىككىنە يوتقان (يۆگەك)نى كۈرۈپ قىزىققان ھالدا:-
-يەڭگە بۇ يوتقاننى كىمگە تىكىۋاتىسىز؟ مىنىڭ قونچۇقۇمغا تىكتىڭىزمۇ؟
-ياق شەيتان قىز. بۇچۇ قۇرسۇقۇمدىكى ئۇكىڭىزغا تىككەن يۆگەك. ئۇكىڭىز تۇغۇلغاندا بۇ يۆگەككە يۆگەپ بەرسەم سىز ئۇكىڭىزنى باقىسىز.
رەشىدەنىڭ تەرسالىقى تۇتتى.
-ياق،ياق بۇ مىنىڭ قونچۇقۇمنىڭ يوتقىنى. بۇنىڭدا قونچۇقۇمنى باقىمەن. قونچۇقۇم بەك تۇڭلاپ كەتتى. دىدى -دە رەشىدە ئەمدى تىكىپ قاتلاۋاتقان يۆگەككە يېپىشتى.
-بۇ دىگەن ئۇكىڭىزنىڭ يۆگىكى تۇرسا مەن سىزنىڭ قونچىقىڭىزغا بۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق يوتقان تىكىپ بىرەي بۇلامدۇ؟
-ياق، ياق چۇقۇم مۇشۇنى بىرىسىز.
بۇ ئىككەيلەن دەتالاش قىلىۋاتقاندا قادىر كىرىپ كەلدى ۋە ۋە ئىشىنىڭ تەپسىلاتىنى بىرەر قۇر چۈشەنگەن قادىر
-زۆھرە بولدى بىر دەم ئوينىغانغا ھىچنىمە بۇلۇپ كەتمەس. بىرىپ تۇرڭە بولدى.
-سىز شۇنداق دىگەن بىلەن بۇنى كىر قىلۋەتسە قانداق قىلىمەن. ئاي-كۈنۈم يېقىنلاپ قالغان تۇرسا يەنە بىرنى تىكەي دىسەم ئۈلگۈرەمدۇ؟
رەشىدە بىر دەم ئويناپ ئاچىڭىزغا قايتۇرۇپ بىرىڭ بۇلامدۇ؟
رەشىدە ئاكىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بېشىنى ماقل دىگەچ يىنىڭ لىڭشىتىپ قويدى.
شۇنىڭ بىلەن رەشىدە يۆگەككە قونچىقىنى يۆگەپ بىر دەم ئويناتتى ۋە زۆھرەنىڭ يېنىدا يوق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ قونچىقىغا چوڭ كىلىپ قالغان بۇ يوتقاننى كىچىكلەتمەكچى بولدى-دە قولىغا قايچىنى ئېلىپ ئەمدى يۆگەكنىڭ بىر ئۇچىدىن تۇتۇپ ئازراق يەرنى كىسىپ تۇرىشى زۆھرە كىرىپ قالدى ۋە رەشىدەنىڭ قۇلىدىن يۆگەكنى تارتىۋالدى.
شۇنىڭ بىلەن رەشىدە بىركۈن كەچكىچە قېداپ تاماق يىگىلى ئۇنىماي ئۆيدىكىلەرنى بىر كۈن قىينىغان ئىدى.
رەشىدە رەيھان ئېلىپ چىققان قاتلاقلىق يۆگەكنى تىزدىن قۇلىغا ئېلىپ چۇۋىدى ۋە ئۆزى كىچىك ۋاختىدا كىسىۋەتكەن كىچىككىنە ئۇرۇننىڭ شۇ پېتى تۇرغانلىقىنى كۈرۈپ ھاڭ -تاڭ قالدى.
رەيھان رەشىدەدىكى بۇ ئۆزگۈرۈشلەرگە ئانچە دىىقەت قىلماي ئۆز گىپى بىلەن بۇلۇپ كەتتى. رەيھان ئۆزىنىڭ ئادىلنى بېقىپ چوڭ قىلىش جەريانى ۋە رەشىدەنىڭ ئادىلغا قىلغان ياخشىلىقلىرى توغرىسىدىكى گەپلەرنىڭ ھىچقايسسى قۇلقىغا كىرمىگەن رەشىدە چۈشتىن كىيىن دەرىستىن چۈشكەندىن كىيىن يىغىنىم بار ئىدى دىگەننى باھانە قىلىپ رەيھان بىلەن خوشلاشتى ۋە ئۇدۇل ئاكىسى قادىرنىڭ ئىشخانىشىغا قاراپ چاپتى.
-ئاكا خوشخەۋەر ئوغلۇڭ تېپىلدى.
رەشىدەنىڭ دىمى كىسىلىپ ئۈزۈپ-ئۈزۈپ ئېيىتقان گىپىدىن ھىچنىمىنى ئاڭقىرالمىغان قادىر ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇپ رەشىدەگە بىر ئىستاكان سوغۇق سۇ قۇيۇپ بەردى ۋە
-ئالدىرماي ئازراق دىمىڭنى ئېلۋېلىپ، ئاندىن دىگەن. قارا سىنىڭ جىددىيلىشىپ كەتكىنىڭنى؟
رەشىدە قادىر ئۇزاتقان سۇدىن بىر نەچچە يۇتۇم ئىچىپ سەل ئەسلىگە كىلىۋالغاندىن كىيىن رەيھان بىلەن بولغان سۆھبەتنى ۋە ئۆز كۈزى بىلەن كۆرگەن  يۆگەكنىڭ ھىكايسىنى تەپسىلى سۆزلەپ بەردى.
قادىر رەشىدەنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغادىن كىيىن ئادىلنىڭ يېنىغا ئۇچۇپ بېرىپ مەن سىنىڭ داداڭ دىگۈسى كەلدى بىراق يىللاردىن بىرى زۆھرەدىن يۇشۇرۇپ كەلگەن سىرنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپ نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالدى.
قادىر بالىسى دوختۇرخانىدا يۇقاپ كەتكەندىن كىيىن بالىسىنى ئۇچۇق-ئاشكارە ئىزدىيەلمىگەن بولسىمۇ بىراق كۆپ سۈرۈشتە قىلغان ئىدى. لىكىن بالىدىن ھىچقانداق خەۋەر ئالالماي ئىچىگە تىنىپ كىلىۋاتقان ئىدى.
قادىرنىڭ ھۋلىمۇ ئىسىدە:
زۆھرە بىلەن رەشىدەنىڭ يۆگەك تالششى ۋەقەسى يۈز بەرگەن كۈننىڭ ئەتىسى زۆھرەنىڭ تولغۇقى تۇتۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى ۋە زۆرەنىڭ تۇغۇتى تەسكە چۈشكەنلىكتىن ئوپراتسىيەگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى.

ئوپراتسىيىدىن چىققان زۆھرەنىڭ ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە قالغانلىقتىن بالىنى ياتاققا ئەكىرىپ قۇيۇپ، دوختۇر-سىستىرالار ۋە قادىر زۆھرە بىلەنلا بۇلۇپ كەتتى . شۇ ۋاقىتتا قادىر ناھايىتى يالغۇزلۇق تارتقان ئىدى. چۈنكى زۆھرە بىلەن قادىرنىڭ ئاتا ئانىسى بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەچكە ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن ئائىلىسىدىن يىراقراق بىر ناھيىدە تۇرۋاتقانلىقتىن بۇلارغا يېقىن تۇرغۇدەك ھىچقانداق ئۇرۇق-تۇققانلىرى يوق ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن زۆھرە ئوپراتسىيىدىن چىقىپ ئېغىر كىسەللەرنى گۈزتۈش ئۆيىگە ئېلىپ بېرىلدى ۋە 3كۈنگىچە بۇ ئۆيدە داۋالىنىپ كىسىلى سەل نورماللاشقاندىن كىيىن ياتاققا يۆتكەلدى.
بۇ 3كۈن ئىچىدە قادىر ئادەم بېشىغا كەلمەيدىغان ۋە ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكەزدى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش