ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 34قەۋەت Bashliq كە 2011-05-08 01:33 PMئەۋەتىلدى :
17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتى شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئۇ ئاساسەن ياركەنت خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولدى، خانلىقنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان موڭغۇل ئەۋلادلىرى ۋە موڭغۇل قەبىلىلىرىمۇ بارا-بارا يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتتى. 1609-1610-يىللىرى ياركەنت خانلىقىنىڭ خانى مەھمۇدخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئوغلى ئەھمەدخان تەخت ۋارىسى بولدى، جەمەت ئىچىدە نىزا يۈز بېرىپ، خانلىق زاۋاللىققا يۈزلەندى. ئىسلام دىنىدىكى خوجىلارنىڭ كۈچى يەنىمۇ ئۇلغىيىپ، ئاق تاغلىقلار بىلەن قارا تاغلىقلاردىن ئىبارەت ئىككى مەزھەپ شەكىللەندى. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش-تالاش توختىماي داۋام قىلدى. 1680-يىلى ياركەنت خانلىقى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدا باش كۆتۈرگەن جۇڭغارلار تەرىپىدىن يوقىتىلدى. غالدان ياركەنت خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، ئوردا ئەزالىرىدىن بولغان ئابدۇرېشىتنى يۆلەپ خان قىلىپ تىكلەپ، .............
=============================
ئەينى چاغدا مىرزا ئابابەكرى دېگەن بۆلگۈنچىلەر خانلىقنىڭ ھاكىمىيتىنى قولغا ئېلىپ خەلق بېشىغا بىر مەزگىللىك قىرغىنچىلىق ۋە بالايىئاپەتلەرنى سالغاندىن كېيىن، سابىق خانلىقنىڭ سەرسان ئەمەلدارلىرى ۋارىسى بولمىش سەئىدخان كابۇلدىكى قېرىنداشلىرى ئارقىلىق كۈچ توپلاپ مىرزا ئابابەكرى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، تارىختىكى بۈيۈك سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرغاندىن كېيىن، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە سوپا ئىشانلارنىڭ كۈچى بىلەن جۇڭغاردىن چىققان غالدان ئۇشبۇ يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى ۋەيران قىلغان ئەمەسمۇ......
.......
ۋاھ...غالتان قانداقمۇ سولتان ئابدۇرەشىتخاننى تىكلىسۇن؟! .....ئاپپاق خوجا ھاكىمىيەت ئۇرۇشى قىلىپ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كىيىن ئۇ مەڭگۇلۇك قاراخانىلار زىمىنىغا دەسسىمەسلىك ۋەدىسى بىلەن چىگرىدىن ھەيدەلگەن.ئاپپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ مورىتلىرى نۇرغۇن بايلىق بىلەن دالاي لامانىڭ يېنىا پانالىق تىلىگىلى بېرىپ ئىككىنجى قېتىدا ئۇنىڭ كۆرىشىشىگە مۇيەسسەر بولغان. دالاي شۇ ۋاقىتتىكى غالدانغا ئەسكەر باشلاپ قارخانىلارغا ھوجۇم قىلىشقا بۇيرىدۇ.
يەنە بىر ئەسكەرتىش: ئاتىيلا(ئېڭلىسچىدىن ئېلىندى)، ئۇنى كەسكىن ئۇيغۇر دەپ ئاتاشمۇ توغرا ئەمەس، چۇنكى چونلا: شۇ ۋاقىتتا جوڭغار، تارىم ۋادىسى، كاۋكازئەتراپىدا چارۋىچىلىق بىلەن ياشاۋاتقان كۆچمەن خەلقنىڭ ئومومى ئاتالغۇسى. ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى: ئۇيغۇر،قازاق،قىرغىز،تاجىك، موڭغۇللاردۇ. ئاتىيلا باش كۆتۇرۇپ ھونلارنى ئاساسەن بىرلىككە كەلتۇرۇپ كىڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى قىلىپ داۋاملىق ئوتتۇرا ئاسىيا ،ياۋرۇپاغىچە بارغان. ئاز بىر قىسىم ھونلار ئۇرۇش قىلىپ شەرققە قاراپ ئاخىرى خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقۇتىلغان ياكى قوشۇلۇپ ئاسسىمىلاتاتسىيە بولۇپ كەتكەن. شۇنچىلىك چۇشەنچىمنى قوشۇپ قوياي...
يازغۇچىغا رەھمەت لىكىن تارىخ ھامان تارخ، ئۇنى ئۆزگەرتىش بۇرمىلاش چوڭ خاتالىق. يۇقۇردا يوللانغان مەزمۇنلار ئاساسەن توغرا لىكىن بۇنى بىز قارغۇلارچىلا مۇشۇنداق دەپ كەسكىنلەشتۇرىۋېتىش تۇپتىن خاتالىق. چۇنكى ئىنكاسلاردىن بەزىبىر تورداشلارنىڭ بىزنىڭ تارىخمىز مۇشۇنداق ئوخشايدۇ دىگەن ئىنكاس شەكىللىنىپ قالىدۇ. تارخ-بىردىن ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت.....