مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kugul

دوستۇم <ھۆكۈمران>سىزنى تەبىرىكلەيمەن! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەربىر تىنىقىڭن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12459
يازما سانى: 545
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6305
تۆھپە نۇمۇرى: 889
توردا: 1566 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 05:13:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا  گەپنى ئويلاپ قىلىلى، ئۇكام،ئايىغاننى بىلىڭ جۇمۇ، ئۆزىڭىزنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى بىلمەيدىغان ئادەمكەنسىز، ئەگەر سىز ئاشۇنداق نامەرتلىكنى قىلمىسىڭىز سىزگە شۇ سوئالنى مەن قويامتىم؟؟؟ تېخى ئالدىمغا كەل دەپ قاپسىز، بېرىپ قالسام كىچىك بالىنىڭ سۈننەت تويىنى قىلغاندەك جامائەتنى چاقىرىپ،<چالا قاسساپ>تىن بىرنى چاقىرىپ، چالا قالغان يەرلەرنىڭ تويىنى قىلىۋىتىپ يېنىپ كېلەرمەنمىكىن؟ بىكار ھازىرغىچە توي قىلالمىغان ئادەم <چالا قاسساپ>نىڭ سەۋەبىدىن توي قىلالماي يۈرمەڭ يەنە. [s:137]
     مەن ئۇ گەپنى نېمە ئۈچۈن دېدىم، سەۋەبى بۇرۇنقى تېمىدا ھەم يۇقىرىدا ئېنىق بار، مېنىڭ تولا ئاغزىمنى ئاچماي، سەل گەپ سۆزدە ھايالىقراق بولىلى جۇما ئۇكام، سىزدە بار ئېغىز خەقتىمۇ بار.
  تېخى ماۋۇ گېپىڭىزمۇ جاۋاپسىز قالمىسۇن  :  
سىز  <مۇنبەرنىڭ ئىشلىرىنى ۋە ھۆكۈمراننىڭ قانداق ئادەملىكىنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچلىىك بىلىدىغان سىزدك ئادەم ھەرگىزمۇ تىلسىمات دېگەن بىرلا ئىسىمنى ئىشلەتمەيدىغۇ دەيمەن؟ > دەپسىز،
مەن بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ ئۆتەي: مەندە يەنە بىر ئىسىم بار، ئۇنىڭدا مەخسۇس كومپىيۇتىر ئىلمىغا ئائىت بىلىملەرنى يوللايمەن. لېكىن سىزدەك يەنە بىر باشقۇرغۇچى نامىمدا تۇرۇپ، باشقا نامىم ئۈچۈن كەتمەن چېپىشتەك نامەرت ئىشلارنى قىلمىدىم.
ئۆزىڭىز بۇرۇن ھەم يۇقىرىدا قايتا-قايتا ئېتىراپ قىلغاندەك ئىشلار يۈز بەرگەچكە، شۇنىڭغا ماس ھالدا سۆزلەر بولۇندى، بۇنىڭ سەۋەبىنى <مەن ئاۋال نېمە دېدىم؟ نېمە ئىش قىلدىم؟>دەپ ئۆزىڭىزگە سوئال قويۇڭ.نورمال ئادەمگە نىسبەتەن ئشتانغا چىققان كۆڭۈلگە ئايانغۇ؟؟؟ لېكىن سىز  تا ھازىرغا قەدەر پەقەت بولدى قىلمايۋاتىسىز، نېمە مەقستىڭىز باركىن بىلمىدىم، سىز بىلەن تالاش-تارتىشىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، ئەسلى سىز بىلەن پەقەتلا مۇنازىرىلەشمەي دېگەن، لېكىن يۇقىرىدا دېگەن بەك چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ھاياسىز سۆزىڭىز ئاغزىمنى ئېچىشقا مەجبۇر قىلدى. گەپ تاپالمىسىڭىز چىدىماسلىق قىلىپ گېپىم بار دەپ ئاشۇنداق ھاياسىز گەپنىمۇ دەيدىغان گەپما؟؟؟
تەكلىپ: ماۋۇ مۇنبەر سىزنىڭ شەخسى مۈلكىڭىز ئەمەس، مەلۇم نۇقتىدىن ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مۈلكى،تولا بۇ يەردە ماجرا چىقارمايلى، مۇنبەر ئەخلاقىغا رىئايە قىلىلى ماقىما

ھەربىر تىنىقىڭنى ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزمە!

ھەربىر تىنىقىڭن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12459
يازما سانى: 545
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6305
تۆھپە نۇمۇرى: 889
توردا: 1566 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 07:09:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگىمۇ ئوشۇق گېپىم يوق! كىم كىمگە تۆھمەت چاپلىغانلىقى تېخى مۇنبەردە بار.
سىز بىلەن سۆز ئويۇنى ئويناشقا ۋاقتىم يوق! تېخى ئاتالمىش <چاقچاقلىرىڭىز>شۇنداق بولىدىغان بولسا، ئۇنى ئاۋۇ كىچىك گەپ چۈشەنمەيدىغان كىچىك ئاداشلىرىڭىزغا دەپ بېرىڭ. سىزگىمۇ ئاللاھ قا ئامانەت!

ھەربىر تىنىقىڭنى ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزمە!

ھەقىقەتەن ئاللا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7688
يازما سانى: 865
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24199
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 1313 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 10:15:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1695. ئبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: سەمىمىي ئىشەنچلىك بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << ھەرقانداق كىشى ئانىسىنىڭ قورسىغىدا 40 كۈندە دەسلەپكى (ئۇرۇق) ھالىتىدە تۇرىدۇ، يەنە قىرىق كۈندە قانغا ئايلىنىدۇ. يەنە قىرىق كۈندە بىر پارچە گۆشكە ئايلىنىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر پەرىشتەنى ئەۋەتىپ ، ئۇنىڭغا تۆرت ئىشنى يازدۇرىدۇ①، يەنى شۇ كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى، رىزقى، ئۆمرى، بەختسىزلىكى ياكى بەخت - سائادىتى. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭغا روھ كىرگۈزىلىدۇ. سىلەردىن بىر ئادەم ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدۇ، ئۇنىڭغا جەننەتكە كىرگىلى بىر گەز قالغاندا ، ئاندىن پۇتىۋېتىلگەن تەغدىر غالىپ كېلىپ ئەھلى دوزىخىلارنىڭ ئەمىلىنى قېلىپ، ئاخىرى دوزاخقا كىرىدۇ. بىر ئادەم يامان ئەمەلنى قېلىپ دوزىخىلاردىن بولغىلى بىر گەز قالغاندا، ئاندىن پۈتىۋېتىلگەن تەغدىر غالىپ كېلىپ ، جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمەللىرىدىن بىرەنى قىلىدۇ-دە، جەننەتكە كىرىدۇ >>. - ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم توپلىغان

①ئاللاھ تائالا ئىنساننى دۇنيادىكى باشقا مەخلۇقلىرىدىن ھۆرمەتلىك قىلغانلىغى ئۈچۈن ھەر ئادەمگە بۇ دۇنيادا قانداق ئېتىقاد، قايسى تونۇش ۋە قانداق سۆز ۋە ھەرىكەت بىلەن شوغۇللىنىشقا ئىختىيار بەرگەن. بۇ جۇزئىي (قىسمەن) ئىختىيار دېيىلىدۇ. ھەر كىشى دۇنيادا مۇشۇ جۇزئىي ئىختىيار بىلەن ئىش قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بارلىق ئىلگىرى كېيىن ئىشلارنى ئەزەلدىن بىلىدىغان زات بولغاچ كىمنىڭ قايسى ۋاقىتتا ئانىسىنىڭ قوسىقىغا پەيدا بولۇپ قاچان تۇغۇلىشى، تۇغۇلغاندىن كېيىن قايسى دىنغا ئىشىنىشى ، قانداق گەپ - سۆز ۋە ھەرىكەتلەردە بۇلۇشىنى ئەزەلدە بىلگەچكە، << بۇ بەندە دۇنيادا ياشىغان چاغدا مۇنداق سۆز - ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ >>، دەپ يازغان . شۇ جۈملىدىن پالان بەندە باشتا ياخشى ئىش قىلىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاخىردا ئىنساننى دوزاخقا تاشلايدىغان يامان ئىشلارنى خالاپ ئۆزىنى يوقىتىدۇ. يامان قىلىقلار بىلەن مەشغۇل ھالدا ئۆلىدۇ. دوزىخى بولىدۇ . پالان بەندە باشتا يامان سۆز - ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، كېيىنكى ئۆمرىدە توغرا يولنى خالاپ بۇرۇنقى خاتالىقلىرىنى تونۇپ ، تەۋبە قىلىپ ياخشى سۆز - ھەرىكەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ ، ئۆلۇپ كەتسە جەننەتكە كىرىدۇ، دەپ يازغان ۋە شۇنداق بولىدۇ. بۇ ئىنساننى مەجبۇرىي دوزاخقا تاشلاش ئەمەس، ئاللاھ تائالانىڭ ئەزەلدە بېلىشى بىلەن ئەمىلىيەتنىڭ بىرلىكىدۇر. شۇڭا، ئاقىۋەت دوزاخقا چۈشىدۇ، دەپ ئاللاھ ھوكۈم قىلغاندەك، دۇنيادا ئىمان - ئىسلامنى خالىمايدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ. ئىسلام چەكلىگەن يامان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. گەرچە بەزى كىشىلەر باشلانغۇچ ھاياتىدا ياخشى ئىشلار شۇغۇللانسىمۇ چىن قەلبىدىن تونۇغان ۋە سۆيگەنلىكتىن بولماي، بەلكى مۇسۇلمانلار نىڭ نەپرىتىدىن قورقۇپ ياكى ئاتا - ئانىسىنىڭ، مۇئەللىمىنىڭ زورلىشى بىلەن ۋە يا تۇرمۇش مەجبۇرىيىتى بىلەن ئۆزىنى مۇسۇلمان كۆرسىتىدۇ. شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ئادا قىلىدۇ. لېكىن كۆڭلىدە قىزغىنلىق يوق، شۇڭا ئاخىرقى ئۆمرىدە يامان قىلىقلار ۋە بۇزۇق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆلىدۇ. دوزاخقا تاشلىنىدۇ. بەزى كىشلەر دىنى ئىسلامنى ھەق يول دەپ تونۇپ مۇھەببەت بىلەن قارايدۇ. لېكىن، ئۆزى بىلىمسىز تەربىيىسىز قالغان ياكى مۇھىتنىڭ يامانلىغى تەسىرىگە ئۇچرىغان ، ئىجتىمائىي ،مۇناسىۋەتتىكى يامان ئادەملەر زورلىغان سەۋەپ بىلەن ياكى روھىي چۈشكۈنلۈككە ئۇچراش بىلەن بىر زامان دىن ئىشلىرىنى تاشلاپ، بەزى گۇناھلارنى قىلسىمۇ ، كېيىنكى ئۆمرىدە ياخشى كىشىنىڭ تەربىيىسى ياكى دىنىي شارائىتنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە ياكى بىرەر ئاگاھلاندۇرغۇچ ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن ئۆتمىشىگە ئەپسۇس قىلىپ ، ھەق يولغا قايتىپ توغرا ئېتىقاد ۋە ياخشى ئىشلارغا يۈزلىنىپ، گۇناھلارنى تاشلاپ شەرىئەت يولىدا مېڭىپ ئۆلىدۇ، جەننەتكە كىرىدۇ.
شۇڭا ھىچقانداق كىشى ئۆزىنىڭ ئىبادىتىگە، ساۋابلىق ئىشلىرىغا تەمەننا قىلىپ ، << مەن چوقۇم جەننەتكە كىرىمەن >> ، دەپ تۇنۇماستىن <<  ئاخىرقى تىنىقىمدا قايسى ئېتىقاد ۋە قايسى ئىش بىلەن ئۆلىمەن؟ >> دەپ غەم يەپ ، ئاللاھ تائالادىن ئىمانىدا چىڭ تۇرغۇزۇشنى ھەمىشە تېلەش بىلەن بىرگە مەلۇم بىر گۇناھنى قىلىپ تۇرغاندا ئەجىلىم توشۇپ  قالمىسۇن، دەپ داۋاملىق ئېھتىيات قىلىپ ياخشى ئىش بىلەن شوغۇللىنىشقا تېرىشىش لازىم . ئاللا تائالاغا ئىشەنگەن ، بويسۇنغان ۋە رازىلىغىنى ئىزدىگەن بەندىسىگە ھەرگىز ناھەق جازا بەرمەيدىغان بولغىنى ئۈچۈن رەھمىتىدىن ئۈمىد قىلىش لازىم . ئۈمىد بىلەن قورقۇنچى بىرگە بولۇش كېرەك. قورۈق ئۈمىدكە ئالدانماي ، ئاللاھنىڭ دىنىنى بىلىشكە ۋە ئەمەل قىلىشقا تىرىشىش لازىم ، { ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ تىرىشقان نەرسىسىگە ئېرىشىدۇ . ئۇنىڭ قىلغان ئىشى كەلگۈسىدە كۆرىلىدۇ، ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ . } (سۈرە نەجم39-،40-،41- ئايەت ) {ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسانغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ، سىلەرگە پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ } (شۈرە ياسىن 54- ئايەت) دېگەن ئايەتلەردە ئوچۇق كۆرسىتىلدى . بەزىلەر قەدەرنى توغرا چۈشىنەلمەي ، ھەممە ئىش قازا ۋە قەدەرگە باغلىق ، ئىبادەت قىلمىساممۇ، گۇناھ قىلساممۇ قەدەردە جەننىتى بولغان بولسام ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىمەن دەپ ئۆزىنى ئالداپ ، ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارنى قىلماي ، شەيتانغا بويسونىدۇ . ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد قىلىش لازىم . لېكىن ، قۇرۇق يالغان ئۈمىد قىلماي، بۇيرۇغاننى قىلىپ، توسقاندىن ساقلىنىپ، ھايا قىلىپ، پەخەس بولۇشى كېرەك . ئاللاھ بۇيرۇغاننى قىلىشقا توسقاندىن يېنىشقا تىرىشمىغان كىشى چوقۇم زىيان تارتىدۇ.
ئەسھاب كىراملاردىن بىر قانچە كىشىنىڭ جەننەتكە كىرىشىنى رەسۇلۇللاھ ئالدىن بېشارەت بەرگەن. ئۇلارنى چوقۇم جەننىتى دەپ تونۇيمىز. ئۇلاردىن باشقا كاتتا ئالىم ياكى ئۇلۇغ ماشايىخ تونۇلغان كىشىنىمۇ بۇ كىشى چوقۇم جەننەتكە كىرىدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمىغاندەك ئىسلام دىنىغا ھەقىقىي ئىشەنگەن ، ئەمما بۇيرۇغاننى قىلمىغان كىشىنىمۇ چوقۇم دوزىخى دەپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. ئاللاھتىن ھەم قورقۇش ھەم ئۈمىد قىلىش كېرەك ، دېگەننىڭ مەنىسى شۇ. چۈنكى ، ئىنسان قايسى ھالەتتە جان بېرىشىنى يالغۇز  ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ ، شۇڭا ، مەن جەننىتى بولاي دېگەن كىشى ئۆزىنى ھەمىشە ئۆلۈم ئالدىدا تۇتۇپ تەۋبە قىلىشقا ، ئەمەل قىلىشقا تىرىشىىش ۋە گۈناھتىن توختاش لازىم . ئۇ چاغدا ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆتمىشىنى كەچۈرىدۇ. ئەمما، قۇرئاننىڭ مۇنداق نەسىھىتىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئاسىيلىق قىلىۋەرسە، كۆڭلى قارا بولۇپ ، تەۋبىگە نېسىپ بولالماي ئاخىرى ئىمانسىز كېتىش، ئەبەدىي دوزاخقا مەھكۈم بولۇش خەۋپى بار. ياشلىغىمدا ئوينىۋالاي، قېرىغاندا تەۋبە قىلىمەن دېيىش ئۆزىنى يوقاتقانلىق. چۈنكى، ئۆلۈم ياشقىمۇ كېلىدۇ. قايسى تونۇش ۋە قايسى ئىش بىلەن تۇرۇپ ئۆلسە شۇ بويىچە چارە قىلىنىدۇ .
<< ھەدىس شەرىفتىن ئۈنچە - مارجانلار  >>  كىتاپتىن

ھەقىقەتەن ئاللا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7688
يازما سانى: 865
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24199
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 1313 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 10:18:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىلاھى خاھىش( قازا) ۋە تەقدىر ھەققىدە

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن
بىز ئىسلامنىڭ ئىلاھى خاھىش ۋە تەقدىر ھەققىدىكى قارىشىنى ئۇزۇن سۆزلىمەيمىز . بىراق بۇ ماۋزۇنى چۈشىنىشكە ئوڭاي بولۇش ئۈچۈن ، بۇ تىمىنىڭ ئومۇمى بايانى بىلەن باشلايمىز . ئاندىن مۇمكىنقەدەر كۆپ چۈشەنچە بىرىمىز . بۇ ئارقىلىق ئاللاھتىن بىزگە مەنپەئەت بىرىشىنى ، تىرىشچانلىقلىرىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى سورايمىز:
بىلگىنكى ، ئىلاھى خاھىش ھەققىدە ئىشىنىشنىڭ مەنىسى _ بۇ كائىناتتا يۈز بىرىدىغان ھەر قانداق ئىش ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن يۈز بىرىدۇ دەپ جەزمەن ئىشىنىش .
تەقدىر( ئىلاھى ئورۇنلاشتۇرۇش ) ھەققىدە ئىشىنىش : ئۇ بولسا ئىيماننىڭ ئالتىنچى تۈۋرىكى ھەمدە ئۇنىڭسىز ئىمان مۇكەممەل بولمايدۇ . سەھىيھ مۇسلىمدا(8) ئىبنۇ ئۇمەردىن نەقىل قىلىندىكى ، ئۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەقدىرنى ئىنكار قىلىدىغانلىقى ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ : " ئەگەر مەن بۇ كىشىلەرنى ئۇچرىتىپ قالسام ، مەن ئۇلارغا : مىنىڭ ئۇلاردىن ئادا-جۇدالىقىمنى ، ئۇلارنىڭ مىنىڭدىن ئادا-جۇدالىقىنى دەيمەن . ئابدۇللاھ بىن ئۇمەر قەسەم قىلىدىغان زات بىلەن قەسەمكى ، ئەگەردە ئۇلارنىڭ بىرىدە ئۇھۇد تېغىغا تەڭ كىلىدىغان ئالتۇنى بولسا ۋە ئۇنى خىراجەت قىلسا ، ئۇ تەقدىر ھەققىدە ئىشەنگەنگە قەدەر ، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ . " دىدى . ۋە يەنە شۇنى بىلىش كىرەككى ، سىز تەقدىرنىڭ تۆت تەرىپىگە ئىشەنمىگۈچە ، سىزنىڭ تەقدىرگە بولغان ئىشىنىشىڭىز توغرا ئەمەس ، ھەمدە ئۇلار تۆۋەندىكىچە :
1- ئاللاھنىڭ ھەممە ئىشلارنى ئەزەلدىن ۋە مەڭگۈ ئومۇميۈزلۈك ، تەپسىلىي بىلىدىغانلىقىغا ، شۇڭا ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى بىر ئاتوم مىقدارى نەرسىمۇ ئۇنىڭغا نامەلۇم ئەمەسلىكىگە ئىشىنىش .
2- ئاللاھنىڭ بارلىق ئىشلارنى ئاسمانلارنى ۋە زىمىننى يارىتىشتىن 50 مىڭ يىل بۇرۇن لەۋھۇل مەھفۇزدا پۈتكەنلىكىگە ئىشىنىش .
3- ئاللاھنىڭ خاھىشىغا قارشى تۇرغىلى بولمايدىغانلىقى ، ۋە ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكى ، شۇڭا كائىناتتىكى ھەرقانداق نەرسە ياخشى ياكى ئەسكى بولسۇن ئۇنىڭ خاھىشى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش .
4- بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقى ، شۇڭا ئۇنىڭ بارلىق شەيئىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ،ۋە ئىش-ھەركەتلىرىنى ياراتقۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش . خۇددى ئاللاھ ئېيىتقاندەك : « ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار . ئۇنىڭدىن بۆلەك ئىلاھ يوق ، بارلىق شەيئىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى . » [ ئەنئام ( چاھارپايلار) : 102 ]
تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ توغرا بولۇشى مۇنۇ ئىشىنىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
- بەندىنىڭ خاھىشى ۋە ئەركىنلىكى بار بولۇپ ، ئۇ ئارقىلىق ئىش-ھەركەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ . خۇددى ئاللاھ دىگەندەك : « سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن توغرا مىڭىشنى خالايدىغانلارغىلا » [ تەكۋىير : 28 ] ، « ئاللاھ بىرسىگە ئۇنىڭ تاقىتىدىن سىرتىنى يۈكلىمەيدۇ .» [ بەقەرە( ئىنەك ) : 286]
- بەندىنىڭ خاھىشى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىدارى ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرشىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمەيدىغانلىقى ، ھەمدە ئۇ بولسا بەندىگە ئۇنى بەرگەن ، ۋە ئۇنى ( ئاق-قارىنى) پەرىقلەندۈرۈشكە قادىر قىلغان ۋە ئىختىيارلىقنى بەرگەن زات . خۇددى ئاللاھ دىگەندەك : « ھەمدە سىلەر دۇنيالار ( ئاللاھتىن باشقا ، ئىنسانلار دۇنياسى ، جىنلار دۇنياسى ۋە باشقا دۇنيالار) نىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىمىسا خالىيالمايسىلەر .»
[ تەكۋىير: 29 ]
- تەقدىرنىڭ ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى ھەققىدىكى سىرى ئىكەنلىكى ، ئۇنىڭدىن بىزگە ئايان بولغانلىرىنى بىلىمىز ۋە ئىشىنىمىز . بىزگە يۇشۇرۇن بولغانلىرىنى قوبۇل قىلىمىز ۋە ئىشىنىمىز . بىزنىڭ چەكلىك ئەقلىمىز ۋە ئاجىز چۈشىنىشىمىز بىلەن ئاللاھنىڭ ھەركەتلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرى توغىرسىدا مۇنازىرلەشمەيمىز . بەلكى ئاللاھنىڭ مۇكەممەل ئادىللىقى ۋە يۈكسەك ئاقىلانىلىقىغا ئىشىنىمىز . ھەمدە ئۇ قىلغان ئىشلىرى توغىرسىدا سۇئال-سوراق قىلىنمايدۇ . ئۇ پاك ، مەدھىيە ئۇنىڭغا بولسۇن .
بۇ بولسا توغرا يوللۇق پىشقەدەملەر( سەلەفەر) نىڭ بۇ مۇھىم تىما ھەققىدىكى ئىتىقادىنىڭ خۇلاسىسى . بىز تۆۋەندە ئۇنىڭ بىر قىسمىنى تىخىمۇ تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىمىز . ھەمدە ئاللاھتىن توغرىسىنى دىيىشكە مۇۋەپپەق قىلىشنى سورايمىز :
بىرىنچى : ئىلاھى خاھىش( قازا) ۋە تەقدىر( قەدەر) نىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى :
قازا نىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى : نەرسىنى پۇختىلاش ، ئىشنى تاماملاش . قەدەرنىڭ بولسا : باھالاش ، ئورۇنلاشتۇرۇش .
ئىككىنچى : ئۇلارنىڭ شەرىئەتتىكى مەنىسى :
قەدەر( تەقدىر) بولسا : ئاللاھنىڭ شەيئىلەرنى ئەزەلدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى ، ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ نەزىرىدىكى مۇئەييەن ۋاقىتلاردا ۋە ئاللاھ خالىغان ۋە پۈتكەن مەخسۇس سۈپەتلەردە يۈز بىرىدىغانلىقىنى بىلىشى ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ۋە يارىتىلىشى بويىچە يۈز بىرىدىغانلىقى .
ئۈچۈنچى : ئىلاھى خاھىش( قازا) بىلەن تەقدىر ئوتتۇرسىدا پەرىق بارمۇ ؟
بەزى ئالىملار ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا پەرق بار دىدى . بىراق ئەڭ توغرا قاراش ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا مەنە جەھەتتىن پەرق يوق . ھەمدە ھەر بىرى يەنە بىرىنىڭ مەنىسىنى كۆرسىتىدۇ . ھەمدە كىتاب ۋە سۈننەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەرق بارلىقىنى كۆرستىدىغان ئىنىق دەلىل يوق . ئالىملار بىرسىنىڭ يەنە بىرسىنىڭ ئورنىدا قوللۇنىلىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى . بىراق شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى ، بۇ ئىماننىڭ بۇ تۈۋرىكىگە ئىشىنىشنىڭ ۋاجىپلىقىنى كۆرسىتىدىغان قۇرئان ۋە ھەدىيس تېكىستلىرىدە قەدەر( تەقدىر) سۆزى ئەڭ كۆپ كىلىدۇ . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
تۆتىنچى : تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى :
تەقدىرگە ئىشىنىش ئىماننىڭ ئالتە تۈۋرىكىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ جەبرائىل پەيغەمبىرىمىزدىن( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئىمان ھەققىدە سورىغاندا ، ئۇنىڭ سۆزلىرىدە تىلغا ئىلىنغان . ئۇ مۇنداق دىگەن : « ئۇ بولسا ئاللاھقا ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ، ئەلچىلىرىگە ، كىتاپلىرىغا ، ئاخىرەت كۈنىگە ھەمدە قەدەر( تەقدىر) نىڭ ياخشىسى ۋە يامىنىغا ئىشىنىشىڭ . » [ ئۇنى مۇسلىم نەقىل قىلغان ،8 ] قەدەر( تەقدىر) قۇرئاندىمۇ تىلغا ئىلىنغان : « بىز ھەقىقەتەن ھەممە شەيئىنى قەدەر( بارلىق شەيئىلەرنىڭ يارىتىلىشتىن بۇرۇنقى تەقدىر كىتابى لەۋھۇل مەھفۇزدا پۈتۈلگەن ئىلاھى ئالدىن بەلگىلەش ) بىلەن ياراتتۇق . »
[ قەمەر( ئاي ) : 49 ] ، « ھەمدە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بەلگىلىنىپ بولغان قەدەر( تەقدىر) بولدى .» [ ئەھزاب( قوشۇنلار) : 38 ]
بەشىنچى : تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ تەرەپلىرى :
بىلىڭكى ، ئاللاھ سىزنى ئۇنىڭ رازىلىقىغا نىسىپ قىلسۇن . تەقدىرگە ئىشىنىش تۆۋەندىكى تۆت تەرەپكە ئىشەنمىگۈچە تولۇق بولمايدۇ :
ئا- بىلىش : يەنى ئاللاھنىڭ بىلىمى بارلىق شەيئىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، ئاسمانلاردىكى ۋە ياكى زىمىندىكى بىرەر تال ئاتوممۇ ئۇنىڭ بىلىمىنىڭ سىرتىدا ئەمەسلىكىگە ئىشىنىش . ئاللاھ ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتلىرىنى ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن بىلەتتى ھەمدە ئۇ ئۇلارنىڭ نىمە قىلىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ۋە مەڭگۈلۈك بىلىمى بىلەن بىلەتتى . بۇنى كۆرسىتىدىغان دەلىلەر كۆپ ، ئۇلاردىن : « ئۇ بولسا ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ يوق ئاللاھ . ئۇ كۆرۈنمەس ۋە كۆرۈنىدىغاننى بىلگۈچى .» [ ھەشىر( سۈرگۈن قىلىش ) : 22] ،« ھەمدە ئاللاھ بالىق شەيئىلەرنى بىلىش بىلەن ئوراپ تۇرىدۇ .» [ تالاق : 12]
ئە-پۈتۈش : يەنى ئاللاھ بارلىق يارىتىلمىلارنىڭ مىقدارىنى لەۋھۇل مەھفۇزغا پۈتكەنلىكىگە ئىشىنىش . بۇنىڭ دەلىلى : « بىلمەمسەنكى ، ئاللاھ ئاسماندىكى ۋە زىمىندىكى بارلىق نەرسىنى بىلىدۇ . ھەقىقەتەن ئۇلار كىتاپتا بار ، ھەقىقەتەن ئۇلار ئاللاھقا ئاسان .» [ ھەج: 16 ] ، پەيغەمبەرنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنۇ سۆزى : « ئاللاھ بارلىق يارىتىلمىلارنىڭ مىقدارلىرىنى ئاسمانلار ۋە زىمىننى يارىتىشتىن 50 مىڭ يىل بۇرۇن پۈتكەن .» [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 2653 ]
ب- ئىرادە قىلىش ۋە خالاش : يەنى بۇ كائىناتتا يۈز بىرىدىغان بارلىق نىمە ئاللاھنىڭ خاھىشى بىلەن يۈز بىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش . شۇڭا ئاللاھ خالىغان نىمە بولىدۇ ، ئۇ خالىمىغان نىمە بولمايدۇ ، ھەمدە ھىچ نەرسە ئۇنىڭ ئىرادىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ . ئۇنىڭ دەلىلى : « مەن ئەتە مۇنداق-مۇنداق ئىش قىلماقچى دەپ ھەرگىز بىرنىمە دىمە ! پەقەت ئاللاھ خالىسانى ( قوشۇپ دىگىن) » [ كەھىف( ئۆڭكۈر) : 23-24 ] ، « سىلەر دۇنيالارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىمىغۇچە خالىيالمايسىلەر .» [ تەكۋىير : 29 ]
پ _ يارىتىش : يەنى ئاللاھنىڭ بارلىق شەيئىنىڭ ياراتقۇچىسى ، ھەمدە ئۇ بەندىلەرنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، شۇڭا بۇ كائىناتتا قانداق نەرسە يۈز بەرمىسۇن ، پەقەت ئۇ ئۇنىڭ ياراتقۇچىسى دەپ ئىشىنىش . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « ئاللاھ بولسا بارلىق شەيئىنىڭ ياراتقۇچىسى .» [ زۇمەر( كىشىلەر توپى ) : 62] ، « ھەمدە ئاللاھ سىلەرنى ۋە سىلەر قىلىۋاتقان نىمىنى ياراتتى .» [ ساففات( سەپ بولۇپ تۇرغۇچىلار) : 96 ]
ھەمدە پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنۇ سۆزى : « ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەر بىر ياسىغۇچى ۋە ئۇنىڭ ياسىغىنىنى ياسايدۇ .»
[ ئۇنى بۇخارىي بەندىلەرنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىنىڭ يارىتىلىشى بابىدا( 25) ، ھەمدە ئىبنۇ ئەبۇ ئاسىم « سۈننەت» تە(257، 358) چىقارغان . ھەمدە ئەلبانىي سەھىيھەدە ئۇنى سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان ، 1637 ]
پېشىۋا ئىبنۇ سەئېدىي مۇنداق دىگەن : ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇلارنى ، يەنى ئىنسانلارنى ياراتقۇچى بولغىنىدەك ، ئۇ ئۇلارنىڭ ئىقتىدارلىرى ۋە ئىرادىلىرىدىن ئىبارەت ئۇلار مۇشۇلار ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان نىمىلەرنمۇ ياراتقۇچى ؛ ئاندىن ئۇلار بولسا بويسۇنۇش ۋە ئاسىيلىق قىلىشتىن ئىبارەت ھەر خىل ئىش-ھەركەتلەرنى ئاللاھ ياراتقان ئىقتىدارلىرى ۋە ئىرادىلىرى بىلەن قىلىدۇ .
[ دۇررەتۇل بەھىييە شەرھى قەسىيدەتۇت تائىييە ، 18-ب ]
تەقدىر مەسىلىلىرى توغىرسىدا ئەقىلگە تايىنىپ بەس-مۇنازىرە قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش :
تەقدىرگە ئىشىنىش بولسا بىر ئادەمنىڭ ئاللاھقا توغرا يۇسۇندا ئىشىنىش دائىرسىدە بىر ھەقىقى سىناق بولۇپ ، ئۇ ئىنساننىڭ پەرۋەردىگارىنى قانچىلىك بىلىدىغانلىقى ھەمدە بۇ بىلىمدىن كىلىپ چىقىدىغان ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ ، مۇكەممەل سۈپەتلىرىگە قەتئىي راست ئىشىنىدىغانلىقىنى كۈچلۈك سىناش . چۈنكى ئۇ چەكلىك ئەقلىنى ئۇنى چۈشىنىشكە قويۇۋەتكەن كىمگە نۇغۇن سۇئاللارنى تۇغدۇرىدۇ . تەقدىر مەسىلىسىدە نۇرغۇن ئىختىلاپلار بولدى ھەمدە كىشىلەر بەس-مۇنازىرىگە ، ۋە ئۇنى تلغا ئالغان قۇرئان ئايەتلىرىنى خاتا چۈشەندۈرۈشكە چۈشۈپ كەتتى . ئەمەلىيەتتە ئىسلامنىڭ ھەر بىر دەۋىردىكى دۈشمەنلىرى تەقدىر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئۇنىڭغا شەك-شۈبھىلەرنى ئارلاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىدە قايمۇقۇشنى قوزغاپ كەلدى . شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنى ئۇنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە يۈكسەك سۈپەتلىرى بىلەن تونۇيدىغان ، كۆڭلى خاتىرجەم ھالدا ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنىدىغان ۋە پەرۋەردىگارىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان كىشىدىن باشقا ھىچكىمدە توغرا ئىيمان ۋە قەتئىي ئىشىنىشنىڭ بارلىقىنى مۇقەررەرلەشتۈرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى . شۇڭا ئاشۇنداق بولغاندىلا ھىچقانداق شۈبھىلەر ۋە شەكلەر ئۇنىڭ قەلبىگە كىرىشكە يول تاپالمايدۇ ، مانا بۇ شۈبھىسىزكى تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ ئىماننىڭ باشقا تۈۋرۈكلىرىگە قارىغاندا تىخىمۇ مۇھىملىقىغا ئەڭ چوڭ دەلىل . ھەمدە ئىنسان ئەقلى مۇستەقىل ھالدا تەقدىرنى چۈشىنەلمەيدۇ ، چۈنكى تەقدىر ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى توغىرسىدىكى سىرلىرىنىڭ بىرى . شۇڭا ئاللاھ كىتابىدا ياكى ئەلچىسىنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) تىلى بىلەن بىزگە ئىچىۋەتكىنىنى بىلىمىز ، ئۇنى قوبۇل قىلىمىز ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىمىز . ھەمدە پەرۋەردىگارىمىز بىزگە دىمىگەنلىرىگە ئىشىنىمىز ھەمدە ئۇنىڭ مۇكەممەل ئادىللىقى ۋە ۋايىغا يەتكەن دانالىقىغا ئىشىنىمىز . ھەمدە ئۇ پاك ئاللاھ قىلغىنىدىن سۇئال-سوراق قىلىنمايدۇ ، بەلكى ئۇلار سوئال-سوراق قىلىنىدۇ . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ ، ئاللاھ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى مۇھەممەدنى ۋە ئائىلىسىنى ، ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى ( ساھابىلەرنى ) تەرىپلىسۇن ۋە ئامان قىلسۇن .
[ « ئەئېلام سۈننەتۇل مەنشۇرە» 147 ، پېشىۋا د. ئابدۇررەھمان مەھمۇدنىڭ « كىتاب ۋە سۈننەت يورۇقىدا ئىلاھى خاھىش ۋە تەقدىر » ، پېشىۋا مۇھەممەد ھەمدنىڭ « ئىلاھى خاھىش ۋە تەقدىرگە ئىشىنىش » كە قاراڭ ]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23490
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7804
تۆھپە نۇمۇرى: 457
توردا: 1220 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 10:43:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

127-قەۋەت (nur-luk) نىڭ يازمىسىغا

ئەسسالامۇئەلەيكۇم،
     ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن قېرىندىشىم، جاۋابىڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم. ئاللاھ خالىسا تەۋبە قىلىمەن.
     تەقدىر ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىڭىزدىنمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم، ئاللاھ ئىلمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41499
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3108
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2011-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 03:28:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئۆمرۈڭىزنى ئۇزۇن ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن ھۆكۈمران ئەپەندى كۆڭۈل ھەدە يوقاپ كەتمەي مۇنداق نەرسە يوللاپ تۇرىڭە ؟ [s:177]  [s:166]  [s:173]  [s:173]  [s:154]  [s:153]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش