ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 63قەۋەت karluk007 كە 2011-05-16 10:40 PMئەۋەتىلدى 58-قەۋەت (mutepekkur) نىڭ يازمىسىغا :
مەن قىلالمىغاندىكى قىلالمىدىم دىدىم.يوتقان قىسقا كىلىپ قالدى.مىنىڭ قىلالايدىغىنىم شۇنچىلىككەن.كىيىنچە تۇلۇقلىۋالامەن.چۈنكى ئاللاھ ئاش يەيسەن دەپ ياراتقان بولغاندىكىن ئاش يىمىسەم بولماس.ئەلۋەتتە ئاش يىيىش ھارام دىگەن ھەدىسنىڭ يوقلىغىنى بىلىمەن،لىكىن سەۋەبىنى دىمەي مىسال كەلتۈردۈم خالاس.
ھە مۇنداق دەڭ! ئاللاھ ئاش يەيسەن دەپ ياراتقاچقا ئاش يەيسىز، ئاللاھ ناماز ئوقۇيسەن دىسە ئوقۇمايسىز؟
توغرا ئاش يىسە ھارام دەپ ھەدىس يوق ھەم بولمايدۇ، ئەمما مۇسۇلمان بىلەن كاپىرنىڭ پەرقى ناماز دەپ ھەدىس بار. بۇنداق دىسەم مىنى كاپىر دەيدىغانغا سەن قانچىلىك ئادەمتىڭ دەپ ئۇرۇشۇپ كەتمەڭ! پەقەت سىزگە ناماز ئوقۇماي تۇرۇپ مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى دىمەكچى.
يەنە بىر گەپ تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈشنى بەك دەپ كىتىپسىز، ئەسلى بۇ تىمىدا ھۆكۈمران بىلەن كۆڭۈلنى خىجىل قىلىپ دىيىشمىسەك بولاتتى. لىكىن شۇنداقتىمۇ سىزگە دەپ قوياي، مەيلى قانداق ئۇسۇلدا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈڭ ھامىنى تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزگەنگە كىرىدۇ. تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش خىرىستىياننىڭ ئىشى. ھەتتا ئاشۇرا روزىسىنىمۇ خىرىستىيانلارغا ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن مۇسۇلمانلار ئىككى كۈن تۇتىدۇ، خىرىستىيانلار بىر كۈن تۇتىدۇ.رەسۇلىللا ئۆمرىدە ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ باقمىغان، ئەگەر تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ پاشىنىڭ قانىتىچىلىك ئەھمىيتى بولسا رەسۇلىللانى جىنىدىن ئەزىز بىلىدىغان ساھابىلار ئۆتكۈزگەن بولاتتى. بۇ ئىشنى ئۆتكۈزىدىغانلارنىڭ كۆپلىكى بۇ ئىشنىڭ توغرىلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۇنتۇپ قالماڭ! ئىسلام دىنى زامان ماكاننىڭ ئۆزگىرىشىگە بىقىپ ئۆزگىرىدىغان دىن ئەمەس.
ئاخىرىدا ئاللاھدىن گۇناھلىرىڭىزنىڭ مەغپىرەت بولىشىنى تىلەيمەن.