مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kugul

دوستۇم <ھۆكۈمران>سىزنى تەبىرىكلەيمەن! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 2626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3685
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8364 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 05:30:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم مۇنبەر كوچىسىدىكى بىر ئاشخانا ئىچى. ئەلەفەسىي تاماق يەۋەتاتتى. ئۇزاق ئۆتمەي ھۆكۈمرانمۇ بۇ ئاشخانىغا كىرىپ كەلدى. ئۇ ئەلەفەسىينى كۆرۈپ:

ــ ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم.

ــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.ــ دىدى ئەلەفەسىي.

ھۆكۈمران تاماق بۇيرۇتۇپ تۇرشىغىلا بىرسى:

ــ ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم، ھۆكۈمران ئەپەندى، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ــ دەپ كەلدى. بۇنى كۆرگەن ھۆكۈمران نېمە دىيەلىسۇن. كۆرۈشمەي دىسە ئۆزىنى چوڭ چاغلىغان بۇلۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمران:

ــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. رەھمەت. قانداق تۇرۇۋاتىسىز.

ــ خۇداغا شۈكرى، ھۆكۈمران، سىزچۇ؟

ــ خۇداغا شۈكرى، رەھمەت.

شۇ چاغدا ئۇ ئادەم ھۆكۈمرانغا بەك جىق تىلەكلەرنى دىدى. ھۆكۈمران ئاڭلىماي دىسە باشقىلارنى ياراتمىغان بۇلۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇ:

ــ رەھمەت. بىراق تۇغۇلغان كۈن دىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ تەبرىكلەيدىغان كۈنى ئەمەس. پەقەت باھانە سىز خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ.

شۇ كىشى گەپ قىلماي كەتتى.

ئارىدىن يەنە بىر قىز كەلدىدە:

ـــ ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم، ھۆكۈمران ئەپەندى، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن.

ھۆكۈمراندا نېمە چارە، ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم دەۋاتسا جاۋاب قايتۇرمىسا بولامدۇ؟

ــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. رەھمەت. بىراق بۇ ئۇنچە تەبرىكلىگىدەك كۈنمۇ ئەمەستى. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ تەبرىكلەيدىغان كۈنى ئەمەس. شۇ بىر باھانە دەڭە

شۇ چاغدا ئەلەفەسىي:

ــ ھۆكۈمران ئاكا، خاپا بولمىغىن، مەن سىزنى تەبرىكلىيەلمىدىم جۇمۇ.

ــ ھەي، سەنمۇ شۇ گەپنى دەپ يۈرەمسەن. سەندىن نېمىشقا خاپا بۇلىمەن. تەبرىكلىمىسەڭ تېخى ياخشى. مۇشۇنداق سەنمۇ تەبرىكلىمىسەڭ، ئۇمۇ تەبرىكلىمىسە بۇ تۇغۇلغان كۈن دىگەنمۇ ئېڭىمىزدىن يوقاپ كىتەتتى. ياخشى بولاتتى. ئاخىرىدا باشقىلارنىڭ مۇشۇنداق بىر بىرى بىلەن زىدىيەتلىشىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بەرمىگەن بولاتتى.

 

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

ھەقىقەتەن ئاللا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7688
يازما سانى: 865
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24199
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 1313 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 05:39:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت karluk007 كە 2011-05-15 03:29 PMئەۋەتىلدى :
مىنىڭچە تۇغۇلغان كۈننى تەبىرىكلەشنىڭ يامان تەسىرى يوق.ئۇ ھاياتلىقنى قەدىرلەشنىڭ بىر قېتىملىق سىگنال كۈنى،ئۈلۈمگە يېقىنلاۋاتقانلىقنىڭ بەلگىسى.بۇ يەنىلا ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى دىگەندەك پان ئىسلام دىننىڭ بايرىمىنى تەبىرىكلىگەندىن كۆپ ئەۋزەل.بۇنى ئاللا قوللايدۇ.

بىزچە يامان تەسىرى بولمىغىنى بىلەن اللە ۋەئۇنىڭچە يامان تەسەرى بار شۇڭا اللە ۋەئۇنىڭ رەسۇلى چەكلەۋاتىدۇ اللە قوللايدۇ دەيسىز سىز اللە نامىدىن يالغاننى توقىدىڭىز قېرىندىشىم تەۋبە قىلىڭ سىز ھازىر غىچىلىك پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋەئۇنىڭ سائادەتمەن ساھابىللىرىنىڭ قايسىبىرىنىڭ بۇنداق ئىشنى قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان.بۇبايرام شۇچاغلاردىمۇ بار ئىدى.ئۇلار قارشى تۇرۇپ كەلگەن.

ئىللەت تۇزەلمەي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15457
يازما سانى: 641
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13312
تۆھپە نۇمۇرى: 552
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 05:44:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستۇم ھۆكۇمران تۇغۇلغان كۇنىڭىزگە موبارەك بولسۇن  ئىككىمىز بىر كۇندە تۇغۇلۇپتىكەنمىز  سىزنىڭكىنى تەبرىكلەيدىغان ئادەم بارئىكەن مىنىڭكىنى يوق.........        

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 2048
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27813
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 7857 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 05:46:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي...ھەي...قىرىنداشلار، سوغۇققان بولۇڭلار...نىمە بولدىڭلار زادى؟ بايا بىرتىمىنىدىكى جەڭگى-جىدەلنى كۆرۈپ توۋا،دەپ ياقامنى چىشلەپ بۇ يەرگە كىرسەم ئەمدى بۇ يەردە تۈتۈن پەيدا بولىۋاتىپتۇغۇ؟؟؟ ئۇنداق قىلماڭلار، بىلىپ-بىلمەي سۆزلەپ قويغان ھەر بىر خاتا گىپىمىز بىزنى دوزاققا تاشلاپ قويمىسۇن جۇمۇ...دوستانە يۈزىسىدىن ئىلىپ بىرىلغان تىما ئىكەن، ياخشى ئىنكاس يازايلى، كۆتۈرۈشكە تەييار بولغان تىغ-پىچاقلىرىمىزنى ئارقىمىزغا تاشلايلى-ھە؟ [s:173]  ئاللاھنىڭ ھەر بىر قۇتلۇق كۈنىدە بىراۋلارنىڭ كۆڭلىگە بىھۇدە ئازاپ بەرمەيلى قىرىنداشلار.

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

مىسكىن قىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38349
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5113
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 322 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2012-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 05:49:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز مۇسۇلمانلارنىڭ 2لا بايرىمى بار ،بىرى قۇربان ھېيت .يانابىرى روزى ھېيت ئۇنىڭدىن باشقىسى بىزگە ھارام .

www.kaqkuz.comسىلەرنى قارشى ئالىدۇ

تۈلكىلەرگە قارا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 2287
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 82702
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9233 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 06:28:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۈگۈن ھۆكىمىراننىڭ تۈغۇلغان كۈنى(چاخچاق)

[align=justify]مىسىرانىم رېستۇرانىنىڭ <مۇھاببەت ۋە دوسلۇق> ئايرىمخانىسى. قاپئوتتۇردىكى تامغا مىسىرانىمنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان بېغىشلىمىسى ئېسىغلىق. ئايرىمخانىنىڭ دەل مەركىزىگە تولىمۇ چوڭ(ھۆكىمىران قانچى ياشقا كىرگەن بولسا شۈنچە كىشىگە مەخسۇس لاھىلىگەن) شىرە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شىرەنىڭ مەركىزىگە ئۇيغۇرۇم007 نىڭ يازغان(قاياقتىن قارىسا شۇ ياقتىن بىمالال ئوقۇغىلى بولىدىغان)<ھۆكىمىران ئەپەندى تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!> دىگەن تەبىرىك سۆزى. خەت چۆگلىمە نۇسخا بولۇپ ئۇنىڭ ئوتتۇرسىغا دۈپدۈگىلەك   ھالەتتىكى، (مىسىرانىمنىڭ تۇر ئىشلىرىغا ياردەمچى كاتىۋى كۆڭۈلنىڭ ئۆز قولى بىلەن تەييارلىغان 8 قەۋەتلىك تورۇت) <كۆڭۈل تورتى> مەخسۇس قويدۇرۇلغان. يەنە خاتىرە تاشلاقلىق بولۇپ بۇ گۈزەل خانىش زۇلايخانىڭ <ئالى تىلەكلىرى خاتىرىسى> ئىدى. بۇنى خانىش دىدىكى يانماس ئوقۇيتى. ئۇدۇلدىكى ئىكىرانغا مىسىرانىم مەخسۇس پىرىگىرامما لاھىلىتىپ (شىنجاڭ تىلىۋىزىيسى ئۇنۋىرىسسال 5-يۈرۈش قانىلىدا) كەپسىز قىزنى ھۆكىمىراننىڭ ئىش ئىزلىرىنى تونۇشتۇردۇ. مىسكىن قىز تورۇت يىمەكچى بولۇپ تاقەتسىزلەنگەن كۆرىنىشىدىن كىيىن ياشلىق512  بۇ ئۆرۈپ ئادەتنىڭ شەرىئەتكە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئۆز  بىلىمىگە بىرلەشتۇرۇپ چۈشەندۇرىدۇ. قارلۇق007   ئۆزنى تۇتۋالالمىغان ھالەتتە ئىكىران يۈزىدە نامايەن بولىدۇ-دە، بۇ توغرىدا كۆپ ۋەز-نەسىھەت سۆزلەيدۇ. ئارقىدىنلا دوپپىچى تاقلاپ چىقىپ تالاش تارتىشنى بېسىقتۇرۇپ، تۇغۇلغان كۈن مەرىكىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ئۆمۈت گۈلى ياندا ياقىسىنى تۇتۇپ قېتىپ قالىدۇ. پىستا قىز ئايرىمخانىغا تۈنجى بولۇپ كىرىپ شاملارغا ئوتنى يېقىپ قويىدۇ. جاللات بەگ بىلەن شاتئاي  تۈنجى مېھمان  بولۇپ يىتىلىشىپ كىرىدۇ. ئارقىدىن مەلىكە يىتىپ كىرىپ( قىزخۇمارنىڭ بۇ يەردىمۇ تىمىسقىلاپ يۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ) ئەلەفەسىيگە تىزىدىن ھۆكىمىرانغا ئېيتىشىنى، بولمىسا يېشىل نۇر بىلەن قىزخۇمار ئىككىسى بۇ تۇغۇلغان كۈن مەرىكىسىنى بۇزىدىغانلىغىنى، بۇ مىسىرانىمنىڭ ئەجىرىنى يەرگە ئۈرۈش ھىساۋلىنىدىغانلىغىنى... قۇلاق كۈسسۇر پارىڭى قىلىپ دەيدۇ. دەل شۇ چاغدا مىسىرانىم بىلەن يوچۇن ئادەم نۇرغۇنلىغان سورۇن ئەسلى، ئۇسۇلچىلار، ناخشىچىلار، قىزىقچىلار...نى باشلاپ كىردۇ. مەلىكەم لەم-جىم دىيەلمەي مىسىرانىمدىن ھۆركۈپ كىتىدۇ.
مىسىرانىم:
-ھۆكىمىران ئالىيلىرى كىرسۇن! -بۇيرۇق چۈشۈردى. دەل بۇ گەپنى كۈتۈپ تۇرغان يوغان ئاق سەللىنى بېشىغا ئورىۋالغان ھۆكىمىران ئالىيلىرى لەس-لەس دەسسەپ كىرىپ كەلدى. ھەممەيلەن ئالقىشلاپ چاۋاك چالدى ھەم:
-ئەتى-پەتى جۇيۇ......
ناخشا تۈگىىشى بىلەن ھۆكىمىران بىلەن مۇسلىمە قېرى شاملارنى پۈۋلىدى. نەغمە-ناۋا باشلاندى. ھەمما ئۇسۇلغا چۈشتى.


شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ، ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش! پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن، خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

sanga karap kuliman

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12846
يازما سانى: 928
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23596
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 4646 سائەت
تىزىم: 2010-10-5
ئاخىرقى: 2012-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 06:49:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۈكۈمران ئەپەنىدىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن !!!


تۇغۇلغان كۈننى مانا يۇچۇن ئادەم قىزىتىپتۇ ! [s:154]  [s:154]  [s:134]  [s:127]  [s:138]

نادان جاھىللار بىلەن مۇنازىرلەشمە !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40478
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3275
تۆھپە نۇمۇرى: 142
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2011-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 07:13:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ئاۋۋال مېھرىبان ئۇلۇغ ئانىڭىزنىڭ بۈگۈنكى تەۋەللۇت كۈنىنى بارچە ياخشى تىلەكلەر بىلەن تەبرىكلەيمەن! ئاندىن قالسا سىزنىڭ بۈگۈنكى قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! بارچە ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق- نەتىجىلەر، تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن!!! بەخت- ئامەت سىزگە مەڭگۈ يار بولسۇن!

كۈندە كەلمەيدۇ سائادەت، كۈندە كەلمەس مۈشكۇلات، مۈشكۇلاتتا ئايرىلار دەل كىم قەلەم، ھەم كىم پولات؟!

سةمىمى بۇلۇش ئةڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14017
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8359
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 3324 سائەت
تىزىم: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2012-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 07:14:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىز خۇمار قاتارلىقلار بىلەن ئەمدى گەپ تالاشماي،بىكار مەندىن كۇففارلىق ئۈتۈپ كەتمىسۇن،مەنمۇ تۇغۇلغان كۈننى خاتىرلەشنىڭ قايسى دەرجىسىدىكىسى خاتا بۇلدۇ قايسى دەرجىسىدىكىسى توغرا بۇلدۇ بۇنى بىلىپ يەتكۈچىلىگىم بار،ئىشقىلىپ توغرا بولغان دەرجىدىكىسى مەن ئۈچۈن توغرا،قارغۇلارچە ھەممىسى خاتا دىگەنلىك خاتادۇر.خوش ئەمسە ئۈزەڭنىڭ بىلگىننى ئاتاڭغا بەرمە دەپتىكەن ئۈزەمنىڭ يۇلىدا ھەم توغرا بولغان قارىشىمدا مېڭىۋېرەي.

مەن سېنىڭ مېنى ي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27502
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11345
تۆھپە نۇمۇرى: 528
توردا: 6399 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 07:17:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلىپ پاكىت تېپىلمىدىما قارلۇق قارى؟
كاسىڭىزغا ئۇرۇپ يوق گەپنى تېپىۋەرمەي پاكىتى بىلەن گەپ قىلغايسىز، مۇنبەر دىگەن شۇنداق يەر، پاكىتى بىلەن سۆزلىمىسىڭىز مات بولۇپ قالدىغان گەپ.

مەن سېنىڭ مېنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىڭدىن ئەمەس، بەلىكى ياخشىراق كۆرەلمىگەنلىكىڭدىن ئەپسۇسلىنىمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش