ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت cayyara كە 2011-05-18 05:51 PMئەۋەتىلدى :
ۋاي خۇدايىم ......مەندىنمۇ بەكرەك كەپسىز كەنسىزتۇقمۇ نىمە سىز ............كالا ئوقۇرىدا يېتىپ بۆشۈكتە ياتقاندەك ئۇخلاپسىز ھە .....
يېخى شۇ ئىشلىمىكىن دەپ قالماڭ، سۆزلەپ كەلسەم تۈگىمەيدۇ جۇمۇ...........
بۇرۇنلاردا مورائوچاق بولىدىغان ئۆيلەردە، ھازىرقى بالىلار بىلمەيدۇ ھەقىچان، تاغامنىڭ ئۆيىدە شۇنداق مورا ئوچاق بار ئىدى، تاغامنىڭ مەن بىلەن تەڭ بىر ئوغلى بار، ئاشۇ بالا بىلەن قىلمىغان كەپسىزلىكىمىز قالمايدىغان. بىر قىتىم تاغامنىڭ ئايالى پولو ئىتىۋاتقان، ئىككىمىز ئۆگزىگە چىقىپ قوناق مەدەكلىرىنى ئىتىشىپ ئويناۋاتقان، تاغامنىڭ ئوغلى بىر تال مەدەكنى ئىلىپلا مورىدىن تاشلىۋەتتى، مورا ئوچاقنى بىلىدىغانلار دېمىسەممۇ مەدەكنىڭ بارار جايىنى بىلىپ بولدۇڭلار.............
كەينىدىن مەنمۇ بىرنى تاشلىدىم، ئۆيگە كىرىپ تاس قالغان لاخشىڭىر بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمغا ئۇچرىغىلى، بىر تال مەدەك قازانغا چۈشسە، ئۇنى ئىلىپ تازىلاپ تۇرسا يەنە بىرسى چۈشسە مېنىڭمۇ جۇدۇنۇم ئۆرلەيتتى ئەمەسمۇ.......
بىر قىتىم قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە چىقتۇق، ئۇلار باققال ئىدى، قوغۇن-تاۋۇز ئىلىپ ساتاتتى، 3 بالىسى ئوقۇمايتتى، ئاشۇ ئۈچ بالا بىلەن دەرۋازا بىشىغا قوغۇن تاۋۇز ئاچىقىپ يەيتتۇق، بىر قىتىم يەرگە قارىماي شاپاق تاشاپ يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ئادەمنىڭ بىشىغا چۈشۈپ كېتىپ تاس قالغان..............
ھەي، بۇنداق ئىشلار بەك كۆپ ئىدى جۇمۇ، مېنىڭكىنى يازسا بىر رومان چىقارمىكىن دەيمەن.