مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: cayyara

بالىلىقتىكى تاتلىق ئەسلىمىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈزىڭنى ئەر چاغلىساڭ ئۆزگىنى ش

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4943
يازما سانى: 968
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12940
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 1574 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 08:37:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

12-قەۋەت (cayyara) نىڭ يازمىسىغا

ئاڭلاڭلا  ھ ئەمىسە  :

ئەڭ خەتەرلىك  كۈنلەنى  سۆزلەپ  بىرەي ھە

تەبىئەتىىڭ ئىسسىق بىر كۈنى   دوس يارانلەر  ھەممىمىز  بۈك  باراقسان ئۆسكەن  چىگدىلىككە چىقىپ  قۇغلاشماق ئۇينىماقچى بولدۇق .  ئەلۋەتتە  جىگدە دەرىخىنىڭ ئۈستىدە قاچىمىز شۇنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈپ بۇتىمىز تۇپىغا تەگسىلا تۇتۇلغان بولىمىز  جىگدىلە بەك زىچ بولغاچقا بۇ قائىدىنى  مەن تۈرۈز چىققان ئىدىم ، بۇ بالىلارنىڭ ھەممىسىگە  بەك ياققان ئىدى . شۇنداق قىلىپ  ئۇيۇن باشلىنىپ كەتتى ئۇيۇننى  تازا ئەۋجىگە  چىقىرىپ ئۇيناۋاتقاندا مىنىڭ  ئارقامدىكى بىز بالىنى  قۇغلىغۇچى تۇتىۋالدى  شۇندا قۇلىنى سوزسىلا  مىنى تۇتىۋالاتتى  ، ئۇ  پورسەتنى قولدىن بەرگۈسى كەلمىدى بولغاي  قۇلىنى ماڭا تىزلىك بىلەن ئۇزارتتى  مەن مۇ چاققانلىق بىلەن ئۈزۈمنى  مايمۇندەكلە  بىر  ئانچە توممۇ  ئەمەس يىنچىكىمۇ  ئەمەس بىر  جىگدە شېخىغا  سەكرىدىم . ئۇغۇ تۇتالمىدى  ئەمما ئاقىۋەت  ئۇيۇننىڭ  چېڭى چىققان  ئىدى  دەل مەن تۇتقان ئۇ  شاخ قاراس  قىلىپ  ئۈزۈمنى 9 - مىتىر  ئىگىزلىكتىكى جىگدە تۈپىسىدىن خۇددى  شاپتۇلدەكلا  پوككىدە چۈشۈپ .........  ئۇيۇننىڭ  كەيپىياتىنى قۇرقۇنۇشلۇق بىز ھالەتكە  ئەكىلىپ قۇيدۇم . شۇ  ۋاقىتتا  ئانا  دىگەن بىر ئېغىز سۆزنى  توۋلاپلا  باشقا سۆز  ئاغزىمغا كەلمىگىنى  دىسە ھەقىقەتە   بەك قۇرققان ئىدىم .  15  كۈندە   ئاران  ماڭغان ئىدىم  پەقەت  بىلىم قېقىلىپ بىرىپتىكەن   ھې  ھې  ھې  راس  بولغان ئىش جۇما .

يەنە بىر قېتىم لىق ۋەقە  ، يەنى شۇ قۇغلاشماق ئۇيناپ بۇ  قېتىم  جىگدىلىكتە ئەمەس  ئائىلىدە ئۇنىغانىدۇق  ئەمما  كىم بىلسۇن مەن قېچىپ ئۆگزىگە  چىقىپ قاپتىمەن  ئۆيىڭ ئۆگزىسىبىلەن  دەرۋازىنىڭ ئۆگزىسىنىڭ  ئارلىقى ئۈچ مىتىرغا يېقىنراق كىلەتتى  كەينىمدىن قوغلاپ كەلگەن گۇي مىنى  داۋاملىق قىستاپ كىلىۋەرگەچكە  يول پەقەت  ئىككى  ئىدى بىر  تۇتۇلۇپ بىرىش  يەنە بىرى دەرۋازىنىڭ  ئۆگزىسىگە  سەكرەش مەن تۇتۇلۇشىنى خالىمىغاچقا  ئۆگزىگە قاراپ  سەكرىدىم  كىم بىلسۇ  ئۈزۈمنى ئۆگزىدە ئەمەس  يەردە  كۆرگۈنۈمنى قىززىق ئەلۋەتتە  زوەزىيىپ ئۇلتۇرۇپلا قالغان ئىدىم  يەنىلا بىلىم قېقىلىپ بىرىپىتىكە  ھې  ھې ھې  
  مەكتەپتىكى چاپتىكەشلىكىم غا گەپ تۇغرا كەلمەيدۇ  ، ئەمىلىيەتتە  مەن بولغاچقا  بالىلارنىڭ چۈشتىن كىيىنكى  كەيپىيەتى روھلۇق تۇراتتى  خانىم بولسۇن مۇ ئەللىم بولسۇن  ماڭا  بەك ئامراق ئىدى . ئۈزۈمنى ماختىغىنىم  ئەمەس  ئۇدۇن ئوغلى بىزنىڭ ئەدەبىياتچى مۇئاللىم بولغان  ئەلۋەتتە  ئۇقۇش پۈتتۈرۈشكە  ئاز قالغان ئاخىرقى مەۋسۇمدا.

مۇشۇنچىلىك بىلگەچ تۇرۇڭلا

جاھـان بىركـۈن بـىزگـىمۇ قىلـۇر ئالدىنـى،ياۋلار بىزنىڭ ھەيۋىمىزدىن ئىزدەر دالدىنى.

مىنىڭ ئاتىمنى قۇيۇپتۇ ئاتام ھەيدەر،
دۈشمەن قىزىنى ئەسىر ئالمىسام ئاللاھۇ ئەكبەر!!!

يۈرىكىمدە لىققى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20583
يازما سانى: 1512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28321
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2463 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 09:54:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا...ھا....ما  گۈلىستانخاننىڭ كەپسزلىكىنى....مەن تېخى ئۆزەمنى كەپسىز دېسەم..... [s:123]   
مەنمۇ سانجارغا ئوخشاش ئىلەڭگۈچۈم ئىلەڭگۈچ دەپ ناخشا توۋلاپ  شۇنچە ئېگىز ئىلەڭگۈچتىن دۈملا چۈشكەن، داق سېمونىت يەر تېخى.....ئاپوي دەپلا توۋلىدىم ، ئاندىن ئاۋازىم چىقىمايلا قالدى......بالىلار ھەممىسى كېلىپ يۆلەشتى، ئاندىن ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ئاپام، ئاچام چقتى ،مەندىن گەپ سورىۋىدى، ئاغزىم  مىدىراۋاتىدۇ لېكىن ئاۋاز يوق، ئىككى كۈنگىچە گاچا بولۇپ يۈردۈم گەپ قىلالماي ئىشارەت بىلەن، بەك قورققان ئىدىم شۇ ۋاقىتتا گاچا بوپقالارمەنمۇ دەپ.......
دەپ كەلسەم بەك جىق ئىشقىلىپ، ھا....ھا......بالىلىق نېمىدىگەن گۈزەل  ھە! [s:150]

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېلىپ ماڭدى، مەن ئېيىتتىم: -مېنى نەگە ئاپىرىسەن؟ ئۇ ئېيىتتى: -ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭىزىغا!...

سەن نەدە نىگار ,,,

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41115
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3276
تۆھپە نۇمۇرى: 93
توردا: 213 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2011-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 10:20:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ بالىلىق   چاغلىرىمىنى ئۇنىڭ بىلەن ئويناپ ئۆتكۈزگەن ئىدىم ،،، باشلانغۇچىنىمۇ ، تۇلۇقسىزنىمۇ ، تولۇق ئوتتۇرا ، ھەتتا ئالى مەكتەپكىچە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدىم ...ئەپسۇس تەقىدىرنىڭ قارا قىسىمىتى بىلەن ئەقىلىمىزنى بىلشكەن چاغدا ئىككىمىزنىڭ ئۇنمىغىنغا قۇيماي تەقدىر  بىزنى مەڭگۈلۈك ئايرىۋەتتى .
ھەر قىتىم شۇ مەھەلەمگە بارسام ئۇنىڭ بىلەن سۇ كىچىپ ئوينىغان ئىرىقلارنى خىيالىمچە يالاڭ ئاياغ كىچىپ مىڭىپ قۇيىمەن ، بىز مۆكۈشمەك ئوينىغان جايلارنى ئىزلەيمەنيۇ بىراق تاپالمايمەن .........................................
ئىھ !بالىلىق !!!!!

سىنىڭ  تۇيۇقسىز كىتىپ قىلشىڭنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقماپتىمەن ... گەرچە ئۆزگىلەر بىلەن بىللە يۈرسەممۇ  يەنىلا مەڭگۈ خىيالىمىدا سەن نىگار ..........
گۈلىستا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 10:27:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

21-قەۋەت (Gulbike) نىڭ يازمىسىغا

ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەينەككەقارسام ئۆزۈمنى كۆرىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5550
يازما سانى: 689
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4642
تۆھپە نۇمۇرى: 806
توردا: 4876 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 10:32:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلىقىمنىڭ ئەھمىيەتسىز ئويۇنلار بىلەن بىمەنە تەربىيە ئاستىدا ئۆتۈپ كەتكىنىنى ئويلىسام ...  [s:164]

ئىنسانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالغاندا تەرخەمەككە ئوخشاپ قالىمەن ...
گۈلىستا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 10:34:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

22-قەۋەت (uxuk) نىڭ يازمىسىغا

ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

قۇياشقا شەيدا سەييارە.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32274
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8658
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 6182 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 10:40:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

10-قەۋەت (گۈلىستان) نىڭ يازمىسىغا

ۋىيىي،،،،،،،ئا    پاقىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كومپىيوتىر ئالدىدىن بىر مىتىر نېرىسىغا كېتىپ بەك تەستە كەلدىم ، ئىتتىك-ئىتتىكلا سېرىپ پاقا دىگەن يېرىنى ئۆتكۈزۋېتىپ ئاستىنى ئوقۇدۇم  [s:151] . شۇنداقمۇ قورىققان بارمۇ .......باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا مۇئەللىم مەجنۇنتالنىڭ تۈۋىگە سۇ قۇيۇڭلار دىدى ، ھە دەپ سۇ قۇيىۋاتسام بىر تۆشۈك پەيدا بۇلۇپ قۇيغان سۇلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۇدۇللا شۇ تۆشۈككە كىرىپ كەتتى ، ئادەم جاپا تارتىپ توشقۇزۇپ بۇلالمايۋاتسا ،،،،،،،ئاچچىغىم بىلەن شۇ تۆشۈككە قاراپ تۇردۇم ...........( ۋىيىي.....ۋىيىي.....دىيىشتىنمۇ قورقۇپ ،ماۋۇ ئۆينىڭ ئىچىدە ئىككى بېقىنىمغا قاراپ ئولتۇرۇپ يېزىۋاتىمەن ما خەتلەرنى ،،،،خۇددى ھازىرمۇ يېنىمغا كېلىپ قالىدىغاندەك ...)بىر-بىرىدىن يوغان ، شۇنداق سەت پاقىلار ئۆمىلەپ چىقماسمۇ ....جېنىم چىقىپ كەتمىگەن ئۇندىن بېرىسى بولغان زادى......قانداق يۈگۈرۈپ سىنىپقا كىرگىنىمنى بىلمەيمەن ، مۇئەللمنىڭ دەرىس سۆزلەيدىغان ئۈستىلىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ دۈم يىتىپ يىغلىغان ، ئاۋازىم پۈتۈپ كېتىپتىكەنغۇ ئىشقىلىپ .....قورقۇپ جېنىم بىلەن تۇرسام ،سىنىپىمىزدىكى بىر قىز كېلىپ يىغلىما دەپ تەسەللى بەرگىلى تۇردى ، كىيىن بېشىڭىزنى كۆتۈرىڭە ماۋۇنى كۆرسىڭىز قورىقمايسىز دىۋىدى نىمىدۇ دەپ بېشىمنى كۆتۈرۈپلا،،،،،،،، قولىدىكى ئاپپاق قورسىغى لۆم-لۆم  قىلىپ تۇرغان ....يەنە باشقىدىن يىغلاپ ھوشۇمدىن كەتكىلى تاس قاپتىمەن ، سىنىپنىڭ تورۇسىنى كۆتۈرۋەتكىدەك يىغلىغان ئاۋازىم مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىغا يېتىپ بېرىپتۇ ، مۇئەللىم كىرىپ مېنى يۆلىسىمۇ ئورنۇمدىن تۇرمىدىم ، يەرگە دەسسەپ چۈشۈشقۇ مومكىن ئەمەس ،،،،ئاپامنى چاقىرتىپ كەلدى ، ئاپام شۇ ئۈستەلدىن كۆتۈرگىنىچە ئۆيگە ئېلىپ كەلگەن مەكتەپكىمۇ بىر-نەچچە كۈن بارمىغان ئىدىم ، ھېلىقى پاقىجاننى ئۇچرىتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ،،،، [s:144]  تاكى بۈگۈنگە قەدەر بەك قورقىمەن ، ئەۋرىشكە بۇلۇپ كەتكەن ئۆلۈكىنى كۆرسەممۇ نەچچە  مىتىر نېرىسىدىن يانداپ ئۆتىمەن  [s:123]

ئۆزۈمنى شۇنداق كەپسىزمەنمىكىن دىسەم ، مەندىنمۇ بەك كەپسىز كەنغۇ ما قىز ،،،،،ئۆزۈمدىن خوش بولسام بولغۇدەك جۇمۇ ، شۇ سۇغا كېچىپ ئويناپ نەچچە ئايىغىمنى يەكپاي كىيىپ كەلگىنىمنى ھىساپقا ئالمىغاندا ھەر ھالدا قىزلار ئوينايدىغان ئويۇننى ئوينايدىكەنمەنتۇق  [s:139]شۇ چاغدا ئاپاممۇ بوش قويىۋەتمىگەن مېنى ....  [s:138]

سەن دەسسىگەن يەرنى تۇپراق دەپلا ئۆتمە ، بىل بۇنى ، ئويلىغىن ئاستىڭدا مىڭلاپ كېپەنسىز ياتقاننى !

قۇياشقا شەيدا سەييارە.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32274
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8658
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 6182 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 10:53:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

20-قەۋەت (sanjar) نىڭ يازمىسىغا

ھە ..ئە ....كىچىكىڭىزدىن باشلاپلا باشقىلارغا تەن بەرمەيدىغان( ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەنگىسىدىن چۈشمەيدىغان ) ئادىتىڭىز باركەنتۇق ھە،،،،،،  [s:138] ھەقىچان دىسەم دىمىسەم ھازىرمۇ بار بۇ مىجەزىڭىز ، باشقىلارغا يېڭىلىپ قېلىشنى خالىمايدىغان . بۇمۇ ياخشى ئادەت ، تېخىمۇ ئالغا بېسىشىمىزغا تۈرۈتكە بۇلىدىغان مىجەز ........   كۈلۈپ يىقىلىپ قالاي دىدىم جۇمۇ ، قورسىقىمنىڭ ئىچى ئاغرىۋاتىدۇ........  
مەنمۇ كىچىكىمدىن تارتىپ باشقىلارنى باشقۇرۇشقا ،ھۆكۈمرانلىق قىلشقا كۆنۈپ قالغان مىجەزىم ، ھەتتا ئوينىغاندىمۇ ئۆزۈم ئوقۇتقۇچى بۇلىۋىلىپ نەرۋە ئاكىلىرىم ئۇنمىسا يىغلاپ ، كۈچۈم يەتمىسە بېلەكلىرىنى چىشلەپ بولسىمۇ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ دەرىس ئۆتكەنلىكىم ،،،،ھەتتا باشلانغۇچ ، تۇلۇقسىزلاردىمۇ ئاجايىپ باشقۇرۋېتەتىم بالىلارنى ، مۇئەللىمدىن قورىقمايدىغان ئوغۇل ساۋاقداشلىرىممۇ مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلىسا ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كېتەتتى    [s:159]

سەن دەسسىگەن يەرنى تۇپراق دەپلا ئۆتمە ، بىل بۇنى ، ئويلىغىن ئاستىڭدا مىڭلاپ كېپەنسىز ياتقاننى !

ئادەم ياشىغانىك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40852
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 117
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 03:05:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ ھازىرمۇ بىر بالا!!!

ئادەم ياشىغانىكەن ھامان جەسۇر ھالەتتە تۇرۇشى كىرەك ..

ئاللاھ &nbs

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2999
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 04:10:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلىقنى ئەسلىمەيدىغان ئادەممۇ بارمىدۇ ؟ ھەي .......... بەزىدە باللىرىم كەپسىزلىك قىلسا ، ئاچچىقلاي دەيمەن ، يەنە ئۇلار ئوغول بالا ، مەن كىچىك ۋاختىمدىمۇ  بۇنىڭدىن بەك كەپسىزدىم ، دەپ ئويلاپ نىيىتىمدىن  يانىمەن .  كىچىك ۋاخلىرىمدا ئۈژمە ، ئۈرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە قورقماي چىقىپ چۈشەلەيتتىم ، ھازىر ئۆيۈمنىڭ ئۆگزىسىگە چىققىلىمۇ قورقىمەن .

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش