ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت Qapaqhenim كە 2011-05-19 12:43 PMئەۋەتىلدى :
گەپ سىزنىڭ خىزمەت قىلغان سائىتىڭىزدە ئەمەس، ئۈنۈمىڭىزدە!
سىزنىڭ دەۋاتقان ئۈنۈم دىگىنىڭىزنى قانداق چۇشەنسەك بۇلار؟
مەن دەيدىغان مائارىپ ئۈنۈمى:بىر بەتنىڭ يېرىمىغا خاتا جاۋاپ يازغان بالىنىڭ سۈيۈملۇك خاتالىقىلرىنى ئەپۇ قىلىپ تىرىشىشقا ئۈندەش سۆزى يېزىشنىڭ ئۆزى بىر ئۈنۈم.ئاتا-ئانىسى ئانچە قارىمايدىغان ياكى يوق بالىلارنىڭ ئەشۇ پارقىراپ ساڭگىلاپ قالغان بۇرنىنى ئىرتىپ قۇيۇش،پىتلاپ كەتكەن باشلىرىنى يۇيپ قۇيۇش...
ئىگە چاقىسىزلارنى ئۆز يىنىدىن پۇل چىقىرىپ دىبوغا ياكى دارىلتاملارنىڭ 3ۋاخ تاماق-ياتاقلىرىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇشلارغا يول مىڭىپ ،خەققە داۋلى سۆزلەپ،يالۋۇرۇپ،كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ ئۇرۇنلاشتۇرۇشلار،
ئاتا-ئانىسى باشقۇرالمايدىغان يولدىن چىققان بالىلارنى سۆز بىلەن تەربىيەلەپ بۇلالماي نۇرغۇن كۈچىنى ئۇپۇرتۇپ ،قول-پوتلىرى نەچچە ھەپتىگىچە ئاغرىغىدەك ئۇرۇپ تەربىيەلەپ باشقىلارنىڭ ئوقۇغۇچىنى ئۇردى دىگەن چېقىشتۇرمىللىرىدا نۇرغۇن ئاچچىق قايناملاردا غۇلاچ تاشلاپ دادىل ئۇزۇۋاتقانلارغا ھېلىقى تاياق يىگەن بالا مىننەتدارلىقلىرىنى ئېيتىشلىرىنى،ئوقۇغۇچىغا كۆيۇنىپ چىڭراق تۇتۇپ قويغانغا ئاليىۋاتقان كۆزلەرگە مەن سەندەك بىرەر تېرىم شوجاڭنىڭلا ئوقۇتقۇچىسى ئەمەس بەلكى بىر دۆلەت،بىر مىللەتنى يىتەكلەپ تەربىيەلەۋاتقان تەۋپىق ،كوڭزى كەبى ئوقۇتقۇچىمەن دەپ يەنە ئادىمى خىسلەتكە ئىگە باشقىلارنىڭ غەم قايغۇسىغا يىغلىيالاپ،ئۇتۇقلىرىدىن مەمنۇن بۇلالايدىغان ئالى جاناپ پەزىلەت ئىگىللىرىنى تەربىيەلەشمۇ ئۈنۈم ھېساپلىنىدۇيەنى بەزى مەكتەپلەردە ئىچىكىر تولۇققا ياكى شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى ئۆتكۇزۇشنى ھەممىنىڭ ئۈنۈمى دەپ قاراۋاتقان دەۋىردە.