مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: 12380

شاخلىتىپ سېتىش جەمئيىتىمىزدە يامىراشقا با [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ۋەتەن  دىگەن  س

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36742
يازما سانى: 667
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3566
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1187 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 08:20:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازىمۇ قىلىن ئادەملەر قىلىدىكەن. قاچانلاردا دەپ بىرىمتىكى تىلىفۇن نومۇرۇمنى. بىر ئايدا 2-3قىتىم تىلىفۇن قىلىدۇ. سېزگە پايدىلىق يىغىن تىزدىن كىلىڭ. دەيدىكەن. بىرقىتىم تىلىفۇننى ئۆيگە قويۇپ قويسام دادام ئىلىپ مەن دادىسى دىسىمۇ  توختىماي سۆزلەپ كەتكەن ئوخشايدۇ، دادام سەنمۇ شۇنىڭغا ئەزا بولدىڭمۇ دەپ بەكلا تىللاپ كەتتى.  [s:151]

ئىشككە ئوڭلاپ مىنەلمەي تۇرۇپ، دۇلدۇلغا ئىسىلما ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ. ھەر ئىشنىڭ يولى بار ئۆگىنش ئاتلىق، بۇيولسىز زورۇقساڭ تۈگەيسەن قۇرۇپ.

ھېچنىمە دىگۈم يو

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6322
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2093
تۆھپە نۇمۇرى: 603
توردا: 1018 سائەت
تىزىم: 2010-8-14
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 09:08:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈزىنىڭ قېلىنلىقى ئۆلچەمگە توشمىسا ئەزلىققا قوبۇل قىلمايدۇ دەپ ئاڭلىدىمغۇ  [s:123]

ھېچنىمە دىگۈم يوق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1033
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7185
تۆھپە نۇمۇرى: 318
توردا: 3139 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 10:01:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمۋايچىلارغا دەيدىغىنىم :ئەمۋاي مەھسۇلاتلىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلپ  ،خېرىدارغا كانىدەك چاپلىشىپ.ئاغزىدىن ماغزاپ كەلگىدەك ماىتاپ خەخنى بىزار قىلغىچە  ئۆزىڭىز مۇستەققىل كىچىك بولسىمۇ بىر ئىگىلىك تىكلەپ مەھسۇلاتىڭىزنى(ماللىرىڭىزنى) ئەمۋاينى ماختىغاندەك ماختاپ .خېرىدارغا ئەمۋاينى چۈشەندۈرگەندەاك چۈشەندۈرسىڭىز چوقۇم ئەمۋايچىلىقتىنمۇ ياخشى قىممەت يارىتالايسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30278
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1053
تۆھپە نۇمۇرى: 106
توردا: 1045 سائەت
تىزىم: 2011-2-13
ئاخىرقى: 2012-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 11:06:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچى ! مىڭ كاتتا شىركەت بولسىمۇ

پۇت -قولۇڭدا بولسا،كۇيزا-كىشەن. كار قىلىدۇ.ئۇنۇڭغا بازغان كۈشەن. بولسا رۇھڭدا قۇللۇق كىشەن. كار قىلالماس بازغان-كۈشەن.

*  قانۇندىن  گۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15856
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5513
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 2801 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 11:25:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
بىز ئامىرىكىنىڭ دىيارىمىزغا يېڭىدىن كىرگەن (2010 يىلى ئەتىيازدا تۈركىيەگە كىردى) بىر بىۋاستە سېتىش شىركىتى(nuskin)  بىلەن ھەمكارلىشىپ بازار ئىچىۋاتىمىز، تىجارەت ئۇسۇلىمىز مۇنداق:
بىرىنجىدىن، بۇ شىركەتنىڭ ماللىرىنى سېتىپ چىقىرىمىز.ھەركىم ئۆزى قىلغان سودىنىڭ 20پىرسەنتى بويىچە مائاش ئالىدۇ.
ئىككىنجىدىن، بىز شىركەتكە ئۆزىمىزگە ئوخشاش بازار ئاچقۇچى خادىم تونۇشتۇرىمىز ۋە تەربىيلەيمىز بۇنىڭغا قارىتا شىركەت ئىش ھەققىنى يەنە مۇنداق ھىساپلايدۇ:
مەسىلەن، مېنىڭ ئاستىمدا يەنە بىرەيلەن بار، ئۇنى بۇشىركەتكە مەن تونۇشتۇرغان ۋە بۇ سودىنى مەن ئۈگەتكەن ۋە داۋاملق ھەقسىز تەربىيلەيمەن، ياردەم قىلىمەن. (بۇ تىجارەتتە ھەر بىر كىشى ئوقۇتقۇچى ھىساپلىنىدۇ، يەنى ئۆزى سودا قىلىش بىلەن بىرگە باشقىلارغا ھەقسىز بۇ سودىنى ئۈگىتىدۇ،ھەرزامان ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىدۇ.)ئۇمۇ قىلغان سودىسىنىڭ 20 پىرسەنتى بويىچە مائاش ئالىدۇ. ئەمما بۇكىشى مەن ئۈچۈن مىڭ يۈەنلىك سودا قىلىپ بېرىدۇ ۋە بۇ مىڭ يۈەننىڭ مائاشىنى ئۇ ئالمايدۇ بەلكى مەن ئالىمەن. ئۇمۇ ئاستىنقى قەۋىتىدىكى كىشىدىن شۇنداق ئالىدۇ،مەنمۇ ئوخشاش تەرىقىدە ئۈستۈمدىكى مۇئەللىمگە مىڭ يۈەنلىك سودا قىلىپ بېرىمەن . دىمەك ھەر قەۋەتتىكى كىشى ئۈستىدىكى مۇئەللىمگە مىڭ يۈەنلىك سودا قىلىپ بېرىدۇ. ھەر ئايدا شۇنداق بولىدۇ.ئەگەر مەن ئون ئادەمنى تەربىيلەپ بۇ يولغا سالغان بولسام ،ھەر ئايدا ھەربىرىدىن مىڭ يۈەندىن جەمئىي ئون مىڭ يۈەنلىك سودا ماڭا ھىساپ بولىدۇ دېگەن گەپ.مېنىڭمۇ مىڭ يۈەنلىك سودام ھەر ئايدا داۋاملىق ئۈستۈمدىكى مۇئەللىمگە بولىۋىرىدۇ. بۇ جەرياندا ھەر بىر مۇئەللىم شۇنىڭغا لايىق ئەجىر قىلىدۇ.كىمكى قانچە كۆپ سودا قىلىشتىن قەتئىينەزەر ئۈستىدىكى مۇئەللىمگە قايسى ئايدا شۇ مىڭ يۈەنلىك سودىنى قىلىپ بەرمىسە، شىركەت بۇ كىشىنىڭ شۇ ئايلىق مائاشىنى بەرمەيدۇ.يەنى ھەر بىر ئادەم ئۆز مۇئەللىمى ئۈچۈن چوقۇم مىڭ يۈەنلىك سودا قىلىشى شەرت.ئۇندىن باشقا ئۆزى ئۈچۈن ھەر ئايدا ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ ئون مىڭ يۈەنلىك سودا قىلىدۇ.بۇ شىركەتنىڭ بىكىتىلگەن ئىقتىسادى تۈزۈمى،ھەركىم شىركەت بىلەن ھەمكارلىشىش توختامى ئىمزالاپ ئاندىن ئىشلەيدۇ.دىمەك بۇ تۈزۈمنى ھەممەيلەن بىلىدۇ.مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ھەركىشى ئۆزىنىڭ سودا گۇرۇپىسىنى ھاسىل قىلىپ تەرەققىي قىلىدۇ.شىركەت ھەركىشىگە مۇشۇنداق بىر سودا پۇرسىتىنى بەرگەن.
مەقسەتكە كەلسەم،ئەنە شۇ ھەربىر كىشىنىڭ ئۆز ئۈستىدىكى مۇئەللىمگە شۇ مىڭ يۈەنلىك سودىنى قىلىپ بىرىشى شەرىئەتتە دۇرۇس بولامدۇ-يوق؟دىگەن بىر چىگىش
قەلبىمدە بار،بۇ ناھەق يەۋالغانلىق ھىساپلىنامدۇ؟ جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز.
ھۆرمەت بىلەن: يۈسۈف
جاۋاب:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! تىجارەت، مال ھېسابلىنىدىغان بىر نەرسىنى ياكى مەلۇم بىر خىزمەتنى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا رازىلىشىپ تۈزۈشكەن بىر توختامى بىلەن ئېلىش ۋە بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. مەسىلەن:
سىز بىر قويىڭىزنى ساتىمەن، دېسىڭىز بىر كىشى خېرىدار بولىدۇ. سىز بۇ قوي مانچە پۇل، دەيسىز، قارشى تەرەپ تەكلىپىنى سۇنىدۇ. ئۇ يانغا تارتىپ، بۇيانغا تارتىپ ئاخىرى ئىككى تەرەپ بىر باھادا كېلىشىسىلەر. شۇنىڭ بىلەن سىز قويىڭىزنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىسىز، ئۇ قوينىڭ بەدىلىنى سىزگە تاپشۇرىدۇ.
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىز مەن مۇنداق ئىشنى قىلالايمەن، كۈنلۈك ئىش ھەققىم ياكى بۇ ئىش ئۈچۈن ئىش ھەققىم مانچىلىك بولسا ئىشلەپ بېرىمەن، دەيسىز. بىرى سىزگە دېگىنىڭىز بويىچە ياكى سىز بىلەن بىرئاز بازارا تالىشىپ سىز رازى بولغان مىقداردا سىزگە بەدەل تۆلەپ سىزدىن ئۇ خىزمەتنى سېتىۋالىدۇ. ھۈنەر-سەنئەت ساھەسىدىكى مۇئامىلىلەر بۇ شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مانا بۇ ئىككى ئىشنىڭ ئېتى تىجارەتتۇر، شۇنداقلا ھالالدۇر.
ئەمما يۇقىرىدا سىز تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويغان ئىش تىجارەت ئەمەستۇر. ئەكسىچە ئۇ كاپىتالىستلارنىڭ ئىنسانلارنى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئېلىم-سېتىم پەردىسى ئاستىدا تۈزۈپ چىققان بىر سىستېمىسىدۇر. ئۇلارنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئىنسانلارغا مال ياكى خىزمەت سېتىش ئەمەس، بۇ سىستېما ئارقىلىق گۇرۇپپىلار قۇرۇش ۋە بۇ گۇرۇپپالار ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر.
يەنە بىر تەرەپتىن بۇ سىستېمىدا ئىنسانلار ئېلىم-سېتىم پەردىسى ئاستىدا زەنجىرسىمان بىر شەكىلدە بىر-بىرىنى ئېكىسپلاتاتسىيە قىلىشى، ھەر بىرىنىڭ يەنە بىرىنىڭ ئەمگىكىدىن پايدا قولغا كەلتۈرۈشى مەۋجۇتتۇر. بۇ يول بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن پايدا ھارامدۇر. چۈنكى ئۇ بەدەلسىز قولغا كەلگەن نەرسىدۇر.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ، بۇ سىستېمىسىنى ئىنسانلارغا ئېلىم-سېتىم شەكلىدە كۆرستىپ، ئۇلارنىڭ زېھىنلىرىنى ئېلىشتۇرۇپ، ھەقسىز رەۋىشتە پۇل تېپىشىغا شارائىت يارىتىشى بىر ئالدامچىلىقتۇر. ئالدامچىلىق قانچىلىك گۇناھ بولسا، ئالدامچىغا ياردەملىشىشمۇ شۇنچىلىك گۇناھتۇر! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىم ئالدامچىلىق قىلسا، ئۇ بىزدىن ئەمەستۇر»- (مۇسلىم، ئىمان 164؛ تىرمىزى، بۇيۇئ 74؛ ئەبۇداۋۇد، بۇيۇئ 52؛ ئىبنى ماجە، تىجارەت 36).
ئاللاھ تەئالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 275- ئايىتىدە «تىجارەتنى ھالال» قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. نىسا سۈرىسىنىڭ 29- ئايىتىدە «تىجارەتنىڭ ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشىدىغان سودا-سېتىق» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
تىجارەت يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك مال ياكى خىزمەت ئېلىم-سېتىمىدىن ئىبارەتتۇر، خالاس.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان تىجارەت ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۇرمەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر»- نىسا سۈرىسى 29- ئايەت.



مەنبە:http://www.musulmanlar.com/?p=1658

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 424
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6811
تۆھپە نۇمۇرى: 516
توردا: 7732 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 11:43:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ھەرخىل ماركىلىق ساغلاملىق بۇيۇملىرى بەك كۆپىيىپ كەتتى . ساتقۇچىلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپلىرىگە خېلى مەن مەن دىگەن ئادەملەرمۇ ئىشەنمەي قالمايدۇ . مەن بۇرۇن مۇشۇنداق ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى يەپ باققان . يىگەنگە چۇشلۇق ئۈنۈمى كۆرۈلدى . لېكىن داۋاملاشتۇرۇشقا پۇل يىتىشمەيدىكەن . ھەر قېتىم يىگەندە يولدىشىم تىللايتتى ، بادام ياڭاق ، گۇشلەرنى يە ، دەپ تۇرۋالاتتى . مەنمۇ ھە دەپ يىيىشنى توختاتقان ئىدىم . لېكىن يولدىشىمنىڭ ئىدارىسىدىكى بىر ئايال مۇشۇنداق مەھسۇلات ساتاتتىكەندۇق . ئۇنىڭ قايمۇقتۇرۇشلىرىغا يولدىشىم ئىشىنىپ قالغىلى تاس قاپتۇ . بىر ئەمۋايچىنىڭ 5،6مىڭ يۈەنلىك مېلىنى ساتالماي بېسىلىپ قالغىنىنى ئاڭلاپ بەك ئىچى ئاغرىپ كىتىپ يۈز سۇپۇنىدىن سېتىۋاپتۇ . ئۇ ئايالمۇ بۇ ئىشتىن زىرىكىپتۇ ، دىمىسىمۇ تۇلا سۆزلەپ ئاغزى ئاغرىپ كەتمەمدۇ؟
  يۇقارقى قايسى بىر تورداش دىگەندەك مۇشۇنداق ماختاشلارنى ئۆزىمىز بىر دۇكان ئېچىپ دۇكىنىمىزدىكى ماللارنى ئاشۇنداق داڭلايدىغان بولساق ، سودىمىز يۈرۈشمەي قالمايدۇ .

ئننە لىللەھى ۋەئ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1213
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1709
تۆھپە نۇمۇرى: 272
توردا: 6497 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 11:49:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئاستا ھوشۇمنى تېپىۋالدىم...................
نىيۇسكىن قىلىدىغانلاردىن يەنە بارمۇ مۇنبەردە؟

خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پارقىراپ تۇرغان بىلەن، مېغىزى شېرىن ياڭاقنىڭ تېشى قوتۇر بولغان بىلەن.

سەلكىن .سەھرالىق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20949
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5595
تۆھپە نۇمۇرى: 212
توردا: 3492 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2012-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 12:06:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭمۇ بىر ئاغىنەم ھازىر فۇدىدا مېليۇنىر بولۇش چۈشىدە يۈرۋاتىدۇ . قانچە نەسىۋەت قىلىپمۇ ياندۇرالمىدىم . تېخى مىنى كىرگىن دەيدۇ . بىر كۈن بېرىم دەرسىنى ئاڭلىۋىدىم قىپقىزىل يالغانچىلاركەن . بىر يىل ئىچىدە مىليۇنىر بولۇش پىلانى تۈزۈپ بېرەرمىش . سۆزلىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ . بىز ئېغىز گېپىنىڭ ئارىسىدا بىر قېتىم توغرىمۇ خاتامۇ دەپ كاللىڭىزنى قايدۇرۇشقا ئارانلا تۇرىدىكەن .  تېخى يىغىن ئاخىرىدا دۇنيادا 5% ئادەم پۇرسەتنى تۇتالايدۇ ، باي بولالايدۇ دەپ قويسا بىرمۇنچە ئەخمەقلەر ئاشۇ 5% ئادەملەر قاتارىغا كىرىمىز دەپ نەچچە مىڭ يۈەن پۇلنى بۇ قۇيمىچىلارغا تاپشۇرىدىكەن . بىز قاچان تىجارەتنى ھەقىقى چۈشەنگۈدەك بولارمىز؟  بۇنداقلار  بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ باش لىدىرى ئەركىن ھاشىمنىڭ كۇچا 4 - ئوتتۇرا مەكتىۋىدە سۆزلىگەن نۇتىقىنى بىر ئاڭلاپ باقسا كاللىسى ئازراق سەگىپ قالار بولغىيتى .

يىلتىزىمىز سەھرادا ، نېنىمىز سەھرادا ، قېنىمىز سەھرادا .

ئىتىپاقلىق كۈچ،

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36134
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1736
تۆھپە نۇمۇرى: 151
توردا: 2312 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 12:06:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مال ئېلىشقا، ئەزا بولۇشقا قىززىقتۇرىدىغانلار ھەممە يەردە بار ئوخشايدۇ.

بىرىمىز بىرىمىزگە ئەينەك.   تۇرايىم: قۇت تۇرا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9690
تۆھپە نۇمۇرى: 1679
توردا: 6247 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 12:08:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالدى بىلەن، موشۇ ئەھمىيەتلىك تېمىنى يوللىغان قېرىندىشىمغا تەشەككۈر ئېيتىمەن.
شاخلىتىپ سېتىش يامراپ كەتكەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، دۆلەتنىڭ ئۇنى قوللاش ياكى چەكلەش-جازالاش ھەققىدە قانۇن بەلگىلىمىسى ئېنىق ئەمەس ئىدى. شاخلىتىپ سېتىش ئەۋجىگە چىققانسىرى ئۇنىڭغا چېتىشلىق ئالدامچىلىق، قانۇنسىز مەبلەغ تولاش، قانۇنسىز تىجارەت قىلىش، قاتىللىق، بۇلاڭچىلىق، ئوغرىلىق دېلولىرى كۆپەيدى. شاختىلىپ سېتىشقا ئارىلىشىپ قېلىپ، خانۇ-ۋەيران بولۇپ، ئۆلىۋالغانلارمۇ بولدى. شاخلىتىپ سېتىش قىلمىشى ھەم ئىقتىسادىي تەرتىپكە ھەم ئىجتىمائىي موقىملىققا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەنلىكتىن، دۆلەت مەخسۇس قانۇن چىقىرىپ، شاخلىتىپ سېتىشنى چەكلىدى. لېكىن، قانۇن ھەممىگە قادىر بولمىغانلىقتىن، شاخلىتىپ سېتىش ئۈزۈل-كېسىل تۈگىتىلگىنى يوق. بەزى جايلاردا، جۈملىدىن دىيارىمىزدا يامراش ھالىتىگە يۈزلەنمەكتە.
شاخلىتىپ سېتىشنىڭ ئىپادىسى-ئالامەتلىرىنى تورداشلىرىمىز خىېلى ئەتراپلىق ۋە ئوبرازلىق قىلىپ كۆرسىتىپتۇ. ئامۋاينىڭ تىجارەت شەكلى شاخلىتىپ سېتىشقا كىرەمدۇ-كىرمەمدۇ، بۇنى تورداشلار يۇقۇرىدىكى ئالامەتلەرگە سېلىشتۇرۇپ بىلىۋالسا بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان قاراشلار بار. ئامۋاينىڭ جۇڭگۇدىكى شىركىتى : بىزنىڭ مۇقىم دۇكىنىمىز بار، بىز ئەزا تەرەققىي قىلدۇرمايمىز، بەلكى ساتقۇچى ياللاپ ئۇلارغا ئىش ھەققى بېرىمىز، باشقا شاخلىتىپ ساتقۇچىلارغا ئوخشىمايمىز دىگەن ئاساسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ دېگىنى بىلەن سېتىش ئەمەلىيىتى ئوخشاشمۇ ئەمەسمۇ، تورداشلار سېلىشتۇرۇپ باقسا بولىدۇ. خەنزۇچە تور بەتلەرنى كۆرۈپ باقسام، بەزىلەر ئامۋاي جوڭگۇ شىركىتىنىڭ قانۇنسىز دەپ چەكلەنمەسلىكىدە بىرمۇنچە سەۋەبلەرنىڭ بارلىقىنى يېزىپتۇ.
تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە "نوپۇزلۇق" يازمىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن. شۇنداقلا، مەيلى قانۇن نۇقتىسىدىن بولسۇن، مەيلى ئەخلاق نۇقتىسىدىن بولسۇن، سېتىلىش باھاسى ئەسلى قىممتىدىن نەچچە ئون ھەسسە ئېشىپ كەتكەن مەھسۇلاتنى ( ئۇ مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى، ئىشلەنگەن ئورنى، ئىشلىتىلگەن ماتىرىيالى قاتارلىقلار بىر سىر. گۇاڭجۇدىكى باش ۋاكالەتچى ئۈرۈمچىدىكى باش ۋاكالەتچىگە ئەۋەتكەن مال راستىنلا ئامىرىكا، كانادادا ئىشلەندىمۇ ياكى گۇاڭجۇدا ئىشلەندىمۇ، بۇ نامەلۇم) ئۇرۇق-تۇققان، قېرىنداشلىرى، دوست-بۇرادەرلىرىگە ماختاپ سېتىپ ئاسانلا كۆپ پايدا ئېلىش كويىدا بولىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا تۇيۇق يولدىن بالدۇرراق يېنىشنى سەمىمىي تەۋىسسىيە قىلىمەن.

شاخلىتىپ سېتىش ئالدامچىلىقىدىن ھۇشيار بولۇش ھەققىدە
نۆۋەتتە، دۆلەت ئېنىق بۇيرۇق چىقىرىپ چەكلىگەن شاخلىتىپ سېتىش ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن شاخلىتىپ سېتىش پائالىيەتلىرى قايتىدىن باش كۆتۈرگەنلىكتىن، ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەيدىغان بىر قىسىم ئامما بۇ خىل تىجارەت پائالىيىتىگە قارىغۇلارچە قاتنىشىپ، ئالدىنىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ خىل قىلمىش ئىجتىمائىي مۇقىملىق، خاتىرىجەملىككە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان سېلىپ، نورمال ئىقتىسادى تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ھەرقايسى ئىستېمالچىلار جەمئىيەتلىرى ئاممىنىڭ پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى سەمىگە سالىدۇ. قانۇنسىز شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتى ئىلغار بولغان تىجارەت ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى (مەخسۇس سېتىش، ۋاكالەتچىلىك قىلىش، بىۋاستە سېتىش، زەنجىرسىمان سېتىش قاتارلىقلار) دەستەك، ھەر خىل تاۋارلارنى شاخلىتىپ سېتىشنى قورال قىلىپ، ئەزا كۆپەيتىش، ئالاقە تورىنى ۋاستە قىلىپ، ئىستېمالدا پايدا تەقسىم قىلىش، بايلىق سوۋغا قىلىش، ئاشكارا ۋەدە بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز سۈرئەتتە باي بولۇشنى تەشۋىق قىلشتىن ئىبارەت. شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكىتى شاخلىتىپ سېتىشنى مەنئى قىلىش نىزامىدا ئېنىق چەكلەنگەن قىلمىش ھېسابلىنىدۇ.
نۆۋەتتە، شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتلىرى ئاشكارا ھالەتتىن يوشۇرۇن ھالەتكە ئۆتۈپ، ئەزا بولغۇچىلارنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن كونترول قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلىمەكتە. ئەزا بولغۇچىلار ئەزالىققا كىرىپلا قالسا، قۇتۇلمىقى ئىنتايىن تەس، شۇنىڭدەك سىرتقى دۇنيا بىلەن ئالاقىلىشىشى قىيىن بولماقتا.
شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتى "دەرىس سۆزلەش"، "تەربىيلەش" قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، قاتناشقۇچىلارنى ئازدۇرۇپ، ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، تۈرلۈك ناملار بىلەن (كىرىش ھەققى، تەشكىلاتقا قانىشىش ھەققى، ئىجازەت ھەققى، تەربىيلەش ھەققى قاتارلىق) ھەقلەرنى ئېلىپ، ئاخىرىدا پۇل- مالنى شىلىۋىلىش مەقسىتىگە يەتمەكتە.
قانۇنسىز شاخلىتىپ ساتقۇچىلار قارا قولىنى ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشسىزلار، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا سۇنماقتا. ئەزالارنى كۆپەيتىش ئۇسۇلى ئىلگىرىكى "پىششىقنى ئۆلتۈرۈش" تىن ھازىرقى "خېمىنى ئۆلتۈرۈش" كە ئۆزگەردى. يەنى ئەسلىدىكى ئۇرۇق- تۇققانچىلىق، ھازىرقى توردا قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەزالارنى ئالداپ قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىغا ئۆزگەردى.
ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەمىگە شۇنى سالىدۇكى، تورغا قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يوللاشتىن بۇرۇن، خىزمەتچى قوبۇل قىلغۇچى شىركەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى شۇ يەرلىك سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئارقىلىق ئىگىلەپ باققايسىلەر.
ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئىستېمالچىلارنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى، شاخلىتىپ سېتىشقا قاتنىشىش ھەرىكىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ.  شەھەر ئاممىسى شاخلىتىپ سېتىش قىلمىشلىرىنى بايقىغاندا "12315" پاش قىلىش تېلېفۇنىغا تېلېفۇن قىلىپ پاش قىلسا بولىدۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش