مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: 12380

شاخلىتىپ سېتىش جەمئيىتىمىزدە يامىراشقا با [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9690
تۆھپە نۇمۇرى: 1679
توردا: 6247 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 01:00:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
موشۇ يازمىنى تەۋىىسيە قىلىپ قويسا بولغىدەك.

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1169
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13240
تۆھپە نۇمۇرى: 874
توردا: 4386 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 09:34:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە قانچە بولسىمۇ ئەمۋاي بىلەن شاخلىتىپ سېتىشنى ئارلاشتۇرۋالماڭلار ..
ئەمۋاينىڭ ئوزۇقلۇقلىرى ۋە تۇرمۇش بويۇملىرى ياخشى ..مۇھىت بۇلغانغان
دېھقانچىلىق مەھسولاتلىرىدىن نەپ ئالالمايۋاتقان مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە
ۋىتامىننى ئەمۋايغا ئوخشاش ئىشەنچىلىك مەھسولاتلاردىن تولۇقلىماي
ئامالىمىز يوق .شۇڭا بۇ سېرىق تۇكلەر بۇنى بىلىپ يېرىم ئەسىر ئىلگىرىلا
ئىشنى باشلىۋاتكەن ئىكەن .
ئەمدى مەن ئەمۋاينىڭ سېتىش ئۇسولىنى تەتقىق قىلىپ باقتىم .ئىش شۇنچىلىك
ئاددىكەن .سەن ئىستىمال قىل دەيدىكەن ئالدى بىلەن ..ئاندىن پايدا
قىلسا باشقىلارغا تەۋسىيە قىل .سەن تەۋسىيە قىلمىساڭ باشقىلار ساڭا تەۋسىيە
قىلىدۇ ..تەۋسىيە قىلىپ مەلۇم سوممىلىق نەرسىنى سېتىۋالسا ساڭ پايدىىسى
بولىدۇ .مەسىلەن :ھازىر ئەڭ تۆۋەن ماش ئېلىش ئۆلچىمى 2500 سوملۇق
مەھسولاتنى سېتىش ..
ھازىر جۇڭگودا ھەقىقى ئەمۋاينىڭ روھىغا ئەمەل قىلىپ تەرەققىي قىلۋاتقان
گۇرۇپپىدىن خۇايۇ بىر قەدەر ساغلام دەپ قارايمەن .ئۇلار قولغا قاراپ
بىر كىشىنىڭ كىسىلىنى ياكى بەدەن خىلىتلىرىنى دەپ بىرىدۇ .
مەھسۇلاتلىرىنى جىق تەجرىبە قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ .
لېكىن مەيلى قايسىلا گۇرۇپپا بولسۇن جىق كاسىلداش ئامۋايچىلارنىڭ بىر
ئالاھىدىلىكى ئەمەلىيەتتە بۇ بىۋاستە سېتىشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر
ئىش .مەيلى چەتئەلگە چىقىڭ مەيلى جۇڭگودا بولۇڭ بىۋاستە سېتىش
بىلەن شوغۇللانماقچى بولسىڭىز چوقۇم جىق كاسىلداشنى ئۆگىنىشىڭىز كىرەك .
بۇنىڭغا ئامال يوق .
ئەمۋاينىڭ ماش تۈزىمى شاخلىتىپ سېتىشقا ئانچە ئوخشىمايدۇ ..
شاخلىتىپ سېتىشتا ئەزالىق بەدىلى بىلەن مال پۇلىنى بىراقلا ئالىدۇ .
ئەمۋايدا ئەزەلدىن بۇنداق مەزمون يوق ئىدى .لېكىن بۇرۇن شىنجاڭدا ئەمۋاينى
شاخلىتىپ سېتىشقا ئوخشىتىپ تىجارەت قىلغان ئىش بولغان .ئەمەلىيەتتە بۇ
ئەمۋاي روھىغا خىلاپ ..شۇڭا ئەمۋاي شېركىتى شاخلىتىپ سېتىشقا ئوخشىتىپ
تىجارەت قىلغان گۇراپپىلارنىڭ بارلىق نەتىجىلىرىنى نۆل قىلىۋەتكەن .
ئەمۋايدا ئەزەلدىن ئەزالىق پۇلى ،مۇنچلىك مال سېتىۋېلىشىڭ شەرت دىگەن مەزمونلار  يوق .ئەگەر شۇنداق مەزمون قوشىۋېلىپ ئەمۋاي قىلغانلارنىڭ يۈزىگە
تۈكەرسەڭلەر يوللۇق ..
مەن ئەمۋاينى بەك ياخشى دەپمۇ كەتمەيمەن .بىز مۇسۇلمان مىللەتكە ئۇلارنىڭ
بەزى مەدەنىيەتلىرى ۋە قاراشلىرى ماس كەلمەيدىكەن .
1.پۇلغا ھەددىدىن زىيادە چوقۇندۇرۇش خائىشى .
2.مۇسۇلمان شوغۇللانغۇچىلارنىڭ دىنى ھىسياتى بىلەن ھېساپلاشماي خالىغان
ۋاقىتتا دەرىس ئورۇنلاشتۇرۋېلىشى ..بۇ كەسىپ بىلەن ھەقىقى شوغۇللىنىش ئۈچۈن  
دەرسلىرىگە ۋاختىدا قاتنىشىش زۆرۆر ..لېكىن دەرىسلەر دائىم ناماز ۋاقتىنى يەپ
كېتىدىكەن ..
3.بۇ ئەمۋاي سېرىق تۈكلەرنىڭ .مەلۇم نىسبەت پېيى يەھۇدىيلارنىڭ قولىدا .
بەزىلەر بۇ شېركەتنى يەھۇدىلارنىڭ شېركىتى دەپ قارايدىكەن .ئەمەلىيەتتە
شېركەت قۇرغان ئاكا ئۇكا ئىككەيلەننىڭ تۇرقى يەھۇدىيغا ئوخشىمايدۇ .
لېكىن ئامىرىكىنىڭ مەھسۇلاتى بولغاندىكىن يەھۇدىي بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى
بار دىگەن گەپ چۈنكى ئامىرىكا زاپاس پۇل كومىتىتى يەھۇدىينىڭ قولىدا ..
شۇڭا ئالىم يۈسۈپ قەردەۋىنىڭ تەشەببۇسى بويىچە بارلىق يەھۇدىي شېركەتلىرىدىن
نەرسە سېتىۋالماسلىقىمىز كىرەككەن .ئەلبەتتە بەك زۆرۆر ئىھتىياج چۈشسە بۇنىڭ ئىچىدە
ئەمەسكەن .ئەمۋاي بىزگە ھەقىقەتەن زۆرۆرمۇ ؟ئۇنىڭ ئىزىنى باسقۇدەك باشقا مۇسۇلمانلار
ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلات بارمۇ ؟ھەقىقى پاك مۇسۇلمانلىق يولى ئىزدەيدىغانلار
خالىسا ئەمۋاي مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالماي يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن قارشىلىقىنى
ئىپادىلىسە چاتاق يوق .لېكىن ئۇنىڭسىزمۇ كومپىيوتۇر ئىشلىتىش،ماشىنا ھەيدەش ..
كىنو كۆرۈش ،تېلىۋىزور كۆرۈش تېلفۇن ئىشلىتىش قاتارلىق ئىستىماللار ئارقىلىق
مەلۇم پۇلىڭىزنى يەھۇدىينىڭ چۆنتىكىگە بىرىۋاتىسز .ئەگەر بۇ ئىستىماللاردىن
ئايرىلسىڭىز نورمال تۈرمۇش كەچۈرگىلى بولمايدۇ ..شۇڭا مەن شەخسەن ئۆزەم
ئەمۋاي مەھسۇلاتلىرىنى خالىسام ئىشلىتىمەن خالىمىسام ئىشلەتمەيمەن .
ئېنىق چەك چىگرا ئارغۇم يوق .
4.ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شۇغۇللىنىشىغا قەتئىي ماس كەلمەيدۇ .
نىمىشقا دىگەندە ،ئەمۋاي روھىدا چوقۇم ئىستىمال قىلغۇچىنى تەربىلەپ ساتقۇچى
قىلىش تەكىتلىنىدۇ .ھەرگىز قۇرۇق قول نامراتنى تەربىلەپ باي قىلىش تەكىتلەنمەيدۇ .
لېكىن قۇرۇق قول نامراتنىڭ ئەمۋاينى قىلىش ئۈچۈن ھازىرلىغان مۇھىتمۇ بار .
شەخسەن ئۆزۈم نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمۋاي بىلەن شوغۇللانماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن .چۈنكى سەن ئىستىمال قىلمىساڭ قانداقمۇ پايدىسىنى خەققە چۈشەندۈرىسەن ؟
شۇڭا بۇ كەسىپنى قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىز لازىم قىلغان مەلۇم بىر خىل نەرسىسىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىپ كۆرۈپ ئاندىن شۇنىڭدىن ئالغان تەسىراتنى باشقىلارغا مۇئاپىق
يوسوندا چۈشەندۈرۈپ بىرىشنى ئۆگىنىش كىرەك .ئوقۇغۇچىلاردا بۇنى ئىستىمال
قىلغۇدەك قۇدرەت ئاساسەن يوق .شۇڭا ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ئوقۇغۈچىلار
بۇنى سىناپ باقسا بولىدۇ .لېكىن نامراتراق ئوقۇغۇچىلار بۇ ئەمۋايدىن يىراق تۇرۇشى
كىرەك .
ئۇيغۇر ئەمۋايچىلارغا شۇنى دىگۈم كىلىدۇكى سىز ھەرگىز ھەددىن ئاشۇرۇپ سۆزلىمەڭ .
ناننى ئوڭلاپ تاپالمايدىغان ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى بۇ ئىشقا قىزىقتۇرۇپ ئۇلارنى
خانىۋەيران ۋە قوقۇنچاق قىلىپ قويماڭ ..بۇ ئەمۋاي روھىغىمۇ خىلاپ قىلمىش .

ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ئەمۋايچىلار ئەمۋاينى ھەقىقى روھى بويىچە تەۋسىيە قىلىڭ
مەسئولىيەتسىز ،ئەمۋاينىڭ خاتا شوغۇللانغۇچىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرىغان
قېرىنداشلار سىلەرگە ھىسداشلىق قىلىمەن .پايدىنىلا كۆزلەپ ئەمۋاينى خاتا تەشۋىق
قىلغان نەپسانىيەتچىلەرگە نەپرىتىمنى بىلدۈرمەن .
ئەمۋايچىلار ھەقىقى مىللىتىڭىنى ئويلىساڭ راست سۆزلەش .پايدىنى دەپ يالغان
ئەمەلگە ئاشمايدىغان مەزمونلارنى زورلاپ قوشىۋالما .

يوق ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9690
تۆھپە نۇمۇرى: 1679
توردا: 6247 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 10:25:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا بىر تونۇشۇم ئامۋاينىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى بەك تەۋىسسىيە قىلىپ كەتتى. باھاسىمۇ ئەرزان ئەمەسكەن. مەن بۇ نەرسىنى شۇنچە قىممەت باھادا سېتىۋالسام، بۇ مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت كاپالىتى بارمۇ؟ دېسەم، ئۇنداق جىڭ، مۇنداق جىڭ، ئاچامنىڭ بالىسىغا مۇنداق پايدا قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ۋىلايەت بويىچە 1-بولۇپ ئۆتۈپ كەتتى دەپ، راست-يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەپلا كەتتى. بۇ مەھسۇلات سىلەرگە قەيەردىن كەلگەن دېسەم، ئۈرۈمچىدىن دەيدۇ. ئۈرۈمچىگە قەيەردىن كەلگەن دېسەم، گۇاڭجۇدىن دەيدۇ. گۇاڭجۇغىچۇ، دېسەم، چەتئەلدىكى زاۋۇتتىن دەيدۇ. مەھسۇلاتتا تامۇژنىدىن كىرگەندە تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولسا، جوڭگۇدىكى ئورتاق قوللىنىدىغان تىل-يېزىقتا يېزىلغان چۈشەندۈرمىسى يوقكەنغۇ دېسەم، ئۇنى بىلمەيمەن دەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 424
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6811
تۆھپە نۇمۇرى: 516
توردا: 7732 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 10:42:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاخلىتىپ سېتىشتا قولىدا مال يوق ، قىپقىزىل ئالدامچىلىقلا ئىكەن ، سىز دىگەن ماركىلار بولسا "بىۋاستە سېتىش " قالپىقى ئاستىدا سېتىلىپ كىلىۋاتىدۇ ، بىۋاستە سېتىشتا ئارىدىكى ھالقىلارنى قىسقارتىپ ، ئىستىمالچىلارنىڭ قولىغا بىۋاستە تېگىدۇ ، ئىستىمالچىلارغا پايدىلىق دەيدىكەن ، لېكىن سىز دىگەندەك قاتلاممۇ قاتلام پايدا ئېلىپ ، ئېكرامنىڭ قۇرغۇچىسى ئەڭ زور مەنپەئەتنىڭ ئىگىسى بولىدىكەن ، بۇ پايدىلارنى ھىساپلاپ كەلسە ،  ئوتتۇرىدىكى قىسقارغان ئاتالمىش ھالقىلارنىڭ پايدىسىدىنمۇ ئېشىپ كېتەمدۇ قانداق ؟ شۇنچە ئوزۇن زەنجىرنى بېقىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل كېتەر ، ئۇ مەھسولاتلارنىڭ زاۋۇت باھاسى ئەسلى قانچىدۇ ؟!!!

بۇ دۇنيادا ھېچكى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7064
يازما سانى: 670
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40797
تۆھپە نۇمۇرى: 476
توردا: 8107 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 11:49:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىندىن بۇيان فۇدى شېركىتى دىگەن نامدا بىۋاستە سېتىش، ئەمىلىيەتتە شاخلىتىپ سېتىش تورى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى ھەقىقى مۇسۇلمان ھىساپلىسىڭىز، خەقنىڭ ھەققىنى ئالداپ ئېلىۋالماڭ، چۈنكى ئاخىرەتتە سورىقى بار.
ئۇندىن باشقا فۇدى نىڭ ساتقان مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى قىممەت، ئوخشاش مەھسۇلاتنى تاۋباۋدىن سېتىۋالسىڭىز تېخىمۇ ئەرزان ئالالايسىز.

كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل،
قىينىمىسۇن يۈرەكنى ھەسرەت.
يازنىڭ ئالتۇن ئاپتىپىدەك،
ھەممىمىزگە ياغسۇن ئامەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13746
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5374
تۆھپە نۇمۇرى: 265
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2010-10-13
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 03:00:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خا خا خا خا   ........ خا  خا ...........خاخاخاخا....................
       ۋاي خۇدايىم ، ۋاي قوۋېرغام ،    غىدىغىمنى كەلتۈرۈپ ، تىللاپ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرۋىتىپسىلەرغۇ ؟
       مانا مەن بىۋاستە سىتىش بىلەن شۇغۇللىنىمەن ، ئەمما شاخلىتىپ سىتىش ئەمەس . ھەر قايسىىرىنىڭ بىر شاخلىتىپ سېتېش بىلەن بىۋاستە سىتىشنى پەرىقلەندۇرگىدەك ھالى يوق ئادەم ، بۇ توغۇرلۇق گەپ ئىچىشقا قانچىلىك سالاھىيەتلىرى بار ئىدى ؟ نوچى بولساڭللار ئاشۇنداق جەمىيەتتە يامراپ كىتىۋاتقان شاخلىتىپ سىتىش كىلىۋاتقانلارنى قانۇن ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلساڭلا بولمامدۇ ؟ئەجىبا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلغىدەك جۈرىتىڭلار ،ساقچىلارنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى يادىلغۇدەك قابىليىتىڭلار يوقمۇ ؟
       مانا مەن ئەشۇ سىلەر دىگەن پارازىت قۇرۇتنىڭ بىرسى ،ئەمما مەن ۋېجدانىمغا مۇخالىپ بولمىغان ،ئىتقادىمغا يۈز كىلەلەيدىغان ، قانۇنغا خېلاپ بولمىغان ھالدا قان شورايمەن .ھەممە ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ يولى ھەم قائىدىسى بولىدۇ ، ھەر قايسىلىرى ئەڭ ياخشىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ بىۋاستە سىتىش قانۇنېنى تەپسىلى ئۈگىنىپ ، بىۋاستە سىتىش بىلەن شاخلىتىپ سىتىشنىڭ پەرىقىنى ئىنىق ئايرىپ ، شاخلىتىپ سىتىش قىلغانلارنىڭ ئەدىبىنى بىرەلىگىدەك قانۇنى ئاڭ ھەم بىۋاستە سىتىشتا  چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئاندىن گەپ ئىچىشلىرىنى ئۈمۈد قىلىمەن . دىھقانلىرىمىزنىڭغۇ قانۇن ئىڭى ، مەدەنيەت سەۋېسى تۆۋەن دەيلى ، ئەجىبا ئۆرۈمچىدىكى بىلىملىك زىيالىلىرىمىزنىڭ ئەشۇ جەمىئەتتە ئەدەپ كەتكەن شاخلىتىپ سىتىشقا قارىشى تۇرغىدەك ، ئۇلارنى قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرغىدەك ھالى يوقما ؟ ئەلۋەتتە بار بولۇشى كىرەك . ئەمما بۇلارنىڭمۇ بىۋاستە سىتىش بىلەن شاخلىتىپ سىتىشنى پەرىقلەندۈرگىدەك سەۋېيسى ، قانۇن ئىڭى چۈشەنچىسى يوق ، شۇڭا بۇلار ئۇنداق قىلالمايدۇ .
2002-يىلى جۇڭگۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كېرگەندىن كىيىن بىۋاستە سىتىش كەسپىنى قانۇنلاشتۇردىىغانلىقى توغرىسىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ۋەدە بەرگەن ھەمدە 2006-يىلى ھەقىقى قانۇنلاشتۇرۇپ يولغا قويغان .چۈنكى بىۋاستە سىتىش كەسپى ئامىرىكا ، ياپونىيە ،كورىيە ھىەم ياۋرۇپا ئەللىرىدە ئاللىبۇرۇن ئومۇملىشىپ بولغان ، نۇرغۇن كىشىلەر شۇغۇللىنىدىغان ھەم نۇرغۇن كىشىلەر مۇاپىقىيەت قازانغان كەسىپتۇر. قانۇن يولغا قويغان ، سىياسەت قىلىپ بەلگىلىگەن ئىكەن بۇ مۇقەررەر يۈزلىنىش بولىدۇ ،تىزلا ئومۇملىشىپ كىتىدۇ . ئەجىبا چەتئەللەردە ئومۇملاشقان سودا كەسپى جۇڭگۇدا ، شىنجاڭدا ئومۇملاشمايدۇ دەپ ئىتالامسىزما ؟ ئەلۋەتتە ئومۇملىشىدۇ . شۇڭا قانۇن سىياسەت بەلگىلىگەن ، دۆلەت يولغا قويغان  ئىشنى سىز ياكې مەن قاتارلىق بىر قانچە ئادەم توسۇپ قالالمايمىز . بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز ئەڭ ياخشىسى بىۋاستە سىتىش بىلەن شاخلىتىپ سىتىشنى ھەقىقى پەرىقلەندۈرۈپ ، بىۋاستە سىتىش قانۇنى ئىڭىمىزنى ، چۈشەنچىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ،شاخلىتىپ سىتىشقا قارىشى تۇرغىدەك ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشىمىز ، دۆلەت بەلگىلىگەن قانۇن سىياسەتلەردىن مۇكەممەل تولۇق پايدىلنىپ ، ئۇنى ئەمەلى  قىممەتىگە ئايلاندۇرىشىمىز ،شۇنداقلا بىۋاستە سىتىش كەسپىنىڭ مۇقەررەر ئومۇملىشىدىغانلىقىنى ئىتراپ قىلىشىمىز كېرەك .
     تىما ئىگىسىنىڭمۇ تىرىشىپ -تىرمىشىپ مۇنبەردىكى بەزى غاجىلىغۇچىلار ئۈچۈن سۆگەك تىما يوللىغىنىغا كۆپ رەھمەت ،جاپا چەكتىڭىز، ھىەمدە سىزدىن كۈتىدىغان ئۈمۈدۈم بىۋاستە سىتىش بىلەن شاخلىتىپ سىتىشنىڭ پەرىقىىنى تىخىمۇ  تولۇق ئىگەللەپ ، مۇكەممەل چۈشىنىپ ، مۇنبەردىكى بەزى غاجىلىغۇچىلار ئۈچۈن يەنىمۇ مۇكەممەلرەك بولغان ، چۈشىنىشلىك بولغان سۆگەك تىمىلاردىن يوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .
                                             تامام

چولپان

قىيالمىغۇدەك ھې

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39148
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 248
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2011-4-29
ئاخىرقى: 2011-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 08:15:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكەندە ئالىي مەكتەپتىن قوغلىنىپ كەتكەن بىر ئاغىنەم شۇنچە بەك ماختاپ كەتكەنىدى بۇنى، تاس قاپتىمەندە ئالدانغىلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9690
تۆھپە نۇمۇرى: 1679
توردا: 6247 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-17 02:12:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەقتە مۇنۇ ئۇلانمىدىكى مەزمۇننى كۆرۈپ باققايسىلەر.
http://bbs.kangsay.com/read.php?tid-13595.html

ھەسەلنىڭمۇ ھەرى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47743
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 468
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-17 02:07:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي موشۇ ئەمۋاينىڭ مەھسۇلاتىنى ساتىدىغان كىشىلەر قىپقىزىل يالغانچىلاردىن ،ئۆتكەن يىلى يازدا بىر دوستۇم بىر ياش بالىدىن ئەمۋاينىڭ قولتۇق مېيىنى 55كويغا ئالدى . 5كۇندىن كېيىن ئۇنۇمى قانداقراقكەن دەپ سورىسام ئۇنۇمى بەك ياخشىكەن ، ھەرقانچە ئىسسىق بولسىمۇ ،بۇرۇنقىدەك تەرلەيدىغان ئىش يوق .قوپقۇرۇق تۇرىدۇ . دەپ ماختاپ كەتتى ...
شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئىشىلتىپ باقايچۇ دەپ ، دوستۇمدىن شۇبالىنىڭ ئىسىم كارتۇچكىسىنى سوراپ ئېلىپ ، شۇكۇنى چۇشتىن كېيىن تېلفۇن قىلىپ ، ئەتتەمال يەتكۇزۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىم . ئۇبالىمۇ ماقۇل بولدى .
ئەتتسى سائەت 12دە تېلفۇن قىلىپتۇ مالنى ئېلىپ كەلدىم ئېلىۋېلىڭ دەپ ، ئۇكۇنى چۇشلۇك تاماق بىلەن بولۇپ قولۇم بەك ئالدىراش ئىدى ،شۇڭا باشقا بىرسىنى چىقارتاي سىز شۇيەردە تۇرۇپ تۇرۇڭ ،دېسەم ماقۇل دېدى .
ئاندىن پۇلنى بېرىپ ئىنىمنى چىقارتىم ،بىرچاغدا ئىنىم كىردى قارىسام مەن بۇيرۇتقان ئەمۋاينىڭ قولتۇق مېيى ئەممەس يۇز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىكەن .
شۇيەردە ئاچچىغىم كېلىپ تېلفۇن قىلدىم.
  سىز دېگەن مەخسۇلات بۇگۇن شىركەتتە قالماپتۇ ، شۇڭا موشۇنى ئېلىپ كەلدىم ،ئىلىشلىتىپ بېقىڭ ۋاي بەك ياخشى ، سىزبۇيرۇتقان مەھسۇلاتنى ئەتە مەن يەتكۇزۇپ بېرەي دەيدۇ .
ئاچچىغىم بىرمۇنچە سۆزلەپ يەنە چاقىرتىپ ئەكىلپ ،شۇيەردە كىمىڭىزنى ئەخمەق قىلىۋاتىسىز ، دېسەم تېخى مەھسۇلاتنى مەن سىزگە ساتمىدىم ،سىز بىلەن ئالاقەم يوق ، ئۇنى ئىنىڭىزغا ساتتىم دەيدۇ .
شۇنىڭ بىلەن مانا مەن بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ ،بىرمۇنچە خەقنىڭ ئالدىدا ،تازا سۆزلەپ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋېتىپ  مالنى قايتۇرۇپ پۇلنى ئېلىۋالغان ئېدىم ....
تېخى تەپ تاتماي ئەتىسى تىلفۇن قىلىپتۇ ، ۋاي كەچۇرۇڭ دەپ ...
موشۇنداق ئۆزىنى ئەققىلىق چاغلايدىغان قىزىل كۆز مال ساتقۇچۇلاردىن ،
ھېزى بولۇڭلار ...

ھەسەلنىڭمۇ ھەرىسى بار ، قىزىل گۇلنىڭىمۇ تىكىنى بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5059
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5151
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 391 سائەت
تىزىم: 2010-7-29
ئاخىرقى: 2011-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-22 07:23:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ تېمىنى يېزىپ يوللىغۇچى ۋە تەستىقلىغۇچىلار قانۇنى جاۋابكارلىقنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى ئېنىق چۈشەنمەيدىغان ئوخشايدۇ. تەۋسىيەرىم: ھېسىياتقا تايانماي،ئەمەلىي پاكىتقا ۋە توغرا تەپەككۇرغا ئاساسلىنىپ پىكىر يۈرگۈزىشڭىزلارنى ئۆمىد قىلىمەن. ‹ ئېغىز يۈگۈركى باشقا، پۇت يۈگۈركى ئاشقا›.

چۈشۈنۈش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش