مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2272|ئىنكاس: 42

ئاتۇشتىكى «كاتايلاق» نامىنىڭ تىل يىلتىزى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1539
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 27709
تۆھپە نۇمۇرى: 944
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 10:16:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  

«كاتايلاق» نامىنىڭ تىل يىلتىزى ھەققىدە
            ئاپتۇرى تارئۇرۇم

      يۇرت نامى شۇ يۇرتقا تەۋە خەلقنىڭ ئىپتىخار نامى، ئۇ، قەلىبلەردە مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان، ئۇزاق تارىختىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىدىغان ۋە مەڭگۈ شۇنداق داۋاملىشىپ بارىدىغان، ئەجداتلاردىن ئەۋلاتلارغا قالىدىغان تىلتۇمار ئابىدە. بىراۋ: «سەن قايسى يۇرتتىن ؟»دەپ سوراپ قالسا، جاۋاپ بەرگۈچى پۈشتى-زاتى نامىدىن غۇرۇر ئىلكىدە قەددىنى رۇسلاپ، مەيدىسىنى كېرىپ، مەغرۇر ھالدا: «مەن x يۇرتتىن...»دەپ جاراڭلىق جاۋاپ بېرىدۇ... شۇ ۋەجىدىنمىكىن مەھمۇدكاشغەرى بوۋىمىز «تۈركى تىللار دىۋانىي»دا: «كىن يىپار- كىندىك ئىپار». «كەن- كۈن چىقىش تەرەپتىكى ھەربىر شەھەر نامىغا ‹كىن، كەن› سۆزى قوشۇلىدۇ. بۇ سۆز ‹كەند› سۆزىنىڭ قىسقارغان شەكلىدۇر» («دىۋان»، 1-قىسىم، 442-بەت) دىيىش بىلەن، جانلىقلار ۋە ئىنسانلار بەدىنىنىڭ دەل مەرگىزى بولغان «كىندىك»نى «كىن» سۆزى بىلەن ئىپادىلەپ، تۈركىي مىللەت كىشىللىرىنىڭ ئۆزى تۇغۇلۇپ، ئۆسكەن يۇرتىنى يەرشارىنىڭ مەزگىزى دەرىجىسىدە سىمۋوللاشتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكە سالىدۇ. دەرھەقىقەت! فزوئولوگىيىلىك قانۇنىيەت نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھاياتلىق ئاپىرىدىگاھىنىڭ تۈنجى ئۆچىكى- بالاياتقۇدا پەيدا بولىۋاتقان ھامىلە پەقەت كىندىك نەيچىسى ئارقىلىقلا ئەجدادىنىڭ ئۇدۇم ۋە ئىرسىيەت نۇسخىسىنى شۈمۈرىدۇ. «كىندىك»تىكى «كىن»نىڭ «كەند»كە تەققاسلىنىشى، ئۆز يۇرتىغا تەلپۈنگۈچى، ئۆز دىيارىنىڭ بىر چىمدىم توپىسىنىمۇ تۇتىيا بىلىپ ئەزىزلىگۈچى ھەرقانداق كىشىگە ئالەمچە زوق بېغىشلايدۇ.
     ئانا ماكانى «كاتايلاق»تىن جاھان كەزدى بولۇپ چىقىپ كەتكەن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى، بولۇپمۇ شىمالى شىنجاڭدىكى قېرىنداشلىرىمىز؛ «تاشمۇ چۈشكەن جايىدا ئېزىزكەن... كىندىك قېنى تۆكۈلگەن تۇتىيا زىمىننى كىممۇ ئۇنتۇپ قالالىسۇن ؟...» دىيىشىپ، ئۆتكەن ئەجداتلىرىنى ئىسسىق كۆز ياشلىرى بىلەن ئەسلىشىپ، بۇ قەدىمىي ماكانغا يۈزلىنىپ ئاياللار بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ، ئەرلەر   ئۆلۈم-يىتىم باناسى بىلەن، ياكى ھېچكىم كۆرمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان پىنھان جاينى تېپىپ يۇرت سېغىنچىسىدا ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ بۇقۇلداپ يىغلىۋالىدۇ... ئىشەنمىسىڭىز ئۇلارنىڭ «كاتايلاق»قا بولغان تەلپۈنۈش ۋە ئوتلۇق مۇھەببىتىنىڭ يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالىدىغان مۇڭلۇق مىلودىيىسىگە قۇلاق سېلىپ بېقىڭ:
كاتايلاق ئىسىل يايلاق،
ئەجەپمۇ يايلىيالمادىم.
يايلىساممۇ يايلادىم،
دەرتكە پايلىيالمادىم.
    ئاتۇش تارىختىن بۇيان شاھلار ماكانى دەپ تەرپلەنگىنىگە ئوخشاش، ئاتۇش قوينىدىكى «كاتايلاق»مۇ تارىختا «بارخان»(«بايخان»)، «富贵» (فۇگۇي)، «ھاسائاتام»، «ئاياققاش» (گەزتۇمشۇق)، «خان سۇپا» (خان يايلىقى)، «كەديايلاغ» قاتارلىق ناملار بىلەن شۆھرەتلەنگەن. بۇ تۇتىيا زىمىندا تۇغۇلۇپ، ئۆسكەن قىز-ئوغلانلار ھىلىھەم تولىمۇ سۆيۈنگەن ھالدا مەزكۇر يۇرتنىڭ مۇبارەك نامىنى «كاتايلاق»دەپ  تەكرار تىلغا ئېلىپ، چەكسىز ئىپتىخارغا چۈمىلىدۇ.
    «كاتايلاق» نامىنىڭ تىل يىلتىزىنى قېزىپ چىقىش، تىلشۇناسلىق مەسىلىسى بولۇش بىلەن بىرگە، ئالدى بىلەن ئۇ، مىللەت مەدىنىيىتى ئىچىدىكى تىل مەدىنىيىتىگە تەۋە بولۇپ، بۇ ئاتالغۇنىڭ تىل جەھەتتە قايسى مىللەت تىلىغا تەۋە بولىشى، شۇ خىل ئاتالغۇ ئاستىدىكى زىمىن پاسىلىنىڭ ھەقدالىق ھوقۇقى مەسىلىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
    «“كاتايلاق” نىڭ ئەسلى ئىسمى “كاتتايايلاق” بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا كەڭرى يايلاق دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. بۇرۇن بۇ جاي يۇلغۇنلۇق بولۇپ ئوت-چۆپكە باياشات بولغاچقا مۇشۇ ئىسىم قويۇلغان بولسىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن “كاتتايلاق”قا ئۆزگۈرۈپ كەتكەن.» («ئاتۇش ناھيىسىنىڭ يەر ناملىرى تەزكىرىسى 1985-يىلى نەشرى، 99-بەت). «“كاتتايلاق” ئەسلى “كاتتايايلاق” بولۇپ، چوڭ يايلاق دىگەن مەنىدە.» (نىياز كېرىمىنىڭ «دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى ھەققىدە» 340-بەت). ئىككى مەنبەدىكى «كاتايلاق» نامىغا بولغان ئىزاھاتنىڭ بۇنداق ئۆخشاشلىقى سەۋەپسىز ئەمەس. «دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى ھەققىدە» دىگەن كىتاپ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە ۋە شەھەرلەرنىڭ يەر ناملىرى تەزكىرىسىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئىككى كىتاپنىڭ نەشر قىلىنىش ۋاقتىدىن بۇنى ئىلغا قىلىش ئانچە تەس ئەمەس. بۇ ئىككى كىتاپتىكى «كاتايلاق» نامى ھەققىدىكى ئىزاھات، شۇ يۇرتتىكى كىشىلەرنىڭ ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقا داۋاملاشتۇرۇپ ۋە ساقلاپ كېلىۋاتقان يۇرت نامى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئەينەن خاتىرىگە ئېلىش بولۇپ، ئۇنىڭ تىل يىلتىزى قېزىلمىغاننىڭ ئۈستىگە، بۇ يۇرتتىكى تارىخى ئىزنالار ئارقىلىق مەزكۇر يەر-جاي نامىنىڭ تارىخى سالاھىتى روشەنلەشتۈرۈلمىگەن. نەتىجىدە، ئوقۇرمەنلەردە؛  «ئاتالمىش “كاتايلاق”، “ئىسىل يايلاق”، “كەڭرى يايلاق” دېگەن ئوخشاش مەنىلەردىكى سۆز نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە “كاتايلاق”نىڭ ئەكسىچە شورلۇق زىمىن ۋە ئۈنۈمسىز يەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ؟ “كاتايلاق”نىڭ يىراق ئۆتمىشى بىلەن بۈگۈنكى رىياللىقىدىكى زور پەرقنىڭ پەيدا بولىشىدا نېمە سەۋەپ بولغان ؟» دىگەن جاۋاپ بېرىش قىيىن بولغان ئۆتكۈر سۇئالىغا دۇچ كېلىمىز.
     تۈركىي تىلىنىڭ مىڭ يىل بۇرۇنقى قامۇسى «تۈركى تىللار دىۋانى»غا ئاساسلىنىپ «كاتايلاق» نامىنىڭ تىل يىلتىزىنى قازغىنىمىزدا، ئۇ بىر پۈتۈن ئاتالغۇ سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى، ئىككى تۈپ سۆز شەكلىدە ئىككى ئورۇندا ئۇچرايدۇ. تۈپ سۆز ۋە تۈپ سۆزلەرنىڭ ياسالما ئىسىم پەيدا قىلىشى ھەققىدە مەھمۇدكاشغەرى مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىشنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ۋە كىتاپنى ئىخچام قىلىش ئۈچۈن... ھەربىر قەبىلىنىڭ تىلىدىن سۆز ياساشقا ئاساس بولىدىغان تۈپ سۆزلەرنىلا ئالدىم. چۈنكى سۆزنىڭ قىسقىسى ياخشى... “قىلىچ”، “ئوق” دىگەنگە ئوخشاشلار تۈپ ئىسىم بولۇپ، بۇ خىل ئىسىملار باشقا سۆزلەردىن ياسالغان ئەمەس. ياسالما ئىسىملار باشقا سۆزلەردىن ياسىلىدۇ. مۇنداق ئىسىملارنىڭ بەزىلىرى جانلىق تىلدا ئىشلىتىلىدۇ؛ بەزىلىرى تىل قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن بولسىمۇ ئىشلىتىلمەيدۇ. مەن مۇشۇ ئىسىملارنىڭ ئىشلىتىدىغانلىرىنى يازدىم، ئىشلىتىلمەيدىغانلىرىنى تاشلىدىم. لېكىن مەن شۇنداق بىر يول تۇتتۇمكى، قائىدە بويىچە، قىياس قىلغىلى بولىدىغان ۋە مەن تاشلىۋەتكەن سۆزلەرنىمۇ مۇشۇ يول بىلەن تېپىۋالغىلى بولىدۇ...» («تۈركى تىللار دىۋانى» 1- قىسىم، 7- 12-13-بەتلەر).
     «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى يۇقارقى قائىدىگە ئاساسلانغاندا، «كاتايلاق»نى «كاتتا» ۋە «يايلاق»تىن ئىبارەت ئىككى تۈپ سۆزدىن تۈزۈلگەن ياسالما ئىسىم (يەرـ جاي نامى) دىيىشكە بولىدۇ. بىز تىل يىلتىزىنى ئىزدىمەكچى بولغان «كاتايلاق»قا ئىككى تۈپ سۆزنىڭ بىرىكىش شەكلى نەزىرى بىلەن «تۈركى تىللار دىۋانى»غا قارايدىغان بولساق «كەد» ۋە «يايلاغ»دىن ئىبارەت ئىككى تۈپ سۆز ئۇچرايدۇ؛ ‹‹كەد- بۇ سۆز “د” بىلەنمۇ، “ز” بىلەنمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. بىرەر نەرسىنى تەكىتلەش ۋە ئاشۇرۇپ كۆرسۈتۈش ئۈچۈن “قالتىس” مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ. كەد (كەز) ئات – قالتىس ئات. كەد (كەز) نەڭ – قالتىس نەرسە.›› («تۈركى تىللاردىۋانى»، 1-قىسىم، 422-بەت). «يايلاغ- يايلاق» («تۈركى تىللاردىۋانى»، 3-قىسىم، 63-بەت). «كاتايلاق»تىكى «يايلاق» بىلەن «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «يايلاغ» تامامەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ يەردىكى پەرق «يايلاق»تىكى «ق» تاۋۇشى بىلەن «يايلاغ»دىكى «غ» تاۋۇشىنىڭ ئوخشىماسلىقى. ئۇيغۇر تىل تاۋۇشلىرىدىكى «ق»، «غ»، «خ»، «گ» ۋە «ك»لار نىڭ بىر-بىرىگە ئالمىشىشچانلىقى دائىملىق ئەھۋال بولۇپ، «غ» تاۋۇش بىلەن «ق» تاۋۇشنىڭ ئۆز- ئارا ئالمىشىشى تېخىمۇ ئەركىن ۋە تېخىمۇ تىز بولىدۇ. «تۈركى تىللار دىۋانى»دا ئوغۇزلار بىلەن قەدىمكى «ئارغۇ شەھەرلىرى»دىكى ئارغۇلىقلارنىڭ «ق» تاۋۇشىنى «غ» تاۋۇشىغا ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلىش مىساللىرى كۆپ ئۇچرايدۇ.
     تىلشۇناسلىرىمىز تا ھازىرغىچە سۈپەت خاراكتىرىدىكى «كاتتا» سۆزلەمنى بىردەك ھالدا ئەرەپ تىلىدىن قوبۇل قىلغان دىگەن ئىدىيىنى ئالغا سۈرۈپ كەلدى. بۇ «تۈركى تىللار دىۋانى» ھەققىدىكى تەتقىقاتىمىزنىڭ چۇڭقۇرلاشمىغانلىقى ۋە دەسلەپكى قەدەمدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى؛ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇ، سۆزلەملەرنى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ۋە قەدىمكى تۈركى تىلى ئاساسىدا قېزىپ چىقىشىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپلا قالماي، ئاتالمىش پارس تىلى ۋە ئەرەپ تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان دىگەن سۆزنىڭ كۆپ تەكرارلىنىشى، بەزى ئاتالغۇلارنىڭ تىل تەۋەلىك مەسىلىسىدە ساختا ھەقىقەت  مەنزىرىسى كۆرۈلدى. بىزدىكى قانائەتسىزلىك، دەل «كاتايلاق»تىكى «كاتتا» سۆزلەمنى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى كۆپ ئىشلىتىلگەن سۆزلەم دەپ قارىغانلىقىمىزدىن، ھەمدە «تۈركى تىللار دىۋانى» ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇش قىزغىنلىقىمىزنىڭ زىيادە كۈچلۈكلىكىدىن پەيدا بولدى. «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «كەد(كەز)» بىلەن بىزنىڭ دائىملىق تىل ئىستىمالىمىزدىكى «كاتتا» پۈتۈنلەي ماس ۋە ئوخشاش ئۇقۇم بولۇپ؛ «كەد(كەز)- قالتىس»، «كاتتا-چوڭ، ئىسىل، قالتىس» قاتارلىق سۈپەت مەنالىرىنى ئىپادىلىگەندىن باشقا يەنە، ھوقۇقدار، پۇلدار كىشىلەرگە سۈپەت ئاتالغۇسى بولۇپ كېلىدۇ.
     قەتئىي ئۈزۈپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، «كاتتا»نىڭ تىل يىلتىزى «كەد(كەز)» بولۇپ، ھازىرقى سۈپەت ئاتالغۇسى «كاتتا» قەدىمدە «كەد (كەز-گەز)»، «كەدە (كەزە-گەزە)» ۋە «كەددە (كەززە-گەززە» تەلەپپۇزىدا ئىپادىلەنگەنلىكى ئېنىق.
    «كاتايلاق» نامىنىڭ تىل يىلتىزى بولغان، «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «كەد(كەز)» بىلەن «يايلاغ»دىن ئىبارەت ئىككى تۈپ سۆزدىن بىر ئاتالغۇ (يەر-جاي نامى) ياسىغىنىمىزدا، «كەديايلاغ (كەزيايلاغ~ گەزيايلاغ)»، «كەدەيايلاغ (كەزەيايلاغ~ گەزەيايلاغ)» ۋە «كەددەيايلاغ (كەززەيايلاغ~ گەززەيايلاغ)» قاتارلىق قىسمەن پەرىقكە ئېگە ئوخشاش ئاتالغۇ پەيدا بولىدۇ. بۇ ئوخشاش ئاتالغۇلار ئىچىدىكى «كەديايلاغ» نامىنى تەشكىل قىلغان ئۈچ بوغۇم («كەد»، «ياي»، «لاغ»)نىڭ ھەربىر ھەرپ تاۋۇشلىرى تىل ئىستىمالىمىزغا تولىمۇ ماسلاشقان بولۇپ، «كەديايلاغ»نىڭ ئوخشاش مەنىدىكى «كەزيايلاغ(گەزيايلاغ)» يانداش ئىپادىلىرى تارىخى تەرەققىياتنىڭ مۇئەييەن قىسقا باسقۇچلىرىدا دەمكۈتە قوللىنىپ ۋە تاشلىنىپ، ئاخىرىدا بۈگۈنكى «كاتايلاق»نىڭ تىل يىلتىزى «كەديايلاغ» نامىنى تارىخى ئاتالغۇ دەرىجىسىگە كۆتۈردى.
گەرچە، تارىخى ئاتالغۇ «كەديايلاغ»نىڭ يانداش ئىپادىسى بولغان «كەزيايلاغ (گەزيايلاغ»نىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە ھېچقانداق تارىخى ئۇچۇرغا ئېگە بولمىساقمۇ، ئەمما، تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قىسمەن بايانلىرى، شۇنداقلا، «كاتايلاق» خەلقىنىڭ ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ۋە ھازىرغىچە ساقلاپ كەلگەن «گەز تۇمشۇق رىۋايىتى» بەزى ئېنىقلىمىلارغا ئىرىشىشىمىزگە ئالاھىدە ياردىمى بولىشى مۇمكىن.
     ئالىم ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن «بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە» ناملىق تەتقىقاتىدا: «“خان سۇپا”، “كاتايلاق”، “ھاسائاتام” ۋە “باش قاش” بويىدىكى خارابىلىقلار بالاساغۇنغا ئالقىدار سىرتقى ئارخېئولوگىيىلىك يەنە بىر چەمبەر ھىساپلىنىدۇ. بىر قاراشتا ئۇزۇن سوزۇلغان سېپىل خارابىسىدەك، ھەتتا ئارىلاپ-ئارىلاپ كېسەك تاملار كۆرۈنۈپ تۇرغان “باش قاش”، “ئوتتۇرا قاش”، “ئاياغ قاش” بىناكارلىقى ئەسلىدە ئۈستۈن ئاتۇشتىن كەلگەن چاقماق دەريا ئېقىنىنى كاتايلاق تەرەپكە ئېلىپ بارىدىغان كۆتۈرمە قانال-ئۆستەڭ ئورنى بولغان. “ئوتتۇرا قاش”تا كۆپلىگەن ئاھالە ياشىغان توچكىلار ئۇچرايدۇ. » («يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»، 213-بەت) دىگەن ئىلمى ھۆكۈمنى ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق، “قۇمسېغىر” كەنتىدىن تاكى «كاتايلاق»قىچە سوزۇلغان يىگىرمە نەچچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا قەدىمقى ئۆستەڭ (قاش)نىڭ مەۋجۇتلىقىنى مۇئەييەنلەشتۇرگەن. بەزى جايلىرى يەر تەكشىلىكىدىن بىر مېتىر، بەزى جايلىرى ئۈچ مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇ يىلاندەك سوزۇلغان ئۆستەڭ(قاش) خارابىلىكنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قارايدىغان بولساق ناھايىتى ئۇزاق يىللار ئىلگىرىلا سۇ ئاققان غۇۋا ئىزنالارنى كۆرۈش ئانچە تەس ئەمەس. مەن (ئاپتۇر) ئىشەنمەسلىك نەزىرى بىلەن ئاشۇ سۇ ئاققان غۇۋا ئىزنالاردىن بىرنەچچە نوقتىنى قېزىپ، سۇ ئاققاندىكى قالدۇرغان قۇملارنىڭ قالدۇقى ۋە قۇملار ئىچىدىكى ساپال پارچىلىرىنى كۆرۈپ، بۇ كۆتۈرمە «ئۆستەڭ» (“قاش”) نىڭ قەدىمدە خېلىلا چوڭ غول ئۆستەڭ ئىكەنلىگىگە شەكسىز ئىشەندىم. ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن «... چاقماق دەريا ئېقىنىنى كاتايلاق تەرەپكە ئېلىپ بارىدىغان كۆتۈرمە قانال-ئۆستەڭ ئورنى بولغان.» دىگەن بايانىدا، تارىخى رىيالىققا ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بۇلغان، ھەتتا ھازىرمۇ روشەن ئىزنالىرى ساقلىنىپ قالغان پاكىتنى كۆرسىتىش ئارقىلىق،  “قاش” ئۇقۇمىنى دەلىللىگەن. ئۇنىڭ “قاش” ھەققىدىكى ئۇقۇمىنىڭ بارلىققا كېلىشى “ئاققاش” توپىنومىيىسىنى ۋە بىر قىسىم تارىخى ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلغان بولىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا “قاش” ئۇقۇمى نوقۇل “قۇمسېغىر”دىن “كاتايلاق”قىچە سوزۇلغان بىرلا قاشنى كۆرسىتىپلا قالماي، ئۇ يەنە بەشكىرەم يېزىسىنىڭ شەرقىدىن باشلىنىپ تاكى “ئاققاش”نىڭ شىمالى ئېتىكىنى بويلاپ “كاتايلاق” يېزىسىغا قاراشلىق “كۆيەك” كەنتىنىڭ “كۆتەمە” مەھەللىسىگىچە سوزۇلغان يەنە بىر “قاش”نىمۇ كۆرسىتىدۇ. قەدىمقى ئەجداتلىرىمىز بۇ ئىككى “قاش”نىڭ ئۈستىنى ئۆستەڭ ئورنىدا ئىشلىتىپ، ئۇزۇن لېنىيىلىك سۇغۇرۇش سېستىمىسىنى بەرپا قىلغان. غەرپتىن شەرققە قاراپ پاراللىل ھالەتتە ئاققان بۇ قەدىمقى  ئىككى ئۆستەڭنىڭ “باش قاش” تىكى ئارلىقى 4000 مېتىر ئەتراپىدا، “ئوتتۇرا قاش” ئارىلىقى 500 مېتىر ئەتراپىدا، “ئاياغ قاش” ئارلىقى نامەلۇم. ئىككى ئۆستەڭ (“قاش”) ئارلىقىنىڭ بۇنچىلىك كەڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى ئۈستۇن ئاتۇش چاقماق دەرياسىنىڭ ئاندا- ساندا ئېلىپ كەلگەن زور كەلكۈنلىرىنى قۇمالتاغنىڭ جەنۇبى ۋە بەشكىرەم يېزىسىنىڭ شىمالى ئېتىكى ئارقىلىق ئىككى “قاش” ئارىلىقىدىكى مەزكۇر  “قانال”غا سېلىپ راۋان ئاققۇزۇش بولسا كېرەك.
     تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا، بۇ ئىككى «ئۆستەڭ»، بىر «قانال»نىڭ غەربى دېڭىز يۈزىدىن 1246 مېتىر ئېگىز، شەرقى دېڭىز يۈزىدىن 1212 مېتىر ئېگىز بولۇپ، ئېگىز تەرەپتىن تۆۋەن تەرەپكە يەنى شەرقكە يۈزلەنگىنىمىزدە بەشكىرەم ۋە ئاققاشنىڭ شىمالىنى يۆنىلىشنى بويلاپ ئاققان ئۆستەڭ، ئوڭ تەرەپتە بولغاچقا «ئاققاش» (ئاققاش ئۆستەڭ)؛  «قۇمسېغىر»، «قەدىمقى سۇلى دۆلىتى خارابىسى» ۋە «خان سۇپا»نىڭ جەنۇبى  يۆنىلىشىنى بويلاپ ئاققان ئۆستەڭ سول تەرەپتە بولغاچقا «سولى(سولمۇر)» (قارا قاش ئۆستەڭ) دەپ ئاتالغان. تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئەجداتلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى مەلۇم ئىككى ئورۇن ۋە مەلۇم ئىككى يۇرتنىڭ قانچىلىك يېقىن جايلىشىشىدىن قەتئى نەزەر، شىمال، جەنۇپ تۈز سىزىق لېنىيىسىدىكى ۋە غەرپ، شەرق تۈز سىزىق لېنىيىسىدىكى ئورۇن مۇناسىۋىتى بويىچە كۆپىنچى ۋاقىتلاردا شىمال ۋە غەرپتىكىسىنى «قارا»، شەرق ۋە جەنۇپتىكىسىنى «ئاق» نامى بىلەن پەرقلەندۈرۈپ ئاتايدۇ. مەسىلەن، قاراقورۇم تاغلىرىنىڭ شەرقى ئېتىگىدىكى قەشقەر بىلەن غەربى ئېتىگىدىكى كەشمىر تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى يۇقارقى ئورتاق قائىدىمىز بويىچە ئاق-قارا مەناسىنى؛ تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى تاغلارنى قاراقۇرۇم تاغلىرى دەپ، شەرقىدىكى تاغلارنى ئالتۇن تاغ دەپ، كۈنچىقىش تەرەپنى “ئالتۇن” (قىزىل رەڭ) بىلەن، كۈن پېتىش تەرەپنى “قارا” رەڭ بىلەن ئىپادە قىلىنغانلىقى ئېنىق. بۇنداق مىساللار شىنجاڭنىڭ يەر- جاي ناملىرىدا ناھايىتى كۆپ ئوچرايدۇ. دىمەك، چاقماق دەرياسىنىڭ غول كەلكۈن سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بۇ چوڭ قانالنىڭ ئىككى يېقىدىكى ئىككى ئۆستەڭنى شىمال ۋە جۇنۇپ (ئوڭ، سول) تەرەپ مۇناسىۋىتى بويىچە ئېيتقاندا “ئاققاش” ۋە “قاراقاش”(“سولمۇر~ سۇلى”) پەرقىدە ئاتالغان بولىشى مۇمكىن.  ئىككى ئۆستەڭنىڭ سۈيى ۋە ئىككى ئۆستەڭ ئارلىقىدىكى كەلكۈن ئوخشاشلا غەرپتىن شەرق تەرەپكە قاراپ ئاققاچقا، تارىختا ئۇلارنىڭ ئورتاق نامىمۇ بولغان بولىشى مۇمكىن. ئۇ بولسىمۇ «كاتايلاق»نىڭ تىل يىلتىزىدىكى “كەد”نىڭ يانداش ئىپادىسى بولغان “كەز”نىڭ تاۋۇش ئۆزگىرىشى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن “گەز” بىلەن قوشۇلغان “گەزقاش” نامىدۇر. ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىننىڭ «باش قاش»، «ئوتتۇرا قاش» ۋە «ئاياققاش» ئۇقۇمى مۇئەييەن چەكلىمىلىككە ئېگە بولۇپ، ئۇ پەقەت «قاش»نىڭ ئىككى چەت ۋە بىر ئوتتۇرا نوقتىسىنى نەزەرگە ئېلىپ، «قاش» ئۇقۇمىنى مۇئەييەنلەشتۇرگەنلىكلا خالاس. «قاش. قىرغاق. ھەرقانداق نەرسىنىڭ قېشى، قىرغىقى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق.» («تۈركى تىللار دىۋانى»، 3-قىسىم، 208-بەت)؛ «قاش» يەر تەكشىلىكىدىن قىر ۋە دامبا شەكىللىك قىسمەن كۆتۈرۈلگەن، بىر نوقتىدىن يەنە بىر نوقتىغىچە داۋاملاشقان ئېگىزلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇستى ۋە ئىككى يان تەرىپىمۇ ئوخشاشلا “قاش” دەپ ئېيتىلىدۇ. «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى بۇ تەبىر ۋە بىزنىڭ بەرگەن ئىزاھاتىمىزغا ئاساسلانغاندا “قاش” ئۇقۇمى ھەممە جايدا مەۋجۇت ئابستىراكتنى ۋە تۈر ئۇقۇم بولۇپ، ئۇنىڭغا ئارقا ۋە ئالدى قوشۇلغۇچى قوشۇلغاندا ياكى يەنە بىر تۈپ سۆز قوشۇلغاندا ئاندىن خاس ئاتالغۇغا ئايلىنالايدۇ. “گەزقاش” بۇ شەرتكە تامامەن ئۇيغۇن خاس ئاتالغۇ. ئۇيغۇر تىلىدا «گەز(كەز)» تۆت خىل مەنا ئىپادىلىشى مۇمكىن؛ بىرىنچى، ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىغىنى ئۆلچەيدىغان نەرسىنى “گەز” دەپ ئاتاش؛ ئىككىنچى، ئۇيغۇر بىناكارلىقىدا سۇۋاق تەكشىلىكىدىن ئېگىزرەك چىقىرىلىدىغان تۇز سىزىق شەكلىدىكى قاپارتمىنى «گەز تارتىش» دىيىش؛ ئۈچىنچى، «كەزلەدى- گەزلەدى، گەز چىقاردى، كىرتىك چىقاردى؛ بەتلىدى. ئول ئوقىن كەزلەدى- ئۇ ئوقىغا گەز چىقاردى، گېزىنى تۈزەتتى...» («تۈركى تىللار دىۋانى»، 3-قىسىم، 410-بەت)؛ تۆتىنچى، ‹‹كەد- بۇ سۆز “د” بىلەنمۇ، “ز” بىلەنمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. بىرەر نەرسىنى تەكىتلەش ۋە ئاشۇرۇپ كۆرسۈتۈش ئۈچۈن “قالتىس” مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ. كەد (كەز) ئات – قالتىس ئات. كەد (كەز) نەڭ – قالتىس نەرسە.›› («تۈركى تىللاردىۋانى»، 1-قىسىم، 422-بەت)تىكى «كەد»نىڭ تاۋۇش ئۆزگىرىشى ۋە يانداش ئىپادىسى بولغان «كەز»(گەز) قاتارلىقلار.
     بەشكىرەم ۋە قۇمسېغىردىن تارتىپ تاكى «كاتايلاق» يېزىسى “كۆيەك” كەنتىنىڭ “كۆتەمە” (كۆتۈرمە) مەھەللىسىگىچە سوزۇلغان ئىككى قاشنىڭ تارىختا “گەزقاش”دەپ ئاتىلىشىدا ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان بەش ئاساسى دەلىلىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ: بىرىنچى دەلىل، «ئوتتۇراقاش»تىكى “سۇلى دۆلىتى خارابىسى”نىڭ توققۇز كىلومېتىر شەرقى شىمالىدىكى «ھاسائاتام خارابىسى». ئىككىنچى دەلىل، كاتايلاق خەلقى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان «تۇرخېنىم» رىۋايىتى. ئۈچىنچى دەلىل، «گەز تۇمشۇق» رىۋايىتى. تۆتىنچى دەلىل، ئەجداتلىرىمىزنىڭ كەلكۈن سۈيىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياسىغان بىر قانال ھەم بۇ قانالنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېگىز قاشنى ئىككى تەرەپتىكى زىمىننى سۇغۇرۇش مەخسىدىدە ئىككى ئۆستەڭ قىلىپ لاھىيەلەشتە، ئۇزۇن- قىسقىلىقنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچىگۈچ “گەز”نى ئىشلەتكەنلىكى. بەشىنچى دەلىل، «كەد»نىڭ تاۋۇش ئۆزگىرىشىدىكى يانداش ئىپادە بولغان “گەز”نىڭ ئاتالغۇ سۈپىتىدە قوللىنىش ئىھتىمالىقى.
     يۇقۇرقى بەش دەلىل ئىچىدە «ھاسائاتام خارابىسى» بىلەن «تۇرخېنىم» رىۋايىنىتىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە “ھاسا” تىلغا ئېلىنغان. “ھاسا” ئاتالغۇسىنىڭ بىر تارىخى خارابىلىقتا ۋە بىر رىۋايەتتە ئۇچرىشى، شۇنداقلا بۇ ئىككى ئورۇن ئارىلىقىنىڭ تەخمىنەن ئون ئىككى كىلومېتىر ئارىلىقىدا تۇرىشى، يەنە كېلىپ شىمالى «قاش»نىڭ لىۋىدە بولىشى ھەرگىزمۇ تاسادىبىلىق ئەمەس. ئۇ شۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئاشكارىلايدۇكى، «تۇرخېنىم» بىلەن «ھاسا ئاتام» تارىخى رىياللىقتىكى بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ قولىدىكى «ھاسا» ماھىيەتتە ئۇزۇن-قىسقىلىقنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچىگۈچ “گەز” دۇر. ئەجدات سۈپىتىدىكى بۇ «ھاسا ئاتام» قولىدىكى تاياقنى گاھىدا «قاش»نى لاھىيەلەشتە «گەز» (ئۆلچىگۈچ) ئورنىدا ئىشلەتكەن بولسا، گاھىدا تايىنىدىغان ھاسا ئورنىدا ئىشلەتكەن. «گەز»نىڭ ئۆلچىگۈچ ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىكى «تۇرخېنىم» رىۋايىتىدە مۇنداق تەسۋىرلەنگەن: « خان غوجام دىگەن بىر كىشى ئۆز ھاسىسى بىلەن ئېرىق چېپىپتىكەنمىش. يۇرت ئاخىرىدا “تۇر! ” دەپ ھاسىسىنى يەرگە سانجىپ قويغان. جىجىپ (سىزىپ) كەلگەن يېرىدىن سۇ كەلگەن. بىر كىشىدىن “ قانچىلىك سۇ كېلىۋاتىدۇ؟” دېسە “3-4 تاشلىق سۇ كېلىۋاتىدۇ” دىگەن. ئەگەر ئاشۇ ئادەم “جىقىراق كېلىۋاتىدۇ” دىگەن بولسا جىق كېلەركەنمىش. تاياقنى “تۇر!” دەپ سانجىغان يېرىدە تاياق كۆكلەپ كەتكەن ئىكەن...». دىمەك «خان خوجام» قولىدىكى ھاسا بىلەن «ھاسائاتام» قولىدىكى ھاسا ئارقىلىق ئۆستەڭ چېپىش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇ پەقەت ئاشۇ «قاش» ۋە ئاشۇ ئۆستەڭنى لاھىيەلەش ئۈچۈن ئۆلچەپ- سىزىشتا ئىشلىتىلگەن «گەز»دىن باشقا نەرسە ئەمەس.
     يۇقۇردىكى ئىككى «ھاسا»نىڭ «گەز» دەپ ئاتىلىشىنى تۆۋەندىكى «گەز تۇمشۇق» رىۋايىتى تېخىمۇ تولۇقلاش كۈچىگە ئىگە:
     «بۇرۇنقى زاماندا كاتايلاق بۈككىدە ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان، سۈيى مول مۇنبەت تۇپراق ئىكەن... بۇ يۇرتتا ئادەملەر كۆپۈيۈپ ئاۋاتلاشقان بىر پەيتتە، كىشلەرنىڭ ھاياتىغا قەست قىلىدىغان بىر ئاپەت پەيدا بولۇپتۇ... ئۇ “گەز تۇمشۇق” ئىسىملىك يالماۋۇز ئىكەن... ئۇنىڭ پەيدا بولىشى بىلەن نۇرغۇن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىپ... خوتۇن، بالىلار يۈرەكلىك ھالدا تالاغا چىقالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ... كاتايلاقتىكى كىشىلەر يۇرتنىڭ ئۈستىگە كەلگەن بۇ ئاپەتنى قانداق قىلىپ يوقۇتۇش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىپ ئىش كۆرگەن بولسىمۇ، يەنىلا گەز تۇمشۇق يالماۋۇزنى يوقىتالماپتۇ... گەز تۇمشۇق يالماۋۇز ناھايىتى كۈچلۈك بىر مەخلۇق ئىكەن. ئۇ كىشىلەرنىڭ قېنىنى شورىماقچى بولسا، ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋالىدىكەن-دە ئۇزۇن تۇمشىقىنى يېڭىنىڭ ئىچىگە سېلىۋېلىپ ئۆيلەرگە كىرىدىكەن. ئادەملەرنى بىر-بىرلەپ ئېزىقتۇرۇپ ياكى تۇتۇپ قېنىنى شوراپ، ئاخىرى گۆشىنى يەيدىكەن... ئەنە شۇ چاغلاردا كاتايلاقتا قىرانبەگ ئىسىملىك باتۇر بىر يىگىت بار ئىكەن. ئۇ شۇنداق ئەقىللىق، ماھارەتلىك، كۈچلۈك، باتۇر بولۇپلا قالماي، بىلىم- پاراسەتتە كامىل ئىكەن. ئۇنىڭ بىر دانىشمەن ئۈستازى بولۇپ، بۇ ئۇستاز ئۇنىڭغا، بىر نەچچە خىل سېھرىي ھېكمەتنى ئۆگىتىپ، سېھرىي-جادۇنىڭ سىرىنى بىلىۋالالايدىغان قابىلىيەتكە ئىگە قىلغانكەن. قىرانبەگ ئوقيا ئېتىش، قىلىچ ئوينىتىش، چەۋەندازلىق، چېلىش قاتارلىق ھۈنەر-ھېكمەتتە زامانىسىدا تەڭداشسىز ئىكەن... ئۇ گەز تۇمشۇق يالماۋۇزنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ جېنىغا زامىن بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، گەز تۇمشۇق يالماۋۇزنى ئۆلتۈرۈپ، خەلقنى ئۇنىڭ زۇلمىدىن، ئەندىشىسىدىن قۇتۇلدۇرماقچى بولۇپتۇ... گەز تۇمشۇق: ئەي نادان ئىنسان، ئۆزەڭنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەي ئالدىمدىن يوقال! –دەپ ۋارقىراپتۇ. –ئۆلۈمىڭنى تۇيۇۋاتامسەن ؟ - دەپتۇ قىرانبەگ باتۇر... ئۇلار نەچچە كېچە- كۈندۈز ئېلىشىپ... ئاخىرى قىرانبەگ باتۇر يالماۋۇزنىڭ بېشىنى قىلىچ بىلەن ئۈزۈپ تاشلاپتۇ... ئاندىن گەز تۇمشۇقنىڭ بىر گەز قان شورۇغۇچ تۇمشۇقىنى قىلىچ بىلەن ئوتۇن كەسكەندەك كەسلەپ تاشلاپتۇ... گەز تۇمشۇق يالماۋۇزنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىغان يۇرتتىكى خەلق ناغرا- دۇمباق، سۇنايلىرىنى چېلىشىپ كوچىغا چىقىپ ئۇسۇل ئويناپ، قىرانبەگ باتۇرنى تەبرىكلىشىپتۇ...» («ئاتۇش ھەققىدە رىۋايەت ۋە چۆچەكلەر»، 58-68 بەتلەر. بۇ رىۋايەتنى ئېيتىپ بەرگۈچى كاتايلاقتىن قۇربان ئاخۇن. رىۋايەت قىسقارتىپ ئېلىندى).
      گەرچە بۇ رىۋايەت روشەن توقۇلما خاراكتىرىنى ئېلىپ، “گەز تۇمشۇق” رىيال تۇرمۇشتا كۆرۈلىشى مۇمكىن بولمايدىغان تەرىزدە تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى تارىختىكى فىئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يۇقۇرى باج-سېلىق سىياسىتى ئارقىلىق خەلقنىڭ قان-تەرىنى شورايدىغان يالماۋۇزغا تەققەسلىشىمىز تەبىئى. “گەز تۇمشۇق” يالماۋۇز مەخلۇق سىياقىدا تەسۋىرلەنگىنى بىلەن ئۇ بەرىبىر ئادەم. ئۇنىڭ گەز تۇمشۇقى ئىنسانغا خاس ئالاھىدىلىك بولماستىن بەكلى، مەلۇم جاي نامىنىڭ ئەزگۈچى سىنىپ ئىچىدىكى مەلۇم مۇشتۇمزورنىڭ نامى بىلەن بىرلەشتۈرىلىشى خالاس. “گەز تۇمشۇق”تىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم جاي نامى ھېلىھەم «كاتايلاق» توپىنومىيىسىدە «خان سۇپا» ۋە «تىم قورغان» نامىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇنداق دىيىشىمىزنىڭ ئىلمى ئاساسى شۇكى، قۇمسېغىردىن «كاتايلاق»قىچە سوزۇلغان شىمالى “قاش” قەدىمقى «سۇلى دۆلىتى خارابىسى»(«ئوتتۇرا قاش»)قا بارغاندىن كېيىن بىراقلا شەرقى شىمالغا بۇرۇلۇپ تەخمىنەن سەككىز كىلومېتىر داۋاملاشقاندىن كېيىن «خان سۇپا» ۋە «تىم قورغان» دوقى (جەينەك)نى ھاسىل قىلىپ، شەرقى جەنۇپقا بۇرۇلۇپ تاكى باچاڭ ئېغىزى كەلكۈنى بىلەن چاقماق دەريا كەلكۈنى ئۇچراشقان جايغىچە داۋاملىشىدۇ. «گەز تۇمشۇق»تىكى  “تۇمشۇق”- كۆپۈنچە ھاللاردا يەر تەكشىلىكىدىن ئېگىزرەك بولغان تاغ، ئۆستەڭ، قاش ۋە قىر قاتارلىقلارنىڭ مەلۇم جايدا ئۈزۈلگەن قىسمى ياكى بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ بۇرالغان قىياپىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئەنەشۇ دوق (جەينەك)نىڭ «خان سۇپا» ۋە «تىم قورغان» دەپ ئاتىلىشتىن ئىلگىرى “گەز تۇمشۇق” دەپ ئاتالغانلىقى شۇ جايدىكى مەزكۇر  “قاش”نىڭ شەرقى شىمالدىن شەرقى جەنۇپقا بۇرۇلۇپ تەخمىنەن 180 گىرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىش ئالاھىدىلىكىگە تامامەن ئۇيغۇن.
     يۇقۇرقى بەش دەلىلنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغىنىمىزدا، بەشكىرەمدىن «كاتايلاق»نىڭ “كۆتۈرمە” مەھەللىسىگە سوزۇلغان، قۇمسېغىردىن «كاتايلاق» “چۈشۈر”گە كەنتى “بەش تام” مەھەللىسىنىڭ شەرقى جەنۇبىگىچە سوزۇلغان ئىككى “قاش”نىڭ تارىختىكى ئورتاق نامىنىڭ «گەزقاش» ئىكەنلىكىنى يۇقۇردىكى  “ئىككى ھاسا” (“گەز”)، «گەز تۇمشۇق» رىۋايىتى، “گەز”نىڭ ھازىرقى تىل ئىستىمالىمىزدىكى ئىككى خىل مەنىسى ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى “گەز” ھەققىدىكى ئىزاھات تولۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ...
     تارىختىكى بۇ ئىككى چوڭ “قاش” ئەتراپىدىكى تارىخى توپىنومىيىلىك ناملار ۋە ئىزنالارنى ئاساس قىلغان ھالدىكى ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىننىڭ «باش قاش»، «ئوتتۇرا قاش» ۋە «ئاياق قاش» ئابستىراكتنى ئۇقۇمىنى ئەمدىلىكتە «گەز قاش» كونكىرىت ئۇقۇمغا تۈگەللەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەرپتىن شەرققە سوزۇلغان بۇ ئىككى “قاش”نىڭ تارىختىكى ئورتاق نامىنىڭ «گەزقاش» ئىكەنلىگىنى خۇشاللىق بىلەن يۇقۇرى ئاۋازدا جاكالايمىز. دىمەك، ئىككى “قاش” تارىختا ھەم خاس نامغا ھەم ئورتاق نامغا ئېگە بولۇپ؛ جەنۇبى “قاش” «ئاققاش» نامى بىلەن، شىمالى “قاش” «سۇلى» (سول تەرەپ “قاش”) ۋە “سولمۇر” (سول تەرەپ قارا“قاش”) نامى بىلەن، ئورتاق نامى «گەزقاش» بىلەن ئاتالغانلىقىنى تولىمۇ كېچىكىپ بولسىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇق.
      ئىككى “قاش”نىڭ ئورتاق نامى تارىختا «گەزقاش» دەپ ئاتالغانكەن، «گەزقاش»نىڭ قايسى قىرغىقىدا يايالاق بولسۇن، بۇ يايلاقنىڭ “گەزيايلاق” دەپ ئاتالمىقى بەرھەق. «كاتايلاق»تىكى «كاتتا» نامىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى تىل يىلتىزىنى بىز يۇقۇردا «كەد» ۋە ئۇنىڭ يانداش ئىپادىسى بولغان “كەز~ گەز” ئارقىلىق موقۇملاشتۇرغان ئىدۇق. يانداش ئىپادە  “كەز~ گەز”نىڭ ئاساسى «كەد» بولغان ئىكەن، «تۈركى تىللار دىۋانى» بويىچە “گەزيايلاغ”نىڭ «كەديايلاغ»قا ئۆزگىرىشى تىل تاۋۇشلىرى ئۆزگىرىشىنىڭ ۋە تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ئۆزئارا ئالمىشىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن. بولۇپمۇ  “ك” بىلەن  “گ”نىڭ،  “د” بىلەن  “ز”نىڭ ئۆزئارا ئالمىشىشى تېخىمۇ شۇنداق.
       ئومۇمەن، «كاتايلاق» نامىنىڭ تىل يىلتىزى  “كەديايلاغ” (“كەزيايلاغ~ گەزيايلاغ”) بولۇپ، ئۇ ئىككى خىل مەنانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، “كەديايلاغ” بولۇش سۈپىتى بىلەن- ئىسىل يايلاق، قالتىس يايلاق، گۈزەل يايلاق، كاتتا يايلاق دېگەنلىك؛ يەنە بىرى، “كەديايلاغ”نىڭ يانداش ئىپادىسى (“كەزيايلاغ~ گەزيايلاغ”) بولۇش سۈپىتى بىلەن – ئەجداتلىرىمىز ئۇزۇن-قىسقىلىقنى ئۆلچەيدىغان نەرسە (“گەز”) ئارقىلىق ئۆلچەپ، لاھىيەلىگەن گۈزەل يايلاق دېگەنلىك.
      «كاتايلاق»نىڭ مۇبارەك نامىنى ئەڭ دەسلەپ «سۇلى خارابىسى» بىلەن «خان سۇپا» خارابىسى ئارلىقىدىكى «ھاسا ئاتام» خارابىسى توپىنومىيىسىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى «ھاسا ئاتام» قويغان بولىشى مۇمكىن. چۈنكى، «ھاسا ئاتام» بىلەن «تۇر خېنىم» (خان خوجام) بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ ئۆز قولىدىكى “ھاسا” (گەز) ئارقىلىق “گەزقاش”نى لاھىيەلىگەن بىردىن-بىر كىشى. ئۇنىڭ «ھاسا ئاتام» دەپ شۇنچە ھۆرمەت نام بىلەن ئاتىلىشى “گەزقاش”نى لاھىيەلەپ، «كاتايلاق» نامىنى قويغانلىقىدىن بولسا كېرەك.
       ئىسىل، گۈزەل ۋە قالتىس نامى بىلەن ئاتالغان «كاتايلاق»، تەبىئەت قانۇنىيىتىنىڭ ئۈچ قېتىملىق بالايى-ئاپەتلىك، قورقۇنۇچلۇق ئېغىر تىرادېگيىسىنى كۈتۈۋالغان؛ بىرى، تارىخشۇناس، ئىكولوگىيە ۋە ئارخولوگىيە ئالىملىرىنىڭ بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرىشى ئاستىدىكى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇن تۆت- بەش مىڭ يىللار ئىلگىرىكى قۇملىشىش ئاپىتىنىڭ تەھدىدى؛ بۇ ھەقتە ئەلفارابى سۈرىيەنىڭ دەمەشق شەھرىدىن قاراخانىلار خانلىقىنىڭ پايتەختى بالاساغۇنغا كېلىپ قانلىق كۆز ياشلىرى بىلەن مۇنداق ئاھ ئۇرۇدۇ:
يۇرتلىرى چۆللۈككە غەرق بولغان قەدىم ئەللەر ئارا،
مىۋە تەرگەندەك قەدەم قويدۇم جاۋاھىر كانىغا.
يەنە بىرى، مەرھۇم ئابدۇرەھىم مەھشەدى ئەپەندىنىڭ «ئاتۇش» ناملىق كىتاۋىدا تەسۋىرلەنگەن، مىلادى 1271-يىلدىكى ئاتۇشتا 35 كۈن ئەتراپىدا ئاققان ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى؛ شۇ قېتىمقى ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى «كاتايلاق» زىمىنىغا بىر يېرىم مېتىر لاي-لاتقا تاشلىغان بولۇپ، ھازىرقى «خان سۇپا» يېنىدىكى «تىم قورغان» ئىچىنىڭ يۈزى كەلكۈن كىرەلمىگەنلىكتىن ئەتراپتىكى يەر تەكشىلىكىدىن تەخمىنەن ئىككى مېتىر تۆۋەنلەپ كەتكەن. مۇشۇ ۋاقىتتا «كاتايلاق» زىمىدىكى ئەجداتلىرىمىز، بۇ تۇتىيا زىمىنى ۋە روزىغارىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغانچە، سەرسان بولۇپ ياقا يۇرتلارغا چىكىتىپ، 50-60 يىل ئۆتكەندە يەنە يۇرتىغا قايتىپ كېلىشكە باشلىغان؛  ئۇچىنچىسى، 1944-يىلى 29 سائەت ئاققان كەلكۈن ئاپىتى «كاتايلاق»قا يەنە يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتە لاي-لاتقا سوۋغا قىلدى...
      ئاھ! «ھاسا ئاتام»... ئاھ! جاپاكەش ئەجدادىم...ئاھ! ياقا يۇرتتىكى سەرسان قېرىنداشلىرىم... سىلەر ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ ناخشىنى يەنە بىر قېتىم ئوقىۋېتەي:
كاتايلاق ئىسىل يايلاق،
ئەجەپمۇ يايلىيالمادىم.
يايلىساممۇ يايلادىم،
دەرتكە پايلىيالمادىم.

مەنبە: «كاتايلاق» تەزكىرىسى ئۈچۈن تەييارلانغان ماتىريالىم.


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
YuqunAdam + 400 ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن!
قىزغىن + 300
izchilar + 500 ئەجىر

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1200   باھا خاتىرىسى

پەزىلەت جامىدا بىر نۇر، جۇلاسى ئۆزگىدىن مەمنۇن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23069
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7683
تۆھپە نۇمۇرى: 868
توردا: 1495 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2012-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 11:24:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭمۇ يىلتىزىم كاتايلاقتىن ..مومام كاتايلاقىتىن،بوۋام سۇنتاغ دىن.لىكىن ئۇلارمۇ توي قىلىپ باشقا يۇرتقا چىقىپ كەتكەنلىكتىن مەنمۇ باشقا يۇرتلۇق بوپقالغانمەن .قايسىبىر يىلىسى يۇرتقا تۇغقانلارنى يوقلاپ باردۇق ،بوۋام ،مومام تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يۇرتلارنى كۆرۈپ كەلدۇق ،ھەقىقەتەن ئىسىل جايكەن.
شۇڭلاشقا بۇ يۇرتنىڭ نامىنى بىرەر يەردە ئاڭلىسام ياكى  بىرەرسىنىڭ مۇشۇ يۇرتلۇق ئىكەنلىكىنى بىلسەم شۇنداق خۇش بوپ كىتىمەن .

ھېچنىمە دىگۈم يوق!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6322
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4745
تۆھپە نۇمۇرى: 693
توردا: 1052 سائەت
تىزىم: 2010-8-14
ئاخىرقى: 2013-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 11:25:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئانامدىن كاتتايلاقنىڭ ئەسلى مەنىسى كاتتا يايلاق دەپ ئاڭلىغان،ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇچە تەرجىمىسىمۇ ياخشى قىلىنمىغان، 格达良دەپ  [s:207]

ھېچنىمە دىگۈم يوق!

تىرىشىمەن ...

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10058
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7796 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 11:33:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتۇشتىكى كاتايلاق توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگەئىگە بولدۇم.جاپا چەكتىڭىز رەخمەت سىزگە..

ماڭماي تۇرۇپ ماڭالمايمەن دىمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20572
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 11:57:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ تەپسىلى،دەلىل-ئىسپاتلىق قىلىپ يېزىپسىز.بۇ بىر ئىلمى ئەسەركەن.سىزنىڭ يازمىڭىزدىكى سۆز ئۇسلۇبى بۇرۇن بارخان دەپ بىر تورداش بولىدىغان،ئۇمۇ ئاتۇشلۇق ئىدى،شۇنىڭغا بەكمۇ ئوخشايدىكەن.تېمىڭىزغا رەخمەت!

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

atuxjan.blogbus.com

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38992
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10003
تۆھپە نۇمۇرى: 1090
توردا: 5041 سائەت
تىزىم: 2011-4-28
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 12:06:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە رەخمەت. كاتتا يايلاق توغرىسىدا چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولدۇق

atuxjan.blogbus.com

تىرىشىمەن ...

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10058
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7796 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 12:08:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىرەن ؛
ئىنكاس دىگەننى ئوبدانلا يېزىپ قويىدىكەنسىز غۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ماڭماي تۇرۇپ ماڭالمايمەن دىمە!

ئېنگىلىزتىلى ئۈ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22920
يازما سانى: 915
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3718
تۆھپە نۇمۇرى: 661
توردا: 2041 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 12:09:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاتتايلاقتا ياشايدىغانلار ھەقىقەتەن تىرىشچان،چىدامچان خەلق.تۇنجى قېتىم ئاشۇ يەرگە بارغىنىمدا  ھەيران قالغان ئىدىم.بازار بىشىغا بارغۇچە دەرەخ يوق،ھەممە يەر شور.ئۇنىڭ ئۈستىگە پاشا ھەددىدىن زىيادە كۆپ،ئەڭ مۇھىمى سۇ بەك قىسكەن.مېنىڭچە كاتتايلاقتا مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرالىغان كىشىلەر دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدا ياخشى ياشىيالايدۇ.

ئېنگىلىزتىلى ئۈگىنەمسىز؟www.tilhumar.biz

ئاتۇش^ئوغلى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18967
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6672
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 3250 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 12:13:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقىتتا مەكتىپىمىزدە كاتتايلاقلىق بالىلار بەك جىقتى ،،بۇ باللار بەك تىرىشچان ئىدى..قىزلىرى ئۇغۇللىرىغا قارىغاندا بەك تىرىشچان ئىدى.

ئادەمگە بىلىم كى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 5679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165153
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 09:32:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاتتا يايلاقنى ئەتراپلىق تۇلۇق چۈشەندۈرۈپسىز. بىلىۋالدىم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش