مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: tarurum

ئاتۇشتىكى «كاتايلاق» نامىنىڭ تىل يىلتىزى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياشا،ياشىغاندىم

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43566
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3019
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2011-6-8
ئاخىرقى: 2011-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-30 06:35:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«كاتتايلاق»نىڭ  سۆز مەنىسىدىن قارىساق،ئۇنىڭغا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەر ئارقىلىق يقىنلاشتۇرۇپ تەبىر بېرىشنى خاتا دىگىلى بولمايدۇ.ئەمما ئۇنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىشى زادى ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا بولغانمۇ،ياكى يېقىنقى ھەتتا قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا بولغانمۇ،بۇنى سىز ياكى مەن دىگەنگە بىكار.يەر ناملىرى ئاساسەن زامان ۋە ماكان بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.بۇنىڭغا ھېسسىيات بىلەن بىرنىمە دىيىش خاتا.مەسىلەن:يۇقارقى سۆز ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى بويىچە چۈشەنگەندە،«كاتتا يايلاق»تىن باشقا«كاتتا ئايلاق»(ئايلاق - ۋاقىتلىق تېرىم يەر،تېرىلغۇ دىگەندەك مەنىلەرگە يېقىن)،«كاتتا تايلاق»،«كاتتا يايلاق»(چوڭ يايلاق،ئېسىل يايلاق)....قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرۈۋېرىدۇ.ئەمما بۇنداق مەنىلەردە خالىغانچە چۈشىنىۋېلىۋەرسەك ،بىزنىڭ قەدىمىي يەرناملىرىمىز بىلەن زامانىۋىي يەر ناملىرىمىزنى پەرق قىلغىلى بولمايلا قالماستىن،ئويلىمىغان خاتالىقلارنى كەلتۈرۈپ قويىمىز.شۇڭا بۇ يەردە ئىنكاس يېزىش ۋەزىپىمىز بولمىغاندىكىن،ئاغزىمىزغا كەلگەننى دەۋەرمەي،تارىخ بوۋىمىزدىن كۆپرەك دەلىل ئىزدىگەن ئاساستا گەپ قىلساق.بولمىسا،باشقىلارنىڭكىنى زەڭ قويۇپ ئاڭلايلى.گەپ بولسا،پاكىتلىق دەيلى(ئاپتوردەك).بىزنىڭ يۇرتتىمۇ مەن يۇقىرىدا دىگەندەك تەبىرلەر خاتاپېتى ھەتتا تەزكىرىگە كىرىپ كېتىپ،تۈزەتكۈچە بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىق ۋە ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىققان.مەسىلەن:چاتاغ دەيدىغان بىر يۇرت نامىنى ئاددىي ھالدا ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى بويىچە«چاتاقچى»دىگەندىكى«چاتاق»مەنىسىدە تەبىرلىۋەتكەن(ئۆزىنى بىلەرمەن دەۋالغانلار).ئەسلى بۇ سۆز ئەسلىدىكى زاماندا «چاھار ئوتاغ»(تۆت ئوتاغ،تۆت ئائىلىلىك ئوتاغ)مەنىسىدىكەن(«ئوتاغ دىگىنى ئولتۇراقلىشىپ تېرىقچىلىق قىلىدىغان جاينى كۆرسىتىدۇ).شۇڭا كىم بولۇشتىن قەتئىينەزەر،پاكىت-ئاساسلىق گەپ قىلايلى.بولمىسا،تارىخىي جىنايەتچى بوپ قالىمىز.

يۇقىرغا قاراپ پى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18610
يازما سانى: 1541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3360
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 5970 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-5 03:15:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتۇشنىڭ ھەممە يېرى تاش بولسىمۇ ئادەملىرى تىرىشچان.تاشتىن ئاش ئالىدىغانلار ئۇلار.مەن بەك قايىل.

ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46258
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3091
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 212 سائەت
تىزىم: 2011-6-30
ئاخىرقى: 2011-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-7 01:24:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتۇشتىكى كاتايلاق توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگەئىگە بولدۇم.جاپا چەكتىڭىز رەخمەت سىزگە..

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش