ئىشلىتىدىغان قەۋەت11قەۋەتتەكلىماكانبىلەن2011-06-14 21:04يوللانغان :
يېقىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە بولۋاتقان مۇنازىرلەرنىڭ ئەھۋالىدىن كۆرە، ھامان مۇشۇنداق بىر تىمىنىڭ چىقىدىغانلىقىنى پەملىگەن ئىدىم. ئۇنداقتا 7-قېتىمدا مەن پىكىر قاتناشتۇراي:
زەپەر ئەپەندىنىڭ مەزكۇر تىمىنى روياپقا چىقىرىشىدىكى سەۋەبى ناھايىتى ئېنىقكى ئابدۇكېرەم ئابلىز ۋە گۈلنەزەر ئۈستىدە ئېلىپ بىرىلۋاتقان مۇنازىرىلەر بولدى.
ئۇزۇندىن بۇيان بىر ئىشقا دىققەت قىلىپ كىلۋاتىمەن(بەلىكىم باشقىلارمۇ دىققەت قىلدى)، كۈنىمىزدە ئۇشبۇ مۇنبەرگە بىر قەدەر زىل، كەسكىنرەك مۇنازىرە تىمىسى يوللانسا پىكىر قاتناشقۇچىلار تىمىدىنمۇ زىل، ئىھتىياتچان بۇلۇپ كىتۋاتىدۇ، يەنى ئۈزىمىزنىڭ شەخسى كۆز قاراشلىرىمىزىنى سەل پەل ئۇچۇق، تەپسىلى بايان قىلماقچى بولساق ئىنكاسىنىڭ بېشى ياكى ئاخىرىغا ئالاھىدە قىلىپ ‹ يەنە مىنىمۇ تىللاپ كەتمەڭلار.....›. ‹مىنىمۇ غاجاپ كەتمەڭلار› ، ‹ گەپ بولسا ئىلىمى قىلىڭلار، ماڭا ئەمەس ئىنكاسىمغا باھا بىرىڭلار....› ، ‹ مەن پالانى بىلەن تۇنۇشمايمەن، بۇ پەقەت مىنىڭ شەخسى قارىشىم جۇمۇ....›.....دىگەندەك سۆزلەرنى قۇشۇپ قۇيۋاتىمىز. مىنىڭچە بۇنداق‹ئەسكەرتمىلەر›نى قۇشۇپ قۇيۇشنىڭ ئەسلى ھىچ بىر ھاجىتى يوق ئىدى، بىراق ھازىر مۇنبىرىمىزىنىڭ مۇنازىرە كەيىپاتىغا قارىغاندا مۇشۇنداق قىلمىساق بولمايدىغان دەرىجىگە يىتىپ بارغاندەك قىلىدۇ. خوشامەت، ياسالمىلىقتىن خالى بىر تال ئىنكاس يازساقلا كۆز ئالىدىمىزدا بىر توپ ئىنكاسچىلار ، خۇددى پۇشتەك ئاۋازىنى ساقلاپ تۇرغان 100مىتىرغا يۈگۈرەش ماھىرلىرى بۇپ كۈرنىدىغان بۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ( بەلىكىم بۇ سەل ئېشىپ كەتكەندۇ).
مىنىڭ مۇشۇ ئىككى كۈندىن بۇيان قاتتىق ئاۋات بۇلۋاتقان بىر قانچە تىمىدىكى ئىنكاسلارنى كۈزىتىشمچە، تىمىنىڭ خارەكتىرى ئۆزگىرىپ، شىياڭگاڭنىڭ ئارقا كوچىسىغا ئوخشاپ قىلىشىغا سەۋەپ بولۋاتقان ئىنكاس شۇكى، ھەممە ئادەم توغرا بولسۇن، خاتا بولسۇن ئۈزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى يېزۋاتقاندا توساتتىن‹ ئىسىت ئويغۇرۇم، قاچانلا قارىسا غەيۋەت قىپلا ئولتۇرىدۇ، غەيۋەتچىلەر......غاجاقچىلار..... ئۈزىنىڭ قۇلىدىن پۇق كەلمەيدۇ خەقىنى ئانى مانى دىيىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ..... ئانداقچىلار مۇنداقچىلار.....› دىگەندەك نە بىر مەنا، نە بىر ساپا، نە بىر رولى يوق ئىنكاسلار پەيدا بولىدۇ، ئەڭ يامىنى بۇ ئىنكاسلار مەلۇم بىر ئىنكاسنى نەقل ئېلىپ يېزىلىدۇ. ئاندىن‹ مەن مۇنداق بولسام سەنچۇ؟ سەنمۇ ئۇنداق.....› دىگەندەك ئىنكاسلار چۈشۈپ تىما ئايلىخانغا ئىنكاس سارىخانغا يول ئالىدۇ.
راستىنى دىگەندە بەزى تېتىملىق مۇنازىرە تىمىلىرىغا كىرىپ، ئىلىمى، سالماق مۇنازىرىگە چۈشۈشنى ئويلايمەن، نۇرغۇن ئىنكاسلارنى يېزىپ بولۇپ يوللاش كۇنۇپكىسىنى باسالمايمەن. مەنلا ئەمەس بىر قىسم ئەزالارنىڭمۇ شۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلاۋاتىمەن.
.......
لىكىن مىنىڭچە بولسا گۇلنەزەر دىگەنگە بولغان پىكىرلەر غەيۋەت ئەمەس دەپ قارايمەن،چۇنكى بۇ بىر مىللەتنىڭ ئابرويىغا تاقىلىدىغان ئىش،خەنزۇچە تور بىكەتلەردىكى باھالارنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر كىشى جىم تۇرالمايدۇ.......
نۇتىنى كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى پەرۋىش قىلىش كىرەك!سۇكۇتتە تۇرغۇچىلار تۇرىۋىرىڭلار،لىكىن مەن يەنىلا ئۇنى غاجىلاۋىرىمەن!