مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: zapar

غاجىغىلى قۇيۇڭلار!!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41048
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3360
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 551 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-17 02:36:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇجۇۇۇۇن !

خالايىق ! زەپەرجان پۇل تاقىتىپتۇ !
مەن زەپەرجاننى يىزىقچىلىق قىلامدىكىن دىسەم  بانكىركەن ئەمەسمۇ ؟  قانداقلا ئىنكاس يازسا پۇل تارقىتىپتۇ .
سايلام مەزگىلى كىلىپ قالدى، قوللىغۇچى ۋە قارشى پىكىردىكىلەرنى يېنىڭىزغا تارتىۋاتامسىز - قانداق ؟؟!
زۇڭلى بولغان بولسىڭىز مائاشىمىز نەچچە قاتلىناركەن

غەمدىن خالى ئەمەس ھىچكىم تۇرمۇشتا .ئاقباش  بولار  دولقۇنمۇ  مەيىن  شامالدا .

جېنىم قىزىم مېنىڭ بارلىقىم.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6279
يازما سانى: 1168
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14164
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 5670 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-17 05:37:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

37قەۋەتتىكى(تەكلىماكان) نىڭ يازمىسىغا ئىنك

«تەكلىماكان»نىڭ پىكرىنى تامامەن قوللايمەن. ھەممىگە بىردەك مۇئامىلە قىلىنىشى لازىم، ئىززەت-ئابروي ھەممە ئادەم ئۈچۈن مۇھىم، قانداقتۇر تونۇلغانلار تەنقىدگە ئۇچرىسا خەقنىڭ پاش قىلىشى بىلەن تېما ئۆچۈرۈلسە، ئادەتتىكى ئادەملەر تەنقىدكە ئۇچرىسا پاش قىلىدىغان ئورۇن بولمىغانلىق سەۋەبلىك يەنە سەل قارالسا بۇ مۇئامىلە ئادىل بولمايدۇ. ئۆچۈرۈلسە ھەممىسى تەڭ ئۆچۈرۈلۈشى كېرەك. ھەممىگە بىردەك، ئورتاق مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك.
بۇ تېما ئوچۇقلا ئابدۇكېرىم ئابلىز توغرىسىدىكى بىر قىسىم ئىنكاسلارغا قارىتا يېزىلغان، بىر قىسىم قېرىنداشلار «مۇنبەر ئەركىن پىكىر قىلىدىغان سورۇن دەپلا خەقنى تىللىسا، غاجىسا، سۆكسە بولامدۇ؟» دەپ يېزىپتۇ.  ھېچكىم بىر ئادەمنى ئاساسسىز غاجىمايدۇ، تىللىمايدۇ، غەيۋىتىنى قىلمايدۇ. بولۇپمۇ تونۇلغان كىشىلەرنىڭ. تونۇلغان كىشىلەر بىلەن بىز تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە كۆپ ئۇچرىشىپ تۇرغاچقا ئۇلارغا تىكىلىدىغان كۆزمۇ كۆپ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرى، پائالىيەتلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر زوق ئالسا يەنە بىر قىسىم كىشىلەر نارازى بولىدۇ، مۇنبەر دەل زوق ئالغانلار ۋە نارازى بولغانلارنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان پائالىيەت سورۇنى. مۇنبەر مۇنازىرە قىلىدىغان سورۇن بولغاندىكىن مۇنازىرە دېگەندە بىر تەرەپ قوللىغۇچى بولسا يەنە بىر تەرەپ قارشى تۇرىدۇ. مانا بۇ ھەقىقى مۇنازىرە. نوقۇل ھالدا قوللاش ياكى قارشى تۇرۇشلا بولسا بۇنداق مۇنازىرىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولماي، ئوقۇرمەنلەرنى جەلىب قىلالمايدۇ. شۇڭا تەنقىدنىڭ ھەممىسىنى «غاجاش، غەيۋەت قىلىش» دەپ چۈشىنىۋېلىش بىر تەرەپلىمە قاراش. بىر ئادەمگە باھا بېرىشتە ئارتۇقچىلىقى، كەمچىلىكى نەزەرگە ئېلىندۇ.
خەنزۇچە تور بەتلەرگە قارايدىغان بولساق تورداشلار، مۇخبىرلار چولپانلارنىڭ كەينىدىن ماراپلا يۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئازراقلا ئېۋىنى تېپىۋالسا سېسىتىۋېتىدۇ. تۈگمىدەك ئىشنى يوغان قىلىپ،چولپانلارنىڭ ئابرويىغا ئېغىر دەخلى يەتكۈزىدۇ، ھەتتا بىر قىسىم ئەر-خوتۇنلار تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن تۆگىدەك يوغانتىۋېتىلگەن تۈگمىدەك خەۋەرلەر تۈپەيلىدىن ئاجرىشىپمۇ كەتكەنلىرى بولدى. ئۇلارمۇ تورداشلارنى ياكى مۇخبىرلارنى «ئائىلەمنى بۇزدۇڭ، ئابرويۇمغا دەخلى قىلدىڭ» دەپ ئەرز قىلمايدىغۇ. بىز بۇ يەردە قانداقتۇر ئۇلارنى ئائىلىسىنى بۇزۇش، خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىۋېتىش ئۈچۈن مۇنازىرە قىلىۋاتمايمىز، پەقەت ئۇلارنىڭ كەسپىگە باھا بېرىپ، نارازى بولغان تەرەپلىرىمىزنى دادىل بايان قىلدۇق. بۇ مېنىڭچە ھېچقانداق «غەيۋەت، غاجاش، تىللاش، سۆكۈش، ئېغۋا»  ھېسابلانمايدۇ.  

ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە مەرھەممەت ۋە مۇھەببەت نەزىرى بىلەن قاراشسا، بىر-بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشسا پۈتۈن گۇناھلىرى بارماقلىرى ئارىسىدىن تۆكۈلۈر.

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55732
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 03:20:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غاجىلاش ئىتقا خاس بولسىمۇ، لېكىن بەزى غاجىغۇچىلار ئىتلاردىنمۇ يامان.

مېنىڭ بارلىقىم ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 640
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9306
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 11:49:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچانلا قارىسا تىما مۇنازىردە تازا ئەۋجىگە چىققاندا مۇشۇ ‹‹ بىز سادىر پاۋلاننىڭ ئەۋلادلىرىمىز ›› دەپ غەۋغا قىلىدىغانلار تەرپىدىن ئۆچۈرۈش قىلىدىغىنى تازا قاملاشمايدۇ . شۇنچىلىك ئاغرىق - ئاداۋەت بولدى ، ئەمدى ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۈرۈشنى ھىچ خالىمايدۇ !
ھەر قانداق جەڭگە - جىدەلنىڭ باشلىنىشى بولغىنىدەك ئۇنىڭ ئاياغلىنىشىمۇ بولىدۇ .
ئاجايىپ - غارايىپ ئىككى تەرەپ بولۇپ كەتكەن بولساڭلارمۇ ئاشۇ ھەر بىر جۈملە قاراشلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ نىمە ئۈچۈنلۈك سىرلىرى ، مەنالىرى بولىدۇ ۋە ئۇنى يىشىپ كەلگەندە ئۇنىڭ نىمە ۋەج تەرەپلىرى ئېنىق ئايرىلىدۇ .
ئى مۇنازىرچىلەر ! بىز بۇنىڭدەك زىلزىلىگە دۇچ كەلگەندە چوقۇم ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىپ ھەر تەرەپنى قايىل قىلىشنى ، ئۇقۇشماسلىقلارنى تۈگىتىشنى ئاساس قىلغان ھاللاردا ئىزچىل تەھلىل قىلىشىمىز ، شۇ ئارقىلىق شۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى توغرا رەۋىشتە ئىسلاھات قىلىشىمىز كېرەك بولىدۇ . جاھىللارغا بولغان ئىسلاھات زىلزىلە بىلەن بولىدۇ ! ھەرگىزمۇ تۇمۇز ئىسسىقتا چىققان ئىككى بال شامالدەك مەيىن ، خۇشلۇق ئىچىدە يەلپۈگەندەك بولمايدۇ .
مۇنازىرە بولغان شۇ خىل تىمىدا نۇرغۇنلىغان ئوقۇشماسلىقلار ، خاتا چۈشىنىشلەر بولدى . ئەمما ھىچ بىرلىرى نەسىھەتنى ئالغۇدەك ، ئاڭلىغۇدەك رەغدى يوق ئىدى . ئاخىرىدا بۇ مۇنازىرىغا مەنمۇ چېتىلىشنى مەقسەت قىلغان بولساممۇ ، ئاقىۋەتتە يۇيۇلۇپ ، يەنىلا بۈگۈنكى ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزنىڭ نامايەندىسى روياپقا كەلدى . چۈنكى ھىچ بىر مۇنبەر بۇنىڭدەك زىلزىلىلەرنى كۆتىرەلمەي كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ . تاكى شۇنىڭدەك چوڭ بىر زىلزىلە مۇنازىرسىنىڭ ئاشكارا روياپقا كېلىپ تۈزۈلگەن ۋە بۇ خىل يولنى ئېچىپ باشقىلارغا ئۈلگە بولىشىغا قەدەر !!!!!!!!!!!!
ئەسلى ئابدۇكېرىم ئۆزى شۇ مۇنازىرىگە قاتناشسا ياخشى بولاتتى . خەلقتىن قاچانلا بولسا ‹‹ تىرىك بولساڭ توردا تىللايدۇ ، ئۆلسەڭ گوردا تىللايدۇ ›› دەپ ئاغرىنىپلا يۈرىۋەرمەي ! كىشىلەرنى كۈلدۈرىمەن دەپ ، سەھنىدە خوتۇن تالاق قىلىدىغان ، بۇ ئارتىسنىڭ بەزى كەمچىلىكلىرىنى بايان قىلىش ، كۆرسىتىپ بىرىشلەر بىلەن ئۇنىڭ تېخىمۇ توغرا رەۋىشتە ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىلەرگىمۇ پايدىسى بولىدىغان ئىلىملەرنى ئاشكارا ھاللاردا ئېيتىشىش بىلەن شۇنىڭدەك كەمچىللىكلەرنى ، يامان تەرەپلەرنى بىر تەرەپ قىلىشلار بىلەن ھەممىنى ھەل قىلساق ، ئەسلى توغرىسى شۇ بولاتتى .
ئابدۇكېرىم مۇشۇ بۇيىچە بەزى خاتالىق ئىچىلەردە مېڭىۋەرسە بۇ خىل ئىمتىيازلىق ئۇسلۇبىنى ، ئۈستۈنلكىنى 10 يىل كۆتۈرۈپ ئېلىپ ماڭالمايدۇ . چۈنكى بۇ قىممەت ئېتىقادى كۈچلۈك ۋە ساپ بولۇشتىن كېلىدۇ . كۈچلۈك بولۇش ھەر ۋاقىت دىيندىن ئايرىلماسلىقنى تەرغىب قىلسا ، ساپلىقى ئادىللىق ، توغرىلىقلاردا ئۆزىنى ئىسلاھات ئىچىدە داۋاملىق ئېلىپ بېرىشقا قىستايدۇ ! بۇ خىل قىممەتنى قايسى بىر سەنئەتكار ، تەنتەربىيەچى ، دىين ۋە باشقا ساھەلەردىكى جىمى يوللارغا ئۇمۇمىي بولۇپ ، كىملەر بۇ خىل قىممەتنى يوقاتسا ياكى سۇزلاشتۇرسا ئۇنىڭ ئىلگىركى ھالىتى يوقايدۇ - سۇزلايدۇ !
بۇ خىل ھەقىقەتنى تۇنىمىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ خىل ساھەلەردىن داۋاملىق ئۆز قىلمىشلىرى سەۋەبلىك چۈشۈپ كىتىدۇ !
ئۇنىڭ پەقەت خەلقنى كۈلدىرىمەن دەپلا بۇ قىممەتنى ، كىيىنكى خەلقىنىڭ تەشنالىقىنى يوقۇتۇشتەك تەرىپىنى ھەممە خالىمايدۇ . چۈنكى ئۇ ئوتلۇق سەنئەتكار . ئەمما ئۇنىڭ بەزى يىتەرسىزلىكلىرى بار !
نوبىل مۇكاپاتى پەقەت شۇ خىل يازغۇچىغىلا تەۋە بولماستىن ، ئۇنىڭ پۈتكۈل خەلقىگە ، ئۇنى ھەر خىل رەۋىشتە ياخشى - يامان نىيەتلەر ئىچىدە قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن ، ئۇنىڭ تېخىمۇ تىل ، ئىلىم ، ئېتىقاد ، دىين  ۋە باشقا يوللاردىكى پايدىلىق بولغان ، شۇ خىل ئىمتىيازنى قولغا كەلتۈرۈشتە شۇ كىشىلەردە بولمىسا بولمايدىغان ئىقتىدارلارنى ھازىرلىشىغا سەۋەب بولغان كىشىلەرگە ئورتاق بولىدۇ ! چۈنكى بىر ئۇتۇق ئىگىسىگە شۇنىڭدەك بىر جەمىيەت ھازىرلانمىسا ئۇ تاۋلىنىپ چىقالمايدۇ ، ئۆز ئۆزىنى ئۈستۈنلۈككە سىلجىتالمايدۇ !

شۇنىڭ ئۈچۈن ئى مۇنازىرچىلەر ! غەيۋەت نىمە ؟ تۆھمەت نىمە ؟ غاجىلاش نىمە ؟ چۈشىنىپ قىلايلى !
غەيبەت دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى ، شۇ سۇرۇندا يوق كىشىلەرنىڭ گىپىنى قىلىش دىمەكلىكتۇر ! بۇنىڭ ياخشى تەرىپىمۇ ۋە يامان تەرىپىمۇ بولىدۇ . پايدىلىق ، ساۋابلىق تەرەپلىرىمۇ ۋە زىيانلىق ، گۇناھلىق تەرىپىمۇ بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىپراق بىرنىمە دىيىشەيلى !

غاجىلاشنى ، غەيۋەتنى   قەيەردىن ئۆگەندىڭ ؟ - دەپ سورالسا ‹‹ مىسرانىمدىن ›› دىسىڭىز بۇ ئاقمايدۇ !

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ساھىبجامال مەلىكە،

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31508
يازما سانى: 1872
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9545
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 4052 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 11:53:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەمەس ئىشقىلىپ

  بىلىم ھەرقانداق ئادەمگە لازىم مەن بىلىمگە تەشنا بىلىم ئىلىش مىنىڭ ئارزۇيۇم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش