ئىشلىتىدىغان قەۋەت14قەۋەتzulfayبىلەن2011-06-15 19:09يوللانغان :
خوتۇنىنى ئۇرغان ئەر كىشى بىلەن تاياق يىگەن خوتۇندىن سورىسا ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى بار. ھەر ئىككىلىسىنىڭ توغرىدەك بىلىنىدۇ.
ئىشقىلىپ ئەرلەر ئالدىراپ خوتۇنغا قول تەككۈزمىگىنى ياخشى، لېكىن بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە ئازراق ئازراق ھەيۋە قىلىپ قويسا بۇلىدۇ.
مۇشۇ قىز بىر ئايال بولسىمۇ لېكىن ھەق گەپ قىپتۇ.
مېنىڭچە ئەقلى بار ئەركەن ھىسابلىنىدىكەنمىز چوقۇم ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىشىمىز كېرەك. خوتۇن كىشىمۇ بىزدەك ئادەم. تاياق دىگەن نورمال بىر ئادەمگە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىش ئەمەس. ھايۋانغا خاس نەرسە...
ئەمما خوتۇنىنى ئۇرسا بولمايدۇ، خوتۇنىنى ئۇرىدىغان ئەر مۇنداقەي ئۇنداقەي دەپ كەتكەن خانىملىرىمىز زادى قانچىلىك خوتۇن بولالىدى ياكى بولالايدۇ بۇنى ۋاقتى كەلگەندە ئۆزى كۆرسە بولىدۇ. يۇقىرىدا بىر تورداش دىگەندەك ھاراقكەشكە تەگسە زادى ئارام يوقلىقى ئېنىق، خۇدا تەلىيىنى بېرىپ ئەقلى، پەزىلىتى بار بىر ئەرگە تېگىپمۇ يەنە تاياق يەپ كېتىپ قالسىڭىز نىمە دەيسىز؟ ياكى قول كۆرمەي سۈپىتىڭىز بىلەن ئۆتسىڭىزچۇ؟ تاياق يەپ كېتىپ قالسىڭىزمۇ ھەرگىز ئەپسۇسلانماڭ، بەلكى ئۆزىڭىزنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەكشۈرۈپ باقسىڭىز، ئېرىڭىزنى قانداق ھۆرمەتلەشنى، بولۇپمۇ باشقىلار ئالدىدا قانداق گەۋدىلەندۈرۈشنى، ئاغزىڭىزنى قانداق باشقۇرۇشنى، ئاۋۇ كاللىنى قانداق ئىشلىتىشنى ياخشى ئۈگەنسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر تاياق يىمىگەن بولسىڭىز كۆپ ھاللاردا ياخشى خوتۇن بولالاپسىز... ئەمما بەزى ئەرلىك سۈپىتى كەمرەك ئادەملەرنىڭ خوتۇنى بولغان بولسىڭىز بۇمۇ سىزگە كەلگەن ئامەت.
راستىنى دېسەم ئايال كىشىنىمۇ ئۇرامدۇ؟ ئۇرۇش دىگەن بۇ سۆز ئادەمگە ماس كەلمەيدىغان بىر ئىشقۇ....
بىراق توۋا دەپ قالىمەنكى، قىسمەن ئاياللارنىڭ قىلىقى، پەزىلىتى ئەشۇ تاياققا لايىق خالاس... بىراقلا قويۇۋېتەي دېسە بالا يىتىم بولىدۇ. قويۇۋەتمەي دېسە ئەر كىشىنى زەردە قىلىدۇ. نەسىھەتلەر تېخى سۇ يۇقمىغاندەك كېتىپ قالىدۇ... نەتىجىدە تاياققا ئېلىپ بارىدۇ.
ئەمما ئەر كىشىمۇ چوقۇم ئۆزىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. لاياقەتلىك ئەر بولالىدىممۇ ئەمەسمۇ؟ بۇ نۇقتا ھەممىدىن مۇھىم.
خوش، ئۇنداقتا لاياقەتلىك ئەر ۋە لاياقەتلىك خوتۇننىڭ ئۆلچىمى نىمە؟ مەيلى ئەر ۋە ياكى ئايال بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىنى ئۆزىگە ئۆرنەك قىلسا، شۇ ھەقتە ئىزدەنسە، تەتقىق قىلسا بولىدۇ. نۇرغۇن بىكار سۆز، ئىشلارغا ۋاقىت چىقىرالايمىزۇ ئۆزىمىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشلىرى ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرالماسلىقىمىزغا ئىشەنمەيمەن.
ئاللاھ ھەممىمىزگە ئىللىق ئائىلە ئاتا قىلسۇن!