مەن توي قىلغىلى 8يىلدىن ئاشتى بۇ يىل يىڭى يىلدا تۇنجى قىتىم يولدىشىمدىن بىر تەستەك يىدىم .سەۋەبى مۇنداق بولدى ....ھارپا كۇنى ئاپاملارنىڭ ئۈيىگە بارغان ،شۇ كۇنى يولدىشىم دادام -ئاپاملارنىڭ ئالدىدا مىنىڭ ئائىلدىكى بەزىبىر خاتالىقلىرىمىنى شۇنداق داستىخان قىلىپ سۇزلەپ كەتتى .ئاپام ماڭا لايىقىدا تەربىيە قىلغان بولسىمۇ دادامنىڭ سەل كۇڭلى غەش بولۇپ بشى چۇشۇپ گەپ قىلماي ئولتۇرۇپ كەتتى ،مەن ئۇ كۇنى گەپمۇ قىلمىدىم .ئەتىسى سىڭلىم تىلفۇن قىلىپ دادمنىڭ كىچىچە ياخشى ئۇخلىيالمىغانلىقىنى ،قان بىسىمىنىڭ سەل ئۆرلەپ قالغانلىقىنى ئىيتىقان شۇنداق ئاچچىغىم بىلەن يولدىشىم بىلەن تاكاللىشىپ قالدىم .ئۇ گەپ ئارلىقىدا داداڭ بولسا نىمە بوپتۇ دەپ گەپ بەرمىدى ،داداڭ قانچىلىك نىمە ئىدى دىگەن يەرگە يەتتى ،شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ دادسىنى سۇيۇملۇك قىيىن ئاتامنى چىشلەپ قالدىم .
مىنىڭ دادمنى دەپ قاپسەن سىنىڭ قانچىلىك ئىدى ،سىڭلىڭ تۇت ئەرگە تىگىپ دادڭنىڭ قانچىلىكىلىكىنى قويدى ،قەيەرگە بارسا شۇ يەردىن ئىغىغا قاراپ يانىدۇ دەپ سالدىميۇ بىر كاچات يۈزۈمدىن ئوڭدامغا ئۇچۇردى .
دەپ بولۇپ يەپ بولۇپ ماڭا شۇنداق مىھرىبانلىق قىلدىغان ،ماڭا شۇ ئەرنى تىپىپ بەرگەن قىيىن ئاتامغا تىل سالغىنىمىدىن نۇمۇ س قىلىپ كاچاتمۇ ئىغىر كىلىپ تازا يىغلىدىم .
يولدىشىم مەن سىنى ئۇرمايتىم .ئۆزۇڭ تىلەپ تاپتىڭ دەپ كەچۇرۇم سۇرىدى .
تازا دىيىشىۋاتساق بىر ئاغىنىسى كىرىپ قالدى يۈزۈمدىكى بارماقنىڭ ئىزىغا قاراپ نىمە دەيدۇ دىمەمسىلەر .....
ئاداش ،سەن خۇتۇنىڭنى ئۇرما ،خۇتۇن ئۇرۇش دىگەن بىزدەك قارا قورساقلارنىڭ ئىشى ،نادانلىققا تاقاپ تۇرۇپ ئۇرساق قانۇن -شەرىئەتتىمۇ ھىچ گەپ يوق ،سەندەك ھەممىنى بىلگەن زىيالىلار خۇتۇن ئۇرسا خەق ئەيىپلەيدۇ دەپ تەلىم بەرمەسمۇ ھەمىمىز كۇلۇپ كەتتۇق ....چۇشلۇك سەينى قۇرۇپ بىللە ئولتۇرۇپ چاي ئىچىپ كەتتى .
كەچتە مەنمۇ بالامنى ئىلىپ قىيىن ئاتامنىڭ يىنىغا باردىم .كىر قاتلىرىنى يۇيۇپ پۇلۇ دۇملەپ بىرىپمۇ ئالدىدا شۇنداق ئوڭايسىزلىنىپ كەتتىم .يولغىچە ئۇزىتىپ چىققان كۇڭلۇمنىڭ يىرىم بولغىنى ،پۇشايمان قىلغىنىمنى بىر دىمەڭلار...بىراق شۇندىن كىيىن يولدىشىممۇ دادامنىڭ ئالدىدا ئارتۇقچە گەپ قىلمايدىغان بولدى .
تۇرمۇشتا مەن ئۇرمايمەن ياكى مەن تاياق يىمەيمەن دەپ كىسىپ ئىيتقىلى بولمايدۇ،شۇندىمۇ ئەر بەك ئىشىپ كەتسە ئايال كىشى سەل تۇۋەن تۇرۇشى كىرەك .ئەر بىسىققاندا كۇڭلىدىكىنى ئىيتىۋالسىمۇ كىچىكمەيدۇ .
تۇرمۇشتا تەڭ تۇرۇش باللارنى يىتىم قىلىش تىن ئارتۇق يولغا باشلىمايدۇ .
مەن كۇڭلۇمدىكىنى كىچىدە دەيمەن .اھايىتى سىلىق گەپلەر بىلەن ...