يېزىق دېگەن نېمە؟ كىتاپلاردا يېزىققا قانداق تەبىر بېرىلگەن، بۇ ماڭا قاراڭغۇ، ئەمما مەن، ئىنسانلار ئارىسىدا دېيىلىۋاتقان «گەپ»نى مەلۇم ئادەم توپى ئارسىدىكى كىلىشىمدىكى قانۇنىيەت بويىچە قەغەزدە ئىپادىلەپ بەرگەن نەرسە يېزىق بولىدۇ، دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش دەرىجىسى قانچىلىك بولسۇن، ئۇ كىملەرنىڭ يېزىقى بولسۇن، مەلۇم ئوي پىكىرنى قەغەزگە چۈشۈرگەندە قەغەزدىكى بەلگىلەر توپى مەلۇم ئادەملەر گۇرۇپىسى ئۆزلىرى بەلگىلىگەن توختام بويىچە «گەپ»كە ئايلىنالىسا ئۇنى يېزىق دەپ چۈشۈنىمەن. مەسىلەن:
http://www.xjtsnews.com/normal/content/silafu/index.htm دىكى ياكى
http://www.meripet.com دىكى بەلگىلەر توپىنى پۈتكۈچىلەر ۋە ئۇلارنى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بەلگىلىك كىلىشىم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەردىكى يېزىلمىلارنىڭ ھەممىسى نورمال «گەپ»كە ئايلىنالايدۇ، شۇڭا ئۇيەردىكى يازمىلارمۇ مەن ئۈچۈن بىر يېزىق بولىدۇ، بۇنداق ھادىسىنى باشقىلار يېزىق دەمدۇ، بەلگە دەمدۇ ياكى تۈپۈرك قاچىسى دەمدۇ، ئۆزىنىڭ ئىشى، بۇ ھەقتىكى مۇنازىرە ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن باشقا ھىچنىمىگە ئىرىشتۈرمەيدۇ. بۇندىن 4، 5 يىل بۇرۇن ئىزدىنىشتا baqka بىلەن ئېلىپ بارغان مۇنازىرە بەلكىم نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئېسىدە بولىشى مۇمكىن. ئەڭ ياخشىسى ھەركىم ئۆزىنىڭ يولىدا مېڭىۋەرگىنى تۈزۈك. تىل مۇھىممۇ يېزىقمۇ، تىلنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن بىزگە مۇھىمى نېمە؟ بۇنىڭغا كەلگۈسى تارىخ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇسى.
قىرىندىشىم abdul915 ئەپەندى ئىجازىتىڭىزنى ئالمايلا بۇ سېلىشتۇرما جەدۋىلىڭىزنى
تۇرايىمغا قويۇپ قويدۇم. مۇۋاپىق كۆرمىسىڭىز ئۇچۇر قىلىڭ، ئۆچۈرىۋىتىمەن.