يېزىق توغرىسىدا گەپ بولۇنسىلا بىزنىڭ نەزەر دائىرىسى تارراق ئادەملىرىمىز چاپاننى تەتۈر كېيىشىدۇ، ئەمما UEY بىلەن خەت يازالمىغان چاغلىرىدا بولسا، بىزگە تەتۈر كىيگەن چاپىنىنى بىر يەرلەرگە يوشۇرۇپ قويۇپ، لۇغىتىمىزنىڭ بايلىقلىرىنى كوماكلاشتۇرۇپ، ئانا تىلىمىزغا ئاقارەت قىلىشىدۇ، ماۋۇ يازغىنىڭ توغرا بولمىدى، بۇنى پىنيىنچە يازماي، پۈتۈن دۇنيادىكى تەربىيە كۆرگەن ئۇيغۇرلار راۋان ئوقۇيالايدىغان ULY بىلەن يازغىن دېسەك، Windows Me نىڭ زامانىسىدىن بىرى تەكرار توۋلاۋاتقان كونا مۇقامىنى تەكرارلاپ، «سېنىڭ ئۇ نېمەڭ بىزنىڭ يېزىقىمىز ئەمەس، بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئانا يىزىقىمىز بار، ئۇزۇنغا قالماي ھەممە يەردە كەم-كۇتسىز ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولىدۇ.» دېيېشىپ، ئۆزىنىڭ ناقابىللىقىنى پەدەزلىماقچى بولىدۇ، تىل يېزىق توغرىسىدىكى نەزەر دائىرىسى تار بولمىغان بولسا، 10 يىلدىن بىرى قۇرۇق تامادا يۈرۈپ، نېمە-نېمىلەردىن ئۈمۈت كۈتمەي، UEYنى ئىشلەتكىلى بولماي «پىنيىن»چە ئىشلەتكەن چاغلىرىدا، ئۆزىگە تونۇش بولغان ئاشۇ «پىنيىن»ىدىكى ناھايىتى ئارانلا 5 ھەرپ «Ee, Qq, Hh, Xx, Gh-gh»نى قايتىدىن «ئۆگىنىپ»، 2 ھەرپ «Sh, Ch»نى ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىپ، 3 ھەرپ «Ëë, Öö, Üü»لەرنى بىر قېتىم تونۇپ قويغىنىدا ھەتتە ئارانلا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوتتۇرا يىللىقىغىچىلىك تەربىيە كۆرەلىگەن ئادەم بولسىمۇ، ULYنى بەش مىنۇت ئىچىدە بىلىۋالالايتى، تىل - يېزىققا بولغان تونۇشى بەك تار بولمىغىنىدا ئانا تىلىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ھەرقانداق جايدا، ھەرقانداق يېزىقنى ئانا تىلىغا ئەڭ توغرا ھالەتتە خىزمەت قىلدۇرۇپ(مالايلىق قىلدۇرۇپ)، ئانا تىلىنى بويۇن قىستۇرماي نۇر چاقنىتىشنى بىلگەن بولاتتى. ئۇچاغدا مەنمۇ QQرىمنى كومپيۇتېرىمدىن قوغلاپ چىقارمىغان بولاتتىم .
تۇرايىمدىن