بۇ توغرىسدا ئارتۇق سۆزلىگۈم كەلمەي تەھرىرلىۋەتكەن ئىدىم ...«ئۆلىمالار»دىن سورىمىساممۇ ئۇلارنىڭ نېمە دەيدىغنىنى بىلىمەن ،«ئۆزگەرتىلگەن» دەيدۇ شۇ ..ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ بېقىڭ......ئىسلام دىنىي جەھەتتىن بىلىمى بار نۇرغۇن تورداشلار بار،لېكىن ئۇلار ئىنجىل ،تەۋرات ،زەبۇرلاردىن تولۇق خەۋەردار،ئۇلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسلۇبى بىلەن «قۇرئان»دىن باشقسىنى كۆرۈپ باقىمغان تورداشلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسلۇبىدا يەنىلا مۇئەييەن پەرق بار..........
http://bbs.alkuyi.com/read.php?tid=10263،مەنمۇ ئىنجىل تەۋراتلارنى بۇرۇن ئوقىمىغان ۋاقىتمدا تولىمۇ خەتەرلىك تەسەۋۇر قىلاتتىم ،ئوقۇپ كۆرگەندىن كېيىن شۇنى ھېس قىلدىمكى «تەۋرات »پەيغەمبەلەر ھاياتى تەسۋىرلەنگەن كىتاب ئىكەن خالاس ،«قۇرئاندىكى قىسسلەر»نىڭ قىممىتىنى بۇ كىتابنى كۆرگەندىن كېيىن تېخىمۇ ھېس قىلدىم ( تەۋراتنىڭ بەزى قىسسىلىرىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئوبرازى سەل خۇنۇكلەشتۇرۇپ قويۇلغان ،قۇرئاندا ئەكىسچە )، «ئىنجىل »ئاساسلىقى ئەيسا ئەلەيھىسالام ۋە شاگىرتلىرىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى تەسۋىرلەنگەن كىتاب ......ئەلۋەتتە ئوقۇش ئوقىماسلىق شەخسنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى ئىش ،لېكىن «ئىنجىل»نى ئوقىسا دىندىن چىكىتىپ قالىدۇ دەپ ئەنسرەش،ماڭا ،«ئىنجىل»نى سىرلىقلاشتۇرۇپ ،«قۇرئان» نىڭ رولىغا بولغان ئىشەنچىسزلىكتەك تۇيۇلۇپ قالىدىكەن (شەخسي قارىشىم)