ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 44قەۋەت oghuzkhan كە 2011-12-12 12:42 PMئەۋەتىلدى :
تاتارلارغا ئەمەس ، ئەرەپ ياكى ھەبەشىتانلىق ( ئېرىتارىيە ياكى ئىفوپىيە ) گە توتىشارمىكىن
ئۇنىڭ بوۋىسى ئىبراھىم ھەنىبال Ibrahim Hannibal شۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، كېيىن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن ، ئاندىن روسسىيەگە ....
http://www.meadna.com/business%2 ... %20Hannibalpage.htm
.......
يېڭى ئۇچۇرلارنى بەرگىنىڭىزگەرەھمەت ئوغۇزخان.
پۇشكىن دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە كاتتا شائىر.بىزگە ئۇنىڭ بىر قىسىم تەرجىمە شېئىرلىرىلا تونۇشتۇرۇلدى.ئەمما ئەجداتلىرى ھەققىدە ئىچكىرلەپ تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلمىدى.مەن ئۇنىڭ «قۇرئان كەرىم»گە بولغان چىن ئىخلاسىنى يۇقۇرقى خەنزۇچە مەنبەدىن كۆرگەندىن كېيىن پۇشكىننىڭ ئەجداتلىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ بېقىشنى ئويلىغان بولساممۇ ئەمما خەنزۇچىدىن باشقا رۇسچە ياكى باشقا تىللارنى بىلمىگىنىم ئۈچۈن تۈزۈك جاۋابقا ئېرىشەلمەي كەلگەنىدىم.سىز يوللىغان يۇقۇرقى ئۇلىنىش ئادرېسىدىن پۇشكىنغا دائىر ئىنگلىزچە ماقالىنى كۆرگەن بولساممۇ ئەمما ئوقۇپ چۈشىنىشكە ئامالسىز قالدىم.قارىغاندا شۇ ئۇلانمىلاردا يېڭى ئۇچۇر-مەزمۇنلار باردەك قىلىدۇ.ئېغىر كۆرمىگىنىڭىزدە شۇ ماقالىلەرنىڭ جەۋھىرىدىن تېخىمۇ ئەتراپلىقراق ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز.
سىزگە ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلگىنىمنى كەچۈرگەيسىز.