مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ab8ob8

يېڭى توي قىلغان كېلىنگە يەڭگىلىككە بېرىشك  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆزۈڭنى بىل،ئۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12913
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8075
تۆھپە نۇمۇرى: 535
توردا: 854 سائەت
تىزىم: 2010-10-6
ئاخىرقى: 2011-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-16 08:24:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 16قەۋەت  ئەركەم كە 2011-07-16 08:17 PMئەۋەتىلدى  :

تېتىقسىزلىق ئەمەس، بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا توي قىلغانلارنىڭ يېشى كىچىك بولغاچ بەزى  ئىشلارنى بىلمەي ياكى سەل قاراپ ئەتىسى سىرتقا ‹‹جۇنۇپ›› چىقىپ قالمىسۇن دەپ كېلىنچەكنى  يۇيۇپ قويىدىغان ئىشلار بار ئىدى.  
بەرھەق،ئىلمىي ئاساسىي بولغان بۇرۇن ئۆتكەن كۈنلەردە.قولداش قىلىش كىرەك،ئەمما يولىدا بولسۇن،ئارتۇقچە ھەشەم،ئورۇنسىز دەرم ئاقىۋەت زىياندۇر.يەڭگگەقىلىشمۇ ھەم زۆرۈر،بولسا كۆپنى كۆرگەن،ھازىرقى زاماننىمۇ چۈشىنىدىغان بولسا...
تىببىي ساھەنىڭ تەرەققىياتى مۇئەييەن يۇقىرى سەۋىيەدە بولغاچقا ئادەم ئىشلەپچىقىرىدىغان تىخنىكىمۇ بەزى ئىشلارغا سەۋەپ بولالايدۇ.
ئەڭ مۇھىمى ئەدەپ-ئەخلاق داۋالايدىغان تىخنىكا ھاجەتتۇر.

—مەۋجۇد

ھەربىر تىنغان تى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6922
يازما سانى: 1941
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13672
تۆھپە نۇمۇرى: 723
توردا: 3012 سائەت
تىزىم: 2010-8-19
ئاخىرقى: 2014-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-16 08:24:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنىڭ بىزگە قانداق پايدىسى بار ياكى نىمىسىدىن ھوزىرلىنىمىز  .. ياكى بولمىسا  ..  مىسرانىم مۇشۇنداق قۇرۇق تىمىلارغا سورۇن ھازىرلاپ بىرىۋاتامدا  ؟     تىما يوللىغۇچىنىڭ بۇ تىمىنى يوللاشتىكى مەقسىتى پەقەتلا شۇ جەنۇب تەرەپنىڭ  توي ئۆرۈپ -ئادىتىدىكى  قىزغا يەڭگە سىلىش  ئىشىنى بىلىشمۇ  ؟ نىمىشقا بۇ ئىشنى بىلمەكچى بوپ قالدىڭىز   ؟   ...  ئەگەر بىلمىگەن ياكى بىلمەكچى بولسىڭىز ئازراقلا ۋاقىت سەرەپ قىلىپ كىتاب كۆرسىڭىز بولىدىغۇ  ..
ھەي  .. ھەممە نەرسە ئوچۇقچىلىق بوپ كەتتى دەپ قاخشايمىزيۇ  لىكىن مانا مۇشۇنداق كىچىك ئوچۇقچىلىقلارنى قۇرۇق شۇئار قىلىپ  يازىمىز ...  تىما ئىگىسى كۆڭلىڭىزگە كەلگەن بولسا  خاپا بولماسىىز  . (  كىچىكلەر تىز چوڭ بولۇپ قالمىسۇن  )  ...

ئالدىمغا ئالەمچە خۇشاللىق كەلسىمۇ كۈلىمەن .ئالەمچە خاپىلىق كەلسىمۇ كۈلىمەن ،چۈنكى دۇنياغا كىلىشممۇ يىغا ،كىتىشىممۇ يىغا ، پەقەت مىنىڭ مەۋجۇتلۇقۇملا  كۈلكە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40841
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3929
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 1809 سائەت
تىزىم: 2011-5-15
ئاخىرقى: 2013-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-16 08:24:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە بولغاندا بۇنىڭ ھىچقانداق خاتاسى يوق،يەڭگىلەر بولسا تەربىيلىگۇچلەر  ،يەنى بىلمىگەننى ئۇگەتكۇچلەر،يەنە بىر تەرەپتىن ئامانەتكە خىيانەت قىلدىمۇ -يوق دەللىگۇچلەر،
ئەمما قىزنى يۇيۇپ قويدىغان ئېشنى قەشقەر قاغلىقتا ۋە ياكى غۇلجا ئەتىراپدا ئاڭلاپ باقماپتىمەن.تۇنجى ئاڭلىشىم، مىنىڭچە بۇنداق قىلىش ئانچە توغرابولماسلىغى مۇمكىيىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 428
يازما سانى: 1201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3224
تۆھپە نۇمۇرى: 648
توردا: 1495 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2011-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-16 08:26:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاراقاشنىڭ توي-ئۆرىپ ئادىتى.

قاراقاشتا ئاساسلىقى توي ئىككى كۈنلۈك بولۇپ بىرىنجى كۈنى قىز تەرەپنىڭ ، ئىككىنجى كۈنى ئوغۇل تەرەپنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزىلىدۇ. كېلىنچەك ئاساسلىقى ئەتلەس كۆينەك كېيگۈزۈپ ئۆينىڭ بىر بۇرجىكىنى رەڭگارەڭ بىزەكلەر بىلەن بىزەپ كېلىنچەكنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇدۇ ۋە ئۆينىڭ ئەتىراپىدا دوستلىرى قاتارى ئولتۇرۇپ نەغمە ناۋا بىلەن ئۇسۇل ئويناپ يىگىت تەرەپنىڭ كىلىشىنى كۈتىدۇ. شۇ ۋاقىتتا قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپ مىھمانلىرى كىلىپ بولغۇچە سېرىق ئاش ۋە پولو بىلەن تويغا چاقىرغان مىھمانلىرنى قارشى ئالىدۇ. كەچكە يېقىن ئوغۇل تەرەپ ئەللىك ئاتمىش ياكى بىرە يۈز كىشلىك مىھمانلىرى بىلەن ناغرا سۇنايدا نەغمە قىلىپ قىزنى يۆتكىگىلى قىز تەرەپكە كىلىدۇ. ئاندىن قىز تەرەپ ئۆزىنىڭ يېقىن تۇققان ۋە خۇلۇم-خوشنامېھمانلىرى بىلەن  ئىشىك تۈۋىگە چىقىپ ئەر-ئايال ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ ئوغۇل تەرەپ مىھمانلىرىنى قارشى ئېلىپ  قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن، مىھمانلارنى <مېھمانلار ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلانغان كۆرپە> سېلىنغان تۆرىگە باشلاپ قۇلىغا سۇ قۇيىدۇ ۋە داستىرخان سېلىنىپ سېرىق ئاش ، پولو ، ئۆپكە زاسۇي ۋە قوغۇن تاۋۇز بىلەن مىھمان قىلىدۇ. يىگىت قولدىشى قىزىقچىلىق قىلىپ يىگىتنىڭ ئولتۇرغان جايىغا ھەرخىل باھانىلەر بىلەن نەچچە قاتلاپ كۆرپە سالغىلى سالىدۇ ۋە پولوغا بېسىلغان گۆشتىن ئىككى ئۈچ پارچەئەكىرىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپ يىگىتكە يىگۈزىدۇ. تائام ئاخىرلىشاي دىگەندە قىز تەرەپتىن بىرى كىرىپ يىگىت ۋە يىت قولدىشىنىڭ بىلىگە قىزىل رەڭلىك بەلۋاغ چىگىپ قۇيىدۇ (قىسمەن تويلاردا قىز قولدىشى، يىگىت ۋە يىگىت قولدىشىنىڭ كاستىيومىغا گۈل تاقاپ قۇيدۇ)ۋە يىگىت قولدىشىغا ئالغان سوۋغاتلارنى ئالدىدا قۇيىدۇ.
(قىز-يىگىت قولدىشى ئاساسەن ئىككىدىن بولۇپ، توي كۈنىنى مۇقۇمداشتىن بۇرۇن چوڭلار تەرپىدىن دىنى بىلىمى بار ۋە ئەخلاقلىق بولغانلارنى بىكىتىدۇ. بۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ نىكاھ ئىشلىردىكى بىر قىسىم پەرھىزلەرنى ئۆگۈتۈش ۋە قىز - يىگىنىڭ يۈگۈر يىتىم ئىشلىرغا مەسئۇل بۇلىدۇ.)
تائام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قىزنىڭ  تويلۇقىنى ئېچىپ نىكاھ ئوقۇلۇپ ئۇلارغا بەخىت تىلەپ قىزنى يۆتكەش ئۈچۈن يىگىت قولدىشى قىز قولدىشىدىن كىلىنچەكنى چىقىرىپ بىرىشنى تەلەپ قىلغاندا <قىزنىڭ ئايىغى پاتمايۋاتىدۇ> دىگەندەك باھانىلەر بىلەن يىگىت قولدىشىدىن سۆيۈنچە ياكى سوۋغا تەلەپ قىلىدۇ. يىگىت قولدىشى ئۇلارنى رازى قىلغاندىن كېيىن كېلىنچەكنى يىگىتنىڭ قېشىغا ئەكىلىپ بىرگە ئېلىپ ماڭىدۇ ۋە ئۆيدىن قىز قولدىشى تەرپىدىن چىرايلىق بىزەكلەر بىلەن بىزەپ قويغان كىچىك ماشىنىغا قىز-يىگىتنى چىقىرىپ  بولغىچە ئارلىقتا، يىگىت تەرەپ ئائىلىسىدىكىلەر ئاسمانغا كەمپۈت ۋە تاتلىق تۈرمىلەرنى چېشىش ئارقىلىق كىچىك بالىلارنى خۇشال قىلىپ، ئېغىزىنى تاتلىق قىلىش بىلەن تەڭ نەغمە ناۋا بىلەن توي يۆتكىلىپ شەھەر كوچىلىرنى ئايلاندۇرۇپ ئېلىپ مېڭىۋاتقاندا، بىر قانچە يەردە توينىڭ ئالدىنى توسۇپ قىز-يىگىتنىڭ ئۇسۇل ئويناپ بىرشىنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە قىز-يىگىت قولدىشى ئۇسۇل ئويناپ توساقنى ئېچىپ يىگىت ئائىلىسىگە كىلىدۇ. ",
قىز ۋە قىز بىلەن يىگىت تەرەپنىڭ ئۆيىگە كەلگەنلەرسۇيۇق سەلەڭ تاماق بىلەن مىھمان بولىدۇ . يىگىت تەرەپتىن يېقىن تۇققان بولغان بىر قىز چىقىپ<ئاكام چىرايلىقمىكىن دىسەم يەڭگەم تېخىۇم چىرايلىق ئىكەن> دەپ كېلىنچەكنىڭ يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ ۋە قىز- يىگىتكە بىر قاچىدا ئىككى قوشۇق بىلەن تاماق يىگۈزىدۇ.  
تاماقتىن كېيىن بىرە سائەت ئەتىراپىدا نەغمە ناۋا قىلىپ ئۇسۇلغا چۈشىدۇ.
ئىككىنجى كۈنى ئەتتىگەندە قىز تەرەپتىن بىر قانچە خۇلۇم-خوشنىلىرى تۇخۇم، گۆش دىگەندەك يىمەكلىكلەرنى ئېلىپ قىز-يىگىتنى يوقلاپ، <تويمىساڭ تويۇڭدا تۇيارسەن> دىگەندەك قىز-يىگىتكەزورلاپ تويغۇچە يىگۈزگەندىن كېيىن قىز تەرەپ مىھمانلىرنىڭ يىگىت تەرەپكە ئۆتۈش ۋاختىنى مۇقۇمداپ قىز تەرەپ ئائىلىسىگە ئۆتۈپ كىتىدۇ. يىگىت تەرەپمۇ قىز تەرەپ مىھمانلىرى كىلىپ بولغۇچە، مىھمانلىرنى ئوخشاشلا سېرىق ئاش ۋە پولو بىلەن ئۇزىتىدۇ.
كەچكە يېقىن قىز تەرەپنىڭ مىھمانلىرى كەلگەندە ئوخشاشلا ئىشىك تۈۋىگە چىقىپ ئۇلارنى قارشى ئېلىپ كۆرۈشۈپ تۆرگە باشلاپ سېرىق ئاش، پولو، ئۆپكە زاسۇي ۋە قوغۇن تاۋۇز بىلەن مىھمان قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قىز تەرەپتىن مەلۇم بىرى يىگىت كۈمىچىنى يىگىتنىڭ تاپالماسلىقى ئۈچۈن مەخپى ھالدا بىر يەرگە يۇشۇرۇپ قۇيدۇ، ئاندىن يىگىت قولدىشى شۇنى ئىزدەپ تېپىۋېلىپ نەخ مەيداندا پارچىلاپ يەۋىتىدۇ.  
3-كۈنى يىگىت ئۈيدىكىلىرى  بىر قانچە خۇلۇم-خوشنىلىرى بىلەن قىز-يىگىتنى ئېلىپ قىز تەرەپكە<باش تاراق> قا كىرىپ قىزنى كۆرسىتىپ چىققاندىن كىيىن توي رەسمىي تۈگەيدۇ.

قەبرە بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-16 08:27:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

17قەۋەتتىكى(mawjud_) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالد

ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

نىيازى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 807
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10003
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3568 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-16 08:27:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3قەۋەتتىكى(spoon) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇر

ئوقۇغان قىزلار ئىچىدە كىم بىلمەيدۇ ئۇ ئىشلارنى ؟ مەيلى دىندا بولسۇن ياكى پەندە بولسۇن ئىشقىلىپ تەلىم ئالغان قىز بولسىلا بىلىدۇ... بىراق يەڭگە دېگەن يىگىت بىلەن قىزغا تۇرمۇش قۇرۇش جەريانىدىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى سۆزلىسە بولار؟ ! كېلىننى يۇيۇپ، ھەممە گەپنى ئېچىپ دېگۈچە...

نىيازى يازمىلىرى جەمگاھى «پەرىشتە كوچىسى 123-نومۇر» malak8814 ئۈندىدار سالونى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45619
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3033
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 257 سائەت
تىزىم: 2011-6-25
ئاخىرقى: 2012-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-16 08:30:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلانىڭ  تۇنجى تويىغا  يەڭگە قوشۇپ قويۇشمۇ بەزى  قىزلارغا پايدىلىق،بۇنى قىز  تەرەپ ئۆزى بەلگىلىسە بۇلىدۇ  ،بۇ ئۆرۈپ ئادەت ئەمەس ،يەڭگە بولغۇچى قىزغا تۇرمۇشتىكى ئىسلامى بىلىمنى ئۈگۈتىشى  كىرەك،

ئۆزۈڭنى بىل،ئۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12913
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8075
تۆھپە نۇمۇرى: 535
توردا: 854 سائەت
تىزىم: 2010-10-6
ئاخىرقى: 2011-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-16 08:31:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

24قەۋەتتىكى(قەبرە) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

رەھمەت،جۇۋاپ كىتىپسىز...
ھەقنى ھەق دىگۈلۈك،كۆڭۈلنى كەينىگە كىرمەك ھايۋاننىڭ ئىشى.
كاللمىز بىلەن ئىش قىلايلى قىرىنداشلار

—مەۋجۇد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7567
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2441 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-16 08:51:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئوقۇغان قىزلار ئىچىدە كىم بىلمەيدۇ ئۇ ئىشلارنى ؟ مەيلى دىندا بولسۇن ياكى پەندە بولسۇن ئىشقىلىپ تەلىم ئالغان قىز بولسىلا بىلىدۇ... » ئويلاپ باقايلى، ھازىر قانچىلىك قىز كىچىكىدىن تارتىپ سېستىمىلىق دىنى تەلىم ئالىدۇ؟ ئوتتۇرا مەكتەپ پەنلىرىدە قانچىلىك توختىلىدۇ؟ بۇ جەھەتتىكى مەزمۇنلار جۇڭگۇ مائارىپىدا چەكلەنگەن رايۇن ھىسابلىنىدۇ.
ھەممە ئىشنىڭ قائىدىسى بار. مەسىلەن: ئۆيگە كىرگەندە بىسمللا دەپ ئوڭ پۇتتا كىرىش..... دىگەندەك. پۇتى بار ئادەمنىڭ ھەممىسى ئىشىكتىن بىمالال كىرەلەيدۇ. ئەمما قائىدە،يۇسۇنلۇق مىللەت بولغان ئىكەنمىز يوللۇق قائىدە، يۇسۇنلارنى ئىجابىي يۇسۇندا ساقلاپ قېلىپ داۋاملاشتۇرساق بولىدۇ.
يەڭگىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا: قىز ئارقىلىق ئىككى تەرەپكە ئالدى بىلەن ئىكىكى رەكەت ناماز ئوقۇپ ئاللاغا ھەمدۇ سانا ئەيتىش، ئاندىن سالىھ، ساغلام پەرزەنت ئاتا قىلىشنى تىلەشنى ئۆگىتىش، ئاندىن «جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش لاھىيەسى» نى پۇختا تۈزۈپ كۈتۈلمىگەن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، قىز يەڭگىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئاندىن خاتىرجەم بولالايدۇ.....
مانا مۇشۇنداق ئاددىي قائىدىلەرنى مۇشۇ مەنبەردە قانچىلىك كىشىلەر بىلىدۇ؟ قانچىلىك كىشىلەر بىلمەيدۇ؟
شۇڭا، بىز ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارمايلى. تېما ئىگىسى بۇ تېمىنى باشقا مەقسەتتە يازمىغان، بەلكى باشقا يۇرتلارنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى شۇ جايدىكى مۇنبەرداشلارنىڭ ئاغزى بىلەن دەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ يازغان.
كىتاب بەلكىم مۇكەممەل بولۇشى ناتايىن. ھەر جەھەتتىن ئىزدىنىش لازىم.

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30721
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4096
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 816 سائەت
تىزىم: 2011-2-17
ئاخىرقى: 2011-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-16 09:05:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بويان قولىنىپ كىلىۋاتقان قائىدىسى .  بىزنىڭ يۇرتتا يەڭگە بولغۇچى بىللە كېلىدۇ ئەمما ئۇنداق ماراش ۋە ئەتىگىنى يۇيۇپ قۇيۇش ئادىتى يوق.

رەيھان ئابلىز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش