مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ab8ob8

يېڭى توي قىلغان كېلىنگە يەڭگىلىككە بېرىشك  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىلىم، دىلىمغا ئەگەش!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1424
يازما سانى: 3339
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 116826
تۆھپە نۇمۇرى: 2177
توردا: 12832 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-17 12:33:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇ تېمىنى تەستىقلاشتىلا بىر ئاز ئويلانغان ئىدىم. ئەلۋەتتە بۇ تېمىغا مۇشۇنداق ئىنكاسلارنىڭ چۈشىشىنىمۇ كۆڭلۈم تۇيغان. بۇ تېمىدىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇن مەيلى توغرا پىكىر بولسۇن ياكى خاتا پىكىر بولسۇن، مۇنبەردىكى ئەقىللىق، بىلىملىك كىشىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويسا، ھەر كىم بۇ قاراشلاردىن تەپەككۇرغا چۆكۈپ، توغرا بولغان، بىرلىككە كەلگەن قاراشنى ئۆزىگە يۇقتۇرسا خاتاسى بولماس دەپ ئويلىدىم.
    بۇ مۇنازىرە مۇنبىرى(خاتا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن مۇنبەر باش بېتىنى ئېچىپ ‹مىسرانىم مۇنبىرى› ،... bbs... دېگە ئورۇنغا قاراپ باقتىم) بولغاندىكىن مۇشۇنداق باشقىلارنىڭ چۈشىنەلمىگەن ئىشلىرىغا توغرا چۈشەنچە بەرسەك نېمە بولىدۇ؟ بولۇپمۇ ئۆرپ-ئادىتىمىز توغرىلىق قاراشلارنى تېخىمۇ بەك مۇزاكىرە قىلىپ ئۆز ئارا تەشۋىق قىلىشىمىز، بىرلىككە كەلتۈرىشىمىز، تىجەشلىك، توغرا، ئاددى - ساددىلىققا باشلىشىمىز كېرەكتۇ دەپ قارايمەن.
   يەنە بىر ئىش، ھەيران قالدىم، باشقىلارنى ھاي ھاي دەۋاتقان كۆيۈمچان بەزى مۇنبەرداشلىرىمىز ئۆز سۆز ئىبارىلىرىدە يامان تىللارنى ئىشلىتىپتۇ، بۇنى چۈشىنەلمەي قالدىم. بىزنىڭ خاتا بولۇشى مۇمكىن، لېكىن خاتالىقىمىزنى سىلىق سۆزلىرىڭلار بىلەن، ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈش بىلەن ئېيتساڭلار، بىز سىلەردىن تەسىرلىنىپ، سىلەردىن سۆيۈنۈپ سىلەر دېگەندەك توغرا يولغا ماڭساق، ئىش ھەرىكىتىمىزنى توغرىلىۋالساق دېگەن ئۈمىدتىمەن.
   بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ ياخشى كۆڭلىگە كۆپ تەشەككۇر، چۈنكى مەن بۇرۇندىن مۇنبەردە ئىنكاس يازغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك باشقىلارغا ياخشى بولسۇن دەپ ئىنكاسلىرىدا تەربىيە ۋە تەنقىدلەرنى قىلىدۇ دەپ قارايمەن. شۇڭا ، يەنە بىر قېتىم تەشەككۇر سىلەرگە !


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش