ھاي ھۇي بولدى ئۇرۇشماڭلار ‹ لىكىن ئازراق جىدەل بولمىسىمۇ قىزىمايدۇ بۇ يەر ›
ئەمدى گەپ قىلىش نۆۋىتى ماڭا كەلدىما ؟ توۋا دەيمەن ، مۇشۇ مىسرانىمغا كىرسەم .ئۆزەمنى 20-ئەسىرگە قايتا كىلىپ قالغاندەكلا ھىس قىلىمەن . پۇل موھىم ئەمەس دىگەنلەر بەك ئالىيجاناپ ئىسىل ئادەملەر ئىكەنسىلەر . مۇشۇ مۇنبەرلەردە ،ئەتراپىمىزدا پۇلنى دەپ ئۆز ئاتا-ئانىسىنىسىغا .قىرىنداشلىرىغا رەززىللىك قىلغان، ئۆز پۇشتىدىن بولغان بالىلىرىنى ئۆز قولى بىلەن لوبەنلەرگە ساتقان ، نىكاھلاپ ئالغان خوتۇنىنى بەش يۇلتۇزلۇق مىھمانخانىلارغا خىزمەتكە ئاپارغانلىق توغرىسىدىكى ۋەقەلەرنى ئاڭلايمىزغۇ؟ مۇشۇنىڭ ھەممىسى پۇلنىڭ خاپىلىقى .
مىنىڭ شەخسىي پىكرىم ، مەيلى ئوغۇللار بولسۇن ياكى قىزلار بولسۇن ئوقۇش پۇتتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن چوقۇم ئىشلەپ پۇل تىپىڭ .ئوغۇللارلا پۇل تىپىپ قىزلارنى باقىدۇ دەيدىغان بۇ بۇرۇنقى زامان ئەمەس ، ئىشلەۋاتقان ئورۇنلاردىمۇ ئىش ھەققىنى ئوغۇللارغا جىقراق ، قىزلارغا ئازراق قىلىپ بەرمەيدىغۇ دەيمەن . دەسلەپ مۇھەببەتلەشكەندە ئوغۇللار ناھايىتى ئىسىل ھالدا پۇلنى چوڭ چوڭ خەجلەيدۇ ،ئەقىللىق ئوغۇللارنىڭ كىيىنكى بەخىتلىك تۇرمۇشىغا سالغان بۇ مەبلىغى دەل جايىغا سىلىنغان بولسا قىزمۇ ئۆزى بىلەن قوشۇپ پۇتۇن بايلىقىنى يىگىتىگە تاپشۇرىدۇ. دەسلەپتىلا قىزلارنىڭ پۇلىنى خەجلىگەن ئوغۇل بالا بەكلا ئىشەنچىسىز بولۇپ ئۆزىمۇ ،ئۇ سۆيگەن قىزمۇ بەخىتسىز بولۇپ قالىدۇ .
تىمىدىكى ۋەقەلىككە كەلسەك قىزچاق 50 مىڭ كوي پۇلنى يىگىتىگە بىرىپ ئۇنى بىر مەزگىل سىناپ باقماقچى ئوخشايدۇ ،ھەر قانچە تىلپۇنىنى ئۆزگەرتىپ چەتئەلگە چىقىپ كەتسىمۇ ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى تاپالايدۇ .