ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 29قەۋەت gulxarihan كە 2011-07-21 12:01 AMئەۋەتىلدى :
ئايرىلىش- ئايرىلماسلىق بەلكىم يىگىتنىڭ ئىنسابىغىمۇ باغلىق بولسا كىرەك .
كىم ، ئەتىدىن كەچكىچە تورخانىدا ، قىمارخانىدا ياكى دىبادا ئويناپ ، ھاراق-شاراپنى ئۆزىنىڭ ھەمشىرىسىدىنمۇ ئارتۇق كۆرۈدىغانلار ئۈچۈن قېچىشنى ، ئۆلۈشنى خالايدۇ دەيسىز ، ئەرزىمدۇ ؟
قېنى شۇ بۇرۇنقى شىر سۈپەت مۇھاببەت ئۈچۈن ، قىزلىرنىڭ ئىپپەت- غورورى ئۈچۈن جېنىدىن كىچەلەيدىغان يىگىتلەر ........
كىشلەر قارىسام بەزى ئىشلىرى غەلىتە تۇيۇلدۇ . نۇرغۇن كىشلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن جەمىئەتتىن
ئاغرىنىپ قاقشاشلىرى...
ئوغۇللار قىزلاردىن ، قىزلار ئۇغۇللاردىن .
پىسخىكا ئالىملىرى ئىنسان ئېڭىنىڭ ماگنىتقا ئوخشايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققىىلى خېلى بولدى .
ھەر نەرسە ئۆزىگە كېرەكلىك ، ئۆزىگە مۇناسىپ بولغان نەرسىنى تارتىدۇ ، جالاپ ، ئوغرى قىمارۋازنى
تارتىدۇ ، ئەخلاقلىق ، ھايالىق ، بېلىملىك قىزلار ، ئۆزىگە ئوخشاش يىگىتلەرنى تارتىدۇ . قارىسىڭىز
، بىكار تەلەپ ، ئۇيۇن قېپى ،ئىرادىسز، غايىسىز،قۇلىدىن ئىش كەلمەيدىغان يىگىتلەرنىڭ ، ئەخلاقى
ناچار ، ھۇرۇن ، بىشەم قىزلار بىلەن ئارلىشىپ ئۆتكەنلىكىنى كۆرىسىز .
ئىنسان تەبىيئىتىدىكى ‹‹ تارتىش ماگنىتى ›› ئەكىسچە ئۆزىگە كېرەكسىز بولغان نەرسىنى ئىتتـرىدۇ ،
كەچكۈچە ئۇيۇن تاماششا ، كەيىپ ـ ساپا، دىبادا كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئادەم بىلەن ، كىتابخۇمار ،
نەزەر دائىرسى كەڭ ، بىلىملىك بىر ئادەمنى ئىككىڭلار دوس بولۇپ قېلىڭلار ! دىسىڭىز ، كىشىلەر
سىزنى ساراڭ بولۇپ قاپتۇ دەيدۇ ، ھەم ئۇ ئىككى ئادەم ھەرگىز چىقشالمايدۇ . ئۇلارنىڭ ئېڭىڭىدىكى تارتىش ماگنىتى ئۇنى قۇبۇل قىلماي ئىتتـرىدۇ .
سىز باشقىلارغا نىمە ئاتا قىلسىڭىز شۇنىڭغا ئېرىشسىز ، دۇنيادا ئەجىر قىلماي ئېرىشىدىغان ئىش يوق
، يەرگە نېمە تېرىپ پەرۋېش قىلسىڭىز شۇنداق ھۇسۇل ئالسىز . مۇھەببەت قالمىدى دەپ جار سالماي ، مىنىڭ قەلبىمدە بىرسىگە سادىق بولۇپ ، ئۇنى بىر ئۆمۈر
سۆيگۈدەك مۇھەببەت بارمۇ ؟ دېگەننى ئويلاپ بېقىڭ ! سىز قانداق بولسىڭىز ، ئادەملەر ، جەمىئەت
شۇنداق . سىز نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز باشقىلارغا ئاۋال شۇنى بېرىشىڭىز كېرەك . چۈنكى سىز
شەخسىيەتچىلىك قىلىپ ، ئۆزۈمگىلا بولسا دېسىڭىز ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيسىز .
گەپنىڭ راستىنى دىسەم : بۇ تېمىغا قىزىقىپ چىگەن ئىدىم ، لىكىن بۇنداق ئەھمىيەتسىز ، قىلچە
قىممىتى ، پايدىسى يوق ، قۇرۇق ـ سۆز چۆچەكلەرگە ئىسراپ قىلغان ئازراق ۋاقتىمغىمۇ قۇرسىقىم
كۆپۈۋاتدۇ ...