ئادىل ئاكىمىزنىڭ ئىتوتلىرىنى تولىمۇ ياقتۇرىمەن، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئادىل ئاكىمىزنىڭ «قامەت، تالانت» ئۆسمۈرلەر پىروگراممىسىدا ھەر قايسى ماھىرلارغا بەرگەن تەكلىپ، پىكىرلىمۇ شۇنداق مېغىزلىق ھەم قايىل قىلارلىق بولۇپ، مەن شۇنداق ھوزۇرلىنىپ، مەمنۇنلۇق بىلەن ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ كېتىمەن. ئادىل ئاكىمىز ئۇ پىروگراممىدا ئۆسمۈر ماھىرلارغا ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىمىزنى، ئۆرۈپ-ئادىتىمىزنى، كىملىكىمىزنى بىلدۈرۈپ، ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. مەن ئۇ پىروگراممىنى ئادىل ئاكىمىز قاتناشسا كۆرۈدىغان، قاتناشمىسا كۆرمەيدىغان يامان ئادەتنى شەكىللەندۈرۈۋالدىم.
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم: ئادىل ئاكا، سىز ئىتوتچىلىق ساھەسىدە خەلقمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان، ھەممە ئېتراپ قىلىدىغان شەخس بولۇپ قالدىڭىز، بىر قىسىم ئىتوتلارنى بىر قېتىم كۆرۈپلا قايتا كۆرگىمىز كەلمەيدۇ، لېكىن سىز ئوينىغان نۇرغۇن ئىتوتلارنى قايتا كۆرگەندىمۇ يېڭىچە تۇيغۇ بىلەن كۆرۈپ، ئىچ-ئىچىمىزدىن چىقىرىپ كۈلەلەيمىز. شۇڭا سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن كەسپىي ھاياتىڭىزدا خەلقىمىزگە تېخىمۇ زور مەنىۋىي زوق ئاتا قىلالايدىغان، خەق قەلبىگە ياقىدىغان، خەلقنى ھەقىقىي تۈردە ئىچ-ئىچىدىن كۈلدۈرەلەيدىغان ئىتوتلارنى ئويناپ، تېخىمۇ زور شەرەپ قۇچىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە ئاللادىن ئائىلىڭىزدىكىلەرگە خاتىرجەملىك، بەرىكەت، سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر، پەرزەنتلىرىڭىزگە بەخت تىلەيمەن. قىزىڭىزنى كۆرۈپ سىزگە بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى. ئاللا رەھمەت قىلسۇن!