ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 42قەۋەت kasami كە 2011-07-28 01:34 AMئەۋەتىلدى ئادىل مىجىت ئاكىغا ئۇچۇق خەت. :
ئادىل ئاكا،سىز ئاڭلىسىڭىز ۋۇججۇن دەپ سەل ئاغرىق ھىس قىلدۇرىدىغان بىر ئۇكۇل گىپىم باتتى،دىسەم بولامۇ دىمىسەممۇ دىگەننى ئويلاپ بولغىچە ئىككى سائەت ۋاقتمۇ ئۆتۇپ كەتتى.سىزنىڭ تەنقىتكە تۇتقان پوزىتسىيىڭىزنى تۇلۇق ئاڭلىغاندىن كىيىن دوستىڭىز قاتارىدا بىر دەۋېتىش قارارىغا كەپقالدىم.
مەن سىزنىڭ 2009-يىلى ئورۇنلىغان ئىتوت كىچىلىكىڭىزنى كۆرگەندىن باشلاپ بىر ئىش مىنى زادى ئويلاندۇرۇپ قويىۋاتىدۇ.گەپنى تۇزلا دەۋىرەي.
ئابدۇكىرىم ئابلىز بىلەن بولغان ھەمكارلىقىڭىزنى پەقەتلا بايقىيالمىدىم.بەلكىم مەن سەل يىراقتىراق بولغاندىكىن بايقىيالمىغاندىمەن .ھەتتا شۇقېتىمقى ئىتۇت كىچىلىكىنىڭ مۇبارەك بولسۇن دەيدىغان باشلانمىسىدا بولسىمۇ قۇچاقلىشىپ قوشاقلىشپ قويمىغىنىڭىز مىنى سەل ئويلندۇرۇشقا باشلىغان،شۇندىن باشلاپ ھەرئىككىڭلارنىڭ ئىتوتلىرىنىڭ بىر يىرىدە سۇركىلىش شەكىللىنىپ قالغاندەك تۇيغىغا كەپقالدىم،مىسال كەلتۇرۇپ پىتنە تېرىغىم پەقەتلا يوق.مەن دىمىسەممۇ چۇقۇم كۆڭلىڭىز تۇيۇپ تۇرىۋاتىدۇ.مەسلە سىزدە ئېغىر ئەمەس ھەسەتنىڭ ئامىللىرىنىمۇ بايقىيالمىدىم كونىلاردا ‹‹توز قۇپۇپ مەكىيانغا ھەسەت قپتۇ ››دىگەندەك ئەھۋالمۇ يوق.جۇملىدىن ھەرئىككىڭلار خەلىقنىڭ قەلبىدىكى ئۆچمەس ئوبرازلار،تورداشلارنىڭ ئابدۇكىرىم ئاكامغا بەرگەن پىكىر- تەنقىتلىرىمۇ ئاز ئەمەس،بەلكىم ئۇمۇتۇزۇتۇپ قالار.مەن بۇگەپلەرنى سىزنىڭ شۇنچىلىك كەڭ قۇرساقلىقىڭىزنى چۇشەنگەندىن كىيىن ئاندىن دەۋاتىمەن،سىزنى كەسپى تەرەقىياتىڭىز ئۇنىڭغا مۇھتاج بولمىسمۇ يەنىلا بىر كەسىپتىككىلەرنىڭ ئورتاق تەرەقىياتى بىزلەرنى رازى قىلغان بولاتتى.ھەمكارلىشىپ ئوينىغان ئىتوتلىرىڭىز كۆزئالدىمدىن كەتمەيدۇ.مەيلى زىدىيەت بولسۇن،مەيلى ھەسەت ياكى مەنپەت مەسلىسى بولسۇن سىزنىڭ قۇچىقىڭىزنى كەڭ ئېچىپ مۇشۇ رامىزان ئايلىرىنىڭ ھەق ھۆرمىتى ئۈچۇن ئورتاق كۈچ چىقىرىپ بىزلەرنى قاتتىق كۈلدۇرىۋېتىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.سىلەرنى سېلىشتۇرۇش نىرۋىسى سەل ئاجىزلارنىڭ ئىشى .چۈنكى ئىككىڭلارنىڭ يولۇڭلار بىربولغان بىلەن رىسقىڭلار باشقا،تىل ئۇسلوبىڭلار باشقا .جۇملىدىن بىرنى يەنە بىرسىگە سېلىشتۇرۇپ بىرىنى كۆتىرىپ بىرىنى چۆكۈرۇش ئەخلاقلىق ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس.
ئاخرقى سۇزۇم نىمىتتى ھېلىقى خىر -خىر ئاكىمىز ئېيىتقاندەك ‹‹خەلىق سىزنىڭ شەخسى خەلقىڭىز ئەمەس ،ھەممىڭلار بىرلىكتە كۈلدۇرمەمسىلە››چاقچاقراق.
كىلەر يىلى ئۆتكۈزۈشنى ئويلىغان ئىتۇت كىچىلىكىڭىزدە ھۇشىت دەپ بولغىچە ئۆتەپ كىتىدىغان رولدا بولسىمۇ بىر ھەمكارلىشىپ كۈلدۇرۇپ قويۇڭ بىزلەرنى.
.......
سىز بۇ سۆزلەرنى ياخشى كۆڭلىڭىزدە دەپسىز، لېكىن بۇ ئازساندىكىلەرنىڭ ئارتۇقچە گۇمانىي كۆز-قارىشى خالاس. ئادىل مىجىت ئاكام ئۇزۇن يىللىق كەسپىي سەنئەتكار، ئۇ كەسپىي ھاياتىدا كىملەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ، ھەمكارلاشمىغانلىق يېقىن كۆرمىگەنلىك دېگەن گۇمانىي كۆز-قارىشىمىزنى بۇ مۇنبەردە ئوچۇق ئاشكارە ئېلان قىلغاننىڭ ئازساندىكى پىتنىخورلارغا پايدىسى باركى، ئۇلار ئىككىسىگە زىيىنى جىق. شۇڭا بۇ كۆز-قارىشىڭىزغا ئۆزىڭىز كېسىپ ھۆكۈم قىلالمىغاندىكىن بۇنى مىسرانىم مۇنبىرىدەك بۇنداق چوڭ مۇنبەردە ئوچۇق ئېلان قىلغىنىڭىز خاتا بولۇپ قاپتۇ،تەكلىپ-پىكىر دېگەن باشقا بولىدۇ،سىزنىڭ بۇ سۆزلىرىڭىز گۇماندىن تەركىپ تېپىپ قاپتۇ، بولۇپمۇ ئادىل مىجىت ئاكىمىزنىڭ كەسپىي ھاياتىي توغرىسىدىكى بۇ مۇھىم تېمىدا بۇنداق ئىشەنچسىز گۇمانىي سۆزلەرنى يازغىنىڭىز خاتا بولۇپ قاپتۇ. كېسىپ ئېيتالمىغان ئىكەنسىز،ئۇھالدا بەك دېگىڭىز كەپكەتكەن بولسا، ناۋادا باشقا شەھەردە بولسىڭىز، ئادىل مىجىت ئاكىمىزنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرىنى تېپىپ، ئۆزىگىلا دېسىڭىز ، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئابدۇكىرىم ئابلىزغىمۇ بۇ گۇمان ئارىلىشىپ قالغان تەكلىپىڭىزنى بىرلا ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويسىڭىز توغرا بولامدىكىن دەيمەن، ئەگەر پەقەت نومۇرىنىمۇ تاپالمىسىڭىز بۇ سۆزنى ئىچىڭىزدە يۇتۇۋەتكىنىڭىز ياخشى ئىدى. چۈنكى سىز بىلەن بىز ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقىنىنى بىلمەيمىز.
ئۇلار ئىككىلىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىتوت ئورۇنلاش ئۇسلۇبى تۇرسا،( بۇ نۇقتىنى ھەممىمىز چۈشىنىمىزغۇ)، ئۇلار ئىككىلىسىنى ئىتوت ئورۇنلىغۇچى دەپ چوقۇم بىللە چىقساڭلار بولاتتى دەپ تەلەپ قويساق ، بىللە چىقمىساڭلار ئىتتىپاق ئەمەسكەنسىلەر دەپ ئويلىساق ياخشى بولمايدۇ، كىم بىلىدۇ ئۇلار سىز ئويلىغاننىڭ ئەكسىنچە شۇنداق يېقىنمۇ؟
بۇنداق ئىشەنچ قىلالمىغان گۇمانىي سۆزلەرنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشىتى،تېمىدىن چەتنەپ. شۇ سۆزلەرنى قىلغان ئىكەنسىز، بىرسى ئۇنى دەيدۇ بىرسى بۇنى دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن غەيۋەتنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئەھمىيەتلىك ئۆزىڭىز ۋە باشقىلار ھېس قىلالايدىغان ياخشى تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزنى قويۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن،باشقۇرغۇچىلارنىڭ يۇقىرىقى قېرىندىشىمىزنىڭ ئىككى ئوغلانىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىدىن قالايمىغان گۇمان قىلىپ قالغان ئىنكاسىنى ئۆچۈرىۋىتىشىنى، بۇ تېمىنىڭ ئەسلى يۆنىلىشى بويىچە مېڭىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. سىز بۇ سۆزلىرىمنى توغرا چۈشىنىڭ بولامدۇ قېرىندىشىم.