مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئىمكان

ئازاپلىق ئەسلىمە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51024
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1488
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 590 سائەت
تىزىم: 2011-8-9
ئاخىرقى: 2011-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 11:14:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن  ئەتىگەن  كەلسەممۇ  ئاخىرى  يوقا.....

ئادەم  نېمىلەرگە كۆنمىگەن  دەيسىز

كۆڭۈلچەككە ئالد

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45713
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1297
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 1834 سائەت
تىزىم: 2011-6-26
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 11:34:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەر ئىشقا ئىمكان بار.

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 207
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9060
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 2232 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 11:49:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن ئىدارىمىزگە تەكشۈرۈشكە كەلمەكچى ئىكەن. ۋاقىت چىقىرالمىدىم. توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. داۋامىنى ئامال قىلىپ تېزرەك يېزىپ بولۇشقا تىرىشىمەن. كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇغىنىڭلاردىن مەمنۇن بولدۇم.

ياخشى كۆرگەن گۇناھ ئەمەس، ئەمما شاللاقلىق گۇناھ؛ياخشى كۆرمەسلىك گۇناھ ئەمەس، ئەمما ئالداش گۇناھ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50194
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 681
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1275 سائەت
تىزىم: 2011-8-2
ئاخىرقى: 2011-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 12:21:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      

يىغلىمايمەن0997

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48019
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 570
تۆھپە نۇمۇرى: 149
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2011-7-16
ئاخىرقى: 2011-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 12:55:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى چىقتىغۇ دەپلا كىرگەنتىم،ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن.

ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش، ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش. ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش. قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.

ھەر ئىشقا ئىمكان بار.

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 207
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9060
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 2232 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 02:19:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ يەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چىمەن كارۋىتىغا ئۆزىنى ئېتىپلا ئاللىقانداق شىرىن خىياللارغا مەستانە بولۇپ ئۆزىچىلا كۈلۈپ سالاتتى. تۇرۇپ تۇرۇپ يۈزىنى قولى بىلەن توسىۋالاتتى، دولقۇنمۇ ئاجايىپ ھاياجان ئىلكىدە ياتىقىغا قايتىپ كەلدى. ياتىقىغا قايتىشى بىلەن ياتاقداشلىرى ئۇنى ئورىۋېلىشتى، ھەر تۈرلۈك سۇئاللارنى ياغدۇرۋەتتى، ئەلۋەتتە چىمەن بىلەن دولقۇننىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولغان بۇ بالىلار چىمەننى ئېغىزىغا ئېلىشنى ئۇنۇتمىغان ئىدى.

جاھاننىڭ ئىشلىرى تولىمۇ مۇرەككەپ.... تىگىگىگە يەتمەك بەكلا تەس...

ئۇلارنى ئاشۇ شىرىن كۈنلەردىن كېيىن ئاللىقانداق بىر قىسمەتلەر ساقلاپ تۇرغانلىقىنى ھېچكىم پەرەز قىلىپ بولالمايتى.
ئالدىنقى ھەپتە ياغقان قار شۇ ياغقىنىچە ئۈچ كۈن ياغقان بولغاچقا تېخى ئەتىراپ ئاپپاق تۈسنى يوقاتمىغان ئىدى. پەقەت توپ مەيدانى تولاراق ماڭىدىغان ئورۇندىكى قارلارنى بالىلار تازىلاپ قويۇشقان ئىدى. مەكتەپنىڭ بەزى كۈنگەي جايلىرىغا ياساپ قويۇلغان قار بوۋايلار شۇ پېتىچە تۇراتتى.  ھاۋا ئوچۇق ئىدى. قۇياش بارچە نۇرىنى زىمىنغا سېخيلىق بىلەن تارقىتىۋاتاتتى. ئەتىگەنلىك تاماقنى بىرگە يىيىش ئۈچۈن دولقۇن چىمەننى چاقىرۋالدى. ئىككىسى تامىقىنى خۇشال كەيپىياتتا يەپ بولغاندىن كېيىن مەكتەپكە پىيادە ماڭدى. ئالدى تەرەپتىن دوستلىرى بىلەن كېلىۋاتقان تۇرغۇن ئۇدۇل كەلگىنىچە دولقۇنلارنىڭ ئالدىنى توستى.
-ۋاي ۋاي ۋاي ... بالاڭزا تىشلىقمۇ؟ دېدى تۇرغۇن سەت ھىجايغىنىچە
- تىشلىققۇ. دىدى دولقۇنمۇ جاۋابەن.
- ئۇنداق بولسا ياخشى بولماپتۇ. سەن تىشلىق بولساڭ مەن تىشلىق بولالمايمەن.
- قانداق قىلماقچى ئىدىڭ؟
- مانا مۇنداق قىلماقچى. تۇرغۇن شۇنداق دەپلا دولقۇننىڭ يۈزىگە كىلىشتۈرۈپ بىر شاپىلاق سېلىۋەتتى. دولقۇنمۇ تىزلىك بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ تۇرغۇنغا مۇش ئاتتى. تۇرغۇن كەينىگە چۈشتى. يېنىدا تۇرغان چۇماقچىلىرى كېلىپ دولقۇننى ئۇرۇشقا باشلىدى. چىمەن ئىشنىڭ يامانلىقىنى كۆرۈپ تاكسى توسۇن ماڭدى. ۋە 110غا تېلىفۇن قىلىپ ئورنىنى دەپ بەردى. ساقچىلار كېلىپ بولغىچە ئۇلار ئاللىقاچان دولقۇننى ئۇرۇپ بولۇپ كىتىشىپ بولۇشقان ئىدى. دولقۇن سۆرەلگىنىچە يول تەرەپكە چىقىپ ئاران دىگەندە تاكسىغا چىقىۋالدى. مەكتەپ ئالدىدا دولقۇننىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇرغان چىمەن دولقۇننى كۆرۈپلا كۆزلىرىگە ئاچچىق ياش ئۈسۈپ كەتتى. بايا ئۇنى تاشلاپ كەتكىنىگە پۇشايمانمۇ قىلدى. دولقۇننى يۈلەشتۈرۈپ ئاران دىگەندە مەكتەپنىڭ دوختۇرخانىسىغا ئەكىلىپ قويدى. دوختۇر ئۇنىڭ تاياق زەربىسىدىن ئىششىپ كۆكىرىپ كەتكەن يۈزىگە دورا سۈرۈپ، يېرىلىپ كەتكەن جايلىرىدىكى قاننى توختىتىپ تېڭىپ قويغاندىن كېيىن ئۇكۇل ئېسىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى. چىمەن بىلەن دولقۇن يالغۇزلا قالدى. چىمەن ئەمدى گەپ قىلاي دىيىشىگە دولقۇن ئۇنىڭ ئېغىزىنى قولى بىلەن توسىۋالدى. مەڭزىدىنى بويلاپ ئېقىۋاتقان ياشنى سۈرتىۋېتىپ دىدى.
- بولدى يىغلىماڭ، تېزلا ساقىيىپ كىتىمەن.
- مىنى دەپ....
- شۈ.... سىزنى دەپ ئەمەس ئۇنىڭغا ئەزەلدىن ئاچچىقىم بار ئىدى مىنىڭ.
- ئەسلى مەن كەتمىگەن بولسام بۇلاركەن.
- كەتكىنىڭىز ياخىشى بولدى ئەگەر كەتمىگەن بولسىڭىز يىغلايدىغان ئادەم يالغۇز سىزلا بولۇپ قالمايتىڭىز. يەنە يىغلىسىڭىز ئاچچىقىم كىلىپ قالىدۇ.
- ماقۇل يىغلىماي.
- مەن ئاغىينە بالىلارغا تېلىفۇن قىلىۋىتەي.
- نىمە قىلىسىز؟ بولدى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولماڭ.
- ئۇنىڭ بىلەن تەك بولمايمەن، ئۇقۇغۇچىلار باشقارمىسىغا خەۋەر قىلىپ قويسۇن دىدىم
- ھە... بوپتۇ ئەمسە.
دولقۇن شۇ ياتقىنىچە ئۈچكۈن سىرتقىمۇ چىقماي يېتىپ قالدى. چىمەن بىكار بولسىلا ئۇنىڭغا ھەمرا بولاتتى. تامىقىنىمۇ چىمەن ئەكىرىپ بېرەتتى.
- بالدۇرراق تاياق يىسەم بوپتىكەن.
- نىمىشقا ئەمدى؟
- مىنى كۈندە ياخشى باقاركەنسىز.
- ساراڭ. ئەگەر مۇشۇنداق يېتىۋەرسىڭىز سىزگە قارىمايمەن جۇمۇ؟
- ۋاي بولدى تۇرۇپلا كىتەي ئەمسە. دولقۇن شۇنداق دىگىنىچە قولى بىلەن بەدىنىنى تىرەپ ئۆرە بولدى.
- بولدى يېتىۋېرىڭ. مەن سىزنى ھازىرلا تۇرۇپ كىتىڭ دىمىدىم.
- ھى ھى ھى ... مەن تېخى...
دولقۇن تۆتىنجى كۈنى سۆرىلىپ دىگەندەك دەرسكە چىقتى، كەم قالغان دەرسلىرىنى تۇللۇقلىۋالدى. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە داۋام قىلىپ ئىمتىھان ۋاقتىمۇ يىقىنلىشىپ قالدى. ئوقۇغۇچىلار بىر تەرەپتىپ ئىمتىھاننى ئويلاپ بېشى ئاغىرسا يەنە بىر تەرەپتىن تەتىلنىڭ بالدۇرراق كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتماقتا ئىدى، دولقۇن بىلەن چىمەنمۇ ئىمتىھاننىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئانچە ئىزدەشمەيدىغان بولدى، مەكتەپنىڭ ھەممىلا يېرىدە قولىغا كىتاپ ئېلىپ يالغۇز يۈرۈپ، ياكى ئۈچ تۆتى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۆگىنىش قىلغان مەنزىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. مەكتەپنىڭ چىملىقىدا مەيداندا، سىنىپ، ئاشخانا دىگەندەك ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆگىنىش جانلىنىپ كەتتى. پەقەت ئاز ساندىكى بالىلارلا بىپەرۋالىق بىلەن ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلماي ئوينىشىپ يۈرۈشمەكتە ئىدى. ئىمتىھانلارمۇ بىر بىرلەپ بىرىلىپ تۈگەپ بولدى. بالىلار ئۆيلىرىگە قايتىش ئۈچۈن نەرىسىلىرىنى يىغىشتۇرماقتا ئىدى. چىمەن بىلەن دولقۇن ئىككىسىمۇ خوشلىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتاتتى. ھەر ھالدا ئىككىسى بىر يېزىلىق بولغاچقا ئالاقىسمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايتى شۇنداقتىمۇ بىر بىرىگە قىيالماسلىق بىلەن مەجبۇرى ئايرىلىش ھەر ئىككىلىسىنى قىينىماقتا ئىدى.



داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ...

ياخشى كۆرگەن گۇناھ ئەمەس، ئەمما شاللاقلىق گۇناھ؛ياخشى كۆرمەسلىك گۇناھ ئەمەس، ئەمما ئالداش گۇناھ.

ۋاپاسىز ياردىن ۋ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1873
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2553
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 6939 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 02:37:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي.......

مۇھەببەت شەخسنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43372
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4205
تۆھپە نۇمۇرى: 1291
توردا: 1103 سائەت
تىزىم: 2011-6-6
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 11:02:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىگەن تەسىرلىك ئادەم بىشىغا كەلمەيدىغان ئىش يوقكەن

مۇھەببەت شەخسنى ئۆزگەرتەلەيدۇ

يىغلىمايمەن0997

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48019
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 570
تۆھپە نۇمۇرى: 149
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2011-7-16
ئاخىرقى: 2011-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-12 10:16:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام ئەلەيكۇم تونۈگۈن يوللىغىنىڭىزنى ئوقۇپ بولۇپ بۈگۈن يەنە سۈيلەيدىغان بولدۇم بۇ ئەسىرىڭىزنى داۋامىغا تەشنامەن.

ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش، ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش. ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش. قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.

ھەر ئىشقا ئىمكان بار.

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 207
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9060
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 2232 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-12 02:56:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېلىفۇننىڭ سائىتىنىڭ جىرىڭىشىشىدىن چۈچۈپ ئويغانغان چىمەن كىچىچە ئوچۇق تۇرغان كومپىيوتېرىنى ئىتىۋېتىپ، يۈزىنى يۇيۇپ بولۇپ سىرتقا چىقتى، بۈگۈن ھاۋا سالقىن ئىدى. كىچىدە ئازراق يامغۇچ ياغقاندەكمۇ قىلاتتى.  ئاندىن باغقا كىرىپ مەي باغلاپ پىششىپ كەتكەن نەشپۈتتىن بىر نەچچە تال، قىزىرىپ پىشقان ئالمىدىن بىر نەچچە تالىنى ئېلىپ يۇيۇپ تەخسىگە تىزىپ قويۇپ تېخىچە خوقىراپ ئۇخلاۋاتقان سەمەرنى تۈرتۈپ ئويغىتىپ مال چىقىرىشقا بۇيرىۋېتىپ. ئەتىگەنلىك تاماققا تۇتۇش قىلدى، خەلچەم ئانا تاراق-تۇرۇق ئاۋازدىن ئويغىنىپ چىمەنگە ياردەملىشىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتى. تاماقنى تېزلا ئىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۆيدە ئۇخلاۋاتقان دادىسى ۋە باشقا مىھمانلارنى تاماققا چاقىرىپ قويدى. ئېغىلدىكى كالىلارغا ئوت تاشلاپ بېرىپ باغدىكى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا ئولتۇرۇپ خىيالغا چۆكتى...
ئۇلار تەتىل مەزگىلىدە ئانچە مۇنچە تېلىفۇندا كۆرۈشكەندىن سىرت ئەپ تېپىۋالسىلا ئۇچىرىشىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىدى. دولقۇن موتىسىكىلتىنى ئېلىپ چىقىپ ئۇنى مۇشۇ يېزىنىڭ مىۋىلىك بېغىغا ئەكىرىپ تۇراتتى. ھەش پەش دىگۈچە تەتىلمۇ توشۇپ مەكتەپكە قايتىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى. چىمەن ئۆيىدىكىلەرگە قىيالماسلىق بىلەن مەكتەپكە كەلدى. بۇ يىل ئۇ كەسىپكە چۈشۈپ ئوقۇيدىغان بولغاچقا دەرسلىرى ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا خېلىلا تەس ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ دەرىسلىرىنى ئۆگىنىپ بولۇپ قۇشۇمچە ئىنگىلىز تىلىنىمۇ ئۆگىنىۋاتاتتى. چىمەننىڭ بىر ياتاقدىشى سوراپ قالدى.
- چىمەن ئاداش ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىۋاتامسەن؟
- ھەئە بولماپتۇما؟
-ياق، بوپتۇ، سەن مۇشۇ ئۈرۈمچىدە قېلىشنى ئويلىشىپ قالدىڭمۇ نىمە؟
- ئۇنداق ئەمەس، يېزامغا كېتىپ شۇ يەردە ئىشلەيمەن.
- ئۇنداق بولسا ئىنگىلىز تىلىنى ئۆگىنىپ نىمىمۇ قىلارسەن؟ يېزىغا كەتسەڭ ئۇ يەردە ھېچكىم ئىنگىلىز تىلىنى ئىشلەتمەيدىغان تۇرسا. كېيىن ئۇنتۇپ قالارسەنمىكىن؟
- ئۇغۇ شۇنداق. لىكىن بىكار بولغاندىن كېيىنن ئۆگنىپ قوياي بەلكىم كېيىن ئەسقېتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
- ھە...ي مەن مۇشۇ دەرسلىرىمگىمۇ يىتىشىپ بولالماي يۈرىۋاتىمەن دىسە.
- تىرىشساڭ يىتىشىپ بولالايسەن. ھەممە غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ.
- ئۇغۇ شۇ ئاداش. بوپتۇ ئۆگىنىشىڭنى قىلۋەرگىن مەنمۇ ئىشىمنى قىلىۋالاي.
-ئىم
ئۇلارنىڭ پارىڭى تۈگەپ تۇرىشىغا دولقۇن تېلىفۇن قىلدى.
- تىشلىقمۇ؟
- تىشلىقمۇ؟ نىمە قىلىۋاتىسىز؟
- ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىۋاتىمەن.
- سىزنىڭ تۇنجى قارنى كۆرگىڭىز بارمۇ؟
- نىمە؟  قار يېغىپتۇما؟ دىدى چىمەن بوينىنى دەرىزىگە سۇزۇپ. ۋا... قار يېغىۋېتىپتىغۇ.
- ھەئە، يېغىۋاتىدۇ. خالىسىڭىز ئايلىنىپ كىرەيلى. كىتاپقا قاراۋىرىپ چارچاپمۇ قالغانسىز.
- مەن سەل تۇرۇپ چىقاي ئەمسە، تاماق يىدىڭىزمۇ؟
- ياق تېخى سىز چىقىڭ بىللەن يەيلى.
- ئىم، سەل تۇرۇپ كۆرىشىلى.
سىرىت خېلىلا سوغاق بولۇپ كەتكەن ئىدى. دولقۇن چىمەننىڭ ياتاق بىناسى ئالدىدا چىمەننىڭ چىقىشنى ساقلاپ توڭلاپ تىتىرەپ تۇراتتى. خېلى ۋاقىتتىن كېيىن چىمەن دولقۇننى ئېسىگە ئېلىپ كىتاپنى كەلگەن يېرىدىن قاتلاپ يېپىپ قويۇپ، پەسكە چۈشتى.
- ۋاي خۇدايىم، بەك ساقلىتىۋەتتىممۇ نىمە؟
- شۇنى دەيمەن، سوغۇق جېنىمدىن ئۆتتى جۇمۇ.
- چىدىمىغان ئادەم كىرىپ كەتمەي. دىدى چىمەن تەنە قىلىپ.
- چىدىدىم. سىز ئۈچۈن سوغاققا، ئىسىققا ھەممىگە چىدايمەن مەن.
- مەنمۇ ھەم. دىدى چىمەن، شۇنداق دىدىيۇ يۈزلىرى شەلپەردەك قىززىرىپ كەتتى.
قار بىردەمدىلا يەرنى ئاپپاق قىلىۋەتتى. ئىككىسى كەچلىك تامىقىنى يەپ بولۇپ شەھەرنىڭ كەچكى مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىشتى.يول ياقىسىدا كىتىۋېتىپ ئويلىمىغان يەردىن چىمەن تېيىلىپ كەتتى، دولقۇنمۇ ئۇنى تۇتىۋالىمەن دەپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشتى. چىمەن دولقۇننىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ يۈزى دولقۇننىڭ لىۋىگە تىگىپ كەتتى. دولقۇن مۇشۇ تەرىقىدە يېتىۋېرىشنى ئۇنىڭ تۇرۇپ كەتمەسلىكىنى ۋاقىتنىڭ مۇشۇ ئىزىدا توختاپ قېلىشىنى نەقەدەر ئۈمىد قىلاتتى، بىر نەچچە سىكونىتلىق ھاڭۋېقىشتىن ئېسىنى تاپقان چىمەن دەرھاللا ئورنىدىن تۇرۇپ دولقۇننىڭ قولىدىن تارتىپ تۇرغۇزۇپ قويدى. ۋە جىددىيلىشىپ سورىدى.
- بىر يېرىڭىز ئاغىرمىغاندۇ. دىدى چىمەن دولقۇننىڭ دۈمبىسدىكى قار تۇزانلىرىنى قېقىۋېتىپ.
- ئىنتايىن ئاغىردى. دىدى دولقۇن قاتتىق ئاغىرىق ئازابى تارتىۋاتقان قىياپەتتە.
- نەرىڭىز ئاغىرىۋاتىدۇ؟ دىدى چىمەن جىددىيلىشىپ، بىرەر يىرىڭىز زەخمىلەنمىگەندۇ؟
- زەخمىلەندى. بەكلا ئاغىرىپ كىتىۋاتىدۇ. دىدى دولقۇن چىرايىنى ئۆزگەرتمەي.
- نەرىڭىز ئاغىردى؟ دىدى چىمەن تېخىمۇ جىددىيلىشىپ.
- مانا بۇ يېرىم دەپ لىۋىنى كۆرسەتتى.
- ساراڭ، ئادەمنى شۇنداقمۇ قورقىتامسىز؟ ئەسكى.
- مەن ئەسكى بولمىسام سىز مىنى ياخشى كۆرەمتىڭىز؟
- ساراڭ چوشقا. ئىككىسى بىردەم چاقچاقلاشقاندىن كېيىن ياتىقىغا قايتىپ كېتىشتى...
خەلچەم ئانىنىڭ چاقىرىشىدىن ئېسىنى تاپقان چىمەن يۈگۈرۈپ ھويلىغا كەلدى.
- نىمە ئىش ئاپا؟
- بىزنى يۇقارقى مەھەللىدىكى ئەنۋەرلەر ھېيتلىققا چاقىرىپتۇ. يولدا ماڭغاچ ئاكاڭنىڭ ئۆيىگىمۇ كىرىپ ئۆتەرمىز. تېزرەك ياسانغىن.
-ئۆيدە مىھمانلار تۇرسا.
-ئۇلارنى داداڭ ئۇزىتىپ قويۇپ كەينىمىزدىن بارىدۇ. سەمەرمۇ كىلىپ تامىقىنى يەپ بولدى، ئۇ ئات ھارۋىسى بىلەن بىزنى ئاپىرىدۇ.
- ماقۇل. چىمەن كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ چېچىنى تاراپ تۈگىۋالدى. ئاندىن سۇسلا گىرىم قىلىپ چىقتى.
-ۋا..ي ۋۇ...ي قىزىم شۇنداق چىرايلىق ياسىنىپ كېتىپسەن. مەن يىگىت بولغان بولسام سىنىلا ئالاتتىم.
- ئۇنداق ئاسان ئىش يوق ئاپا، مەنمۇ ساڭا ئۇنداق ئاسان تەگمەيتىم.
- قارا بۇ شەيتاننى. قېنى ماڭ ئەمسە. ئۇكاڭ ئاتنى ھارۋىغا قوشۇپ بولدى.
ئۇلار شۇنداق چاقچاقلىشىپ يولغا چىقتى.
- ئاچا، بەكلا چىرايلىق بولۇپ كىتىسەن جۇمۇ؟ دىدى سەمەر ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ئاچىسىغا بىر قاراپ. - مەن توي قىلسام چوقۇم سەندەك چىرايلىق، مىجەزى ئېسىل قىزغا ئۆيلىنىمەن.
-نىمىلەرنى دەپ كەتتىڭ؟ ئاچاڭ توي قىلمىسا ساڭا نىمە قويۇپتۇ؟ ھارۋاڭنى ھەيدىگىنە. چىمەنگۈل قىزىم، سەنمۇ چوڭ بولۇپ قالدىڭ، قىز چوڭ بولسا سۆز چۆچەكمۇ جېق بولىدىغان گەپكەن، خېلى ئېسىل يەرلەردىن ئەلچىلەر كەلسە قايتۇرۋەتتۇق. ئەمدى سەنمۇ ئۆز ئىشىڭنى ئويلاشمىساڭ بولمايدۇ. خىزمىتىڭمۇ مۇقىم بولدى، يەنە نىمىگە ساقلاپ تۇرىسەن؟
- ئاپا، مىنىڭ زادىلا توي قىلغۇم يوق.
- ئاچا سەن توي قىلمىساڭ مەن قىلىۋالىمەن جۇمۇ؟ ھى ھى ھى ...
- ئاۋال ئوقۇشۇڭنى پۈتكۈز، ئاندىن مەن ساڭا چىرايلىق قىزدىن بىرنى تۇنۇشتۇرۇپ قويىمەن، مەكتەپتە يۈرىۋاتقان لايىقىڭ بارمۇ يا؟
- مۇنداقلا دەپ قويسام، گىپىنى بۇنىڭ. دىدى سەمەر قىزىرىپ پەس ئاۋازدا.
- ھە بالام، سەنمۇ ئاچاڭدەك ياخشى ئوقىساڭ قىزلار دىگەن ساماندەك. شۇ چاغدا سەن كىمنى ئالىمەن دىسەڭ شۇنى ئېلىپ بېرىمىز. ئۇنداق قىلمىساڭ ئۆزەڭ توي قىلىسەن.
- ئاپا... بولدى قىلىڭە ئادەمنى خىجىل قىلىپ.
- ۋوي.. سەنمۇ خىجىل بولامسەن؟ دىدى چىمەن كۈلۈپ.
- قىزىم ئۇ گەپنى قوي قاچان توي قىلىسەن؟ مىنىڭ سىنىڭ بالاڭنى بەكمۇ باققۇم بار.
- بولدىلا ئاپا، كېيىن بىر گەپ بولار.
- كىيىن دەپ مانا. 2 يىل بولدى قىزىم. ھېلىمۇ چوڭ بولۇپ كەتتىڭ.
- ماقۇل. ماقۇل ئەمسە بۇ قېتىم كەلگەن ئەلچىلەر كىم بولسا مەيلى ياندۇرۋەتمەي قوشۇلۇڭلار. مىنىڭ باشقا پىكىرىم يوق.
- راس دەۋاتامسەن يا؟
- ھەئە سىلەرنىڭ قېشىڭلاردا تۇرسام يۈك بولۇپ قالغاندىن كېيىن شۇنداق قىلاي. دىدى چىمەن نارازى بولغاندەك.
- ماقۇل شۇنداق بولسۇن ئەمسە. دىدى خەلچەم ئانىمۇ چىرايىنى ئۆزگەرتىپ. كىم كەلسە شۇنىڭغا ماقۇل دەپلا باش ئاغىرىقىدىن بىراقلا قۇتۇلاي.
چىمەن ئەمدى ئۈندىمىدى. ئارىنى سۈكۈت قاپلىدى، يولدا پەقەت ئاندا ساندا ئۇيان بۇيان مېڭىشىپ يۈرگەن موتوسىكىلىتلارنىڭ ۋۇڭڭىدە ئۈتۈپ كەتكەن ئاۋازى، ئاسماندا لەيلىشىپ يۈرگەن قاغىنىڭ قاقىلدىشى ۋە ئاتنىڭ تۇيىقىدىن چىقىۋاتقان تاكاس تاكاس ئاۋازلارلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. چىمەن جىمجىت ئولتۇرۇپ يەنە خىيالغا پاتتى....

داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ...

ياخشى كۆرگەن گۇناھ ئەمەس، ئەمما شاللاقلىق گۇناھ؛ياخشى كۆرمەسلىك گۇناھ ئەمەس، ئەمما ئالداش گۇناھ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش