مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئىمكان

ئازاپلىق ئەسلىمە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

اللا مېھرىباندۇ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51263
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 215
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2011-8-11
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 02:52:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئاللا،يەنە يوللىماپسىزغۇ؟؟؟ئادەمنى تەقەززا قىلىپ.....

ھەر ئىشقا ئىمكان بار.

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 207
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9060
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 2232 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 05:13:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېلىفۇن ئۇنىڭ بىر خىزمەتدىشىدىن كەلگەن ئىدى. خىزمەتدىشى بىلەن بىرەر قۇر ئەھۋال سورىشىپ سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇش خۇشياقماي يەنە كارىۋاتقا يىقىلدى....


شۇ ئىش بولۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن دولقۇن يەنە چىمەننى ئىزدەپ كەلدى، بىراق بۇ قېتىم كۈندۈزى ئەمەس ئاخشىمى كەلگەن ئىدى. چىمەن كەچلىك تامىقىنى يەپ بولغاندىن كېيىن دولقۇن بىلەن بىللە ھېلىقى قوتانغا باردى بۇ يەرنىڭ كۈندۇزلۈك تېمپۇراتۇرىسى بىلەن كىچىلىك تېمپۇراتۇرىسى روشەن پەرىقلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يىنىك چىقىۋاتقان شامالدا چىمەن ئازراق تۇڭلىغاندەك بولدى. ئاسماندا بىرەر تال يۇلتۇزمۇ كۆرۈنمەيتى، قارىغاندا يامغۇر ياغىدىغاندەكلا قىلىپ تۇراتتى. چىمەن تۇيۇقسىز ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئەندىكىپ كەتتى.
- توڭۇپ كەتتىڭىزمۇ نىمە؟ دىدى دولقۇن ئۇنىڭغا يىقىن كېلىپ.
- چاپان ئېلىۋالسام بۇلۇپتىكەن يامغۇر ياغىدىغاندەكلا قىلىدۇ. دىدى چىمەن
- ھېچقىسى يوق مىنىڭ چاپىنىم بار ئىدى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ تۇرۇڭ. مەن كارىۋاتنىڭ ئاستىغا قاراپ باقاي. چىمەن گەپ قىلماي ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا يول بەردى. دولقۇن خېلى ئىزدىگەن بولسىمۇ چاپىنىنى تاپالمىدى.
- تاپالمىغان بولسىڭىز بوپتۇ ئولتۇرىۋېرەي.
- يەنە قاراپ باقاي دىدى دولقۇن بېشىنى كۆتۈرمەي.
- بولدى قىلىڭ. ھازىر خېلى ئىسسىپ قالدىم. بولمىسا ئوت قالاپ ئولتۇرايلى.
- بۇ يەردەم مەش يا ئۇچاق بولمىسا قانداق قالايمىز؟
- ئۇنداق بولسا بولدى قىلىڭ مۇشۇنداق ئولتىرىۋىرەي. چىمەن شۇنداق دەپ دولقۇنغا قولىنى ئۇزاتتى، ئويلىمىغاندا دولقۇنمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، چىمەننىڭ سۇنغان قولى دولقۇننىڭ بوينىدا قالدى. چىمەن قولىنى تارتىۋالمىدى. دولقۇنمۇ ئۇنىڭ مەڭزىدىن تۇتۇپ ئۆزى تەرەپكە قاراتتى. ئىككى لەۋلەر ئۆز ئارا تىگىشىپ قوللار گىرەلەشتى. نەپەسلەر تېزلىشىپ، ئىككى تەن بىرىكىپ بىر گەۋدە بولۇپ كەتتى...
ھەر ئىككىلىسى ئۆزىنىڭ ياشلىقتىكى قىلىپ قويغان ئەخمىقانە ئىشى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىۋاتاتتى. چىمەن ئىچىدە ئۆزىنى ئەيبپلەيتى. «مەن نىمە قىلىپ قويدۇم؟ ئەمدى چوڭلارغا قانداق قارايمەن؟ مىنى ئاللاھمۇ ئۆز بەندىسى قاتارىدا كۆرمەس؟ ھە...ي» دىگىنىچە جىم ئولتۇرۇپ كەتتى. دولقۇنمۇ ئۆزنى تۇتىۋالالماي قىلىپ قويغان ئىشى ئۈچۈن پۇشانمان قىلىۋاتاتتى. چىمەنگە قاراپ ئېچىنىۋاتاتتى. ئارىنى بىر ئاز سۈكۈت قاپلىغاندىن كېيىن چىمەن ئېغىز ئاچتى.
- سىز مەن بىلەن توي قىلامسىز؟
- ئەلۋەتتە. قىلغان ئىشىمغا مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك. بۇنىمۇ سوراش كىتەمدۇ؟ ئەنسىرىمەڭ.
چىمەن ئۈن تىنسىز ئولتۇرۇپ كەتتى. بىر ئازدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولدى. ئەمما سىرتتا يامغۇر قاتتىق يېغىۋاتقاچقا ماڭالماي تۇرۇپ  قالدى. يامغۇرنىڭ توختىشىنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالدى. خېلى بىر چاغلاردا ئويغىنىپ سائىتىگە قارىدى. بۇ چاغدا كىچە سائەت 2 بولغان ئىدى، يامغۇرمۇ توختاپ قالغان ئىدى.

داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ ...

ياخشى كۆرگەن گۇناھ ئەمەس، ئەمما شاللاقلىق گۇناھ؛ياخشى كۆرمەسلىك گۇناھ ئەمەس، ئەمما ئالداش گۇناھ.

ھەر ئىشقا ئىمكان بار.

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 207
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9060
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 2232 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 11:07:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ دولقۇننى ئويغىتىپ ئۆزىنى ئاپىرىپ قۇيۇشىنى ئېيتتى. دولقۇنمۇ ئارتۇق بىر نىمە دىمەيلا چىمەننى ئويىگە ئاپىرىپ قويدى. ھاۋا سۈزۈلۈپ يۇلتۇزلار چىمەنگە بىرنىمىلەرنى دىمەكچى بولغاندەك كەڭ ئاسماندا پارقىرىشىپ تۇرۇشماقتا ئىدى. نەچچە كۈنلۈك بولغان ئورغاق ئايمۇ  ئۇنىڭغا كۈلۈپ قاراۋاتماقتا ئىدى. چىمەن شۇ تاپتا ئۇلارغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك، ئۇلارنىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قلدى، ئۇلارغا قاراشتىنمۇ ئەيمىنىپ ئۈن- تىنسىزلا ھوجرىسىغا كىرىپ كەتتى. ئارىدىن بىر نەچچە ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى. بۇ جەرياندا چىمەن ئىنتايىن كەم سۆز بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ شوخلىقى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى. ھەمىشە ئۆزى يالغۇزلا ياتاق ئۆيىگە بېكىنىۋېلىپ نىمىلەرنىدۇ خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئاتا- ئانىسى ھەر قانچە قىلىپمۇ چىمەندىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدى. تەتىلمۇ توشۇپ مەكتەپكە قايتىدىغان ۋاقىتمۇ كەلدى. چىمەن نەرسىلىرىنى يىغۇشتۇرۇپ ۋوگزالغا ئاتا ئانىسىدىن ئايىرىلىشقا قىيالمىغىنىچە ئۆيدىن ئايرىلىپ مەكتەپكە كەلدى. دولقۇن بىلەن چىمەننىڭ فاكۇلتىتى ئوخشىمىغاچقا دولقۇننى ئىككى كۈن بۇرۇن مەكتەپكە يىغىۋالغان ئىدى. ئۇ چىمەننىڭ كىلىدىغىنىدىن خەۋەردار ئىدى. شۇڭا ئۇ چىمەننى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىراپ كېتىپ باراتتى، دولقۇن چىمەننى كۆردى، چىمەنمۇ دولقۇننى كۆرۈپ ئۈلگۈردى. دولقۇن چىمەن بىلەن تېزرەك كۆرۈشۈش ئۈچۈن يولدىن كىسىپ ئۈتۈپ كىتىپ بارغاندا چىمەننىڭ شۇنچە قاتتىق ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلىيالماي قالدى. يولدا ساقچىدىن قېچىپ تېز كىتىپ بارغان بىر كىچىك ماشىنا توختاشقا ئۈلگۈرمەي دولقۇننى سوقىۋېتىپ قېچىپ كەتتى. چىمەن ئورنىدا داڭ قېتىپلا تۇرۇپ قالدى. ئەتىراپتىكى كىشىلەر دولقۇننىڭ ئەتىراپىغا ئولىشىۋېلىپ يولنى توسۇپ قويدى.نەچچە مىنىۇتلۇۇق ھاڭۋېقىشتىن ئېسىنى تاپقان چىمەن ئۆكسۈپ يىغلىغىنىچە ئادەم توپى توپى ئارىسىدىن قىسىلىپ يۈرۈپ دولقۇن تەرەپكە ئۆزىنى ئۇرىۋاتاتتى. ئۇ باشقىلارنىڭ «ئۆلۈپتۇ» دىگەن گپىنى ئاڭلاپ ھۆكىرەپ يىغلىۋەتتى. دولقۇننى سىلكىپ باقتى ئەمما دولقۇن ھامان كۆزى يېرىم ئۇچۇق ھالەتتە يېتىۋاتاتتى. چىمەن دولقۇننىڭ ئۆزىنى تاشلاپ كەتكىنىنى تەن ئالغۇسى كەلمىسىمۇ ئامالى يوق ئىدى. دولقۇن ئۇنى. يۇرۇق دۇنيانى ئاتا- ئانىسىنى، مەكتىپىنى ساۋاقداشلىرى. ئورۇق تۇغقانلىرىنى... ئىشقىلىپ ھاياتىدىكى جىمىكى نەرسىلىرىنى تاشلاپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىپ كەتتى. چىمەننىڭ يىغلاپ تۇرۇپ تۈرىتىشىمۇ، دوختۇرخانىدىن كەلگەن جىددى قۇتقۇزۇش ئەتىرتىمۇ ئۇنى ئويغىتالمىدى...
دولقۇننىڭ ئاتا ئانىسى ئۇنى ئالغىلى ئەتىسى كەلدى. بۇ چاغقىچە دولقۇننىڭ جەسسىتنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ جەسسەت ساقلاش ئۆيىدە تۇرغۇزدى، چىمەن مەكتەپكىمۇ بارماي دولقۇننىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تۈگىتىشىپ بېرىش ئۈچۈن دولقۇننىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. يەتتە نەزىرىسىدىن كېيىن چىمەنئوقۇشقا كەلدى. بىراق بىر نەچچە كۈندىن بېرى چىمەننىڭ كۆڭلى بىر نەرسىنى تارتىدىغان، تاماق سىڭمەيدىغان، كۆڭلى ئېلىشىپ، ھۆ بولىدىغان بولۇپ قالدى. دوستلىرىنىڭ زورلىشى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ باقتى. نەتىجىنى ئېلىپ چىمەن ھوشىدىن كېتەيلا دەپ قالدى، چۈنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئۈستىدە «ھامىلدار» دىگەن خەت بار ئىدى. نەچچە كۈن ئويلىنىپ ئۆزنىڭ ئوقۇشى، كېيىنكى كۈنلىرىنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن بالىنى ئالدۇرىۋەتتى...

ئاپىسى شۇنچە ئاۋايلاپ كىرگەن بولسىمۇ مەشتىن چىققان تارا تۇرۇق ئاۋازدا ئۇ ئويغىنىپ كەتتى....

تامام 

 تورداشلارنىڭ پىكىر بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، تېما مۇنبەرگە بىۋاستە يېزىلغان بولغاچقا ئىملا خاتالىقى يۈز بېرىشىدىن ساقلانماق ئىنتايىن تەس ئىكەن. توغىرلاپ ئوقىۋالغايسىزلەر. ئەسەر مەزمۇنىدا يىتەرسىزلىك بولسا كۆرسىتىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلمەن. ئاخىرىدا بارلىق ئوقۇرمەنلەرىمگە رەھمەت ئېتىمەن، ساقلىتىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ئەپۇ قىلغايسىلەر.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر تېمىنىڭ ئەمىلىيەت بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشلىقى يوق، پۈتۈنلەي تۇقۇلما، ئەگەر مۇشۇ سەۋەپلىك كېلىپ چىققان ھەر قانداق ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئاقىۋىتىگە مەن ئىگە ئەمەس. خۇش ۋاق بولغايسىزلەر.
رەھمەت

ياخشى كۆرگەن گۇناھ ئەمەس، ئەمما شاللاقلىق گۇناھ؛ياخشى كۆرمەسلىك گۇناھ ئەمەس، ئەمما ئالداش گۇناھ.

كۆرۈنگەن تاغ يىر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5659
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5257
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 747 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2012-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 01:35:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈگىدىما؟ داۋامى باردەكلىغۇ؟ بەك ياخشى يېزىپسىز. چىمەننىڭ كىيىنكى ھايات يولى توغرۇلۇق ئازراق چۈشەنچە بىرىۋەتمەمسىز؟

ئۆز تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا قۇل مىللەت.

ھەر ئىشقا ئىمكان بار.

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 207
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9060
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 2232 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 02:28:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىنىڭ داۋامىنىڭ تېمىسىنى ئۆزگەرتىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ قالدىم. ياختۇرغان ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ بولغانلىقىدىن مەمنۇن بولدۇم. بۇنىڭ داۋامى «كۈتۈلمىگەن نىكاھ، ئويلىمىغان بەخىت» بۇنى بىر تېما قىلىپ يوللاشدنى مۇۋاپىق تاپتىم. رەھمەت.

ياخشى كۆرگەن گۇناھ ئەمەس، ئەمما شاللاقلىق گۇناھ؛ياخشى كۆرمەسلىك گۇناھ ئەمەس، ئەمما ئالداش گۇناھ.

قەدىرلىدىم قەدر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48304
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1327
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 886 سائەت
تىزىم: 2011-7-18
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 04:47:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق  ياخشى چىقىپتۇ.
دۇكاندا خېرىدارلارنىڭ كىرگىننىمۇ تۇيماي ئوقۇپ كېتىپتىمەن.
رەھمەت.

مەن  سۆيۈملۈك ئاچامدىن پەخىرلىنمەن.

دۇنيا مېھرى-مۇھە

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5228
يازما سانى: 628
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7484
تۆھپە نۇمۇرى: 274
توردا: 9989 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 08:38:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر، ئوقۇپ تۈگەتتىم. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن. ھارمىغايسىز.

دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر!!!!

ئۇلۇغ ئاللاھ ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40474
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3910
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2390 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-20 06:34:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 44قەۋەت  ئىمكان كە 2011-08-19 02:28 PMئەۋەتىلدى  :
ھىكايىنىڭ داۋامىنىڭ تېمىسىنى ئۆزگەرتىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ قالدىم. ياختۇرغان ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ بولغانلىقىدىن مەمنۇن بولدۇم. بۇنىڭ داۋامى «كۈتۈلمىگەن نىكاھ، ئويلىمىغان بەخىت» بۇنى بىر تېما قىلىپ يوللاشدنى مۇۋاپىق تاپتىم. رەھمەت.
بۇنىڭغا مەن خېلە قىززىقىپ قالدىم،لېكىن بۇنداقلا تامام قىلىۋەتسىڭىز،يولنىڭ يېرىمىنى مېڭىپ داۋامىدا توختاپ قالغاندەكلا بولىدىكەن،مۇمكىن بولسا ئۆزىڭىز دېگەندەك داۋاملاشتۇرۇپ باققان بولسىڭىز،چۈنكى بۇ ئەسىرىڭىز ناھايتى ياخشى چىقىپتىكەن.

ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش، ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش. ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش، قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52485
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2011-8-21
ئاخىرقى: 2011-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-23 07:09:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇشقا شۇنداق قىزقىپ قېلىۋاتىمەن  ، بىراق ھەر كۈنى قارىسام تېخىچە چىقماپتۇ  ، بەك ياخشى يېزىپسىزكەن  ، تېخىمۇ تىرىشىڭ

رەببىم 1 ئاللا &

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33565
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1180
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2012-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 07:17:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ قىزنىڭ كىيىنكى تەغدىرى ئۇستىدە بىزگە ئازراق بولسىمۇ ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش