ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت zapar كە 2011-08-19 07:09 PMئەۋەتىلدى :
شۇنداق قەشقەر ھىېيتكاھ جامەئەسى ئىسىل يادىكارلىقتۇر.ئىككى تەرەپنىڭ نىمىشقا تەڭ ئەمەسلىكى چۈشەندۇرۇلگەن بولسا تېخىمۇ تۇلۇق بولاركەن.
پۇرسەت بولسا ھېيىت ساماسىنى بىر كۆرسەم دېگەن ئارزۇدىمەن.
مەن مۇنداق ئاڭلىغان چوڭلاردىن :ئەينى ۋاقىتتا ھېيتگاھ جامەسىنى سالىدىغان ۋاقىتتا ئىككىلا تەرەپنى تەڭ لاھىيەلىگەن ئىكەن ،ئەمما بىر تەرپىدە بىر تۇل مەزلۇمنىڭ ئۆيى چېقىلىشقا توغرا كىلىدىكەن .شۇنىڭ بىلەن قۇرلۇشچىلار ئۇ ئايالغا ئەھۋالنى ئېيتىدىكەن ،ئۆينى كۆچۈرۈپ باشقا جايغا يۆتكەپ بېرىدىغانلىقىنى دىگەن بولسىمۇ ئۇ ئايال ئۇ زىمىننىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان مىراس ئىكەنلىكىنى بۇ يەردىن كىتىشكە قىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۇردىكەن ،شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر مەسلىھەتلىشىپ ساۋابىلق ،ئىبادەت ئۈچۈن مەسچىت سېلىپ ،تىكەندەك يالغۇز موماينىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىشنى توغرا تاپماي ،بىر تەرپىگە ئىككى مەرەپچە يەنە بىر تەرپىگە بىر مەرەپچە چىقىرىدىكەن .ئۇ ئايال ھاياتنىڭ ئاخىرغىچە ئاشۇ يەردە تۇرۇپ قالىدىكەن .راسىت مۇشۇنداقمۇ مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن .پەقەت چوڭلاردىن ئاڭلىغان كوچا پاراڭلىرى خالاس .