ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 30قەۋەت gunes كە 2011-08-20 11:11 PMئەۋەتىلدى :
مەن مۇنداق ئاڭلىغان چوڭلاردىن :ئەينى ۋاقىتتا ھېيتگاھ جامەسىنى سالىدىغان ۋاقىتتا ئىككىلا تەرەپنى تەڭ لاھىيەلىگەن ئىكەن ،ئەمما بىر تەرپىدە بىر تۇل مەزلۇمنىڭ ئۆيى چېقىلىشقا توغرا كىلىدىكەن .شۇنىڭ بىلەن قۇرلۇشچىلار ئۇ ئايالغا ئەھۋالنى ئېيتىدىكەن ،ئۆينى كۆچۈرۈپ باشقا جايغا يۆتكەپ بېرىدىغانلىقىنى دىگەن بولسىمۇ ئۇ ئايال ئۇ زىمىننىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان مىراس ئىكەنلىكىنى بۇ يەردىن كىتىشكە قىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۇردىكەن ،شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر مەسلىھەتلىشىپ ساۋابىلق ،ئىبادەت ئۈچۈن مەسچىت سېلىپ ،تىكەندەك يالغۇز موماينىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىشنى توغرا تاپماي ،بىر تەرپىگە ئىككى مەرەپچە يەنە بىر تەرپىگە بىر مەرەپچە چىقىرىدىكەن .ئۇ ئايال ھاياتنىڭ ئاخىرغىچە ئاشۇ يەردە تۇرۇپ قالىدىكەن .راسىت مۇشۇنداقمۇ مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن .پەقەت چوڭلاردىن ئاڭلىغان كوچا پاراڭلىرى خالاس .
ماۋۇ ئىنكاسنى كۆرۈپ ئۆتكەندە گىزىتتىن ئوقۇغان بىر خەۋەر ئىسىمگە كىلىپ قالدى .
«ئەنگىلىيە شىمالى دىڭىز نىغىتلىكىنى ئاچىدىغان چاغدا ،زور كۆلەمدە نىغىت تۇربىسى ياتقۇزماقچى بولۇپ ،تۇربىنى ياتقۇزۇپ بىر ياشانغان ئايالنىڭ ئۆيىنىڭ ئاسىتىغا كەلگەندە ئۇ ئايال تۇربىنى ئۆز ئۆيىنىڭ ئاستىدىن ئۆتكۈزۈشكە قەتئى قوشۇلماپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئامالسىز نەچچە ئاي لاھىيلىگەن تۇربا ياتقۇزۇش لىنىيسىنى ئۆزگەرتىپ باشقا ياقتىن ئىلىپ مىڭىپتىكەن ،»مانابۇ ئىككسىى ماھىيەتتە ئوخشىىشپ قالدىكەن ،ئىنساننىڭ خۇسۇسى مۈلۈكى دەخلىسىز دىگىنى مۇشۇنداق بولمامدۇ مانا