ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 24قەۋەت .tuz. كە 2011-09-05 04:34 PMئەۋەتىلدى :
باشقىلارغا قىلىنغان ھەقىقىي ياردەم ، ئۇلار كىيىدىغان كىيىم ، خاجلەيدىغان پۇل ، يەيدىغان ئاش بىرىشلا ئەمەس ئىسما خانىم ، بەلكى مۇشنىڭغا ئوخشاش بويتاقلارنىڭ بىشىنى ئوڭشاپ قويۇشقا ياردەم قىلىشتۇر ! ئوي - ئوچاقلىق كىشىلەرنى ئاجرىشىڭ دىمەي ، قولىڭىزدىن كەلسە بويتاقلارنىڭ قىزىل جاڭزىسىنى كىسىپ تويلاشتۇرۇپ قويىڭە ~~~~~~~~~
ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان بۇرادەردىن بىرى چىقىپتۇ ... لېكىن . خۇتۇن بولسىلا ھىساب ئەمەس ،
توي قىلمىغان بولۇشى ( چۈنكى مەنمۇ توي قىلمىدىم ) دىندىن ـ پەندىن ئاز ـ تۇلا
خەۋېرى بولۇشى ، ھەر قانداق ھۆكۈمەت ياكى شەخسى ئورۇندا خىزمەت قىلماسلىقى (چۈنكى مائاشنىڭ قۇلى بولمىسىمۇ باقالايمەن ) مىنىڭ كەسپىمنى قوللاپ ماڭا يار ـ يۈلەكتە
بولۇپ مەدەت بېرەلىشى ، بالىلارنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلەپ چىقالىشى ، ( چۈنكى
بېلىمسىز ، نادان ئانىلارنىڭ قۇلىدىن ياراملىق پەرزەنىتلەر چىقمايدۇ . باللىلار كىچىكىدە نادان ئانىلارنىڭ قۇلىدا تەربىيلەنسە ، چوڭ بولغاندىمۇ بۇ ئادەتتىن
قۇتۇلۇش قىيىن ) پۈتۈن مېھرى مۇھەببەتىنى ئائىلگە بېغىشلاپ مەن بىلەن تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىدىن ، رۇمانتىكىلقىدىن ئورتاق بەھىرلىنەلەيدىغان
بولۇشى ، مەن بىلەن جاپا ـ مۇشەققەت ، ھوزۇر ـ ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولالىشى ،
ئەرزىمەس چاي ، سورۇنلارغا بارماسلىقى ، ( چۈنكى مەنمۇ ھاراق ، قىمار ۋە باشقا
سورۇنلاردىن يىراقمەن ) ئۆي ئىشلىرى ، تازىلىق ، تاماق ئېتىشكە
ماھىر بولۇشى ... ( تاماق ئېتەلمىسە ھېچ گەپ يوق ، نەچچە كۈندە ئۇستا
ئاشپەزلەردەك ئېتەلەيدىغان قىلىپ تەربىيلەيمەن ) چاڭچىلىكەش ئاياللاردەك گىرىم
قىلىپ يۈرمەسلىكى ، چاكنىلىقتىن يىراق تۇرۇشى ، ‹‹ ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خۇتۇن
، يەر قىلغانمۇ خۇتۇن ›› دەيدىغان ھېكىمەت بار . قىسقىسى مۇھەببەتنى چۈشنىپ ،
ئائىلە گۈلزارلىقىنى ۋاپا ، كۆيۈنۈش ، ئۆزىنى بېغشلاش ، ساداقەت ، سۆيگۈ
شەربەتلىرى بىلەن سوغىرىپ تېخىمۇ خۇشپۇراق گۈللەرنى ئېچىلدۇرالىسا..
. مۇشۇنچىلىك بولۇپ تۇرسۇن...