ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت .yamghur. كە 2011-09-06 06:22 PMئەۋەتىلدى :
مۇشۇ قەشقەردىكى كىتاب يايمىكەشلىرى قەيەردىدۇ؟ بىر بېرىپ كىتابلىرىنى سىرىپ ، سۈپۈرۈپ كەلسەم.......
چاقچاق. بىراق بىر قانچە كىتاپ ئىزدەيتىم. مۇشۇ يايمىكەشلەردىن بىر ئىزدەپ باقايمىكىن دەيمەن. قەشقەردىكى كىتاب يايما بازىرىنى بىلىدىغانلار ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئەتكەن بولساڭلار.
پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى يېڭى دەرۋازىسى يېنىدا بىر كىتاب يايمىسى بار يەنى سامان بازىرىدا شۇ يەردە بىر تاغام كىتىپ ساتىدۇ ياخشى كىتابلار بار ئەمما ئۇ تاغام يايمىسىنى پەقەت شەنبە يەكشەنبە كۈنىلا ئاچىدۇ ئاندىن يەنە ھېيىتگاھ ئالدىدىكى يولنى بويلاپ جەنۇپقا قاراپ ماڭسىڭىز تۇران تاماقخانىسى دەپ بىر تاماقخانا بار شۇنىڭ يېنىدىكى بىر كىچىك كوچىدىمۇ بىر تاغام كىتىب ساتىدۇ كىتاب لازىم بولسا ھەر شەنبە يەكشەنبە ئەتىگەنرەك چىقىپ شۇ يەرنى ئىزدەپ بېقىڭ شۇ يەردىمۇ ياخشى كىتاب بار