ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 36قەۋەت penhan كە 2011-09-07 12:04 AMئەۋەتىلدى :
تۈمەن دەرياسىلا ئەمەس،زەرەپشان دەرياسىنىڭ ئاياغ ئىقىنىمۇ ئىرىققا ئايلىنىپ بولدى.
زەرەپشان دەرياسى (يەكەن دەرياسى ) مارالبېشى ناھىيىسىگە كىلىپ ئاخىرلىشىدۇ ، ئاقتۇ ،يەكەن ،مەكىت ،مارالبېشى سېرىقبۇيا بازىرى تەۋەسىدىكى ئېقىنلىرى خېلى چوڭ بۇلۇپ تەرتىپ بۇيىنچە ئاقتۇ ،يەكەن ، مەكىت ،ۋە سېرىقبۇيا بازىرىغا كەلگۈچە نۇرمال سۇ ئاقىدۇ ،مارالبېشى ناھىيە تەۋەسىدىكى ئېقىن بويلىرىدا ھەر يىلى كەلكۈن مەزگىللىرىدە ئۈچ تىن 10 نەپەر گىچە چوڭ كىچىك كىشىلەرنىڭ سۇدا ئېقىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاش ھازىر ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس . ئالدىنقى ئىككى يىلدا زەرەپشان دەرياسى (مارالبېشى ناھىيىسىدە يەكەن دەرياسى دىيىلىدۇ ) دا سۇ مىقدارى .ئازىيىش سەۋەبلىك ناھىيىمىزدە ئېغىر قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەن ، بۇ يىل سۈيى خېلى ياخشى كەپتىمىش . سۇ بىزنىڭ ئىشىك ئالدىغا كەلگگندە ئىككى ئۈچ ئېقىنغا بۆلۈنۈپ كىلىدىغانلىقى سەۋەبلىكىك كەڭلىكى تۆت مىتىرلىق ئۆستەڭدە .ئاقىدۇ . ئاساسلىقى ئاناركۆل ، دۆلەتباغ ، چاھارباغ يېزىلىرىدا ئاخىرلىشىدۇ .
تۈمەن دەرياسى (مارالبېشى ناھىيە تەۋەسىدىكى ئېقىنىنى قەشقەر دەرياسى دەيمىز ) ئىلگىرى تۇرۇبا يۇق ۋاقىتلاردا مۇھىم ئىچىملىك سۇلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ ھەر يىلى كەلكۈن كەلگەندە دوستلىرىم بىلەن سۇغا چۈشۈپ ئوينايتۇق .(تەخمىنەن 95-98 ـ يىللىرىغىچە )كىيىنچە دەريا ئەتراپىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىيىشى ،دەريا قىنىنى تىندۇرۇپ تۇرالغۇ سېلىۋېلىش قىلمىشىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئەسلىدىكى 100مىتىردىن150 مىتىرغىچە كىلىدىغان دەريا 2009 ـ يىلىغا كەلگەندە بەزى يەرلىرى 3-4 مىتىرمۇ كەلمەيدىغان بۇلۇپ قالدى ،شۇ ئەتراپدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھاجەتخانىنى دەريا قىنىغا سېلىپ ‹‹گەندە تازلاش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلغان ›› ھەمدە تۇرمۇشتىكى كىرەكسىز ئەخلەت ، يۇندا ... قاتارلقلارنى تۆكۈش سەۋەبلىك بۇ دەريانىڭ ئاناركۆل يېزىسىدىن كىسىپ ئۆتىدىغان مارالبېشى يەركەن تاشيولى كۆۋرۈكىدىن باشلاپ دۆلەتباغ يېزىسى ارشەنبە بازار كەنتىگىچە ولغان ئارلىقتىكى نەچچە ئون مىڭ ئاھالىلىكنىڭ كىرەكسىز سۇ يۇلى ، ئەۋرەز يولى ، ئەخلەت ساندۇقى بۇلۇپ قالغان ، بەزى زاۋۇتلاردىن چىققان كىرەكسىز سۇ (چىگە زاۋۇتىدىن چىققان قاپقارا سېسسىق سۇ ، ۋە بىنا ئۇلىدىن تارتىپ چىقىرىلغان زەي ،تۇزلۇق سۇ ) قۇشۇلۇپ ئېقىپ تېخىمۇ ئۆزگىچە بۇلۇپ كەتكەن . سىز كەلكۈن كىلىش ئالدىدا 6 -7 ئاي ئەتراپىدا دوستلۇق يولى بۆلىكىدىكى كۆۋرىكىدە ، تۇرۇپ غالبىيەت يولى كۆۋرىكىچە بولغان ئەتراپقا قارىسىڭىز يۈرىكىڭىز ئېچىشىپ ئۈزىڭىزنى تۇتۇۋالالمايسىز ، بىر بىرىگە يانداپ سېلىنغان كىچىك ، كىچىك ، ئۆيلەر ، قارىسىڭىز ھازىرلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغان قىياپەتتە . ئۆيلەرنىڭ ئارقا تېمىدىن ئىككى ئۈچ مىتىر يىراقلىققىچە ياغاچتىن ھاجەتخانىسىغىچە بارىدىغان ‹كۆۋرۈك› لىرى ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرۈپ كۈچىڭىز يەتسە بۇ ئەتراپتىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىنى چېقىپ تۈزلىۋەتكىڭىزنى كەلتۈرىۋېتەتتى . كىشىنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈردىغىنى ناھىيىنىڭ پەخىرى بولغان چوڭ مەسجىت يېنىدىكى بۆلىكى بۇلۇپ مەسجىدنىڭ ئارقا دەرۋازىسى ئالدىدىن غەرىپتىن شەرىققا قاراپ ئاققان بۆلىكىدىكى سۇ ئوننەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزى چۈمۈلۈپ ئوينىغان ،سۈپسۈزۈك سۇ ئاقىدىغان دەريا ئىكەنلىكىگە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.يېقىندا ھۆكۈمەت بۇ ئەتراپتىكى ئۆيلەرنى (مارالبېشى يەكەن تاشيول بۆلىكىدىن دوستلۇق يۇلى كۆۋرىكىگىچە ) چېقىپ كۈچۈرۈش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملانغان بۇلۇپ ھازىر دەريا قىنى ئەسلىدىكى كەڭلىك بۇيىنچە كولىنىپ ئىش باشلىنىۋاتىدۇ ، كىلەر يىلى دوستلۇق يۇلىدىن شەرىققە قاراپ سوزىلىشى مۇمكىن ، بۇ دەريا قۇرلۇشى تاماملانسا تۈمەن دەرياسىدىكى ئىتىۋېتىلگەن توسما ئېچىۋېتىلىدۇ ، ئاندىن سۈزۈك ، ھەم لىق سۇ ئېقىشى مۇمكىن .
بۇ تىما ئارقىلىق پىداگوگىگا ئىنىستىتۇتى بىلەن تۇنۇشىۋالغىنىمدىن تۇلىمۇ خۇشالمەن ، رەھمەت سىزگە .