ئازگال مېيى: ئەۋرەز يولىدىن تاماق ئۈستىلىگىچە
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: نۆۋەتتە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن، ئازگال مېيى ئىشلەش سېتىش جىنايىتىگە مەملىكەت بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ. بۇ يازما دۆلىتىمىزدىكى نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسەن تەييارلاندى. بۇ يازمىنى تەييارلاشتىكى مەقسەت، خەلق ئاممىسىغا ئازگال مېيىنىڭ زىيىنىنى تونۇتۇش ۋە بۇ ھەقتە مەلۇم ساۋاتقا ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. تورداشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا، سوغوققان بولۇشىنى، قانۇنغا خىلاپ كېلىدىغان مەزمۇندا ئىنكاس يازماسلىقىنى ئۆتۈنىمىز. تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرى ياكى تور نازارەتچىلىرى بۇ يازمىنى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، ئەسلى مەنبەنى كۆرۈپ بېقىپ، ئويلاپ بېقىپ ئىش تۇتقايسىز. كاللىسى بار تۇرۇپ ئويلىمايدىغانلار ئۈچۈن ئېچىنىمىز. مەلۇم ئىنكاس سەۋەبىدىن بۇ يازمىنى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، تېخىمۇ ئويلىنىپ باقارسىز. ئىنكاس قانۇنسىز بولسا، شۇ ئىنكاسنى بىر تەرەپ قىلغايسىز.
بەلكىم، مەنمۇ، سىزمۇ بىلىپ-بىلمەي ئازگال مېيى يەۋاتقان بولۇشىمىز مۇمكىن.
ئازگال مېيى: ئەۋرەز يولىدىن تاماق ئۈستىلىگىچە
خەۋەر قىلىنىشىچە، يېقىندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شەندۇڭنىڭ جىنەندىكى گېلىن بىيو ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنى قورشاپ، ليۇ فامىلىلىك باشچىلىقىدىكى 32 گۇماندارنى قولغا ئالغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 100توننىدىن كۆپرەك ئازگال مېيىنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ يىل 3-ئايدا جېجياڭ نىڭخەي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى زور كۆلەمدە زىيارەت قىلىش جەريانىدا، بەزىلەرنىڭ ئاشخانا ئەخلەتلىرى، كۆيدۈرۈپ چۈچۈتۈپ تاشلىۋېتىلگەن ماي، پاسكىنا سۇلاردىن ئازگال مېيى ياسىغانلىقىنى بايقىغان. نىڭخەي ساقچى دائىرىلىرى ھەرىكەت قوللىنىپ، مەخسۇس ئازگال مېيى يىغىدىغان ئەنخۇيلۇق ئالتە جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ليۇ فامىلىلىك بىرقانچە گۇماندارنىڭ شەندۇڭنىڭ پىڭيىندە بىيو سالياركا ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش نامى بىلەن جېجياڭ، سىچۈەن، گۈيجۇ، جياڭسۇ قاتارلىق جايلاردا ئازگال مېيى سېتىۋالغانلىقى، يېمەكلىك مېيىنى مەخپىي ئىشلەپچىقارغانلىقى، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ كۈنىگە نەچچە ئون توننىدىن ئاشقانلىقى ئايان بولغان. يۈەن فامىلىلىك قاتارلىق جىنايەت گۇماندارلىرى ئازگال مېيى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى ئەلا سۈپەتلىك ماي قىلىپ كۆرسىتىپ ساتقان، ھەتتا ئۇنىڭغا بەزى داڭلىق ماركىلارنى چاپلاپ بازارلاردا ساتقان. ئازگال مېيىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىك مېيىنىڭ ئاشخانىلارغا سىڭىپ كىرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئازگال مېيى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئېلىپ سېتىش، يېمەكلىك مېيى قىلىپ ئىشلەش، سېتىش يەر ئاستى ئۇۋىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتقان. (1)
بۇ خەۋەردىن مەلۇم بولدىكى، ئازگال مېيى ئاشخانىلارغا ھەقىقەتەن سىڭىپ كىرگەن. ئىلگىرى بەزى مەنسەبدارلار ئازگال مېيىنىڭ ئاشخانىلارغا كىرگەنلىكىنى گۈرەن تومۇرلىرىنى كۆپتۇرۇپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىشقان ئىدى. خەۋەردە ئازگال مېيى ئىشلەش، سېتىش ئۇۋىسى تەلتۆكۈس يوقىتىلدى،دەپتۇ. بۇ بەلكىم شۇ قېتىم بايقالغان ئازگال مېيى ئىشلەش ئۇۋىسىنى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك. تېخى بايقالمىغان، ئىنسابنى قايرىپ قويۇپ، ھارام پايدا ئېلىش كويىدا يەنىلا ئازگال مېيى ئىشلەپ سېتىۋاتقانلار بارمۇ-يوق؟ يوق دەپ ھېچكىم كېسىپ ئېيتالمايدۇ. ئەگەر ئازگال مېيى ئىشلەش ئۇۋىلىرى تەلتۆكۈس يوقىتىلغان بولسا، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىمۇ ئازگال مېيى ئىشلەش سېتىش جىنايىتىگە مەملىكەت بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرماس بولغىيدى. (2)
يەنە بىر خەۋەردە دېيىلىشىچە، نىڭبو ساقچى تەرەپ يېقىندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىكى نازارەت قىلغان، زور تىپتىكى قانونغا خىلاپ ھالدا ئازگال مېيىدىن ئىستېمال قىلىدىغان ماي ياساپ سېتىش دېلوسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىپ، جىنايەت گۇماندارىدىن 20 ئادەمنى تۇتۇپ، ئازگال مېيىدىن 694 توننىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى. ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بىر يىغىۋېلىش، ئاددىي چەككىلەش، ھايىنىغا سېتىش، پىشىقلاپ ئىشلەشتىن سېتىشقىچە بولغان يەر ئاستى ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرى بولۇپ، جېجىياڭ، جىياڭسۇ، شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلەرگە تۇتاشقان. ساقچى تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 694 توننا ئازگال مېيى بەلكىم ئاشكارىلانمىغان ئازگال مېيىنىڭ پەقەت بىر قىسىمى بولۇپ، ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولغان ئازگال مېيى ئاللىبۇرۇن ئاۋام خەلقنىڭ تاماق ئۈستىلىگە «چىقىپ » بولغان ئىكەن. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى شۈركەندۈرىدىغان بىر خەۋەر. بەلكىم ئارىمىزدىكى ھەر بىر ئادەم بىلىپ-بىلمەي ئازگال مېيىنى ئىستېمال قىلىۋاتقان بۇلۇشى مۇمكىن. (3)
ماي بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىر قىسىم پۇل تېپىشنىلا ئويلايدىغان كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتىن چىققان ماي داغلىرى ۋە ئىشلىتىش ئۆلچىمىگە چۈشمىگەن خام ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، ئازگال مېيىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، قاراڭغۇ يوللار بىلەن بازارغا ئېلىپ كىرمەكتە. شۇڭا، ماي سېتىۋالغاندا، ئىشەنچلىك ئورۇننىڭ، سۈپەتلىك مېيىنى ئىشلىتىش، ھەرگىزمۇ سۈپەت ئۆلچىمىگە توشمىغان ئازگال مېيىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
ئازگال مېيى قانداق ماي؟
ئازگال مېيى دىگىنىمىز، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچراتقان بارلىق ناچار، ساختا مايلارنىڭ ئومومىي ئاتىلىشى بولۇپ، ئازگال مېيى تۆۋەندىكىدەك 3 تۈرگە ئايرىلىدۇ، 1-خىلى: ئازگال(ئەۋرەز يوللىرى)دىن چىققان ماي بولۇپ، مەملىكەتنىڭ چوڭ –كىچىك بازارلىرىغا جايلاشقان ئاشخانىلاردىن چىققان ،تاماق قالدۇقلىرى، ھەرخىل قورۇما قالدۇقلىرى دائىم ئەۋرەز كۆلچەكلىرىگە تۆكۈلۈش ئارقىلىق ئەۋرەز يوللىرىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، ئەۋرەز يوللىرىدىكى سۇ يۈزىدە لەيلەپ يۈرگەن مايلار ۋە چوڭ رېستۇران، قاۋاقخانىلاردا ئاشقان-تاشقان تاماق قالدۇقلىرى، ھەرخىل قورۇما قالدۇقلىرىنى (مەخسۇس ماشىنا بىلەن يىغىدىغان مەخسۇس بىر تۈركۈم كىشىلەر بار، بەلكىم سىزمۇ ئۇچراتقان بولىشىڭىز مۇمكىن) يىغىپ ئاددى ئۇسۇلدا قايتا پىششىقلاپ، چېككىلەپ ئىشلەنگەن مايلار. 2- خىلى: بۇزۇلغان چوشقا گۆشى، چوشقىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، چوشقا تېرىسى قاتارلىقلارنى پىششىقلاپ، چېككىلەپ چىقارغان مايلار. 3-خىلى: ياغدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق پۇشۇرۇلىدىغان يىمەكلىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان مايلار. بۇنداق مايلارنىڭ قانچىلىك مايدا قانچىلىك يىمەكلىك پۇشۇرۇشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆلچىمى بولىدۇ، بىراق بەزىلەر بىر قازان مايغا نەچچە ئون ھەسسە ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ يىمەكلىك پۇشۇرىۋالىدۇ، بىر قازان ماينى نەچچە كۈنلەپ ئىشلىتىدۇ، بۇنداق ماي قارىداپ كەتكەندىن كېيىن يەنە ئازراق يېڭى ماي قويۇپلا داۋاملىق ئىشلىتىدۇ، ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ئەھۋالغا كېلىپ قالغاندا ئاندىن تۆكىۋېتىدۇ،ياكى كېرەكسىز ماي يىغىدىغانلارغا بېرىۋېتىدۇ. مۇشۇنداق ماينى ئازگال مېيى ئىشلەپچىقارغۇچىلار يىغىۋېلىپ قايتىدىن چېككىلەپ، خىمىيىۋىي دورىلارنى سېلىپ سۈزۈكلىتىپ قايتىدىن بازارغا ئاپىرىپ ئەرزان باھادا ساتىدۇ.(4)
"گۇاڭجۇ گېزىتى"نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇيجۇدا بىر باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقاننىڭ ئاشكارىلىشىچە نۇرغۇن چوشقا باقىدىغانلار رېستۇرانلاردىن ئاشقان-تاشقان تاماق قالدۇقلىرىنى يىغىپ ئەكىلىپ ئۈستىدىكى ماينى سۈزۈپ ئېلىپ ئازگال مېيى ئىشلەيدىغانلارغا ساتىدىكەن، ئاستىدىكى قېلىپ قالغىنلىرى بىلەن چوشقا باقىدىكەن، ئۇ دېھقاننىڭ دىيىشىچە ئۇ ئۆزىلا مۇشۇنداق سۈزۈپ ئالغان ماينى بىر ئايدا ئاز دىگەندىمۇ 250كىلوغا يېقىن سېتىپ بولىدىكەن، ئۇنىڭ دىيىشىچە ئازگال مېيى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ تاپقان پايدىسى چوشقا باققاندىنمۇ ياخشى ئىكەن، ئازگال مېيى پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ ئىش پىرىنسىپى ئاددى بولۇپ يىغىپ ئەكەلگەن ماينى چوڭ قازانغا قويۇپ قاينىتىپ مەلۇم بىر خىل خىمىيىۋىي دورىنى تۆككەندىن كېيىن ماي ئىچىدىكى قالدۇق ماددىلارنىڭ ھەممىسى قازاننىڭ ئاستىغا چۆكۈپ كېتىدىكەن، ئاندىن بۇنى ماي چېككىلىگۈچى يەنە بىر تۈركۈملەرگە ئۆتكۈزىدىكەن ،يەنە بىر تۈركۈمدىكىلەر بولسا پۇراق يوقىتىش، رەڭ قوشۇش، يەنىمۇ بىر قەدەم سۈزۈكلەشتۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلاردىن كېيىن ئاندىن سېتىشقا باشلايدىكەن.
گۇڭدوڭنىڭ فوشەندە نۇرغۇنلىغان تاماقخانىلاردا ئاشپەز بولۇپ ئىشلىگەن جاۋ ئۇستىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئاشخانىلارنىڭ ئازگال مېيىنى ئىشلىتىشى ھازىر يېڭىلىق ئەمەس ئىكەن، بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەپ پايدا قوغلىشىشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ ئازگال مېيىنى ساتقۇچىلار ئاشخانىلارغا كىلوسىنى 3يۇەندىن ئۆتكۈزىدىكەن، بەزى چاغلاردا بۇنىڭدىنمۇ ئەرزان ساتىدىكەن، ئادەتتىكى مايلارنى ئىشلىتىمەن دىسە كىلوسى 9يۈەن تۇرسا ، مۇشۇنداق ئەرزان بولغان ئازگال مېيىنى ئىشلەتكەندە تەننەرخ تۆۋەنلەپ پايدىنى كۆپ ئالغىلى بولىدىكەن، جاۋ ئۇستىنىڭ دىيىشىچە بىر توننا ئازگال مېيىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈچۈن 300يۈئەن كېتىدىغان بولۇپ ، مۇشۇنداق سودىنى قىلىۋاتقانلاردىن بىر ئايدا 10مىڭ پايدا ئالغانلارمۇ بار.
جاۋ ئۇستىنىڭ دىيىشىچە: سىچۇئەن قورۇمىلىرى ئاشخانىلىرى ۋە كىچىك ئاشخانىلار مۇشۇنداق ئازگال مېيىنى ئىشلىتىدىكەن، ئويلاپ بېقىڭ ، بۇنداق ئاشخانىلاردا ئاساسەن ئوت قازان شورپىسى(火锅)، مالاچۇئەر(麻辣串)، بېلىق قورۇمىلىرى،تۈرلۈك قورۇمىلار بولۇپ، بېلىق قورۇمىلىرى ئارانلا ئوننەچچە يۈئەن بولمىغاندا 20 يۈەنگىلا سېتىلىدىغان تۇرسا ئويلاپ بېقىڭ بىر تال بېلىق قانچە پۇل، ئىش ھەققى قانچە؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ياخشى مايلارنى ئىشلىتىپ پايدا ئالغىلى بولامدۇ؟ يەنە بىر تەرىپى بۇنداق ئاشخانىلاردىكى قورۇمىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاچچىق بولغاچقا ئازگال مېيىنىڭ غەيرى پۇرىقى ۋە تەمىنى ئاچچىق تەم بېسىپ كېتىدۇ-دە ھېچكىم بىلەلمەي قالىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ئازراق گېلىڭىزنى قىزىتىدۇ-شۇ.....
جوڭگو رادىئو تورىنىڭ خەۋىرىدە ۋوخەن سانائەت ئىنىستىتۇتى يىمەكلىك ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروففىسسورى خې دوڭ پىڭ يەنە بىر سالاھىتى مەملىكەتلىك ئاشلىق-ماي ئۆلچەملەشتۈرۈش كومىتېتى ماي ماتېرياللىرى خىزمەت گۈرۈپپىسىنىڭ باشلىقى، ئۇ جوڭگو ياشلار گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دىگەن:- مېنىڭ پەرىزىمدە نۆۋەتتە ھەر يىلى مەملىكىتىمىزدە تاماق ئۈستەللىرىدە ئىستىمال قىلىنىپ بولىدىغان ئازگال مېيى 300~200 توننىغا يېتىشى مۇمكىن، جوڭگو خەلقى بىر يىلدا ئىستىمال قىلىپ بولىدىغان ماينىڭ (ئۆسۈملۈك مېيى ھايۋانات مېيى قوشۇلۇپ)ئومومى مىقدارى22مىليون5يۈزمىڭ توننا بولۇپ مۇشۇ بويىچە ھىساپلىغاندا ئەگەر سىز دائىم سىرتتا تاماق يىسىڭىز، يىگەن 10 ۋاقلىق تامىقىڭىزنىڭ بىر ۋاقلىقىدا چوقۇم يىگىنىڭىز ئازگال مېيى بولىشى مۇمكىن.
ئازگال مېيىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى:
ئەمىلىيەتتە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئازگال مېيىنى ئېنىق ئايرىش ، ۋە پەرقلەندۈرۈش توغرىسىدا ئاددى ۋە توغرا بولغان ئۇسۇلىنى تېخى ئېلان قىلمىدى، شۇنداقتىمۇ توردا تورداشلارنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە بۇ يەرگە قوشۇمچە قىلىپ قويدۇم.
كۈزىتىش،تېتىپ بېقىش، پۇراش،ئاڭلاش،سوراش
1- كۈزىتىش:سېتىۋالغان ماينىڭ سۈزۈكلىكىگە قاراش، ساپ مايلار ئىنتايىن سۈزۈك بولىدۇ.
2- پۇراش، ئازگال مايلىرىدىن ئازراق بولسىمۇ غەلىتە پۇراق چىقىدۇ.
3- تېتىپ بېقىش، گەرچە ماينى بىر تېمىم بولسىمۇ خام پېتى تىلغا تەگكۈزۈپ تېتىپ باققاندا غەلىتە تەملىك بولغانلىرى ئازگال مېيى بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.
4- ئاڭلاش، مايدىن بىرنەچچە تېمىم ئېلىپ قەغەزگە تېمىتقاندىن كېيىن ئوت يېقىپ كۆيىشىنى ئاڭلاپ بېقىش، چىرىس-چىرىس ئاۋاز چىققان بولسا ئازگال مېيى بولىشى مۇمكىن، چۈنكى ئازگال مېيىنىڭ ئىچىدە دائىم سۇ تەركىبى بولىدۇ، ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىقراق چاراسلاپ كۆيگەن بولسا ماي ئىچىگە ساختا نەرسىلەر قوشۇلغان بولىشى مۇمكىن.
5- پارچە ماي سېتىۋالغاندا ماي ساتقۇچىدىن ماينى نەدىن ئەكىرگەنلىكىنى سوراش، قاچىلاقلىق تەييار مايلارنى سېتىۋالغاندا ماركىسىغا، ئىشلەنگەن زاۋۇت ئورنىغا، ھەرخىل ئۆلچەم ، ئىجازەت نومۇرلىرىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
دىمەك ئاسان، ئەمىلىيەتتە ئازگال مېيى بىلەن پارچە سېتىلىدىغان مايلارنىڭ رەڭگى، پۇرىقى جەھەتلەردە پەرقلەندۈرۈش تەس.
ئازگال مېيىنى ئىستىمال قىلغاندا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
ئازگال مېيىنىڭ تەركىبىدە خىمىيىلىك ماددا بولۇپ ئۇنىڭ كىسلاتالىقى يوقۇرى، تەركىبىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بار، دائىم ئازگال مېيىنى ئىستىمال قىلغاندا كىشىلەردە بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كېتىش، يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراش، ئاسانلا ئىچى سۈرۈش، ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش، جىگەر، يۈرەك ۋە بۆرەك ئىششىپ قېلىش، ياكى يوغىناپ قېلىش، جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىش، ھەتتا جىگەر راكى، ئۆسمە راكى، ئاشقازان راكى، بۆرەك راكى، ئۈچەي راكى، ئەمچەك راكى قاتارلىق ئەجەللىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. (5)
ئازگال مېيى ئىشلەش ۋە سېتىش قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەركەت. بۇنداق جىنايەت نېمە ئۈچۈن تۈگىتىلمەيدۇ؟ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلدىمۇ؟ بىزمۇ بىلىپ-بىلمەي ئازگال مېيىنى يەۋاتامدىغاندۇق؟ بۇ سۇئاللارنى ئويلاپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
مەنبە:
(1) جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى: «ئازگال مېيىدىن يېمەكلىك مېيى ياساش ۋە سېتىش پەۋقۇلئاددە دېلوسى پاش قىلدى» ناملىق خەۋەر، 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، تور ئادرېسى:
http://www.uycnr.com/gnxw/201109/t20110913_144584.html
(2) جۇڭگو تورى: دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئازگال مېيى ئىشلەش سېتىش جىنايىتىگە مەملىكەت بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشكە ئورۇنلاشتۇردى ناملىق خەۋەر. تور ئادرېسى:
http://www.china.com.cn/economic ... ontent_23407735.htm
(3) جۇڭگو يېمەك-ئىچمەك پەن-تېخنىكا تورى: ئازگال مېيى تاماق ئۈستىلىگە قانداق چىققان؟ ناملىق خەۋەر. تور ئادرېسى:
http://www.tech-food.com/news/2011-9-5/n0603045.htm
(4) شىنخۇا تورى: ئازگال مېيى قانداق ماي؟ ناملىق ماقالە. تور ئادرېسى:
http://news.xinhuanet.com/2011-08/17/c_121872274.htm
(5) پاكنۇر تورى: «ئازگال مېيىدىن ھەزەر ئەيلەڭ» ناملىق ماقالە. تور ئادرېسى:
http://bbs.paknur.com/read.php?tid=1629
نوشىرۋان تەييارلىدى.