ئازگال مېيى: ئەۋرەز يولىدىن مالاچۇەرخانىغىچە
ئازگال مېيى دىگەن نىمە؟ ئۇ قانداق ئىشلىنىدۇ؟
ئازگالمېيى دىگىنىمىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچراتقان بارلىق ناچار، ساختامايلارنىڭ ئومومىي ئاتىلىشى بولۇپ، ئازگال مېيى تۆۋەندىكىدەك 3 تۈرگەئايرىلىدۇ، 1-خىلى: ئازگال(ئەۋرەز يوللىرى)دىن چىققان ماي بولۇپ،مەملىكەتنىڭ چوڭ –كىچىك بازارلىرىغا جايلاشقان ئاشخانىلاردىن چىققان ،تاماققالدۇقلىرى، ھەرخىل قورۇما قالدۇقلىرى دائىم ئەۋرەز كۆلچەكلىرىگە تۆكۈلۈشئارقىلىق ئەۋرەز يوللىرىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، ئەۋرەز يوللىرىدىكى سۇ يۈزىدەلەيلەپ يۈرگەن مايلار ۋە چوڭ رېستۇران، قاۋاقخانىلاردا ئاشقان-تاشقان تاماققالدۇقلىرى، ھەرخىل قورۇما قالدۇقلىرىنى (مەخسۇس ماشىنا بىلەن يىغىدىغانمەخسۇس بىر تۈركۈم كىشىلەر بار، بەلكىم سىزمۇ ئۇچراتقان بولىشىڭىز مۇمكىن)يىغىپ ئاددى ئۇسۇلدا قايتا پىششىقلاپ، چېككىلەپ ئىشلەنگەن مايلار،2-خىلى:بۇزۇلغان چوشقا گۆشى، چوشقىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، چوشقا تېرىسىقاتارلىقلارنى پىششىقلاپ، چېككىلەپ چىقارغان مايلار. 3-خىلى: ياغدىنئۆتكۈزۈش ئارقىلىق پۇشۇرۇلىدىغان يىمەكلىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان مايلار.بۇنداق مايلارنىڭ قانچىلىك مايدا قانچىلىك يىمەكلىك پۇشۇرۇشقابولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆلچىمى بولىدۇ، بىراق بەزىلەر بىر قازان مايغانەچچە ئون ھەسسە ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ يىمەكلىك پۇشۇرىۋالىدۇ، بىر قازان ماينىنەچچە كۈنلەپ ئىشلىتىدۇ، بۇنداق ماي قارىداپ كەتكەندىن كېيىن يەنە ئازراقيېڭى ماي قويۇپلا داۋاملىق ئىشلىتىدۇ، ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ئەھۋالغاكېلىپ قالغاندا ئاندىن تۆكىۋېتىدۇ،ياكى كېرەكسىز ماي يىغىدىغانلارغابېرىۋېتىدۇ. مۇشۇنداق ماينى ئازگال مېيى ئىشلەپچىقارغۇچىلار يىغىۋېلىپقايتىدىن چېككىلەپ، خىمىيىۋىي دورىلارنى سېلىپ سۈزۈكلىتىپ قايتىدىن بازارغائاپىرىپ ئەرزان باھادا ساتىدۇ.
"گۇئاڭجۇ گېزىتى"نىڭ خەۋىرىگەقارىغاندا، خۇيجۇدا بىر باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقاننىڭئاشكارىلىشىچە نۇرغۇن چوشقا باقىدىغانلار رېستۇرانلاردىن ئاشقان-تاشقانتاماق قالدۇقلىرىنى يىغىپ ئەكىلىپ ئۈستىدىكى ماينى سۈزۈپ ئېلىپ ئازگال مېيىئىشلەيدىغانلارغا ساتىدىكەن، ئاستىدىكى قېلىپ قالغىنلىرى بىلەن چوشقاباقىدىكەن، ئۇ دېھقاننىڭ دىيىشىچە ئۇ ئۆزىلا مۇشۇنداق سۈزۈپ ئالغان ماينىبىر ئايدا ئاز دىگەندىمۇ 250كىلوغا يېقىن سېتىپ بولىدىكەن، ئۇنىڭ دىيىشىچەئازگال مېيى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ تاپقان پايدىسى چوشقا باققاندىنمۇ ياخشىئىكەن، ئازگال مېيى پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ ئىش پىرىنسىپى ئاددى بولۇپ يىغىپئەكەلگەن ماينى چوڭ قازانغا قويۇپ قاينىتىپ مەلۇم بىر خىل خىمىيىۋىي دورىنىتۆككەندىن كېيىن ماي ئىچىدىكى قالدۇق ماددىلارنىڭ ھەممىسى قازاننىڭئاستىغا چۆكۈپ كېتىدىكەن، ئاندىن بۇنى ماي چېككىلىگۈچى يەنە بىرتۈركۈملەرگە ئۆتكۈزىدىكەن ،يەنە بىر تۈركۈمدىكىلەر بولسا پۇراق يوقىتىش،رەڭ قوشۇش، يەنىمۇ بىر قەدەم سۈزۈكلەشتۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلاردىن كېيىنئاندىن سېتىشقا باشلايدىكەن.
گۇڭدوڭنىڭ فوشەندە نۇرغۇنلىغانتاماقخانىلاردا ئاشپەز بولۇپ ئىشلىگەن جاۋ ئۇستىنىڭ ئاشكارلىشىچە،ئاشخانىلارنىڭ ئازگال مېيىنى ئىشلىتىشى ھازىر يېڭىلىق ئەمەس ئىكەن، بۇنداقبولىشىدىكى سەۋەپ پايدا قوغلىشىشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ ئازگال مېيىنىساتقۇچىلار ئاشخانىلارغا كىلوسىنى 3يۇەندىن ئۆتكۈزىدىكەن، بەزى چاغلاردابۇنىڭدىنمۇ ئەرزان ساتىدىكەن، ئادەتتىكى مايلارنى ئىشلىتىمەن دىسە كىلوسى9يۈەن تۇرسا ، مۇشۇنداق ئەرزان بولغان ئازگال مېيىنى ئىشلەتكەندە تەننەرختۆۋەنلەپ پايدىنى كۆپ ئالغىلى بولىدىكەن، جاۋ ئۇستىنىڭ دىيىشىچە بىر توننائازگال مېيىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈچۈن 300يۈئەن كېتىدىغان بولۇپ ، مۇشۇنداقسودىنى قىلىۋاتقانلاردىن بىر ئايدا 10مىڭ پايدا ئالغانلارمۇ بار.
جاۋئۇستىنىڭ دىيىشىچە: سىچۇئەن قورۇمىلىرى ئاشخانىلىرى ۋە كىچىك ئاشخانىلارمۇشۇنداق ئازگال مېيىنى ئىشلىتىدىكەن، ئويلاپ بېقىڭ ، بۇنداق ئاشخانىلاردائاساسەن ئوت قازان شورپىسى(火锅)، مالاچۇئەر(麻辣串)، بېلىق قورۇمىلىرى،تۈرلۈكقورۇمىلار بولۇپ، بېلىق قورۇمىلىرى ئارانلا ئوننەچچە يۈئەن بولمىغاندا 20يۈەنگىلا سېتىلىدىغان تۇرسا ئويلاپ بېقىڭ بىر تال بېلىق قانچە پۇل، ئىشھەققى قانچە؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ياخشى مايلارنى ئىشلىتىپ پايدا ئالغىلىبولامدۇ؟ يەنە بىر تەرىپى بۇنداق ئاشخانىلاردىكى قورۇمىلارنىڭ كۆپىنچىسىئاچچىق بولغاچقا ئازگال مېيىنىڭ غەيرى پۇرىقى ۋە تەمىنى ئاچچىق تەم بېسىپكېتىدۇ-دە ھېچكىم بىلەلمەي قالىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ئازراق گېلىڭىزنىقىزىتىدۇ-شۇ.....
جوڭگورادىئو تورىنىڭ خەۋىرىدە ۋوخەن سانائەت ئىنىستىتۇتى يىمەكلىك ئىلمى ۋەقۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروففىسسورى خې دوڭ پىڭ يەنە بىر سالاھىتىمەملىكەتلىك ئاشلىق-ماي ئۆلچەملەشتۈرۈش كومىتېتى ماي ماتېرياللىرى خىزمەتگۈرۈپپىسىنىڭ باشلىقى، ئۇ جوڭگو ياشلار گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دىگەن:-مېنىڭ پەرىزىمدە نۆۋەتتە ھەر يىلى مەملىكىتىمىزدە تاماق ئۈستەللىرىدەئىستىمال قىلىنىپ بولىدىغان ئازگال مېيى 300~200 توننىغا يېتىشى مۇمكىن،جوڭگو خەلقى بىر يىلدا ئىستىمال قىلىپ بولىدىغان ماينىڭ (ئۆسۈملۈك مېيىھايۋانات مېيى قوشۇلۇپ)ئومومى مىقدارى22مىليون5يۈزمىڭ توننا بولۇپ مۇشۇبويىچە ھىساپلىغاندا ئەگەر سىز دائىم سىرتتا تاماق يىسىڭىز، يىگەن 10ۋاقلىق تامىقىڭىزنىڭ بىر ۋاقلىقىدا چوقۇم يىگىنىڭىز ئازگال مېيى بولىشىمۇمكىن.
ئازگال مېيىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى:
ئەمىلىيەتتەھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئازگال مېيىنى ئېنىق ئايرىش ، ۋە پەرقلەندۈرۈشتوغرىسىدا ئاددى ۋە توغرا بولغان ئۇسۇلىنى تېخى ئېلان قىلمىدى، شۇنداقتىمۇتوردا تورداشلارنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە بۇ يەرگە قوشۇمچە قىلىپ قويدۇم.
كۈزىتىش،تېتىپ بېقىش، پۇراش،ئاڭلاش،سوراش
1. كۈزىتىش:سېتىۋالغان ماينىڭ سۈزۈكلىكىگە قاراش، ساپ مايلار ئىنتايىن سۈزۈك بولىدۇ.
2. پۇراش، ئازگال مايلىرىدىن ئازراق بولسىمۇ غەلىتە پۇراق چىقىدۇ.
3. تېتىپ بېقىش، گەرچە ماينى بىر تېمىم بولسىمۇ خام پېتى تىلغا تەگكۈزۈپتېتىپ باققاندا غەلىتە تەملىك بولغانلىرى ئازگال مېيى بولۇشى ئېھتىمالغايېقىن.
4. ئاڭلاش، مايدىن بىرنەچچە تېمىم ئېلىپ قەغەزگەتېمىتقاندىن كېيىن ئوت يېقىپ كۆيىشىنى ئاڭلاپ بېقىش، چىرىس-چىرىس ئاۋازچىققان بولسا ئازگال مېيى بولىشى مۇمكىن، چۈنكى ئازگال مېيىنىڭ ئىچىدەدائىم سۇ تەركىبى بولىدۇ، ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىقراق چاراسلاپ كۆيگەن بولسا مايئىچىگە ساختا نەرسىلەر قوشۇلغان بولىشى مۇمكىن.
5. پارچە مايسېتىۋالغاندا ماي ساتقۇچىدىن ماينى نەدىن ئەكىرگەنلىكىنى سوراش، قاچىلاقلىقتەييار مايلارنى سېتىۋالغاندا ماركىسىغا، ئىشلەنگەن زاۋۇت ئورنىغا، ھەرخىلئۆلچەم ، ئىجازەت نومۇرلىرىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
دىمەك ئاسان ئەمىلىيەتتە ئازگال مېيى بىلەن پارچە سېتىلىدىغان مايلارنىڭ رەڭگى، پۇرىقى جەھەتلەردە پەرقلەندۈرۈش تەس.
ئازگال مېيىنى ئىستىمال قىلغاندا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
ئازگالمېيىنىڭ تەركىبىدە خىمىيىلىك ماددا بولۇپ ئۇنىڭ كىسلاتالىقى يوقۇرى،تەركىبىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بار، دائىم ئازگال مېيىنى ئىستىمالقىلغاندا كىشىلەردە بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كېتىش، يېتىلىشى توسالغۇغائۇچراش، ئاسانلا ئىچى سۈرۈش، ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش، جىگەر، يۈرەكۋە بۆرەك ئىششىپ قېلىش، ياكى يوغىناپ قېلىش، جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىش،ھەتتا جىگەر راكى، ئۆسمە راكى، ئاشقازان راكى، بۆرەك راكى، ئۈچەي راكى،ئەمچەك راكى قاتارلىق ئەجەللىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
مالاچۈئەر،خوگونى ئەمدى يىمەيلى!ئازگال مېيىنى ئىشلەش نەقمەيدانىنى كۆرۈپ قويۇڭمەنبە: يەر شارى تورىئەۋرەز يولىدىن ئازگال مېيى ئىزدەش
رېستۇران ئەخلەتلىرىدىن ئازگال مېيى ئىزدەش
JfVGs; _,
رېستۇراندا ئاشقان – تاشقان قورۇمىلار
ئازگال مېيى ئىشلەپچىقىرىش نەقمەيدانى
چوشقىنىڭ ئۆپكە-ھېسىپلىرىمۇ ئازگال مېيى ئىشلەيدىغان ياخشى ماتىرىيال
چوشقىغا بېرىلىدىغان ئاشقا-تاشقان تاماقلار
ئازگال مېيى ئىشلەپچىقىرىش نەقمەيدانى
مەنبە:بارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرى ..سوخۇش ،شىنلاڭ ..يەرشارى ۋاقىت گىزىتى تورى ..........
بۇ باغداش تورىدا ئەتىگەن يوللانغان تېما. نوشىرۋان يوللىغان يۇقارقى تېمىغا قارىغاندا بۇنىڭ يوللانغان ۋاقتى ئىلگىرىدەك تۇرىدۇ.
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=3639