ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 50قەۋەت خوراز كە 2011-09-28 01:08 AMئەۋەتىلدى :
ئەرلەر بىلەن جاۋاپ قىلىشقان ئايالنىڭ ئاغزىغا توپا تىقىۋېتىش كېرەك، گېپى توغرا بولسا ئو باشقا ئىش، بو ئويلىنىپ كورۇشكە ئەرزىيدۇ............مەن ئاشۇندا مۇتەسىپ ، لېكىن ئايال كىشىنىڭ توغرا بولسا قوللايمەن. مەن مۇشۇ كەمگىچە كوپ كۇزەتتىم ئەرلەر يەنىلا ئاياللاردىن يىراقنى كورىدىكەن . بۇ مىنىڭ شەخسى كوز قارشىم قايىل بولمىغان ئايال كىشى كوز قارشىڭىزنى قويسىڭىز بولىدۇ............ئورتاقلىشىپ باقىلى.
ئورتاقلاشقۇدەك نېمە بار دەيسىز؟! ئۆزىڭىزنىڭ مۇتەئەسسىپ،‹ئەرلەر ئېزىز،ئاياللار خار› ئىدىيىرىڭىزنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىدىغان بىرى ئىكەنلىكىڭىزنى ئىتراپ قىلىپ تۇرغان تۇرسىڭىز. نادانغا سۈكۈت كېرەك. بەلكىم سىڭلىڭىز يا ھەدىڭىز ئېرىدىن مۇش يەپ ئاھ ئۇرۇپ قالغاندا بۇ قاراشلىرىڭىز ئۆزگىرىپ قالار،ئەگەر سىڭلىڭىز يا ھەدىڭىز بولمىسا كەلگۈسىدە قىزىڭىز شۇنداق تاياق يەپ يۈز-كۆزى كۆكىرىپ ئىشىكتىن كىرگەندە بەلكىم بۇ قاراشلىرىڭىز ئۆزگىرىپ قالار! چۈنكى بىزدە‹‹ياتقا سانىساڭ ئۆزگە،قاشقا سانىساڭ كۆزگە››دېگەن ماقال بارغۇ!!