ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 54قەۋەت خوراز كە 2011-09-29 01:30 AMئەۋەتىلدى :
‹ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار› دەيدىغان ئىدىيە مەندە يوق بەك چەكتىن ئاشۇرۋېتىپسىز . مىنىڭ دەۋاتقىنىم ھازازۇل ،ئېرىنىڭ ھورمىتىنى قىلمايدىغان بىشەم ئاياللارغا قارىتىلغان گەپ. ھورمەتكە تىگىشلىك بولغان ئاياللانى ئەمىليەتتە سىزدىنمۇ بەك ھورمەت قىلىدىغىنىمغا ئىشەنچىم كامىل. ئەگەر ئاچام ياكى سىڭلىم ئېرىدىن تاياق يەپ كەلسە ئاۋال سەن نىمە قىلغانتىڭ دەپ سورايمەن .ئەگە خاتالىق سىڭلىم ياكى ئاچامدىن ئوتكەن بولسا ياخشى بوپتۇ دىيىشىم مۇمكىن.
گەرچە ئېغىزىمىزدا ھەر خىل چىرايلىق ناملار بىلەن ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداۋاتقاندەك قىلساقمۇ ، يەنىلا كۈچەپ ئەرلەرنىڭ ئېزىزلىقى ئالدىدا ھېچنىمىنىڭ تەڭ كەلمەيدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ ،ئۆز ئەمىلىيىتىمىز بىلەن ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىمىز. مۇنبەردە بىرقانچە تېمىلارنى كۆردۈم، ئاساسەن قانداق قىلىپ ئاياللارنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرۇش،قايسى پىلاستىر بىلەن بىلەن چاپلىساق بەكرەك تۇتىدۇ،دېگەنگە يىقىنلىشىپ كېتىدىكەن.مەن بىر مائارىپچى. سىنىپتا قىز-ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار تەڭ ئوقۇيدۇ ، بىز ئۇلارغا ھەق - ناھەقنى قانداق ئايرىشنى ، ئۆز پىكرىنى قانداق ئوتتۇرىغا قويۇشنى ،باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلىشەلەيدىغان بولۇشنى ئۈگىتىمىز.ھەرگىزمۇ، قىزلار سىلەر ھەرگىز مۇنازىرىلەشمەڭلار ، يىگىتلەر نېمە دېسە شۇ،سىلەر ئاغزىڭلارنى ھەرقاچان يۇمۇشۇڭلار كېرەك، دەپ ئۈگەتمەيمىز.دېمەكچى بولغىنىم،ئاياللارمۇ ئالدى بىلەن ئادەم،ئاندىن قالسا،ئۇمۇ سىز مۇش-پەشۋا بىلەن چۈشەندۈرىۋاتقان ئاشۇ داۋلىلارنى سىزگە تىلدىن ئىبارەت بۇ ۋاستە ئارقىلىق چۈشەندۈرمەكچى بولىدۇ، بۇمۇ ئۇلارنىڭ ھوقۇقى،يەنە كېلىپ ئەڭ ئاددى،ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقى خالاس.
شۇنداق اللا ئەرلەرنىڭ بەدىنىنى قاۋۇل،مۇشتۇملىرىنى تورلۇق،پۇتلىرىنى يەرگە بىر دەسسىسە يەرلەر تىترۈگۈدەك كۈچلۈك قىلىپ ياراتتى. بىراق ئاجىزلىرىنى ئۇرۇش،مۇشتلاش،تېپىش ئارقىلىق ئاغزىنى يەملەش ئۈچۈن ياراتمىدى.ئەكسىچە،ئاجىزلىرىنى قوغداش،ئاجىزلارنىڭ كۈچى يەتمىگەن ئېغىر ئىشلارنى قىلىش،ئەل ئۈچۈن مۇش تۈرۈپ چىقالايدىغان ئەزىمەتلەردىن بولۇش ئۈچۈن ياراتتى..
مەن بىر ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئاپىسىنى كۆرگەن ،بىر ئاز ھەجىلەپ سۆزلەيتتى،ھەر قېتىم كەلگەندە ماڭا بالىنىڭ ئىشىنى دادىسىغا دېمەسلىكنى ئۆتۈنەتتى.كېيىن سۈرۈشتۈرسەم يولدىشى دەل شۇنداق مۇشتۇمزۇر،ئۆزەمنىڭلا راست دەپ تۇرىدىغان،ياخشى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ تۆھپىسى،ناچارلىرى بولسا ئايالىنىڭ سەۋەنلىكى دەپ تۇرىدىغان بىرى بولۇپ،ھەتتا بالىسى ياخشى ئوقۇماي،مۇئەللىم چاقىرتسىمۇ ئايالىنى ئۇرۇدىكەن. شۇنداق ئۇرۇۋىرىپ ھەتتا ئايالىنى ھەجىلەپ گەپ قىلىدىغان بولۇپ قىلىشىغا سەۋەپچى بولۇپتۇ.مەن ئۇ ئايالغا سوتقا ئەرز قىلىشنى ئېيتتىم،بىراق،ئۇ نىجىس، ئايالنىڭ يۈرىكىنى شۇنچىلىك مۇجىۋەتكەنىكى،ئايال ئۆزىنىڭمۇ بىر ئادەم ئىكەنلىكىنىمۇ پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلىدۇ...
مەن ھەرقانداق بىر ئەر زاتىنىڭ ئەرزىمەس سەۋەپلەردىن ئايالىنى ئۇرماسلىقىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمەن: بىرىنچىدىن ،ئادەم ئۇرۇش قانۇنغا خىلاپ.ئەگەر بۇ ياخشى پەزىلەت بولغان بولسىدى قانۇن ئەرلەرنىڭ ‹خوتۇن ئۇرۇش› ھوقۇقىنى قوغدىغان بولاتتى.ئەپسۇس،ئەكسىچە قانۇن ئاياللارنىڭ خالىغانچە بوزەك بولىشىغا قاراپ تۇرمايدۇ.شۇڭا ئاياللار يۈزىڭلاردىكى كۆكنى،بېشىڭلاردىكى ئىششىقنى يۇشۇرۇپ يۈرمەي ، ئۇدۇل قانۇنىي ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئۆز ھوقۇقۇڭلارنى قوغداڭلار! ئۆزۈڭلارنىڭمۇ بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى نامەرتلەرگە ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.
ئىككىنچىدىن،تاياق يەيدىغىنى باشقا بىرى ئەمەس دەل سىز ئۈچۈن ئۆي تۇتقان،بالا تۇققان ،تاماق ئەتكەن ئايال شۇ.ئۇمۇ ئادەم،بەزىدە ئۇمۇ رەنجىپ قالىدىغاندۇ،بەزىدە سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزدىن رازى بولمايمۇ قالىدىغاندۇ،سىز ھەر كۈنى رازى بولماي تۇرغاندەك .ئۇمۇ ھېرىپ قالىدىغاندۇ،بەزىدە ئانچىكىم بىر ئىشلارنى خاتا قىلىپ قويىدىغاندۇ،سىزگە داۋلى چۈشەندۈرۈپ مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولىدىغاندۇ.بىراق بۇلار سىزنىڭ ئادەم ئۇرۇشىڭىزغا يېتەرلىك سەۋەپ بولالمايدۇ.
ئۈچىنچىدىن ،‹توشقانمۇ ئاچچىقى كەلسە ئادەم چىشلەيدۇ›.ئەقىللىق ئادەملەر ئۆزىنى سۆيىدىغان بىر ئادەمنى دۈشمەنگە ئايلاندۇرۇپ قويمايدۇ.پەخەس بولۇڭ،بەلكىم جۈرىڭىزنىڭ كىچىككىنە ۋۇجۇدى ئۆچ ئاداۋەتكە تولۇپ قالمىسۇن!‹تاياقچى›نىڭ يۈرىكى قارا بولىدۇ،ئۇ پەقەت باشقىلارغا قارا كۆڭۈللۈككە يول ئېچىپ بىرىدۇ ،خالاس.
تاياقچى ئەرلەرگە ھەقسىز تەكلىپ بېرەي:دادامنىڭ دەپ بىرىشىچە،يېڭى توي قىلغان چاغلىرىدا دادام بىر كۈنى دۇتارنى ئېلىپ مەشرەپكە بارماقچى بولۇپ مىڭىپتۇ،ئۇ دەل ۋەزىيەتلەر ئىنچىكە بولۇپ كەتكەن زامانلار بولۇپ،ئاپام پەقەتلا ئىشىكتىن چىققىلى قويماي توساپ تۇرۇۋاپتۇ،ئاغىنىلىرى سىرتتا ساقلاپ تۇرغانىكەن،شۇنىڭ بىلەن دادام دەرغەزەپ بولۇپ ئاپامنى شۇنداق ئۇرماقچى بولۇپ قولىنى كۆتۈرۈپتۇ-يۇ،قولىنى چۈشىرىۋاپتۇ-دە،قولىدىكى قەشقەردىكى دوستى سوۋغا قىلغان ئېسىل دۇتىرىنى تامغا ئۇرۇپ پاچاق-پاچاق قىلىۋىتىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن جىدەلمۇ بىسىقىپتۇ،داداممۇ سىرتقا چىقماپتۇ.ئەتىسى،شۇ كۈنى مەشرەپكە بارغانلارنىڭ ھەممىنى تۇتۇپ كېتىپتۇ،لىكىن دادام ساقلىنىپ قاپتۇ.دادامنىڭ دەپ بىرىشىچە ئەگەر دادام شۇ قېتىم ئاپامغا قول سىلىپلا قويغان بولسا مەڭگۈ‹ تاياقچى›بولۇپ قالاركەن.ئۇلار ساق 45 يىلنى بىللە ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ دادام ئاپامنى ئۇرۇپ باقماپتۇ،مەن ئېسىمنى بىلسەم ئۇلارنىڭ ئۇرۇشقىنىنى كۆرمىدىم. شۇڭا ئائىلىمىز ھەركۈنى شات خۇراملىق ئىچىدە ئۆتتى.شۇڭا تۈنجى قەدەمنى توغرا بىسىڭلار يىگىتلەر!نەدىكى نادان،نامەرتلەرنىڭ ‹تەلۋىگە توقماق تۇتقۇزۇش›لىرىغا سەگەك تۇرۇڭلار! ئائىلەڭلەرنى جەننەتكە ئايلاندۇرىدىغىنىمۇ ئۆزۈڭلار،دوۋزاققا ئايلاندۇرىدىغىنىمۇ يەنىلا ئۆزۈڭلار!! ھەممىڭلارنىڭ جەننەتەك ئائىلەڭلەر بولىشىنى ،ئاياللارغا ئاللىقانداقتۇر بىر نىمىلەرنى چىشلىتىپ قويمايمۇ،ئاللىقانداق ئالىي دەرىجىلىك پىلاستىر بىلەن چاپلاپ قويمايمۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!!!!