مۇشۇنداق يېڭىلىقتىن بىزنى خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.
شۇنچە سىرلارغا تولغان ئالەمگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بىز ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىمىزنىڭ بىلىش كۈچى تولىمۇ چەكلىكتور. شۇڭا بىرەر نەزىرىيە بىلەنلا ، ئالەمنىڭ سىرلىرىنى ئاچىمىز دىيىش، بىمەنىلىك بولىدۇ خالاس. ئىنسانلارنىڭ بۈگۈنكى پەن تېخنىكا تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساقمۇ، قەدىمدىن تا ھازىرغىچە بىرىنىڭ ئىزىنى بىرى بېسىش، كېيىنكىسى ئالدىنقىسىنى تولۇقلاش ئارقىلىق بۈگۈنكى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. شۇڭا ئېينىشتىيىننىڭ نىسبىلىك نەزىرىيەسىمۇ قانداقتۇر مۇتلەق ئۆزگەرمەس نەزىرىيە بولماستىن، بەلگىلىك نىسبىلىككە ئىگە بولۇشى تەبىئى. مېنىڭچە، ئېينىشتىيىننىڭ دۇنيا ئىلىم پەن ساھەسىگە قوشقان ئەڭ زور تۆھپىسى پەقەت شۇ نىسپىلىك نەزىرىيەسىلا بولۇپ قالماي، بەلكى شۇ ئارقىلىق مەيدانغا چىققان يېڭى بىر بۆسۈشنىڭ باشلىنىشى بولۇشى كېرەك. بۇ بەلكىم ئېينىشتىيىننىڭمۇ ئارزۇسى بولۇشى مۈمكىن.
ئەگەر بۇ يەردە بىر ەر مۇتلەقلىق بار دىيىلسە، ئۇ دەل پەن تېخنىكىدىكى مۇشۇنداق يېڭى بايقاشلارنىڭ نەتىجىسىدە، بىر بۈيۈك ياراتقۇچىنىڭ ماۋجۇتلىقىنىڭ تېخىمۇ جانلىق پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلىنىشىدۇر.
ئاخىرىدا تېمىدىكى بەزى ئاتالغۇلارغا تۈزىتىش بېرىپ قويدۇم، توغرا چۈشىنەرسىز.
،ئۇلار جەنۋەدىكى ئاتوم تەتقىقات ئورنىدا تۇرۇپ نېيترىنو باغلىمىنى قويۇپ بەرگەن ،ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرىگە يېقىن جايلاشقان ئىتالىيە دۆلەتلىك ئاتوم تەتقىقات مەركىزى نېيترىنو باغلىمىنى قوبۇل قىلغان .بۇ ئىككى ئورۇننىڭ ئارلىغى 730كېلومىتىر بولۇپ ،بۇ زەرىچىلەر باغلىمى نۇرغا سېلىشتۇرغاندا 60نامۇ سېكونت (بىر نامۇ سېكونت بىر مىليارتتىن بىر سېكونتقا تەڭ ) بالدۇر يېتىپ بارغان
يەنى، ‹‹ نېيترىنو باغلىمى›› ئەمەس، ‹‹ نېترون دەسىتىسى ››، ‹‹ زەررىچىلەر باغلىمى›› ئەمەس، ‹‹ زەررىچىلەر دەستىسى››، ‹‹ نامۇ سېكۇنت›› ئەمەس، ‹‹ نانو سېكۇنت››. يەنى،
1s = 1000ms (بىر سېكۇنت 1000 مىللى سېكۇنتقا تەڭ)
1ms = 1000us (بىر مىللى سېكۇنت 1000 مىكرو سېكۇنتقا تەڭ)
1us = 1000ns (بىر مىكرو سېكۇنت 1000 نانو سېكۇنتقا تەڭ)
بىر سېكۇنت دىگىنىمىز، 1000000000نانو سېكۇنتقا تەڭ. بىر نانو سېكۇنت دىگىنىمىز، بىر سېكۇنتنىڭ مىليارتتىن بىرىگە تەڭ.