ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 29قەۋەت Qapaqhenim كە 2011-09-27 12:18 AMئەۋەتىلدى :
مۇشۇنداق يېڭىلىقتىن بىزنى خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.
شۇنچە سىرلارغا تولغان ئالەمگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بىز ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىمىزنىڭ بىلىش كۈچى تولىمۇ چەكلىكتور. شۇڭا بىرەر نەزىرىيە بىلەنلا ، ئالەمنىڭ سىرلىرىنى ئاچىمىز دىيىش، بىمەنىلىك بولىدۇ خالاس. ئىنسانلارنىڭ بۈگۈنكى پەن تېخنىكا تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساقمۇ، قەدىمدىن تا ھازىرغىچە بىرىنىڭ ئىزىنى بىرى بېسىش، كېيىنكىسى ئالدىنقىسىنى تولۇقلاش ئارقىلىق بۈگۈنكى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. شۇڭا ئېينىشتىيىننىڭ نىسبىلىك نەزىرىيەسىمۇ قانداقتۇر مۇتلەق ئۆزگەرمەس نەزىرىيە بولماستىن، بەلگىلىك نىسبىلىككە ئىگە بولۇشى تەبىئى. مېنىڭچە، ئېينىشتىيىننىڭ دۇنيا ئىلىم پەن ساھەسىگە قوشقان ئەڭ زور تۆھپىسى پەقەت شۇ نىسپىلىك نەزىرىيەسىلا بولۇپ قالماي، بەلكى شۇ ئارقىلىق مەيدانغا چىققان يېڭى بىر بۆسۈشنىڭ باشلىنىشى بولۇشى كېرەك. بۇ بەلكىم ئېينىشتىيىننىڭمۇ ئارزۇسى بولۇشى مۈمكىن.
ئەگەر بۇ يەردە بىر ەر مۇتلەقلىق بار دىيىلسە، ئۇ دەل پەن تېخنىكىدىكى مۇشۇنداق يېڭى بايقاشلارنىڭ نەتىجىسىدە، بىر بۈيۈك ياراتقۇچىنىڭ ماۋجۇتلىقىنىڭ تېخىمۇ جانلىق پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلىنىشىدۇر.
.......
مەندە فىزىكىلىق ئاتالغۇلار لوغىتى بولمىغاچقا مۇشۇنداق خاتالىقلاردىن خالى بولالمىدىم .تۈزۈتىش بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت .لىكىن مەندە بىر ئېلېكتورونلۇق لۇغەت بار ئىدى ،شۇنىڭدا 中微子 نى نېيترىنو دەپ ئاپتۇ ،بەلكىم لوغەتتە خاتالىق بولسا كېرەك 。粒子束 نى زەرىچىلەر دەستىسى دەپ تەرجىمە قىلساق بەلكىم مۇۋاپىقتۇ، لىكىن بىز ماتېماتىكىدا 直线束 نى سىزىقلار باغلىمى دەپ ئالىمىز.ئۇ بىر نوقتىدىن ئۆتكەن ناھايىتى كۆپ سىزىقلارنى كۆرسىتىدۇ .