مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: تۇران

سىيىت نوچى گاڭگۇڭمۇ، بىز ئەخمەقمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73563
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4136
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 298 سائەت
تىزىم: 2012-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 11:38:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سېيت نوچىنىڭ ھەقىقى گاڭگۇڭ ،مەرت ،نوچى ئىكەنلىكىنى ‹‹يالقۇن روزى ›› ئەپەندى ‹‹ئۆرۈمچى كەچلىك›› گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە ئاللىبۇرۇن بىزگە  ئىسپاتلاپ بەرگەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73482
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3552
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2012-1-19
ئاخىرقى: 2013-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 04:04:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە نى ھەممىز كۆرگەن .ئۇنىڭدا مۇنداق بىر ۋەقە بار .جوگىلياڭ قۇشۇنلىرى بىلەن سىمايىنى قورشىۋالغاندىن كىيىن ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇنى جەڭگە چاقىرىدۇ ،ھەتتا ئۇنى خوتۇن كىشىگە ئوخشىتىپ قىلمىغان قىلىقى قالمايدۇ ،لىكىن سىمايى توزاقنى بارلىقىنى،جەڭگە چىقسىلا تۈگىشىدىغانلىقىنى بىلىپ قېلىپ  ،ئۆزىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى قايرىپ قويۇپ جەڭگە چىقماي يېتىۋالىدۇ . سىمايى قوشۇنلىرىدىكى باتۇر گاڭگۇڭلار «توشقاندەك يوز يىل ياشىغاندىن يولۋاستەك بىر كۈن ياشىغان ئەلا »دەپ جەڭگە چىقىشنى تەلەپ قىلسىمۇ سىمايى قۇشۇلمايدۇ ... سىمايى راستلا ئەخمەق ئەمەس بەلكى دانا ئىكەن ،شۇنچىلىك مەسخىرەلەر ئىچىدەنەچچە ئاي توشقاندەك  ياشاپ ئۆزىنىڭ ۋە قۇشۇنلىرىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىپ ئاخىرىقى ھىساپتا ئۆز پۇشتىلىرىنىڭ دۇشمەنلىرىنى (ئۈچ پادىشاھلىقىنى)قويماي يۇقىتىپ غەربى جىن سۇلالىسىنى قورۇپ چىقىشىغا ئاساس سالىدۇ .شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەۋلادلىرى يولۋاستەك ياشاشنى باشلايدۇ .ئەگەر ھېلىقى چاغدا سىمايى يولۋاستەك بىر كۈن ياشىغان بولسا ، ئەۋلادلىرىنىڭ توشقاندەك قانچىلىك ياشايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى .
ئەمدى تىمىغا كەلسەك ،سىيىت نوچى ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كىتىدىغانلىقى ،قىچىپ كىتىشكە پۇرسەت بارلىقىنى بىلىپ تورۇپ يەنىلا ئۆلۈمنى تاللايدۇ ، ئۇ نىمىشقا ئۆلۈمنى تاللىدى ؟ ئەجىبا ئۆزىنىڭ ئىززەت ئابرۇيى ،گاڭگۇڭلىقىنى ساقلاپ مەرتلىكىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈنمۇ؟ مىنىڭچە راستلا ئەقىلسىزلىك قىلدى .ھايات قېلىپ ،ئەتراپىغا ئىزىلگۈچى خەلىقنى توپلاش سىيىت نوچىدەك يۈز ئابرۇيلۇق ،نوچى ئادەملەر ئۈچۈن ئانچە تەس بولمىسا كەرەك ،ھايات قېلىپ ،بىرەر خەلقپەرۋەر ئادەمنىڭ تايىقى بولسىمۇ ( سىيىت نوچى باتۇر ،گاڭگۇڭ ،ياماندىن قورۇقمايدۇ ،يۇۋاشنى بوزەل قىلمايدۇ ،لىكىن چوڭ ئىشلارنى ھۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ،بۇيرۇق بۇيىچە ئاتاكىغا ئۆتۈشتىكى ئەڭ ياخشى نامزات)) تىلىمدا داستان بۇلاتتى .لىكىن مانا ھازىر پەقەت شۇ گاڭگۇڭ دىگەن قۇرۇق نامىنىلا ياد ئىتىمىز .
بۇ يەردە تورداشلار دىگەندەك غەيۋەت مەۋجۇت ئەمەس ،بىر ئەسەر بورۇن ئەخمەقلەرچە ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق ئوستىدە مۇنازىرە قىلىۋاتىمىز .ئەلۋەتتە ،سىيىت نوچىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئۆلۈم يۇلىنى تاللىشىنىڭ توغرا دەپ قارايدىغانلارنىڭمۇ قارىشىغا ھۆرمەت قىلىنىدۇ ،چۈنكى ھەر كىم ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنى سۆزلەيدۇ .
مىنىڭچە سىيىت نوچىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تاللىشىنى مۇنداقلا مۇنازىرە قىلىپ قويساق بولىدۇ ،مەن بەك ئېچىندىم لىكىن ئۇنچىۋالا ئەپسۇسلىنىپ كەتمىدىم . 1911-1912يىللاردىكى تۆمۇر خەلىپە ئىنقىلاۋىنىڭ ئۇرۇشتا ئەمەس قورۇق گەپ بىلەن مەغلۇپ بولىشى مىنى ئېچىندۇردى ھەم ئەپسۇسلاندۇردى .1911-1912-يىللار ،نەق يۇز يىل بورۇن ،شىنخەي ئىنقىلاۋى  پارتىلاپ  ھازىرقى دۆلىتىىمىزدە شىمالى ۋە جەنۇبى مىللىتارىستلار ،مەنچىڭ قالدۇق كۈچلىرى، بىزنىڭ بۇ رايۇندىكىدەك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەۋجۇت بولۇپ  .ھەممىسى ئۆز غىمى بىلەن ئىدى ....بۇ كۈچلەر  ئاز كەم 40يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆز ئارا تۇقۇنۇشۇپ(ھازىرقىدەك ھۇقۇق مەرگەزگە مەركەزلىشىپ بۇلالمىغان)   1949-يىلىغا  كەلگەندە پارتىيىىمزنىڭ دانا  رەھبەرلىگىدە ئازاد بولدۇق .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش