تەبىئەت قوينىنىڭ زېمىنىدا،گۈزەل تارىم دەرياسى بويىنى بويلاپ،باشئەگىم دىيارىنىڭ بىر يېزىسىدا زېمىنغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ،ئانا تەبىئەتكە قۇل بۇلۇپ،ھاياتلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ،دېھقاندىن ئىبارەت بىر ئاددىي،ئەمما،ئۇلۇغ كەسىپ بىلەن جاھاندارچىلىق قىلىۋاتقىلى دەل ئىككى يىل بوپتۇ،20يىللىق مېنى ئۆستۈرگەن بۇ ئىللىق ماكان ئاخىرى مۇشۇ يولنى تاللاشقا نېسىپ قىلدى.ئۇلۇغ ئاللاھقا مىڭ قەترە شۈكرى،مەكتەپتىن ئايرىلىپ،گۈزەل ئوقۇش ھاياتىدىن ۋاز كېچىپ،باشقىچە ئۇسۇل بىلەنمۇ ياشاپ بېقىش مېنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئويلايدىغان مۇھىم تاللاش ئوبىكتىمغا ئايلاندى.ئوقۇش پۈتتۈرۈپ،ئۆگەنگەن بىلىملىرىم بۇرۇنقىدىن كۆپ بولمىسىمۇ،ئەمما،ئۆزەمنىڭ قىزىقىشى بويىنچە يەنىلا كىتاب ئوقۇش،جاھان كۆرۈپ دۇنيانى چۈشىنىش مېنىڭ ھازىرقى ھايات يۇلۇم بولۇپ قالدى.
كىچىگىمدىن تارتىپلا،تارىخقا تولىمۇ قىزىقاتتىم،ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرى بىلەن مەدەنىيەت ئاسمىنىدا نۇرلۇق يۇلتۇز چاقناتقان،بىزگە ئىلىم-مەرىپەت ئاتا قىلغان،خەلقنى ئويغىتىپ،مۇشۇ كۈنگە ئەكەلگەن شىر يۈرەك ئەزىمەتلەر كۆز ئالدىمدا نامايەن بولاتتى.ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ،كۆڭلۈم ئەمىن تاپاتتى،ئىرادەم تاۋلىناتتى،ئۆتمۈش چۈشكە ئايلانغان بىر دەۋر بولسىمۇ،ئۇنى بىلىشكە تېگىشلىك ئىش،ئەلۋەتتە!
مەن شۇنداق ئويلايمەن ھەم چوقۇم قىلىمەن،ئىنسان ياشايمەن دەيدىكەن،ھاياتلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلىش بىر ئۇلۇغ تېماتىك نۇقتىغا ئايلىنىش كېرەك،مەيلى كۈنلەر،ۋاقىت ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى،شىۋىرغانلىق بوران-چاپقۇنلارنى،ھەرەجلەرنى،خوشاللىق،ئالەمچە سۆيگۈ ئاتا قىلسۇن،ئىنسان كۆڭلىدە يانار تاغدەك پارتىلغان ئۇلۇغ غايە،بۈيۈك ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرلىشى كېرەك.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك،گۈزەل تەڭرىتاغ باغرىنىڭ جەنۇب-شىمالىدا،تەكلىماكان قىرغىقىنى بويلاپ ئۆتكەندە،تارىخ بېتىنى ۋاراقلايدىغان بولساق،مىللىتىمىز تارىخىدا ئاجايىپ ئىشلار يۈز بەردى.بۈيۈك سەئىدىيە خاندانلىقى 1678-يىلى گۇمران بولدى.ئۆزىنى پەيغەمبەر قاتارىدا سانىۋالغان،نادان خەلقىمىزنى بويسۇندۇرۇپ،ئەۋلىيا سۈپىتىگە كىرىۋالغان مەختۇم ئەزەم،ئافاق غوجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ جەننەت ماكان ئانا دىيارىمىزنى دوزاققا ئايلاندۇردى.‹‹سوپىنىزىم ھەركىتى››،‹‹ۋەھىداتۇل ۋۇجۇد تەلىماتى›› ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى.مۇناپىق،دەيۈز،ئىپلاس ئاق تاغ مەزھەپلىرى بىر بۇلىۋىلىپ،نادان خەلقىمىزنى تېخىمۇ نادانلاشتۇرۇپ،غەپلەت ئۇيغۇسىغا غەرق بولدى.نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەرلەر،يازما يادىكارلىقلار،مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆيۈپ كۈل بولدى،شۇ زاماندىكى ئىلغار زاتلار،شائىرلار بۇ مۇناپىقلار تەرىپىدىن ياۋۇزلارچە ئۆلتۈرۈلدى.300يىلدىن كۆپرەك بولغان،زۇلمەت قاراڭغۇسىدا ياشاش،بېكىنمە ھالەتتە تۇرۇۋىلىش،سىرت بىلەن ئالاقە قىلماسلىق،مازارغا چوقۇنۇش،پىرە ئويناش قاتارلىق دىندا چەكلەنگەن خوراپاتلىق ئەۋج ئالدى،ئافاق غوجىدىن باشلانغان مەدەنىيەت زوراۋانلىقى بىزنى نەچچە ئەسىر كەينىگە چېقىندۈرۈپ،ئاخىرى 20-ئەسىرگە قەدەم قويغۇزدى.
مانا بۇ چاغلاردا،ياۋۇرپا ئويغىنىش ھەرىكىتىگە نەچچە يۈز يىل بولغان،سانائەت ئىنقىلابى پارتىلاپ بولغان،تەرەقىيات ئىنسان ئويلاپمۇ باقمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بىر دەۋر ئىدى.مانا بۇ چاغلاردا،بىزنىڭ ئارىمىزدىن ئابدۇقادىر داموللا،قۇتلۇق شەۋقى،ئاكا-ئۇكا موسابايوف،مەمتىلى ئەپەندى،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،تاشاخۇنۇم،ئايخان ئانا...قاتارلىق مەرىپەت ئىگىلىرى چىقىپ،يىراق ئەللەردە زىيارەتتە بولدى،دۇنيانى چۈشەندى،بىلىم ئالدى،بىرەر چوڭراق ئىش قىلىش،مائارىپتىن ئىبارەت جانلىق بولغان ئۆگىنىش سۇرۇنى ھازىرلاش،مەكتەپ قۇرۇش،ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش ئۇلارنىڭ بۈيۈك ئارزۇسى ۋە ھاياتىغا تۇتقان مۇھىم تاللاش نىشانى بوپ قالدى.ئۇلار نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ،خەلقمىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىشقا دەۋەت قىلدى.
تارىخ بېتىمىزگە قارايدىغان بولساق،20-ئەسىر ‹‹ئۇيغۇر مىللىي ئويغىنىش ھەركىتى››گە ئاكىتىپ ئاۋاز قۇشۇپ،مۇشۇ زېمىنغا نىسبەتەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى،ئۇلاردىن باشلانغان مائارىپچىلىق،پەننى ئىسلاھ قىلىش ھەركىتى يېقىنقى زامان تارىخقا يېڭىچە تۈس قوشتى.
ئەپسۇس،مىڭ ئەپسۇس،بۇ مەرىپەت ئىگىلىرى مۇستەبىت ھاكىمىيەتچى ياڭ زېشىڭ،جىن شۇرىن،شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلدى.ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلدى،بۇ تارىخلارنى ئويلىساق،كۆزىمىزگە ياش كېلىدۇ،يۈرەك زەرداب بولىدۇ....
بۈگۈنكى بەختىيار،باياشادلىق كۈنلىرىمىزنىڭ كېلىشى تارىختىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئىلمىي تۆھپىلىرىدىن ئايرىپ قايرىغىلى بولمايدۇ،قولىغا قورال ئېلىپ،ئازادلىق،ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان باتۇرلىرىمىز،قولىغا قەلەم ئېلىپ،ئىلىم نۇرىنى كىتابتىن ئىبارەت سەھىپە ئارقىلىق مىللىتمىزنى ئويغاتقان شەخسلەرنى ئەسلەشكە،مەدھىيلەشكە ئەرزىيدۇ.زېمىن سۆيگۈسى،ۋەتەن مۇھەببىتى ئۇلارنى مۇشۇنداق ئادەلەت يولىغا باشلىغان،تارىخ ئۆز دەۋرىدە ئاشۇلارنى ياراتقان.
20-ئەسىرنىڭ كېيىمكى يېرىمىدا،دۆلىتىمىز ئازاد بولدى،ئۈرۈمچى-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ مەدەنىيەت،ئىقتىساد مەركىزىگە ئايلاندى،پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى،دۆلەتنىڭ كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىشى بىلەن بۇ شەھەر يوقلۇقتىن بارلىققا،كىچىكلىكتىن چوڭلۇققا تەرەقىي قىلىشقا باشلىدى.بارغانسىرى بۇ شەھەر شىنجاڭنىڭ كۆزنىكىگە ئايلىنىپ،ئالىي بىلىم يۇرتى،بىلىملىكلەر توپلانغان جاي بوپ قالدى.بۇ شەھەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن كىشىلەر كېلىپ،جەمىيەتنىڭ ھەر ساھەلىرىدە خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولدى.ئەلۋەتتە،ھازىرمۇ شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان زىيالىي،ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ھەر كەسىپتىكى زاتلار بۇ يەردىكى ئىلىم-مەرىپەت بۆشىگىدىن قانغۇچە بىلىم ئېلىپ،دۆلەتنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇھىم خىزمەتلەرنى ئۆتەپ كەلمەكتە.
ئەينى ۋاقىتتا،نۇرغۇن قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن،تىرىك تارىخقا شاھىد بولغان،مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا قالپاق كىيگۈزىلىپ،ياش قىرانلىق دەۋرىدە قالپاق كىيگۈزىلىپ،قاراڭغۇ،زەي تۈرمە كامىرىدا قۇياشنىڭ زەررىچە ئىللىق نۇرىنى كۆرەلمەي،نەچچە يىل تۈرمىدە ياتقان،ئازاب-ئوقۇبەت تاتقان،رىيازەت چەككەن ئادەملىرىمىز تولىمۇ كۆپ،كېيىن،ئۇلار گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلسىمۇ،تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن،چاچ-ساقاللىرى ئاقارغان،ئىككى پۇتى گۆرگە ساڭگىلغان،ھالاۋەت كۆردىغان چاغدا تۇيۇقسىزلا ئارىمىزدىن كېتىپ قالدى.ئەينى ۋاقىتتا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان ئەزىمەت باتۇرلار،يازغۇچى ئەدىبلەر،زىيالىيلار ئۈرۈمچىدىكى ئۇلانباي ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى ۋە گۈلساي قەبرىستانلىقىدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى.ئەمدىلا،ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئۇيغۇر خەلقى بۇ ئاتاقلىق كىشىلىرىمىزگە ئازا تۇتۇپ،قان يىغلاپ گۈزەل تەڭرىتاغنىڭ باغرىغا قۇيۇشتۇق،زېمىن ئۈنسىز ياش تۆكتى،تارىم دەريا سۈيى ئۆركەشلىمەكتە ئىدى...
10-ئاينىڭ 9-كۈنى،چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتاتتى،تەبىئەت دۇنياسى ئاتا قىلغان بۇ ھۇزۇر،خوشاللىق ئۈستىدە گۈزەل ئانا ماكان كەڭرى لىباسلارنى يېيىپ،زېمىن شادلانماقتا ئىدى.مەن چۈشتىن كېيىن گۈلساي قەبرىستانلىقىنى كۆرۈپ قېلىش مەقسىتىدە يولغا چىقتىم.ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان دوستلىرىم ئەكبەر ئەخمەت ۋە ئېلشات ھېلىملار مۇھىم دەرسىنى تاشلاپ،مەن بىلەن بىرگە بۇلۇشتى.مەن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.
گۈلساي-نېمەدېگەن چىرايلىق،ئىسمى جىسمىغا لايىق بولغان قەبرىستانلىق ئىدى.بۇ چىرايلىق ئىسىمنى كىممۇ قويغان بولغىيتى ھە!؟ئاخىرى گۈلساي قەبرىسىگە قەدەم قويدۇق.
گۈلساي قەبرىسىنىڭ ھەيۋەتلىك مەسجىتى،كەڭرى مەيدان،ئاسفالىتلاشقان يول،قولايلىق قاتناش شارائىتى ئادەمنى تولىمۇ سۆيۈندۇردىكەن،پارتىيە،ھۆكۈمەتنىڭ غەمخۇرلىقى،كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىشى بىلەن بۇ يەر ئۈرۈمچىدىلا ئەمەس،ئاپتۇنۇم رايۇن بويىنچە ئەڭ چوڭ قەبرىستانلىقلارنىڭ بىرى بۇلۇپ قاپتۇ،يامغۇرنىڭ توختىماي يېغىشى گۈلساي مەسجىتنىڭ ئالدىنى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزۋاتقان ئىدى.
مەن بۇ يەردىن كېلىپلا،بىر ئىش مېنىڭ كاللامغا قەتئىيلا سىغمىدى،بۈگۈن قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقاچقا،ئادەملەر يوق دېيەرلىك ئىدى.ئەمما،گۈلساي مەسجىتنىڭ ئالدىدىكى كەڭرى مەيدان يېڭى ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنۋاتقانلارنىڭ ئورنى بۇلۇپ قاپتۇ.ئەجىبا،گۈلساي قەبرىستانلىقىدا ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگەنمىسىمۇ،ئۇ كىشىلىرىمىزگە باشقا يەر تېپىلمىغانمىدۇ؟؟؟مانا بۇ گۈلساي مەسجىتىنىڭ ئالدىدىن تۇلۇق كۆرۈنىشى:
گۈلساي قەبرىستانلىقى ئىنتايىن كۆلىمى چوڭ قەبرىستانلىق بۇلۇپ،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەبرىسى بار ئىكەن،ئادەت بويىنچە،بۇ يەردە يېتىۋاتقان مەرھۇملارنىڭ روھىغا خالىس دۇئا قىلدىم.ئۇلار ئاخىرى مۇشۇ قەبرىستانلىقتا مەڭگۈلۈك ئارام تاپقان ئىدى.مەن گۈلساي قەبرىسىدە يېتىۋاتقان مەرھۇملارنىڭ روھىغا جەننەت ئىنئامى تىلەيمەن.
ئەلۋەتتە،تەكىتلەش مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالدى،بۇ يەردىكى بەزى قەبرىلەرنىڭ ياسىلىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن چۆچۈتۈپ قويىدۇ،بۇ بىزنىڭ ئۆلۈم ئېڭىمىزنىڭ تولىمۇ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ،گۈلسايغا بارسىڭىز،بەزى قەبرىلەر مىسىر پىرئەۋىنلىرىنىڭ قەبرىسىدىنمۇ ئېسىل،تولىمۇ ھەشەمەت ياسالغان،ئۇلار ياسىۋالغان قەبرىنىڭ پۇلىنى بەزى دېھقانلار بىر ئۆمۈرمۇ ئىشلەپ تاپالمايدۇ،ئەسلى،ئېسىل قەبرىلەرنىمۇ يوللاي دېگەن،لېكىن،زەربە نىشانى بۇلۇشتىن ئەنسىردىم،مۇنبەردىكى زېھىنياتلىق ئەزالار بۇلارنى چۈشىنىپ كېتەلەيدۇ ئەلۋەتتە.
كۆز ئالدىمدا كەپتەر نامايەن بولدى،ئۇ قەبرىلەرنىڭ ئۈستىدە قۇنۇپ،ياشاۋاتقان ئىنسانلارغا بەخت تىلەۋاتقاندەك بىرخىل كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى.
مەن گۈلساي قەبرىستانلىقىدا مەشھۇر شەخسلەرنىڭ قەبرىسىنى ئىزدەپ تاپتىم،ئۇلار گەرچە تۈگەپ كەتكەن بولسىمۇ،لېكىن،ئۇلارنىڭ ياراتقان ئىلمىي ئەمگەكلىرى،قوشقان تۆھپىلىرى خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ياشنايدۇ،داستان بولىدۇ،مەنىۋى ئۇزۇق ئانا تەبىئەت قوينىدا زەم-زەم بۇلاق بولغۇسى!
بۇ مەرھۇم ئاتاقلىق،گىگانىت يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ قەبرىسى،ئالدىدا تۆمۈر رىشاتكا بولغاچقا،رەسىمگە تۇلۇق تارتالمىدىم.زوردۇن سابىرنىڭ قەبرىسىنى قاچان يۆتكەپ ئەكەلگەنلىكىنىمۇ بىلمىدىم،ئەختەم ئۆمەرنىڭ‹‹ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى››دېگەن ئەسىرىدە بايتوقايغا قويدى،دېگەن ئۈزۈندىلەرنى كۆرگەن،لېكىن،بۇ يازغۇچىمىزمۇ گۈلساي قەبرىسىگە يۆتكەپ ئەكىلىنىپتۇ.
بۇ يەردە يېتىۋاتقان،بىزگە ئۇستاز بولغان يولباشچىلىرىمىز ھەقىقەتەنمۇ كۆپ،بىز ئاشۇلاردىن پەخىرلىنىشىمىز،ئۆگىنىشىمىز،ئۈلگە ئېلىشىمىز،قاراڭغۇ دىللىرىمىزنى كىتاب سەھىپىسى ئارقىلىق ئۆگىنىپ،ئىنساندەك ياشىشىمىز كېرەك.ئاخرىرىدا شۇلارنى ئويلىدىم،بىر شېئىر مېنىڭ يادىمغا كەچتى:
گۈلساي قەبرىسىگە قاراپ شۇنى ھېس قىلدىم،بۇ يەردە يېتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ھەممىسى بىر مىللەت(ئاساسەن)،تۇغۇلغان شەھەرلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ،ئەمما،ئۆلۈم -يەنى ئەجەل قۇشى كەلگەندە،يەنىلا،ياتىدىغان يېرىمىز بىر،باردىغان ھاياتلىق سەپىرىمىز بىر بولدىكەن،ئىلگىركى يۇرتۋازلىق خاھىشى،ئاق تاغ-قار تاغ مەزھەپ كۆرەشلىرىنىڭ قۇربانى بولغان قىسمەتلىك تارىخىي ۋەقەلەر كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى.ئاخىرىدا،ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ مۇنۇ ئەسىرى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى:
بىز بۇ جاھەلەتلىك ئەسىرلەردە ئىلىم-ھېكمەتتىن ئايرىلىپ،ئىشانلىق ۋە مەزھەپ-يۇرتۋازلىق پاتقىقىغا پاتتۇق.‹‹ئاق تاغ››،‹‹قار تاغ››بۇلۇۋىلىپ،قان تۆكتۇق،ئويغاتقۇچى مەشرەپ،زەلىلى،خاراباتى،ئەزىزى ۋە خالىقلارنى خورلاپ،سىرتتىن كەلگەن مەخدۇم ئەزەم،يۈسۈپ چاڭمۇزىلارنى ئەۋلىيا ئەزەم قىلىپ،ياسالما مازارلارنى تاۋاپ قىلىپ ياتتۇق.قولىمىزدىن كەلگىنى داپ داراڭلىتىپ ئۇسۇل ئويناش بىلەن مەدداھلىق ۋە ھاپىزلىق بولدى!ئاخىر بىر تال قەنت،بىر تال مېق،بىر تال سەرەڭگىنىمۇ چەتتىن ئالدىغان كۈنگە قالدۇق.
ئوي-خىياللار مېنى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلاشقا مەپتۇن قىلدى،ئۆلۈمدىن ئىبارەت قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بۇ ئاڭنى ئازراق بولسىمۇ تۇنۇپ يەتتىم،ئىرادەم تېخىمۇ تاۋلاندى،كۆڭلۈم ئەمىن تېپىپ،تېخىمۇ تىرىشىش نىيىتىگە كەلدىم.گۈلساي قەبرىسىدىن چىقىش ئالدىدا،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى تۈۋرىكىگە ئايلانغان جامائەت ئەربابى،ئالىم ،يازغۇچى،‹‹ئىز››،‹‹ئويغانغان زېمىن››دېگەن ئەسەرلىرى بىلەن بىزنى قەدىمىي تارىخ ئىزلىرىغا باشلىغان،ئۆتكۈر قەلەملىرى بىلەن بىزنى ئويغاتقان ئابدىرھىم تىلەشوف ئۆتكۈرنىڭ ئالدىدا بىر پارچە خاتىرە سۈرەتكە ساۋاقدىشىم ئېلشات بىلەن رەسىمگە چۈشتىم.
ئاستا-ئاستا گۈلساي قەبرىسىدىن خوشلاشتىم،بۇ يەردىكى مەرھۇملار بىزگە بەخت تىلەۋاتقاندەك،ياخشى ئادەم بۇلۇشقا ئۈندەۋاتقاندەك،ھامان بىر كۈنلەردە مۇشۇ يەردە يەنە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەندەك تۇيغۇلارنى بەردى.چوقۇم تىرىشماي بولمايدۇ،ئادەم بۇلۇپ ياشاش ئۈچۈن پاك ياشايمەن،ئۆز ۋىجدان-غورۇرىمنى دەپسەندە قىلمايمەن دەپ ئويلىدىم،سىم-سىم يامغۇر كىيىملىرىمىزنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى،بۇ قېتىملىق سەپەردە مەن ئۇلۇغلارنى كۆرگەندەك بولدۇم......
مەنبە:قەلەم ۋە فوتۇ ئاپراتىم.