بۇنداق ئېسال تېمىنى كېيىن كۆرۈپتىمەن
شۇنداق بولسىمۇ ئنكاس قايتۇرۇپ قويغۇم كەلدى ،رەخمەت سىزگە «تۇخار» ئەپەندىم .. مەن كىچىك چاغلىرىمدا ھەر يىلنىڭ ئۇلۇق ئايەم كۈنلىرىدە ئۇ يەرگە بېرىپ مەرھۇم دادامنىڭ ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇققان،دوست بۇرادەرلىرىمنىڭ قەۋرىسىنى يوخلاپ تۇراتتىم..كېيىن ئوقۇش،خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا بارالماي قالدىم.ئىشلىرىم جايىغا چۈشكەندە باراي دەپ نىيەت قىلسام«ئايال كىشى بارسا بولمايدۇ....»دىگەن بانا سەۋەپلەر بىلەن يەنە بارالمىدىم.ئۈچ يىل بولۇپ قالدى ئايەم كۈنلىرى بارالمىسام دەل دادام جان ئۈزگەن كۈنى (10.19)يوخلاپ چىقىپ تۇردۇم.
.بۇلتۇرلاتىن بەك دىققەت قىلمىىغان ئىكەنمەن،بۇ يىل 10-ئاينىڭ 20-كۈنى چىقىتىم.يەرلىككە قويغىلى ھەپتە بولغان دوستۇمنىڭ سىڭلىسىنىڭ يەرلىكىنى يوخلاش ئۈچۈن خېلىلا ئىچىگە ماڭدىم .توۋا......دائىرسى بەكلا كەڭرىپ كېتىپتۇ .دوڭ بامۇ،ئويمات بامۇ ...كولاپ تەييار قىلۋېتىپتۇ..مال باھاسىغا ئەگىشىپ بۇ يەرلىكلەرنىڭ قىممەتلەپ كەتكىنىچۇ تېخى ..ھەقەقەتەن بەزى قەۋىرلەنى پۇل خەجلەپ، ئېسىل چاخچۇخلاردا ياسىۋېتىپتۇكى...قاراپلا قاپتىمەن.تاش قاتتاسا يامان بولدۇ دەيدىكەنمىزيۇ ..لېكىن يەنە شۇ قارا تاشلانى تىكلىۋالدىكەنمىزغۇ تاڭ.كونا قەۋرە تەرەپلەر ئورتاغلىق بولمىغاشقىمۇ قالايمىقان كۆرۈندىكەن... ئىچىنى پۈتۈن ئايلىنىپ چىقىپ كۆڭلۈم بەك بىئارام بولدى..شۇنداقلا ئۆلۈمنى يات ئەتتىم..