مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: hmzdj

ئالىي مەكتەپ ھاياتىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55640
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1681
تۆھپە نۇمۇرى: 99
توردا: 1111 سائەت
تىزىم: 2011-9-9
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 07:15:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋايجان ئەجەپ تەسكە چۈشتى بۇنى ئوقۇماق....


بۇ  ئىشلارنىڭ جىقلىقى ھېلى ئۇ تەكشۈرۈش ھېلى بۇ تەكشۈرۈش .....

ئەمما بىر كۈلۋاپتىمەن ،ئۇھ.... خېلى ھاردۇقۇم چىقىپ قالغاندەك بوپ قالدى...

ئەمدى مۇھەببەت ھېكايىڭىزنى ئاڭلايدىكەنمىزدە...

kor gi nig din kop tur kor mi

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15699
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5882
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 2378 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 07:36:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئۆزگىچە چىقىپتۇ دىسە ،توۋا ،

كۈلۈپ ياشاڭ!!!

كۈلۈپ ياشاش كېرە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49711
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 848
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4002 سائەت
تىزىم: 2011-7-30
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 09:25:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك يۇمۇرلۇق ئىكەنسىز!

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېـتىدۇ.过一天算一天

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40948
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 573
تۆھپە نۇمۇرى: 198
توردا: 1146 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 01:40:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاغىنە ئۇ قىزنىڭ قۇلىنى تۇتىۋەرمەي  قەلمنىمۇ تۇتۇپ قۇي
   ساقلاپ قالدوق
     بۇنداق قىسىملىق كىنۇنى زادى كۆرمەيتىم شۇڭا ....
  بۇلە ۋا  ئاداش  ھۇي ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49395
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 578
تۆھپە نۇمۇرى: 99
توردا: 1829 سائەت
تىزىم: 2011-7-28
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 01:46:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى بار  دىن يەنە بىر تاۋاق كەپتۇ ،كەگەن كۈلكىنىڭ جىقلىقىدىن ئوقۇشقا ۋاقتىم يەتمىدى ،ئۆگىنىشمۇ قىلدۇرمايدىكەنسىلەر باللا.....لىكىن چوقۇم ئوقۇيمەن ،كۈلۈپ دومىلاپلا كىتىپتىمەن دەيمە.................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44389
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 638
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 853 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 02:04:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭلار . مەن بۇ ھېكايىنى تېلىفوندا بىر بىرلەپ يېزىۋاتىمەن ، سۈرئىتىمھەقىقەتەن ئاستا . مەن بىر قىسىمدىن چېكىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئەسكەر،تورغا چىقىش ئىمكانىيىتىم يوق . كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تېز سۈرئەتتە يېڭىلايمەن . توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . رەھمەت ! مانا ئەمىسە داۋامى كەتتى ...

شۇندىن بېرى مېنىڭ ياتاقتىكى ۋاقتىممۇ بارغانسېرى ئازلاشقا باشلىدى ، بىراق بۇ مەخمۇتقا پايدا بولدى . ئۇ ۋاقىت چىقسىلا كومپىيۇتېرىدا ئويۇن ئوينايدىغان بولۇۋالدى .  ئۇ كومپىيۇتېر ئويۇنىغا قىزىقىپ كەتكەندىن بېرى تولىمۇ چۈشكۈنلىشىپ كەتتى .
ئالىي مەكتەپتە 4 يېرىم يىلدەك ئوقۇپتىمەن . بۇ نەچچە يىل ئىچىدە ياتاقتىكى ئۈچىمىز ئىچىدە ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ بولغىنى يەنىلا شۇ مەخمۇت . ئېسىمدە قېلىشىچە مەخمۇت ئاقسۇ كەلپىن بولۇپ ، ئورتاق تىلنى تۈزۈك بىلمەيتى ، ھېلىمۇ ياخشى ئۇنىڭ يەرلىك شىۋىسى ئۇنچىلىك بەك ئېغىر ئەمەسكەن ، بىزمۇ ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىكەنمىز . ئۇمۇ مەكتەپكە كەلگەندىن بېرى تىرىشىپ يۈرۈپ ئورتاق تىلنى ئۆگۈنىۋالدى . شۇ ۋاقىتلاردا مەخمۇتنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى شۇنچە ساددا ، ئاقكۆڭۈل ، گەپنىڭ تۈزىنى قىلسام گومۇش ئىدى . داۋاملىق باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرايتى . لېكىن بۇ بوزەك قىلىش پەقەت 20 كۈنلۈك ھەربىي مەشىق جەريانىدىلا بولدى . ئۇنىڭ گېپىنى بىزمۇ تەستە چۈشىنىدىغان بولغاچقا ھەممىمىز ئۇنى ئەخمەق قىلاتتۇق .  بىر كۈنى ھەربىي مەشىقنى تۈگىتىپ يۈرگەن ۋاقىتلېرىمىزدا ياتىقىمىزغا بىر توپ يۇقىرى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلېرى كىرىپ (يېڭى ئوقۇغۇچىلار تەربىيىسى) ئىشلىمەكچى بولدى . بۇنداق ئىشنى باشقىلاردىن كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم ، شۇڭا ئۇلار نېمە دېسە شۇ دەپلا تۇراي دېگەن ئويدا تۇردۇم .(ئۇ ۋاقىتتا بىز ياتاقتا 8 بالا ئىدۇق) . ئۇلارمۇ قېرىشقاندەك باشقا بىرىمىزگە گەپ قىلماي ئۇدۇللا بېرىپ مەخمۇتنى بوزەك قىلىشقا باشلىدى . مەخمۇتمۇ يۇرت شىۋىسىدە سۆزلەۋەردى ، ئۇلار سۆزلەۋاتقان ئورتاق تىلنى ئۇمۇ تۈزۈك ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيتى ، ئاخىرى ھېلىقى باش بولۇپ كىرگەن بۇرۇتلۇق ئاداش ئۇنىڭغا گېپىنى چۈشەندۈرەلمەي ئاچچىقىدا ئۇنى بىر شاپىلاق ئۇردى . باشتا مەخمۇتنىڭ يۈزى قىزىرىپ كەتتى ، ئەمما جىملا تۇردى . بۇرۇتلۇق ئاداش ئۇنىڭ گومۇشلىقىنى بىلىپ قالدىمۇ ئەيتاۋۇر ، قەستەن يۈزىگە يەنە نەچچە شاپىلاق سېلىۋېدى ، ئەييۇھانناس ، باياتىن جىم تۇرغان مەخمۇتنىڭ تۇيۇقسىز كاللىسى بىلەن بۇرۇتلۇق ئاداشنى بىرنى ئۈسكىنىنىلا بىلىمەن ، ھېلىقى بىچارە بۇرۇتلۇقنىڭ قانداقسىگە ئارقىغا ئۇچۇپ كەتكىنىنىمۇ بىلەلمەي قالدىم . بۇرۇتلۇق بۇرادەر نېمە ئىش بولغىنىنى بىلمەي قالغان چېغى ئورنىدىن تۇرۇپ مەخمۇتنى ئۇرۇشقا تەمشەلگەن باشقا بۇرادەرلېرىگە : "قول چىقىرىشما ! ئۆزەم چىقىمەن! !" دېدى دە ، قولىغا پول سۈرتكۈچنى ئېلىپ ھۇ ئاxx دەپ ئېتىلىپ بېرىۋېدى ، بىزنىڭ مەخمۇتجان قاس - قۇسلا قىلىپ قالدى ، ھېلىقى بۇرۇتلۇق ھوشىنى بىلمەي جىملا بولدى . بۇنى كۆرۈپ بىزنىڭمۇ يۈرەكلېرىمىز يايراپ كەتتى بولغاي ، ياتاقتىكى قالغان يەتتەيلەن بىراقلا سەكرەپ چۈشۈپ سۈپۈرگە ، پول سۈرتكۈچلەرنى قولىمىزغا ئېلىۋېدۇق ، ھېلىقى قالغان يۇقىرى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلېرى (ئەمەلىيەتتە بىزدىن بىرلا يىللىق يۇقىرى ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار) قورقتى بولغاي ، بەدەر تىكىۋەتتى . شۇنىڭدىن بېرى مەخمۇتنى داغدۇغىلىق ھالدا ياتاق باشلىقى قىلىپ قويغان پېتى ئۇ تا ھازىرغىچە شۇ خىزمەتنى ئىشلەۋاتىدۇ . بۇ ئىش تۈگەپ ئەتىسى ياتىقىمىزغا تېخىمۇ كۆپ ئادەم يىغىلىپ كەتتى ، بىر بىرىدىن چوڭ ئاكاشلار . ھەي ، ئەمدى تۈگىدۇقتە دەم ئويلىدىم . ئەمما ئىش تەتۈرسىگە چىقتى ، بۇ كەلگەن 4 ، 5 - يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار ھەممىسى مەخمۇت بىلەن بىر يۇرتلۇق ئاقسۇلۇقلار ئىكەن . ئۇلار مەخمۇتنى ماختاپ ، بۇنىڭدىن كېيىن كىم سېنى بوزەك قىلىدىكەن ، بىزگە ئېيت ! بىز ئاقسۇلۇقلارنى بوش كۆرگەنلەرگە ئوبدان ئۆزىمىزنى كۆرسىتىپ قويىمىز دەپ كېتىشتى . ئۇھ ! دېدىم . شۇنىڭدىن بېرى مەخمۇتنىمۇ بوزەك قىلىدىغان ھېچكىم چىقمىدى . بىزمۇ شۇ ئەلۋەتتە . ئۇ بىرەر گەپ قىلسا ۋاي توغرا گەپ قىلدىڭ دېيىشىدىغان بولدۇق . ئۇنىڭ يۇرتلۇقلېرىلا ئەمەس ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ قارام كۈچىدىنمۇ قورقاتتۇق . شۇنىڭدىن بېرى بىر يەكۈننى چىقاردۇق : يېزا بالىلېرىغا چاق چاق قىلىشقا قەتئىي بولمىغۇدەك !
دەسلەپ ئۇنىڭ قىزىقىشىمۇ پەقەتلا كىتاپ كۆرۈش ۋە ياكى شاھمات ئويناشلا ئىدى . كۈندە شاھمات دەستۇرى دېگەن بىر كىتابنى كۆتۈرۈپ ، ئۆزى بىلەن ئۆزى شاھمات ئوينايتى . مەنمۇ شۇ ۋاقىتلاردا مەھمۇت چوقۇم شاھمات ئويناشقا ناھايىتى ئۇستىكەن دەپ يۈرەتتىم . بەزىدە مەھمۇت يالغۇز شاھمات ئويناشتىن زېرىككەن ۋاقىتلاردا تىرىك ئادەم تېپىپ تەڭ شاھمات ئوينايتى . بۇ ۋاقىتلاردا مەن چاققانلا كارىۋاتقا چىقىۋېلىپ : "بۈگۈن بەك ھېرىپ كېتىپتىمەن ! ئۇيقۇم كېلىۋاتىدۇ" دەپ قاچاتتىم . چۈنكى مېنىڭ ھەرگىز بىرەر پېشكىنىمۇ يېمەي تۇرۇپ شاھ بولۇپ ئۇتتۇرغۇم يوق . ئويلاپ باقسام مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە شاھمات ئويناپ باقماپتىمەن . ئويناشنى ئۇنتۇپمۇ كەتتىممىكىنتاڭ .
ئەمما بۇنداق قېچىشلېرىم ئۇزاققا بارمىدى . بىر شەنبە كۈنى ئۇخلاپ قوپقان ۋاقتىمدا مەھمۇت ئويغانغانلىقىمنى كۆرۈپ قېلىپ ، ھىجىيىپ تۇرۇپ ، شاھمات ئوينايلى دېۋىدى ، ماڭىمۇ قېچىشقا ئامال بولمىدى . بوپتۇ ، ئوينىسام ئويناي ، ئەمما ماڭا يول قويغىن جۇمۇ دېۋېدىم ، ماقۇل بولدى . شۇنىڭ بىلەن ئويناشقا باشلىدۇق . بىرىنچى قول مەن يېڭىۋالدىم . مەخمۇت :"بىرىنچى قول ساڭا يول قويدۇم ، ئەمدى رەسمىي ئوينايمەن جۇمۇ " دەپ ئىككىنچى قولنى باشلىۋەتتۇق . نەتىجىدە بۇ نۆۋەتمۇ مەن ئۇتۇۋالدىم . مەن :" بۇ قولمۇ ماڭا يول قويدۇڭما ؟ " دېۋىدىم ، ئۇ ھىجىيىپ قويۇپ :"يەنە ئوينايمىز" دېدى . ئەمما ئۈچىنچى قولدىمۇ مەن يېڭىۋالدىم . بۇ قېتىم مەخمۇتنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپلا كەتتى . شۇنداق قىلىپ ئارقا ئارقىدىن نەچچە قول ئوينىدۇق ، ئۇمۇ ئۇتتۇرىۋەردى . ئاخىرىدا چۈش بولۇپ كېتىپ ، مېنىڭمۇ قورسىقىم ئېچىپ چىدالماي قەستەنگە "توركامنى" ئوغرىلاپ پەسكە چۈشۈرۈۋەتكەن ئىدىم ، خۇداغا شۈكرى ! ئۇ ئاخىرى شاھ دەپ يەڭدى . مەنمۇ تاماققا دەللا ئۈلگۈردۈم . شۇنىڭدىن كېيىن مەخمۇت شاھمات ئويناشنى تاشلىۋەتتى .ئەلۋەتتە ، مەنمۇ تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ نېمىشقا شۇنداق ئۇتتۇرىۋەرگەنلىكىنى دېمىدىم . مەخمۇتنىڭ شۇ مىجەزىدە ئەگەر شۇ كۈنى مېنىڭ چىدىماسلىق قىلغانلىقىمنى بىلىپ قالغان بولسا ، مەنمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ھېلىقى بۇرۇتلۇق ئاداشتەك تاس تۇس قىلىپ نەچچە تەستەك يېيىشىم تۇرغانلا گەپ ئىدى . مەن بۇرۇن شاھمات ئويناشتا ئۇرۇق ئوغرىلاشتا ئىنتايىن كامالەتكە يەتكەن بولۇپ ، قارشى تەرەپ سەللا دېققەت قىلمىسا ئۇرۇقنى ئوغرىلاپ ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋېتەتتىم ، بۇ نېمىشقا باشلانغۇچ پۈتتۈرگەندىن باشلاپ شاھمات ئوينىماس بولۇپ قالغانلىقىمنىڭ سەۋەبى ئىدى . ئىشقىلىپ مەخمۇتنىڭ شۇنىڭدىن بېرى شاھمات ئوينىماس بولۇپ قالغانلىقىغا مەن سەۋەبچى بولدۇم . ئەمما كېيىن ئۇ تىكتاك توپ ئويناشقا قىزىقىپ قالدى ، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ خوشال بولدۇم .
مەكتىپىمىزدىكى تىكتاك توپ ئۈستىلى ئاز بولغاچقا ، داۋاملىق بىر ئۈستەلدە جۈپ - جۈپتىن پاسلىشىپ 4 ئادەم ئوينايتۇق . بىر كۈنى مەخمۇت ياتاققا ھىجىيىپلا كىرىپ كەلدى . نەچچە سائەت ئۆتۈپ كەتسىمۇ ئۇنىڭ كۈلكىسى تارقاي دېگەندەك ئەمەس . ئۇنىڭدىكى بۇ بىنورمال ئەھۋالنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تىكتاك توپ ئويناشقا بارغان يولۋاستىن بىلدىم . ئەسلىدە ئۇ كۈنى مەخمۇت بىلەن پاسلىشىپ ئوينىغان قىز ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق ماسلىشىپ ئويناپتۇ . يەنە كېلىپ ئۇ قىز مەخمۇت بىلەن بىر يۇرتلۇقكەن .
شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە كۈندە مەخمۇتنىڭ چىرايىدىن كۈلكە ئۈزۈلمىدى . بەزىدە تۇرۇپلا ئۆزلىكىدىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتەتتى . بۇنداق ۋاقىتتا بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ :"مەخمۇت ، بۈگۈن بەك خوشالغۇسەن ، تاماققا مېھمان قىلە" دەيتۇق ، ئۇمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي ماقۇل بولاتتى . 
ئەپسۇس ، ئۇنىڭ كۈلكىسى ئۇزاققا بارمىدى . مەۋسۈم ئاخىرلىشاي دېگەن ۋاقىتتا ، بىز ئۈچىمىز ئاشخانىغا تاماققا ماڭدۇق . ئۆچرەتتە تۇرغان ۋاقتىمىزدا تۇيۇقسىزلا يولۋاس مېنى مەخمۇتقا قارا دېگەندەك نوقۇپ قويۇۋېدى ، قارىسام ئۇنىڭ كۆزلېرى چەكچىيىپ ، ئېغىزلېرى شۇنداق يوغان ئېچىلىپ تۇراتتى ، مەن قاراپ نېمە بولغاندۇ دەپ ئۇ قارىغان تەرەپكە قارىۋېدىم ، ئەسلىدە مەخمۇت ياخشى كۆرۈپ قالغان ھېلىقى قىز ، يېقىنلا بىر يەردىكى تاماق ئۈستىلىدە بىر ئوغۇل بالا بىلەن چاپلىشىپ تاماق يەۋاتاتتى . مەن مەھمۇتقا "بەلكىم ساۋاقدىشىدۇ ، مېنىڭچە چوقۇم ئوغۇل دوستى ئەمەس " دەي دەپ تۇرۇشۇمغا ، ھېلىقى قىز بىر قوشۇق ئاشنى يېنىدىكى بالىغا يېگۈزۈپ قويۇۋېدى ، مەخمۇتنىڭ قولىدىكى تاماق قاچىسى بىراقلا يەرگە چۈشۈپ كەتتى . 
بۇ زەربە مەخمۇتقا تولىمۇ قاتتىق كەلدى . ئۇ توپتوغرا بىر ھەپتە يۈزىنى يۇمىدى ، چىشىنى چوتكىلىمىدى ، پۇتىنىمۇ يۇمىدى ، كۈندە كارىۋاتتىن چۈشمەيلا ياتاتتى . ئامال يوق بىز كۈندە ئۇنىڭغا تاماق توشۇپ بېرىدىغان بولدۇق ، ھەتتا قاچىسىنىمۇ يۇيۇپ بېرىدىغان بولدۇق . ئاخىرى بىر ھەپتە بولغاندا مەخمۇت ئورنىدىن تۇرۇپ تاماققا چىقىمەن دېۋىدى ، خوشاللىقىمىزدىن :"مەخمۇت ! ئاخىرى ئۇ ئىشلارنى ئىدىيەڭدىن ئۆتكۈزۈپسەندە" دېدۇق . بىراق بۇ ھارامزادە خۇشياقمىغان ھالدا :"مەن بىر كۈن يېتىپلا ئوڭشىلىپ قالغان ، بىراق داۋاملىق ياتسام سىلەر ماڭا تاماق توشۇپ بېرىدىكەنسىلەر ، شۇڭا قوپۇش خوشياقماي يېتىۋەردىم . بىراق كىم بىلسۇن ، سىلەر كۈندە مەن ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان بېلىق گۆشى ئەكىلىۋەردىڭلار ، يەنە كېلىپ يۇغان قاچاڭلارنىڭ يۇمىغان بىلەن پەرقى يوقكەن ، ئاخىرى چىداپ تۇرالمىدىم . ئەمدى قوپمىسام ھەسرەتتىن ئەمەس ، سىلەر ئىككىڭلارنىڭ تامىقىدىن ئۆلۈپ قالىدىغان ئوخشايمەن" دېدى . ئەلۋەتتە، ياتاقتىكى ھەممىمىز مەخمۇتنىڭ بېلىق گۆشىگە ئەڭ ئۆچلىكىنى بىلەتتۇق . بىراق بۇنى بىزدىنمۇ كۆرۈشكە بولمايدۇدە ، بىزمۇ مەخمۇتنى بالدۇرراق ئورنىدىن تۇرۇپ كەتسۇن دەپ شۇنداق قىلغان .
شۇنداق قىلىپ مەخمۇت ئازاپ ئىچىدىن دەس تۇرۇپ كەتتى ، ئەمما تورغا قىزىقىپ قېلىپ بارغانسېرى چۈشكۈنلىشىپ كەتتى .

ئۇ ۋاقىتلاردىكى يولۋاس ، ھەقىقەتەنمۇ بىر يېڭى دەۋىرگە ماسلاشقان بالا ئىدى . ياق ، يېڭى دەۋىر دېسەم ئۇنىڭدا كونىلىقمۇ بار . چۈنكى ئۇ بېشىغا تۇڭگانلارنىڭ ئاق دوپپىسىنى ، ئۇچىسىغا قەيەردىن تاپقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر ھەربىيلەر پەلتۇسىنى ، (تېخى بوينىدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلېرىنىڭ تاقايدىغان پىئونىرلار گالىستۇكى بار ،) كىيىۋېلىپ ، قۇلىقىغا شۇنداق يوغان تىڭشىغۇچنى تىقىۋېلىپ ، پۇتىغا غالتەكلىك ئاياق كىيىۋېلىپ راپ ئېيتىپ يۈرەتتى . ئۇۋاقىتلاردا MP3 تېخى يېڭى ئوموملاشقان ۋاقىت بولغاچقا ، باھاسىمۇ ئىنتايىن قىممەت ئىدى ، شۇڭا ئاساسەن جىقلار ئالالمايتى . شۇڭا ئۇنى ئەپتىگە قاراپ دەۋىر ئارقىسىدا قالغان دەيلى دېسەك ، ئۇنىڭ ئىشلىتىۋاتقان نەرسىلېرى ، يەنى mp3 ، تېلىفونلېرى يېڭى زاماننىڭ نەرسىلېرى ئىدى . كېيىن ئۆزىدىن سورىساق، ئۇ ماختانغان ھالدا :"مەن دېگەن راپ ئېيتىمەن " دەپ جاۋاب بېرەتتى . ھازىر ئويلاپ باقسام ئۇ دەل ھازىرقى غەيرىي ئېقىمنىڭ (非主流) تەتۈر شامىلىغا دۈم چۈشكەن ئىكەن . ئۇ قارىمايلىق بولۇپ ، ئۆيىدىكىلېرىنىڭ پۇلى جىق بولغاچكىمىكىن ، ئۇنىڭ ئاساسەن ھەممە نەرسىسى تەل ئىدى . كۈنلەرنىڭ بىرىدە يولۋاس مېنى ئۈرۈمچىدىكى بىر ياش بالىلار قۇرغان راپ مۇزىكا كۇلۇبىغا باشلاپ باردى . ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىشخانىسى بىر بىنانىڭ ئاستىدىكى كىچىك يەر ئاستى ئۆيىكەن . ئىچىگە كىرىپ ھەيرانلا قالدىم . بۇ يەرنى مۇزىكا كۇلۇبى ئەمەس ، بەلكى ساراڭلار بىرلەشمىسى دېسەك گەپ خاتا كەتمەس . مەن راپ مۇزىكىسىنى ئاڭلىغان ، شۇ توغرىسىدىكى مۇزىكا كۇلۇبلېرى توغرىسىدىمۇ ئاڭلىغانلېرىم بار ، ئەمما ئۈرۈمچىدە ، بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇر بالىلېرى ئىچىدە بۇنداق ئەۋج ئېلىپ كەتكىنىنى بىلمەپتىكەنمەن . بىر بىرىدىن ۋەھشى كىيىملەرنى كىيىۋالغان ، چاچلېرى ھەر خىل ئالاچىپار رەڭدە بويىۋالغان ، كىچىكى ئەمدى 13 ياش ، چوڭى 28 ياش بولغان ئون نەچچە ئادەمدىن تەركىپ تاپقان بۇ كۇلۇبتىن ، بىرەرمۇ نورمال ئادەم تاپقىلى بولمايتى . شۇ كۈنى ئۇ يەردىن قانداقلارچە چىقىپ كەتكىنىمنىمۇ بىلمەي قالدىم . 
بىر كۈنى ياتاقتا ئىسسىق سۇغا پۇتۇمنى چىلاپ ئولتۇرسام ، تۇيۇقسىزلا بىرى ئىشىكنى تېپىپ كىرىپ كەلدى . ئۇنى كۆرۈپ قورققىنىمدىن يۈرۈكۈم چىقىپ كېتەيلا دەپ قالدى . كىمنى كۆردۈم بىلەمسىلەر ؟ ئۆمۈچۈك پالۋان !!! نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرغىنىمدا ئۇ قولىنى سوزۇپ ماڭا ئېتىلىپ كېلىۋېدى ، تەلەڭگىدىكى پۇت يۇغان سۇنى بىراقلا بېشىغا چېچىۋەتتىم . شۇندىلا يولۋاسنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى . 
- ھى ؟ سەن يولۋاسما ؟
- بۇ . . . پۇتۇڭنى يۇغان سۇما ؟
ۋاي ياق ! ! ! ئەمەس ! ! !
يولۋاس شۇ كۈنىلىلا ئۇ كىيىمىنى تاشلىۋەتتى . شۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ ئۆمۈچۈك پالۋاننى قايتا كۆرۈپ باقمىدىم . بىراق يالغۇز مەنلا ئەمەس ، مەكتەپتىكى شۇنداق كۆپ ئادەملەر ئۆمۈچۈك پالۋاننى كۆرگەنلىكى توغرىسىدا مەكتەپ ئىچىدە غۇلغۇلا بولۇپ كەتتى . ئەپسۇس ، ئۇلار بۇ ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ نېمە ئۈچۈن غايىب بولۇپ كەتكىنىنى بىلسىكەن . يولۋاسنىڭ ئۇ خارەكتىرىدە ھېلىغۇ پۇت يۇغان سۇكەن ، باشقىلار ئۇنىڭ قاچىسىدا تاماق يەپ قويسىمۇ ئۇ شۇ كۈنىلا قاچىسىنى جىممىتىلا يوقىتىۋېتىپ يېڭىدىن بىر يۈرۈش تەييارلايدۇ .
ئاخىرى بىر تەتىلدىن يېنىپ مەكتەپكە كەلگەندە يولۋاس ئوڭشالدى . ئوڭشالغاندىمۇ قاتتىق ئوڭشالدى . ئاڭلىساق تەتىلدە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بىر ئەرەپتىن كەلگەن تۇققىنى كېلىپتۇ . يولۋاسنىڭ يۈرۈش تۇرقى ئۇنىڭغا ياقمىدى بولغاي ، ئۇنى ئۆزۈم بىر قوللۇق تەربىيلەيمەن دەپ بىر تەتىل ئۇنىڭغا قۇرئان ئۆگىتىپتۇ . بۇ بىر ئايلىق ئۆگۈنۈش ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلدى بولغاي ، ئۇ ئىلگىركى غەيرىي ئېقىمنى تاشلىۋەتتى ، ھەم بۇرۇنقىدەك كيىنمەيدىغان بولۇپ قالدى . گەپ سۆزلېرىمۇ ئۆزگىرىپ قالغان بولۇپ ، بۇرۇنقىدەك پو سۆزلىمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى ، بىراق بۇ قېتىم ئۇنىڭ قىزىقىشى قىز كەلتۈرۈشكە ئۆزگەردى .ھەر بىر ئايدا بىردىن لايىق ئالماشتۇرۇپ دېگەندەك ، تا ھازىرقى كۈچلۈك چىشى يولۋاسنى تاپقاندىن كېيىن ئۇ ئاخىرى بۇ قىزىقىشىنى تاشلاشقا مەجبۇر بولدى . چۈنكى ئۇ ئاخىرى ئۆزىنى باشقۇرىدىغان ئادەم تاپقان ئىدى .

يېڭى يىل ئۆتۈپ كەتتى ، ئىمتىھانلارغىمۇ ئاز قالدى ئەلۋەتتە .
نېمىشقا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلېرىنى ئەقىللىق دەيمىز ؟ چۈنكى بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلېرى بىر مەۋسۈم ئويناپ ، ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايدا بارلىق دەرىسلەرنى ئۆگۈنۈپ بولالايمىز ، ھەمدە مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈپ كېتەلەيمىز . 
مەنمۇ ئانارگۈل بىلەن ئارىمىزدىكى ۋاقىتنى قەدىرلەيمەن دېگەن ۋەدەمگە ئەمەل قىلىپ ، كۈندە كەچلىك مۇزاكىرىدە ئۇنىڭ بىلەن كۈتۈپخانىغا كىرىدىغان بولۇپ قالدىم . ئادەتتە يولۋاس بىلەن چىشى يولۋاسمۇ شۇ يەردە بولۇپ ، كۈندە بولۇپ تۇرىدىغان چاقچاقلارنى ئىمتىھان بېسىمى بېسىۋالغان ئىدى . مېنىڭ ئەڭ خوشال بولىدىغان ۋاقتىم ، ئانارگۈل بەزى بىلمەيدىغان مەسىلىلەرنى مەندىن سورىغان ۋاقىت . ئادەتتە مەن ئاساسەن جاۋاب بېرەلەيمەن ، ئەگەر مەنمۇ جاۋاب بېرەلمىسەم ، يولۋاس بىلەن چىشى يولۋاسنىمۇ چاقىرىپ كېلىپ بىللە مۇزاكىرە قىلىمىز . يولۋاسنىڭ بۇرۇنقى قىز كەلتۈرۈش دەۋرىدىكى ئادەتلېرى تېخىچە قېلىپ قالغان بولسا كېرەك ، ئۇ ئانارگۈلگە سەل يېقىنچىلىق قىلىپ قالغان ۋاقىتلاردا چىشى يولۋاسنىڭ چىرايى كۆكۈرۈپ كېتەتتى . ئۇلار ئورنىغا كەتكەن ۋاقىتتا پۈتۈن كۈتۈپخانا ئىچىدە چىشى يولۋاسنىڭ ھازازۇللارچە ۋارقىرىغان ئاۋازى ياڭراپ كېتەتتى ، ھەتتا چەتتىكى باشقا مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلار قورقۇپ كېتىپ ، كىتابلېرىنىمۇ ئالماي چەتكە قاچاتتى . 
كەچتە ياتاققا كېلىپ قارىساق ، مەخمۇت تېخىچە كومپىيۇتېردا ئويۇن ئويناش بىلەن ئاۋارە ئىدى ، بىزنىڭ كەلگىنىمىزنى كۆرۈپ ، يولۋاسنىڭ سوزۇپ قىزىرىپ كەتكەن قۇلاقلېرىغا قاراپ :"قۇلىقىڭ تۈنۆگۈنكىدىن بەكرەك قىزىرىپ كېتىپتۇ" دەپ قوياتتى . ئۇنىڭ ئەپتىدىن بىر كۈن تاماق يېمەي ئويۇن ئويناپ چىققانلىقى بىلگىلى بولاتتى . بۇ ۋاقىتتا ئۇنى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالمىسۇن دەپ يولۋاس ئىككىمىز ئۇنى قولتۇقلاپ سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كېچىلىك تاماق يېگۈزۈپ كېلەتتۇق . تاماق يېگەچ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلساق ، ئۇ ماقۇل دەپلا قوياتتى ، ئەمما ئەتىسىدىن باشلاپ ئۆز سەنىمىگە دەسسەيتى .
ئىمتىھاندىن بۇرۇن شۇنچە قورقاتتۇق ، ئەمما ئىمتىھان كەلگەندە قورقۇش ھېسىياتىمۇ يوقاپ كەتتى . ئەگەر ئالاھىدە ئۆزگىرىش بولمىسا بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئىمتىھان بېرىشىم بولۇپ قالىدۇ . چۈنكى مەن بۇرۇنقى ئۆتەلمىگەن پەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نەتىجىسىنى تولۇقلاپ بولغان ئىدىم . ئەگەر ئوڭۇشلۇق بولسا بۇ قېتىم ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كەتسەملا ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى قولۇمغا ئالالايمەن .
مېنىڭ ئىمتىھانلېرىم كۆپ ئەمەس بولغاچقا نەچچە كۈندىلا بېرىپ بولدۇم . ئەمما ئانارگۈلنىڭ يەنە نەچچە پەن ئىمتىھانى بار بولغاچقا ، قالغان نەچچە كۈن ئىچىدە ئانارگۈلگە تەڭ مۇزاكىرە قىلىشىپ بەردىم ، يەنە كېلىپ تاماقنىمۇ مەن توشۇپ بېرىشكە باشلىدىم . ئويلاپ باقسام بۇنداق كېتىۋەرسەم يولۋاسنىڭ كۈنىگە قالغۇدەكمەن ، بىراق مەن ھەقىقەتەن مۇشۇنداق بولۇشقا رازى ئىدىم .
بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئانارگۈلنىڭ پادىشاھلىق تۇرمۇشى ئاخىرى ئاياغلاشتى . بىراق ، ئانارگۈل فىزىكا ئىمتىھانىنى ناچار بېرىپ قويۇپتۇ . ئۇنىڭدىن ئاڭلىشىمچە ، ئانارگۈلنىڭ دادىسى ئىنتايىن ئاچچىقى يامانكەن ، ئەگەر نەتىجە قەغىزىدە لاياقەتسىز نەتىجىنى كۆرۈپ قالسا چوقۇم ئۇنى نەچچە كۈن ئاچ قويىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن مەن بىزنىڭ ئوماق يېتەكچى ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ يېنىغا كىرىپ ، ئانارگۈلنىڭ فىزىكا پەن نەتىجىسىنى ئۆيىگە يوللاپ بەرمەسلىكىنى ئۆتۈندۈم .
ئىمتىھانمۇ تۈگىدى ، دېمەك ، ئەمدى قىشلىق تەتىل بولدى دېگەن گەپ . ئانارگۈل نېمىلا دېگەن بىلەن قىز بالا بولغاچقا ، ئۆيىنى شۇنداق سېغىنىپتۇ ، شۇڭا تەتىل قويۇپ بەرگەن زامان ئۆيىگە كېتىمەن دەپ تۇرۇۋالدى . مەن ئىش ئىزدەپ بېقىش ئۈچۈن مەكتەپتە يەنە نەچچە كۈن تۇرماقچى بولدۇم .
ئانارگۈلنى پويىز ئىستانسىسىغا ئۇزاتقىلى چىققان ۋاقتىمدا ئۇنىڭغا يولدا ئوغرى - يانچۇقچىلارغا ، ئالدامچىلارغا دېققەت قىلىشى توغرىلىق قايتا قايتا جېكىلىدىم . ئاخىرىدا ئۇنىڭغا ئۆيگە بارغاندىن كېيىن چوقۇم ماڭا تېلىفون قىلىشىنى جېكىلىدىم . شۇنداق قىلىپ پويىز قوزغىلىپ مەن ياخشى كۆرگەن ئادەمنى ئېلىپ كەتتى .
ياتاققا قايتىپ كومپىيۇتېر ئوينىغاچ ئانارگۈلنىڭ تېلىفونىنى ساقلاپ ئولتۇردۇم . ئانارگۈل سائەت ئون ئەتراپىدا ئۆيگە يېتىپ بارىمەن دېگەن بولغاچقا ، چىقىپ كەچلىك تاماق يەپ كەلدىم . سائەت توققۇن بولغاندىن باشلاپ مەن بىردەم تېلىفون سىمىنىڭ چىڭ كىرگۈزۈلگەن كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى تەكشۈردۈم ، تىڭشىغۇچنىڭ ئاۋازىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن نەچچە يەرگە تېلىفون بېرىپ باقتىم ، ئاندىن يانفونۇمدا ياتاققا تېلىفون بېرىپ تېلىفوننىڭ جىرىڭلايدىغان جىرىڭلىمايدىغانلىقىنى تەكشۈردۈم . ھەتتا يانفونۇمنى ئۇنىڭغا بېرىپ تۇرمىغانغا تولىمۇ پۇشايمان قىلدىم . ئەينى ۋاقىتتا مەن 1 - يىللىقتا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا ، ھەرقېتىم ئاپتوبوستا ماڭغان ۋاقتىمدا ئاپامنىڭ ھەر ئون مىنۇتتا بىر تېلىفون بېرىپ ئەھۋال سورىشىدىن تولىمۇ بىزار بولغان ئىدىم ، (مېنىڭ ئۆيۈم ماناستا بولغاچقا نەچچە سائەتتىلا كەلگىلى بولاتتى) . ئەمدى بىچارە ئاپامنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مەندىن ئەنسىرىگەن ھېسىياتىنى شۇنچە ئېنىق ھېس قىلىۋاتىمەن . ئەمدى ھەرگىزمۇ ئاپامغا "بەك گېپىڭ تولىكەن ، مەن چوڭ بولۇپ قالدىم" دېگەن گەپنى دېمەيمەن ! 
سائەت ئون بولدى ، ئەمما تېلىفون تېخىچە سايرىمىدى . شۇنىڭ بىلەن مەن پەقەتلا ئولتۇرالمىدىم ، ئىچىدىم تىتىلداپ خىيالىمغا ھەرخىل توردا كۆرگەن پويىزدا بۇلاڭچىلارغا ئۇچرىغان كۆرۈنۈشلەر كەلدى . ئانارگۈلنىڭ ئۆيىگە تېلىفون بېرەي دەپمۇ ئويلىدىم ، ئەمما ئۇ تېخى ئۆيىگە بارمىغان بولسا ، ئاتا ئانىسىنىمۇ ئەندىشكە سېلىپ قويماي دەپ ئۇرمىدىم . شۇنىڭ بىلەن ئىچىمدە پويىز چوقۇم كېچىكىپ باردى ، يولدا قاتناش قىستاڭچىلىق بولۇپ ئاپتوبوس ماڭالماي قالدى دەپ ئۆزۈمنى ئۆزۈم بەزلەپ قاچانلاردىن تېلىفوننى قۇچاقلاپ ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمىدىم . قانچىلىك ئۇخلىغىنىمنى بىلمەيمەن ، تۇيۇقسىز تېلىفون ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم دە تېلىفوننى قولۇمغا ئېلىۋېدىم ، دېگەندەكلا ئانارگۈلنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى . ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيگە ساق سالامەت يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيىتتى . شۇندىلا ئۇھ دېدىم ھەمدە نېمىشقا ئەمدى باردىڭىز ؟ سىز سائەت ئوندا بارىمەن دېمىگەنمىدىڭىز ؟ دېدىم . ئانارگۈل :"ھازىر شۇ ئون بولدىغۇ !" سائىتىمگە قارىسام دېگەندەك ئون بوپتۇ . 
-سىز بۈگۈن ئون دېگەنمىتىڭىز ؟ مەن تېخى تۈنۆگۈن كەچ ئون ئوخشايدۇ دەپ بىر كېچە تېلىفونىڭىزنى ساقلاپ چىقىپتىمەن .
- ھۇ كالۋا ، نەدە ئۇنداق تېز بولسۇن . ھەراست ، مەن بۇنىڭدىن كېيىن ئىش بولسا مەن سىزگە تېلىفون قىلىمەن ، سىز ھەرگىز ماڭا تېلىفون قىلماڭ ، دادامنىڭ ئاچچىقى بەك يامان .
- ھە ماقۇل .
ئەمما مەن ھەرگىزمۇ بۇنداقلىق بىلەن بولدى قىلمايمەندە . شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قېتىم ئۆيىگە تېلىفون ئۇرغاندا ئۆيىدىكىلېرى تېلىفون ئالغان بولسا دەرھال ئاۋازىمنى ئۆزگەرتىپ :"ياخشىمۇسىز ! پالانچىنى قىچىرىپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن" دەيمەن ، بۇ ۋاقىتتا قارشى تەرەپ :"خاتا ئۇرۇپ قاپسىز" دەيدۇدە ، تېلىفوننى قويۇۋېتىمەن . ئەلۋەتتە ، ھەر قېتىم ئىزدەيدىغان ئادەم بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئاۋازىنى ھەرخىل قىلىمەن ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىمۇ كالۋا ئەمەستە . ئىشقىلىپ بالامدىن تارتىپ دادامغىچە ھەممە ئادەمنى ئىزدەيمەن دەپ چىقتىم ، ئانارگۈلمۇ ئامال بار تېلىفون سايرىغۇچە بىرىنچى بولۇپ تېلىفوننى ئالىدىغان بولۇپ قالدى . 
تاكى ئانارگۈلنىڭ نەتىجە قەغىزى چىققانغا قەدەر ، مېنى بىرەرمۇ ئورۇن ئىشلىتىدىغان تەكلىپ قىلمىدى . مەنمۇ ئاستا ئۆيگە قايتىشقا تەييارلىق قىلدىم .ئانارگۈل بارلىق ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ . تېلىفون بېرىپ ئۇنىڭغا بۇ خوش خەۋەرنى ئېيتىۋېدىم ، ئانارگۈل مەغرۇر ھالدا :"ئۆتۈشۈممۇ مۇقەررەر ئەلۋەتتىدە ! مەن ھەركۈنى ۋاڭ مۇئەللىمگە بور ئەكىلىپ بېرىدىغان تۇرسام"دىدى ، مەن :"شۇ ئەمەسمۇ ، مۇئەللىمىڭىز سىزدەك سادىق چاكىرىنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالسۇن " دېۋىدىم ، ئانارگۈل بۇ سۆزۈمگە بىر سائەتكىچە ئۇنىڭغا تېلىفون ئۇرماسلىق جازاسىنى بەردى .
ئۆيگە ماڭىدىغان ئاپتوبوسقا چىقتىم ، ئاپاممۇ ھەر ئون مىنۇتتا بىر تېلىفون ئۇرۇشقا باشلىدى . ئۇدۇلۇمدا بىرىنچى يىللىقتىكى بىر ئوقۇغۇچى ھېسداشلىق تۇيغۇسى بىلەن ماڭا قاراپ :"ئاپىڭىز ئۇرۇپتىما؟" دەپ سورىۋېدى ، مەن :"ھەئە" دېدىم .ئارقىدىن ئۇ :"ئەسلىدە مەنمۇ بۇ قېتىملىق قىشلىق تەتىلدە يىغقان پۇلۇمغا تېلىفون ئالايمىكەن دەپتىكەنمەن ، ئويلاپ باقسام ئالمىساممۇ بولغۇدەك ، مېنىڭ ئاپاممۇ شۇ ، مەندىن ئەنسىرەپ ئولتۇرالمايلا قالىدۇ ." مەن ئۇنىڭغا :"سەن يەنە نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن چۈشىنىسەن ، ئەمەلىيەتتە تېلىفون قوبۇل قىلىشمۇ بىر خىل بەخىت" دېۋىدىم ، ئۇ سۆزلېرىمنى ھەزىم قىلىپ بولالماي ئاغزى بېسىقتى .
ئاخىرى ئۆيگە قايتىپ كەلدىم . ئاپام مەندىن تاماقنى قانچىلىك يەيسەن دېۋىدى ، 1 كويلۇق گۈرۈچ ، 2 كويلۇق سەي ئۇسۇپ بەرگىن دەپتىمەن . ئۆي تامىقى نېمىلا دېگەن بىلەن شۇنچە تەملىك . گەرچە ئۆيۈم بىلەن مەكتەپنىڭ ئارىلىقى پەقەت نەچچە سائەتلىكلا يول بولسىمۇ ،ئادەتتە مەن ئۆيگە قايتىپ كەلمەيمەن . نېمىشقىلىقىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ، بەلكىم ياتاق ھاياتىغا كۆنۈپ قالغاننىڭ ئىشىمىكىنتاڭ ، نەچچە ئايدا بىر قېتىم ئۆيگە قايتىمەن .
ئىككىنچى كۈنى ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىيىم ئىشكاپىمنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ ئاخىرى يۇيۇپ رەڭگى ئۆچۈپ كەتكەن ، نەچچە يېرى يىرتىلىپ كەچكەن پادىچىلار ئىشتىنىمنى ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىمدا بىر پائالىيەتكە قاتنىشىپ تارقىتىپ بەرگەن ، ئۈستىدە چوڭ بىر قۇرۇلۇشنىڭ رەسىمى بار مايكامنى كىيىپ سىرتقا ئوينىغىلى ماڭغان ۋاقتىمدا ئاپام ماڭا قاراپ تۇرۇپ كېتىپ ، :"نېمانچە تىلەمچىلەردەك كىيىم كىيىۋالدىڭ؟ كىيىملېرىڭ بەكلا كونىراپ كېتىپتۇ" دېدى - دە ، قولۇمغا پۇل تۇتقۇزۇپ :"ماڭ ، چىقىپ بىر قۇر يېڭى كىيىم ئېلىپ كىيىۋال دېدى" . 
ھەي تىلەمچى بولۇش نېمە دېگەن ياخشى ! تۇرۇپلا ئانارگۈلنى ئەسلەپ قالدىم .
مەھەللىدىكى دوستلېرىمدىن ئاڭلىسام ئۆيىمىزنىڭ يېنىدىكى دوقمۇشتا بىر يېڭى تورخانا ئېچىلىپتۇ . تورغا چىقمىغىلى ئۇزۇن بولغاچقا ئۇدۇل تورخانىغا يۈگۈردۈم . ئىزدەپ تېپىپ قارىسام ، تورخانىنى ئاچقان خوجايىن مېنىڭ كىچىك ۋاقتىمدا تەڭ ئويناپ چوڭ بولغان دوستۇم ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن كۈندە تورخانىغا بېرىپ ئۇنىڭ ئاساسىي كومپىيۇتېرىدا ھەقسىز تورغا چىقىدىغان بولۇۋالدىم . ئەمما ئۇ كومپىيۇتېردا ھېچنىمە بىلمەيدىغان بولغاچقا مەن بېرىپلا ئۇنىڭ نىجاتكارى بولۇپ قالدىم . كىچىككىنە كاشىلا چىقسىلا ماڭا تېلىفون بېرىپ ئوڭشاپ بېرىشكە چاقىرىدىغان بولۇپ قالدى . كېيىنچە تورخانىغا بارسام تورغا چىقىش ئەمەس ، بەلكى تورخانا تېخنىك خادىمى بولىدىغان بولۇپ قالدىم .
بۈگۈنمۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئانارگۈلنىڭ ئۆيىگە تېلىفون قىلدىم ، تېلىفوننى دادىسى ئالدى . مەنمۇ ئاۋازىمنى ئۆزگەرتىپ :"ۋەي ؟ بايا ماڭا چاقىرغۇ قىلغان كىمۇ؟" دېۋىدىم ، دادىسى :"يىگىت ، ھازىر ھېچكىم چاقىرغۇ ئىشلەتمەيدۇ . ئانارگۈلنى ئىزدەمسەن ؟ توختاپ تۇر، چاقىرىپ بېرەي" دېمەمدىغان ، ھاڭۋېقىپلا قاپتىمەن . ئانارگۈل تېلىفوننى ئېلىپ خوشال ھالدا :"ئاتا ئانام بۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ شەخسىي تۇرمۇشۇمغا ئارىلاشمايدىغان بولدى ، يەنە كېلىپ مەن ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ئۆيدىكىلەرگە دېۋىدىم ، ئۇلارمۇ باشقىچە پىكىردە بولىمىدى" دېدى .
شۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ تېلىفوننى خاتا ئۇرمايدىغان بولۇپ قالدىم . بەزىدە ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى تېلىفوننى ئېلىپ قالسا ئۇلار بىلەنمۇ ئاز تولا پاراڭلىشىپ قالىمىز ، مەن نېمىلا دېگەن بىلەن گەپكە ئۇستا بولغاچقا ، ئاتا ئانىسىمۇ مەندىن خېلى رازى . ئۇلارمۇ بىزنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەندە ئايرىلىپ كېتىمىز دېگەن ۋەدىمىزنى بىلگەندىن كېيىن ماڭا مەكتەپتە چوقۇم ئانارگۈلگە ياخشى قاراش توغرىسىدا قايتا قايتا جېكىلىدى .
بىر كۈنى كەچتە ئۇخلاشتقا تەمشىلىپ ئەمدى ياتسام ، يانفونۇمغا بىر ئۇچۇر كەلدى . قارىسام ناتونۇش بىرسىنىڭ يانفون نومۇرى ، ئوقۇسام :"تېپىپ بېقىڭ ، مەن كىمۇ؟" دېگەن ئۇچۇركەن . بۇنداق ئۇچۇرغا سەۋرىمنى يىغىپ كىملىكىنى تېپىشىمنىڭ نېمە ھاجىتى . شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ :"تېپىشقىمۇ ھورۇنلۇق قىلىمەن . يۇۋاشلىق بىلەن كىملىكىڭنى دە ! بولمىسا غوجا ئاكاڭ ئەتىلا چىقىپ بۇ تېلىفون نومۇرنى كوچىلارغا يېزىپ ، ئاستىغا 'يالغان كىنىشكە ياسايمىز' دەپ يېزىپ قويىمەن" دەپ قايتۇرۇپ قويدۇم . نەتىجىدە بىردەمنىڭ ئىچىدىلا يانفونۇم سايراپ كەتتى . قارىسام بايىقى ناتونۇش نومۇر . ئېلىپ تىڭشىسام ئىنتايىن تونۇش ئاۋاز --- ئانارگۈل . ئۇ تېلىفوندا :"ئەگەر ئەتە مەن بىرەر كىنىشكا ياسىتىمەن دېگەن تېلىفوننى ئېلىپلا قالسام ، مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن دوختۇرخانىدا يېتىشقا تەييارلىنىڭ!" دېدى . 
ئەسلىدە ئانارگۈل ئۆزىنىڭ يىغقان پۇلىغا يانفوندىن بىرنى ئېلىپتۇ . شۇنىڭدىن كېيىن بىز كۈندە قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىپ پاراڭلىشىدىغان بولۇپ قالدۇق . 
ئۇزاق ئۆتمەيلا نەۋرە ھەدەمنىڭ تويى بولدى . نەۋرە ھەدەم دېگەن بىلەن ئۇ مېنىڭ كىچىكىمدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستۇم خالاس ، مەندىن پەقەتلا بىر ياش چوڭ . ئويلاپ باقسام مەنمۇ چوڭ بولۇپ قاپتىمەن ، يەنە ئاز قالماي مەنمۇ تويۇمنى قىلىمەندە دەپ ئويلىدىم . قىز تەرەپنىڭ تويى بولغاچقا ئۇلار چۈشتىن كېيىن قىزنى كۆچۈرۈپ كېتىشتى ، بىز نەچچە بۇرادەر ئوغۇل تەرەپنىڭ تويىغا بارمىغاچقا زالدا قېلىپ قېلىپ كەچكىچە قارت ئويناپ چىقتۇق . بىراق مەن بىر ياقتىن تېلىفوندا ئانارگۈل بىلەن قىسقا ئۇچۇر يوللىشىپ ، بىر ياقتىن قارت ئويناۋاتقان بولغاچقا دېققىتىمنىمۇ يىغالمىدىم ، شۇنىڭ بىلەن ئارقىمۇ ئارقىدىن ئۇتتۇرىۋەردىم . تۇيۇقسىز قالغان قارت ئويناۋاتقانلارنىڭ بىر بىرىگە ئىشارەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم . چاتاق بار . بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار پۇلدىن ئوينايلى دەپ تۇرۇۋالدى ، بۇ ۋاقىتتا ئانارگۈلدىن ئاخىرقى بىر ئۇچۇر كېلىپ ، تېلىفون كارتىسىدا پۇل قالمىغانلىقىنى ، ھازىر كەچ بولۇپ كەتكەچ ئەتە چىقىپ پۇل قاچىلايدىغانلىقىنى ، شۇڭا ئەمدى ئۇچۇر يازالمايدىغانلىقىنى دېدى . ھەي . . . بۇ دېگەنلىك ھازىردىن باشلاپ بىر كەچ ، تا ئەتە ئەتىگەنگىچە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشالمايمەن دېگەن گەپتە . بوپتۇ دېدىم ۋە ئاچچىقىمدا تېلىفوننى ئېتىۋەتتىم - دە، ئۇلارغا ماقۇل ، پۇلدىن ئوينايلى دېدىم . ئانارگۈلنىڭ قىسقا ئۇچۇرى دەخلى قىملىغاندىن كيېىن ، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ بارلىق ھۈنىرىمنى چىقىرىپ قارت ئويناشقا باشلىدىم . ھەش - پەش دېگۈچە ئۇلار ئۈچىسىدىن 65 كوي ئۇتۇۋېلىپ دەككىسىنى بېرىپ ئۆيگە كەتتىم .ئەتىسى بىز يەنە قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىشكە باشلىدۇق . مەن تۈنۆگۈن يېڭىۋالغان پۇلنىڭ ئىشىنى دېسەم ، ئۇ :"ھارام پۇل ياراشمايدۇ ! تېزدىن خەجلىۋېتىڭ ! ھازىر ھامبۇرگ بولكىخانىسىغا كىرىپ 30 سوملۇق يۈرۈشلۈك تاماقتىن ئىككىنى يەڭ ! بىرىنى مەن ئۈچۈن يەپ بېرىسىز ، ئاندىن چوقۇم كوچا ئاپتوبوسىغا تۆت قېتىم ئولتۇرۇڭ ، ئاخىرقى ئېشىپ قالغان بىر كوينى ئۆزىڭىز پارچىلاپ خەجلەڭ" دەپ ئۇچۇر ئەۋەتىپتۇ . ئاخىرىدا يەنە بۇنىڭدىن كېيىن پۇل تىكىپ قىمار ئوينىماسلىق توغرىلىق ئۆزىگە ۋەدە بېرىشىم توغرىلىق بۇيرۇق قىلدى .
تەتىلنىڭ قالغان ۋاقىتلېرى پۈتۈنلەي يېيىپ - ئىچىش بىلەنلا ئۆتتى ، غەم ئەندىشىسىز ھەتتا ئۆزۈمنىڭ ئوقۇيدىغانلىقىمنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتىم ، شۇنداق قىلىپ بارا بارا ئۆزۈمنىڭ خېلىلا سەمىرىپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم . تەتىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى پۈتۈن ئۆيلۈك ھەممىمىز ئېسىل بىر تاماقخانىدا تاماق يېدۇق . تاماق يېگەچ دادام ماڭا :"بۇيىل مەن مېھمان قىلدىم ، كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئەمدى سەن مېھمان قىلىسەن جۇمۇ" دېۋىدى ، شۇندىلا ئۆزۈمنىڭ بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈردىغانلىقىمنى ئويلاپ يەنە غەمگە پاتتىم .
شۇنداق قىلىپ ئەتىسى كۆڭلۈم يېرىم ھالدا ئاپتوبوسقا چىقتىم ، ئاپاممۇ ئون مىنۇتتا بىر تېلىفون بېرىشكە باشلىدى . كۆڭلۈم يېرىم بولغاچقا يېنىمدا بىر قىزنىڭ ئولتۇرغىنىنىمۇ تۇيماپتىمەن ، دېققەت قىلسام بۇ قىزنىڭ يېشى ئانارگۈل بىلەن تەڭ دېيەرلىك ئىكەن ، ئۆزىمۇ شۇنداق چىرايلىق ئىكەن . باشقا ۋاقىتلار بولغان بولسا بۇنداق ئېسىل پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيتىم ، ئەمما ھازىر مېنىڭ ئانارگۈلۈم بار . باشقا قىزلارغا قاراشمۇ خوشياقمايدۇ . شۇڭا بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ ئاپتوبوستىكى تېلىۋىزورنى كۆرۈشكە باشلىدىم . بىراق نەس باسقان شوپۇر نەچچە قېتىم كۆرۈپ بولغان تايىنى يوق بىر كىنونى قويغىلى تۇرۇپتۇ ، بۇ نەچچە سائەتنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى ئويلاپ ئاخىرى ئۇخلاي دەپ تۇرسام ، يېنىمدىكى قىز ئۆزىلا ماڭا گەپ قىلدى . قارىغاندا ئۇمۇ بۇ كىنونى ياقتۇرمىسا كېرەك . ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يىل ئالىي مەكتەپ 2 - يىللىقىدا ئوقۇيدىغانلىقىنى ، ئىسمىنىڭ رەناگۈل ئىكەنلىكىنى دەپ بەردى . بۇلارنى مەن سورىمىدىم ، ئۆزى دەپ بەردى ، قايسى مەكتەپلىكىنىمۇ دېمىدى ، مېنىڭمۇ سورىغۇم كەلمىدى . ئارقىدىن ئۇ مەندىن كومپىيۇتېردا تورغا چىقىدىغان چىقمايدىغانلىقىمنى سورىۋېدى ، مەن مېنىڭ كومپىيۇتېرىم يوق دەپلا قويدۇم ، ئارقىدىن ئۇ تورغا چىقىشنىڭ قانداق كۆڭۈللۈكلىكىنى ، توردا قانداق نەرسىلەرنىڭ مودا بولۇۋاتقانلىقىنى ،ئارقىدىن يەنە QQ دېگەن بىر كوتكوتنىڭ بارلىقىنى سۆزلەشكە باشلىۋېدى ، ئىچىم پۇشۇپ گەرچە كومپىيۇتېرىم بولمىسىمۇ ياتاقتا ئېلىكتىرونلۇق لۇغەت ئارقىلىق تورغا چىقىمەن دېۋىدىم ، ئۇ ھەيران قالغان ھالدا مەندىن قانداق چىقىشنى سورىدى . شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا ئېلىكترونلۇق لۇغەتنى قانداق ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ، قانداق ئۆزەكلەرنى قوشۇش كېرەكلىكىنى ، ئاندىن قانداق نەرسىلەر بىلەن سېستىمىنى يېڭىلايدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىۋېدىم ، ئۇ ماڭا چوقۇنغان چىراي ئىپادىسىدە :"يەنىلا سىلەر ئوغۇللار يامانكەنسىلەر" دېدى . ئەمما مەن ئېنىق ئېيتالايمەن ، ئۇ چوقۇملا چۈشەنمىدى ، چۈنكى مەن ئۆزۈممۇ قانداق قىلىپ ئېلىكترونلۇق لوغەت ئارقىلىق تورغا چىقىشنى بىلمەيمەن ، پەقەتلا باشقىلاردىن شۇنداق قىلغىلى بولىدۇ دەپلا ئاڭلىغان خالاس .
ئەمما ئۇنىڭ ئاغزى يەنىلا بېسىقمىدى ، توختىماي بىردەم ئوغۇل دوستى بىلەن قانداق كىنولارنى كۆرگەنلىكىنى ، قانداق تاماقلارنى يېگەنلىكىنى دېگەندەك گەپلەرنى سۆزلىگىلى تۇردى . ئاخىرىدا شۇنداق چىشىمغا تېگىدىغان بىر گەپ قىلدى :"يەنىلا قىزلار ياخشى ، سىلەر ئوغۇللار مەيلى قانداقلا قىلماڭلار ئەڭ ئاخىرى قىزلارغا بويسۇنىسىلەر" . بۇ گەپنى ئاڭلاپ خەپ دېدىم ، ئەمما ئارتۇق گەپ قىلالمىدىم . ئۇ ۋات ۋات ئاخىرى ئۆزىنىڭ پال ئېچىشقا شۇنداق قىزىقىدىغانلىقىنى دېۋىدى ، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈمگە بىر خىيالنى پۈكتۈمدە ئۇنىڭغا بىر خىل قولغا قاراپ پال ئېچىش ئۇسۇلىنىڭ بارلىقىنى دېدىم . ئۇ قىزىقىپ قالسا كېرەك ، ئۆگۈتۈپ قويۇڭ دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى . ئىچىمدە كۈلۈپ قويدۇم دە ئۇنىڭغا ئوڭ قولىڭىزنى بېرىڭ دېۋىدىم ، ئۇ سەل ئويلىنىپ تۇرۇپ قېلىپ ، ئوڭ قولىنى ئۇزاتتى . ئۇنىڭ قولىنى ئېچىپ :"ياخشى ئاڭلاپ تۇرۇڭ ھە ، كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ بىرىنچى بوغۇمى مۇھەببەتنى ئىپادىلەيدۇ ، قانچە ئۇزۇن بولسا مۇھەببىتىڭىزمۇ شۇنچە ئوڭۇشلۇق بولىدۇ ؛ ئىككىنچى بوغۇمى مال-دۇنيانى ئىپادىلەيدۇ . . . مۇنداق بولسۇن ، بۇ بەك مۇرەككەپ ، شۇڭا قولىڭىزغا يېزىپ قوياي ، ئېسىڭىزدە تۇتۇۋالغاندىن كېيىن قايتىپ بېرىپ يۇيۇۋەتسىڭىزلا بولىدۇ" دېۋىدىم ، ئۇ ئىككىلەنمەستىنلا ماقۇل بولدى . شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزۈمنىڭ سومكىسىدىن قارا قەلەمنى ئېلىپ ئۇنىڭ قولىنى بوياشقا باشلىدىم . ئەلۋەتتە يازغانلېرىمنىڭ ھەممىسى ئىچىمدە توقۇغان گەپلەر . شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ قولى بىردەمنىڭ ئىچىدىلا بېغىشىغىچە ئالدى كەينى پۈتۈنلەيلا قارا بولۇپ كەتتى .
ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۇنىڭ قولى ئەمدى بىر ھەپتىگىچە قارا تۇرىدىغان بولدى ، چۈنكى مېنىڭ ئۇ قەلىمىمنىڭ ئىزىنى ئۇنچە ئاسانلىقچە يۇيۇپ چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ . 
يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ كالۋالارچە قولىنى ئوڭ - تەتۈر قىلىپ يادلاشقا باشلىدى ، بۇ ۋاقىتتا ئاپتوبوس شىخۇڭ يولىغا كېلىپتىكەن ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، مەن مۇشۇ يەردە چۈشىمەن دەپلا قېچىپ كەتتىم

داۋامى بار...


 

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63041
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 70
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 253 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2011-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 09:03:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بىچارە بىزنىڭ كۇنىمىز سىنىڭ كۇنىڭدىن جىق ياخشىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40948
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 573
تۆھپە نۇمۇرى: 198
توردا: 1146 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 01:43:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
、ئا غىنە بەك ئۇزۇنغا قاچماي تىزراق يولىغىن
     داۋامىغا تەشنامىز !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40948
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 573
تۆھپە نۇمۇرى: 198
توردا: 1146 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 01:43:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
、ئا غىنە بەك ئۇزۇنغا قاچماي تىزراق يولىغىن
     داۋامىغا تەشنامىز !!!!

كىملەرنىڭ ئەزىز

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11997
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8171
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 4096 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 02:45:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي نىمىنداق قىزىق يېزىۋەتتڭىز. يۇمۇركەنسىزغۇ سىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44389
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 638
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 853 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 03:04:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياتاققا بېرىپ قارىسام ، دېگەندەك قالغان ئىككىسى تېخى كەلمەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ياتاقنى تازىلاشقا كىرىشتىم . ئارىلىقتا يولۋاس ماڭا :"كەچلىك تاماق يېمەي تۇر ، مەن نۇرغۇن يەيدىغان نەرسە ئالغاچ كەلدىم" دەپ ئۇچۇر قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يەيدىغان نەرسىلېرىنى ساقلىغاچ تاماقمۇ يېمەي ئاچ ئولتۇردۇم . ئاڭغۇچە ئانارگۈلمۇ ماڭا ئۇچۇر يوللاپ ھازىر بېلەت ئېلىپ بولغانلىقىنى ، ئەتە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى . 
ئاچ قورساق ساقلاش تولىمۇ ئېغىر كەلدى ، مەن يولۋاسنى ئەزەلدىن بۇنچە سېغىنىپ باقمىغانلىقىمنى ھېس قىلغىنىمدا ئىشىك ئېچىلدى . ئەمما كىرىپ كەلگىنى يولۋاس ئەمەس ، مەخمۇت بولدى . شۇنىڭ بىلەن قولۇمغا سۈپۈرگىنى ئېلىپ مەخمۇتنى ئۇرۇشقا باشلىدىم . بىچارە مەخمۇت كۆزلېرىگە ياش ئالغان ھالدا :"مېنى نېمىشقا ئۇرىسەن" دېۋىدى ، مەن :"نېمىشقا يولۋاستىن بالدۇر كېلىۋالىسەن" دەپ يەنە نەچچىنى سالدىم .
مەخمۇتمۇ يولۋاسنىڭ يەيدىغان نەرسە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇمۇ تاماققا چىقمىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز تەڭ ئاچ قورساق ساقلاشقا باشلىدۇق . ئاخىرى يولۋاس ياتاققا كىرىپ كەلدى ، بىز ئېتىلىپ بارغانچە ئۇنىڭ سومكىسىنى بۇلاپ ئېلىپ ئېچىپ قارىساق نەچچە بولاق مېۋە ئۇيۇتمىسى چىقتى . ئامال يوق قورساق تويمىسىمۇ ئاچ بۆرىلەرچە بىردەمدىلا قىرىتىۋەتتۇق . 
بىراق كىچىك بالىلارنىڭ يەيدىغان مېۋە ئۇيۇتمىسىغا قانداقلارچە قورساق تويسۇن . بۇ ۋاقىتتا كەچ بولۇپ كەتكەن بولۇپ ياتاق ئىشىكىنى تاقاپ بولغان ئىدى . ئامال يوق كارىۋاتقا چىقىپ ئاچ قورساق ياتساق ، مەخمۇت تۇيۇقسىزلا :"مېنىڭ سومكامدا ئازراق قۇتىغا قورۇپ كەلگەن گۆش بار" دېۋىدى ، ئورنىمىزدىن سەكرەپ تۇرۇپ :"نېمىشقا بالدۇر دېمەيسەن" دەپ ، يولۋاس ئىككىمىز ئۇنى ئىتتىرىپ ياتاق سىرتىغا چىقىرىۋېتىپ ، سومكىسىدىكى قۇتىلىق گۆشنى يېيىشكە باشلىدۇق . ئەمما ئەمدى يېڭى قورۇلغاچقىمىكىن ، ماي بەك كۆپ بولغاچقا يېرىمىنى يەپلا ماي كۆڭلىمىزگە تېگىپ كېتىپ ، ئىچىمىز ئېلىشىشقا باشلىدى . ئامال يوق مەخمۇتنى ياتاققا كىرگۈزسەك ، ئۇ بىزگە قاراپ ھىجىيىپ قويۇپ ، ئىشكابىدىن نان چىقىرىپ تەڭ يېيىشكە باشلىدى . بىراق بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ ئىچىمىز ئېلىشىپ ھېچنىمە يېگىمىزمۇ كەلمىگەن بولغاچقا ، مەخمۇتنىڭ يېيىشىغا قاراپ ئولتۇردۇق .
ئەتىسى بالدۇرلا تۇرۇپ كەتتىم . ئانارگۈل كېلىشكە يەنە خېلى ۋاقىت بار ئىدى ، شۇڭا قىلىدىغان ئىش يوق ، مەكتەپنىڭ مۇنازىرە تور بېتىگە ئالدىنقى كۈنى ھېلىقى ۋات ۋات قىزنى قانداق جايلىغىنىم توغرىسىدا ماقالە يېزىپ ئەۋەتىپ قويدۇم .
پويىز ئاخىرى يېتىپ كەلدى ، قىستىلىشىپ چىقىپ كېلىۋاتقانلار ئىچىدە ئانارگۈلنى پەقەتلا تاپالمىدىم . تىت تىت بولۇپ ئەمدى تېلىفون بېرەي تۇرسام ئاخىرى ئانارگۈلنى كۆرۈپ قالدىم ، ئۇ بىر قولىدا چوڭ بىر چامداننى ، يەنە بىر قولىدا كىچىك سومكىنى تۇتقان بولۇپ ، دۈمبىسىدە يەنە ئۆزىدىنمۇ چوڭ بىر سومكا ئارتىۋالغان ئىدى ، بىچارىنىڭ يۈكى بەك ئېغىر بولغاچقىمىكىن ، بەدىنىنىمۇ ئاران كۆتۈرۈپ تۇراتتى . يۈگۈرگەنچە ئانارگۈل ! دەپ ۋارقىراپ سول قولۇم قولىدىكى چوڭ سومكىنى ئالدىم - دە ، ئوڭ قولۇم بىلەن يۈزىنى سىلاپ ئىنتايىن ھېسداشلىق تۇيغۇسى بىلەن :"ئورۇقلاپ كېتىپسىز" دېۋىدىم ، ئۇ يۈزى قىزارغانچە قولۇمدىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ ، :"ھۇ ئەسكى ، يۈزۈمنى سىلىماڭ ، ئۆزىڭىز نېمانچە سەمىرىپ كەتتىڭىز" دېگەچ قالغان يۈك تاقىسىنى ماڭا ئارتىشقا باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز خوشال ھالدا مەكتەپكە قاراپ ماڭدۇق . بۇ ۋاقىتتا يامغۇر يېغىپ كەتكەچكە ئاپتوبوس ساقلىماي ئۇدۇللا تاكسى توسۇپ كەتتۇق . 
يولدا ماڭغاچ ئانارگۈلگە ھېلىقى ئالدىنقى كۈنى ئاپتوبوستا بىر قىزنى قانداق جايلىغىنىمنى ئېيتىپ بەرسەم ئۇ :"سىز خەقنى ياقتۇرۇپ قالمىغانسىز ؟ ئەينى ۋاقىتتا مېنى بىرىنچى قېتىم كۆرگەندىمۇ مېنى ئالداپ ئەخمەق قىلغان ئىدىڭىزغۇ" دېدى . مەن :"قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن ، ئۇنداق قىزلارنى ھەرگىزمۇ سىزگە تەڭ قىلمايمەن ، مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم سىز تۇرسا " دېۋىدىم ، ئۇ كۈلگىنىچە قولىنى سوزۇپ يۈزۈمنى چىمداپ قويدى . مەن :"مەن يۈزىڭىزنى سىلىسام ئۇنىمايسىز ، نېمىشقا سىز يۈزۈمگە چېقىلسىڭىز بولىدىكەن ؟ يەنە بىرنى سىلىۋالاي" دەپ قولۇمنى ئۇزۇتۇشۇمغا ، ئۇ مېنى تېخىمۇ قاتتىق چىمدىۋالدى ۋە قىز بالىنىڭ يۈزىنى سىلاش ئەدەپسىزلىك دېدى . ئاخىر كۆزلېرىمدىن ياش ئاققۇزغانچە مەكتەپكە يېتىپ كەلدۇق . 
قېرىشقاندەك دەرۋازىۋەنچى قاسقان شەپكە شۇنچە يالۋۇرساقمۇ تاكسىنىڭ مەكتەپ ئىچىگە كىرىشىگە يول قويمىدى . ئامال يوق يامغۇردا يۈك تاقىنى كۆتۈرۈپ ياتاققا پىيادە ماڭدۇق . ئادەتتە مەكتەپ رەھبەرلېرى تاكسىغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە كەلسە ، تىزلانغىنىچە دەرۋازىنىڭ ھاڭغىرقاي ئېچىپ تۇرىدۇ ، بىز ئوقۇغۇچىلارغا كەلگەندە شۇ كىچىككىنى ھوقوقىنى ئىشلىتىۋالمىسا بىر يەرلېرى كەملەپ قالامدىكىن .
يامغۇر يېغىۋاتقاچ ، ئانارگۈل مېنىڭ چامداننى سۆرەپ مېڭىشىمغا يول قويمىدى ، ئامال يوق كۆتۈرۈپ مېڭىشقا باشلىدىم . بۇ چامداننىڭ ئېغىرلىقىدا ھەتتا ئانارگۈل سومكىسىغا خىش سېلىپ كەلگەن ئوخشايدۇ دېگەن ھېسىياتقىمۇ كېلىپ قالدىم ، شۇنىڭ بىلەن ئانارگۈلدىن :"سىز ئۆيگە كەتكۈچە شۇنداق كۆپ كىتاپ ئېلىپ كەتكەنمۇ؟"دېۋىدىم ، ئۇ ھەئە دەپ جاۋاب بەردى . ئارقىدىنلا :"ئۇ كىتاپلارنىڭ بىرىنىمۇ كۆرمەي يەنە قايتۇرۇپ كەلدىڭىزمۇ ؟ " دېۋىدىم ، ئۇ ھەيران قالغان ھالدا :"سىز قانداق بىلدىڭىز" دېدى ، مەن بۇرۇن ئۆزۈمنىڭمۇ 2 - يىللىقتا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا داۋاملىق شۇنداق قىلىدىغانلىقىمنى سۆزلەپ بەردىم . 
نەس باسقان يول ، پۈتۈنلەي پاتقاقلىق . شۇنچە ئۇزۇن بولدى ، يە بۇ يولنى ياسايمۇ دېمەيدۇ . ئامال يوق ئېغىر چامداننى كۆتۈرۈپ ئاران كېتىپ بارسام ئانارگۈل ماڭا :"سىز بەكلا سەمىرىپ كېتىپسىز ، دېققەت قىلىڭ ،ئەگەر يەنە سەمىرىپ كەتسىڭىز سىزنى ئالمايمەن جۇمۇ" دېۋىدى ، مەن :"ئىككىمىز ئارىسىدا بولار ئىش بولۇپ بولدى ، ئالمايمەن دېسىڭىزمۇ ئامال يوق" دېۋىدىم ، ئارقامدىن قاتتىق چىمدىغان ئاغرىق سېزىمى كەلدى .
ئانارگۈللەرنىڭ ياتىقىغا بارغاندىن كېيىن ، ياتاق باشلىقى ھەدەشكە شۇنچە كۆپ يالۋۇردۇم ، ئاخىرىدا :"سىزنى قايسى بىر كىنودا كۆرگەندەك قىلىۋېدىم" دېۋىدىم ، ھەدەش مېنىڭ قىزلار ياتىقىغا كىرىشىمگە ئاخىرى يول قويدى . ئاخىرى قىزلار ياتىقىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرەلەيدىغان بولدۇم - ، دەپ كۆڭلۈمدە خوش بولدۇم .
ئانارگۈل باشتا ياتاققا كىرىپ سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن ، بىر ئوغۇل بالىنىڭ كىرىدىغانلىقىنى دەپ ئىجازەت ئېلىپ ، ئاندىن مېنىڭ كىرىشىمگە يول قويدى . 
ئىشىكتىن كىرىپ بىر قىزنى كۆردۈم ، قارىماققا ئىنتايىن تونۇش چىراي . ئۇ قىز قاپقارا قولىنى كۆتۈرۈپ مېنى كۆرسىتىپ :"سىز !!!!" دېۋىدى ، ئاخىرى تونۇۋالدىم . نەس باسقاندەك مەن ئالدىنقى كۈنى ئاپتوبوستا ئەخمەق قىلغان رەناگۈل ئىكەن . 
"تېخى مېنى ئەخمەق قىلغىنىڭىزنى مەكتەپنىڭ مۇنازىرىسىگە چىقىرىۋېتىپسىز ھە ؟! ھازىر ساۋاقداشلېرىم قولۇمنى كۆرۈپلا مېنى مازاق قىلىۋاتىدۇ !" دەپ ۋارقىراپ كەتتى . 
بۇ دۇنيا نېمە دېگەن كىچىك ، رەناگۈل ئانارگۈلنىڭ ساۋاقدىشى ئىكەن ، يەنە كېلىپ تېخى ياتاقدىشى ئىكەن . نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرغىنىمدا ، ئانارگۈل ئىشنى چۈشەندى بولغاي ، دەرھال مەن تەرەپتە تۇرۇپ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈپ سورىدى ، ۋە مېنى :"تېز كېتىڭ ، قالغان ئىشنى مەن توغرىلاي "دەپ چىقىرىۋەتتى .
كەچ بولغاندا ئانارگۈل ماڭا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ رەناگۈلنىڭ ئاخىرى ئاچچىقىنى يانغانلىقىنى ، ئەمما ئەسلىدە ماڭا ئېلىپ كەلگەن 1 قۇتا شاكىلات بىلەن ئاران ئوڭشىغانلىقىنى دېدى . ئۇ يەنە ماڭا ئەسكەرتىپ ئانارگۈلنىڭ بەك ئاداۋەت ساقلايدىغانلىقىنى ، بۇنىڭدىن كېيىن دېققەت قىلىشىمنى تاپىلىدى .

مەكتەپكە كېلىپ نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ، بىزنىڭ جىمساردىكى بىر زاۋۇتقا بېرىپ پىراكتىكا قىلىشىمىز توغرىلىق ئۇقتۇرۇش كەلدى . ھەممىدىن ئېچىنىشلىقى تېخى ياتقان - كۆرپە ، تەلەڭگە - جاۋۇر دېگەندەك نەرسىلەرنىمۇ ئېلىپ بارىدىكەنمىز ، يەنە كېلىپ پىراكتىكا ۋاقتىمىز 20 كۈن ئىكەن . بۇنداق بولغاندا ئەمدى بىللە بولغان ئانارگۈل بىلەن يەنە 20 كۈن ئايرىلىدىغان بولۇپ قالدىم . مەخمۇت بىلەن يولۋاس تەتىلدە پىراكتىكا قىلىپ بولغاچقا ئۇلارنىڭ بېرىشىمۇ ھاجەتسىز ئىكەن ، شۇڭا ئۇ ئىككىسى مېنى ئىچكىرىدىن كەلگەن قۇرۇلۇش ئىشچىلېرىغا ئوخشىتىپ مازاق قىلىشقا باشلىدى .
شۇنداق قىلىپ مەكتەپ بىلەن خوشلىشىپ مىچۈەنگە قاراپ ماڭدۇق . 
پىراكتىكا ئورنىمىز شەھەر سىرتىدىكى تاشيول يېنىدا بولغاچقا ، كۈندە كەچتە ماشىنىلارنىڭ ئاۋازىدا تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كېتىپ چالا ئۇخلايدىغان بولۇپ قالدىم . يەنە كېلىپ كۈندە كەچتە مەخمۇتنىڭ چىش غۇچۇرلاتقان ، يولۋاسنىڭ جۆيلىگەن ئاۋازلېرىمۇ ئاڭلىيالماي ئۇخلاش تولىمۇ تەسكە كەلدى . 
زاۋۇتتىكى كۈنلەر تولىمۇ مەنىسىز ئۆتتى . كۈندە بىزگە مەسئۇل ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپىي سۆزلېرىنى يېرىم چۈشىنىپ ، يېرىم چۈشەنمەي ئۆتۈپ كېتەتتۇق . كەچ كىرگەندە بولسا مەكتەپتىكىدەك تورغا چىقالماي ، قارت ئوينىيالماي تولىمۇ ئىچىم سىقىلدى . چۈنكى مەن يالغۇز بىر ئوغۇل بالا ئىدىم . شۇڭا كۈندە كەچتە يېقىندىكى كىچىك بازارغا بېرىپ ئايلىنىشنى ئادەت قىلىۋالدىم . 
بىر كۈنى كەچتە ئايلىنىپ يۈرۈپ تۇيۇقسىز بىر باتارىيە سېتىۋاتقان يايمىنىڭ يېنىغا كېلىپ توختاپ قالدىم . باتارىيىگە كۆزۈم چۈشمىدى ، بەلكى باتارىيە سېتىۋاتقان ئادەمنىڭ قولىدا كىتاب كۆتۈرۈۋېلىپ ئېنگىلىز تىلى يادلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ قالدىم . ئۇنىڭ ئېنگىلىز تىل تەلەپپۇزى شۇنداق ئۆلچەملىك ئىكەن ، ئەمما تەقى تۇرقىغا قارىسام بىرەر زىيالى سۈپەتتەكمۇ قىلمايدۇ . ئۇمۇ مېنىڭ ئۆزىگە ھەيرانلىق نەزىرىدە قاراۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرىگىنىچە :"ھەيران قېلىۋاتامسىز؟" دېدى ، مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ دەردىنى تۆكۈشكە باشلىدى .
- مەن ئەسلىدە شاڭخەي چەت تىل ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ، پۈتتۈرۈپ قايتىپ كېلىپ مۇشۇ يەردىكى بىر قەغەز زاۋۇتىغا تەرجىمانلىققا بۆلۈندۈم . ئەينى ۋاقىتتا ئۇ يەردىكى ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى 800 يۈەن ، مېنىڭ مائاشىم 2000 يۈەن ئىدى ، شۇڭا رازى بولۇپ داۋاملىق ئىشلەۋەرگەن ئىدىم . خىزمەتمۇ شۇنچە ئوڭاي ، ئادەتتە تۈزۈك ئىشمۇ قىلمايمەن ، مائاشىممۇ ئۆرلەپ باقمىدى ، مەنمۇ ھورۇنلىشىپ ئويۇنغا بېرىلىپ كەتتىم . بىراق ئالدىنقى يىلى بۇ زاۋۇت تاقىلىپ قالدى ، شۇنىڭ بىلەن ئىشسىز قالدىم . باشقا خىزمەت ئىزدەي دېسەم ، بۇ يەردە ۋاقتىمنى نەچچە يىل بىكار ئۆتكۈزۈۋېتىپ بۇرۇن ئۆگەنگەن نەرسىلېرىمنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن ، خىزمەت ئىزدەپ شۇنچە كۆپ يەرگە بارسام ھېچقايسىسى ئالمىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئامال يوق ئۆيدىكىلەرگە دېيىشكىمۇ خىجىل بولۇپ بىر تەرەپتىن يايما ئاچقاچ بىر تەرەپتىن قايتا ئۆگەنگەنلېرىمنى پىششىقلاۋاتىمەن .
سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇنىڭ كۆزلېرى ياشقا تولدى .
ئۇنىڭ گەپلېرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدىم ، نېمە دېيىشىمنىمۇ بىلەلمەي تۇرسام ، بىرى باتارىيە سېتىۋالغىلى كەلدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ قايتىپ كەلدىم . 
قايتىپ كېلىپ ئىرادەمنىڭ تۇيۇقسىز چىڭىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم ، شۇنىڭ بىلەن ئەتىسىدىن باشلاپ زاۋۇتتا مۇئەللىمنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ شۇنچە تىرىشىپ ئىشلىدىم ، گەرچە مىچۈەن بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقى شۇنچە يېقىن بولسىمۇ ، دەم ئېلىش كۈنىدە قايتىپ كەتمىدىم . ئەمەلىيەتتە كېتەي دېسەم پورتمىلىمنى يۈتتۈرۈپ قويۇپتىمەن ، قىزلاردىن پۇل ئارىيەت ئالاي دەپ بولغۇچە ئۇلار ئەتىگەندىلا مەكتەپكە كېتىپ قاپتۇ . مۇئەللىمنىڭ كەينىگە شۇنچە كىرىۋالغىنىم تاماكا سوراش ئۈچۈن ئىدى . . .
ئاخىرى پىراكتىكا ئاخىرلىشىپ مەكتەپ ماشىنىسى بىزنى ئالغىلى كەلدى . مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن نەرسە كېرەكلېرىمنى كۆتۈرۈپ ياتاققا ماڭدىم دە كۆرگەنلا تونۇشقا :"مەن خۇخەنسەن قايتىپ كەلدىم !" دەپ ۋارقىراشقا باشلىدىم ، ئەمما ھېچقايسىسى ماڭا گەپ قىلمىدى . كۆڭلۈم يېرىپ بولۇپ ياتاققا كېلىپ ئاچقۇچۇم بىلەن ياتاق ئىشىكىنى ئېچىپ كىرىۋېدىم ، يولۋاس بىلەن مەخمۇت ئىككىسى كومپىيۇتېر ئويناۋېتىپتۇ . ئۇلار مېنى كۆرۈپ :"سەن كىمۇ ؟ نېمىشقا سەندە بىزنىڭ ياتاق ئاچقۇچى بار" دېۋىدى ، ئاچچىقىمدىن يۈگۈرۈپ بېرىپ پول سۈرتكۈچنى قولۇمغا ئېلىۋېدىم ، ئۇلار مېنىڭ پول سۈرتكۈچنى كۆتۈرۈش قىياپىتىمنى تونۇۋالدى بولغاي ، :"مۇختەر ! رەھىم قىلغىن!" دەپ يالۋۇردى . ئۇلار مېنى تونۇغاندىن كېيىن بوپتۇ دەپ ئاچچىقىمغا ھاي بەردىم .
ئۇلار ماڭا ھېسداشلىق نەزىرىدە قاراپ :"20 كۈن ئىچىدە نېمانداق جۈدەپ كەتتىڭ ؟ چىرايىڭمۇ قارىداپ كېتىپتۇ" دېۋىدى ، كۆزۈمگە ياش ئېلىپ زاۋۇتتىكى كۈنلەرنىڭ ئىنتايىن تەستە ئۆتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردىم .
ئانارگۈلگە تېلىفون قىلسام ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىر ئاشخانىدا تاماق ئېلىۋاتقانلىقىنى دېدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئىزدەپ ئاشخانىغا قاراپ ماڭدىم . دېگەندەك يېرىم يولدا تاماق كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان ئانارگۈل بىلەن رەناگۈلنى ئۇچرىتىپ قالدىم . شۇنچە ئۇزۇن كۆرمىگەچ بولغاچقا كۆزلېرىمگە ياش ئېلىپ يۈگۈرۈپ بېرىپ :"ئانارگۈل" دەپ ۋارقىرىۋېدىم ، ئۇ ئىككىسى قورقۇپ كەتكىنىدىن قوللېرىدىكى تاماق قاچىلېرىنىمۇ تاشلىۋېتىپ بەدەر قاچتى . قوغلاي يېتىشىۋېلىپ نېمىشقا قاچىسىز دېيىشىمگە ئۇ ماڭا قاراپ :"سەن كىمۇ ! ماڭا يېقىن كەلمە!" دېۋىدى ، كۆزلېرىمدىكى ياش بىراقلا يەرگە تۆكۈلدى . 
شۇنىڭدىن كېيىن كۈندە چوڭ يەپ چوڭ ئىچىپ ئەسلىدىكى ھالىتىمگە كېلىش ئۈچۈن بەل باغلىدىم . بىراق ئويلاپ باقسام پورتمىلىمنى يۈتتۈرۈپ قويغان ، پورتمال ئىچىدە بانكا كارتوچكاممۇ بار ئىدى ، كارتىنى قايتا بېجىرىش ئۈچۈن 1 ھەپتە ۋاقىت كېىتىدىغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ 1 ھەپتە ئىچىدە قانداق قورساق تويغۇزۇش مەسىلىسى ئۈستىدە قاتتىق ئويلاندىم .
كەچتە چىراغ ئۆچكەندىن كېيىن مەن ئۈستىدىكى كارىۋاتتىكى مەخمۇتنى چاقىرىپ :"مەخمۇت ، ئەتە سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭغۇ ھە" دېۋىدىم ، ئۇ :"جۆيلۈۋاتامسەن ؟ تۇغۇلغان كۈنۈمگە تېخى خېلى بار" دېدى . شۇنىڭ بىلەن مەن :"ئەتە مېنى تاماققا تەكلىپ قىلە" دېۋىدىم ، ئۇ :"ئىشىڭنى قىل" دېدى . شۇنىڭ بىلەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ سېركولنى ئېلىپ كارىۋات يوچۇقىدىن ئۇنىڭ كاسسسىسىغا بىرنى سانچىۋېدىم ، ئۇ "ۋايجان! " دەپ ۋارقىراپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن قايتا :"مەخمۇت ، ئەتە سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭغۇ ھە " دېۋىدىم ، ئۇ تېزدىنلا "شۇنداق ، شۇنداق" دېدى ، ئارقىسىدىن :"تۇغۇلغان كۈنۈڭدە قانداق قىلىشىڭ كېرەك؟" دېۋىدىم ، ئۇ دەرھاللا :"سېنى تاماققا تەكلىپ قىلىمەن!" دېدى . بۇ ۋاقىتتا نېرىدا يالغان ئۇخلاپ ياتقان يولۋاس قولغا ئەتۋىركىنى كۆتۈرۈپ كېلىۋېدى ، مەخمۇت دەرھاللا :"ئەتە سىلەرنى تەڭ مېھمان قىلىمەن" دېدى .
شۇنداق قىلىپ ئەتىسىدىن باشلاپ تا بىر ھەپتىگىچە مەخمۇتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولدى . ئەلۋەتتە ، كۈندىلا مەخمۇت پۇل تۆلىمەيدۇ ، بەزىدە تاماقنى مەخمۇت ئالغان بىلەن پۇلىنى يولۋاس تۆلەيدۇ . شۇنداق قىلىپ كۈندە چوڭ يەپ چوڭ ئىچىپ بۇرۇنقى ئەسلىمگە قايتتىم ، تېخى ئۇنىڭدىنمۇ بەك سەمىرىپ كەتتىم . 
ئانارگۈل مېنىڭ مىڭ تەسلىكتە قايتۇرۇپ كەلگەن بەدەن شەكلىمدىن پەقەتلا رازى بولمىدى ، ھەمدە نۇرغۇن مىساللارنى ئېلىپ سېمىزلىكنىڭ زىيىنىنى دېيىشكە باشلىدى ، يەنە ئەڭ ئاخىرىدا يەنە سېمىزلاپ كېتىۋەرسەم ، بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا ھەرگىز گەپ قىلمايدىغانلىقىنى دېۋىدى ، كۆڭلۈم قاتتىق بۇزۇلدى . لېكىن ئۇ ماڭا ئورۇقلاشنىڭ ياخشى بىر ئامالىنى تاپقانلىقىنى دېۋىدى ، مەن دەرھاللا ماقۇل بولدۇم . دېگەندەك ئۇنىڭ تاپقان ئامالى ، مېنىڭ كۈندە ئەتىگەن سەھەر تۇرۇپ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاشخانىغا بېرىپ ئۇنىڭغا ئەتىگەنلىك تاماق ئېلىپ كېلىپ بېرىش بولدى . بىراق گەرچە ئانارگۈل دېمىسىمۇ مېنىڭمۇ كۈندە مۇشۇنداق قىلىپ بەرگۈم بار ئىدى .
شۇنداق قىلىپ كۈندە ئەتىگەندە يۈگۈرۈپ بېرىپ ، سەل ئورۇقلىغاندەك بولدۇم ، ئانارگۈلمۇ كۈندە خوشال ھالدا :"مۇشۇنداق قىلغاننىڭ سىزگە پايدىسى بار" دەپ ئۆزىنىڭ ماڭا نەقەدەر كۆيۈنىدىغانلىقىنى سۆزلەيدىغان بولۇۋالدى . بىراق بىر كۈنى ئۇنىڭ ماڭا راست كۆيۈنىدىغان ياكى يالغانلىقى توغرىسىدا گۇمانلىنىپ قالدىم . ئۇ كۈنى ئىككىمىز سىرتتا تاماق يەۋاتقاندا ، ئانارگۈل تۇيۇقسىز تاماق قاچىسىنى كۆرسىتىپ :"سىزگە گۆشتىن ئازراق بۆلۈپ بېرەيمۇ"دېۋىدى ، مەن خوشال بولغان ھالدا ماقۇل دېدىم . شۇنىڭ بىلەن ئۇ تاماق قاچامنى پۈتۈنلەي ماي بىلەنلا توشقۇزىۋەتتى ، مەن يە كۈلۈشۈمنى يە يىغلىشىمنى بىلەلمەي ئولتۇرۇپ كەتتىم .
كېيىن مەن بىر ئامال ئويلاپ تاپتىم ، ھەمدە ئانارگۈلگە :"سىز بىرەر دوستىڭىزدىن ۋېلىسپىت ئارىيەت ئېلىڭ ، ئىككىمىز كۈندە تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ۋېلىسپىت مىنىپ ئايلىنىپ كېلەيلى ، مەنمۇ ئورۇقلىيالايمەن" دېۋىدىم ، ئۇ ۋېلىسپىت مىنەلمەيدىغانلىقىنى ، ئەگەر راست شۇنداق خىيالى بولسا مېنىڭ ۋېلىسپىت مىنىپ ئۇنى ئېلىپ ئايلاندۇرۇشىنى دېدى . شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈمگە جىن چۈشتىدە دەرھاللا ماقۇل بولدۇم . شۇ كۈنى كەچتىلا ئۈرۈمچىدىكى تۇققىنىمىزنىڭ ئۆيىگە تاشلاپ قويغان تاشيول مۇسابىقە ۋېلىسىپىتىنى ئېلىپ كەلدىم . بۇ ۋېلىسىپىتنىڭ كەينىدە ئادەم ئولتۇرىدىغان يەر يوق بولغاچقا ، ئادەم ئالماقچى بولسا چوقۇم ئالدىدا ئولتۇرۇشى كېرەك ئىدى . 
ئەتىسى مەن ۋېلىسپىتىمنى ئېلىپ كەلگەنلىكىمنى دەپ ئانارگۈلنىڭ ياتىقىنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇردۇم . ئانارگۈل كېلىپلا نارازى بولغان ھالدا :"مېنى ئارقىڭىزدىن پىيادە ماڭسۇن دېگەندەك مۇشۇ ۋېلىسپىتنى ئېلىپ كەلدىڭىزما" دەپ قاخشىۋېدى ، شۇنچە گەپ قىلىپ يۈرۈپ مىڭ تەسلىكتە ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇشقا ماقۇل كىرگۈزدۈم . شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىكى باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرۈپ ، ئانارگۈلنى ئالدىمغا ئولتۇرغۇزۇپ (ھېسابتا قۇچاقلاپ) مەكتەپنىڭ سىرتىغا چىقتىم . ئانارگۈل مېنىڭ غەيرىي كۈلكەمنى سېزىپ قالدى بولغاي ، ئاچچىقلانغان ھالدا ئۇ يەر بۇ يەرلېرىمنى چىمداشقا باشلىۋېدى ، تۆت كوچىغا كېلىپ قالغان بىز تاس قالدۇق ماشىنىغا سوقۇلغىلى . بەخىتكە قارشى كوچىدا تۇرغان ئىككى ساقچىسى بىزنى تۇتۇۋالدى ، ھەمدە جەرىمانە قويىمەن دەپ تۇرۇۋالدى . يانچۇقۇمنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ پىتمۇ تاپالمىدىم . يانچۇقۇمدا يېڭى بېجىرگەن بانكا كارتام بىلەن يانفونۇمدىن باشقا ھېچنىمە يوق ئىدى ، قارىغاندا بايا خوشالچىلىقتا ياتاقتىن پۇلۇمنىمۇ ئالمايلا چىقىپتىمەن . ئانارگۈلمۇ ئۆزىنىڭ يېنىغا پۇل ئېلىپ چىقمىغانلىقىنى دېدى . ئامال يوق ساقچىغا بانكا كارتامنى كۆرسىتىپ :"جەرىمانىنى كارتا سۈركەپ تۆلەي" دېۋىدىم ، ئۇلار يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدى . ئاخىرى ئامال قىلالماي ئۇلار ئىككىسىدىن بىرى ماڭا :"بولمىسا مۇنداق بولسۇن ، يېقىندىن بېرى بىز QQ نومۇر ئىلتىماس قىلىمىز دەپ شۇنچە قىلساقمۇ ئىلتىماس قىلالمىدۇق ، سىلەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلېرى بۇنىڭغا ئۇستا كېلىسىلەر ، بىزگە ئىككىمىزگە ئىككى QQ نومۇرى بېرىڭلار ، سىلەرنى قويۇپ بېرەيلى" دېدى . بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇھ دېدىم . چۈنكى مەن 99 - يىللېرى يېڭى تورغا چىقىشنى ئۆگەنگەن ۋاقىتلېرىمدا بىر كۈنى زېرىكىپ توختىماي100 دىن كۆپرەك QQ نومۇر ئىلتىماس قىلغان ئىدىم ، يەنە كېلىپ ھەممىسى 7 - 8 خانلىق نومۇرلار ئىدى ، شۇنىڭ بىلەن تېلىفونۇمنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ ئىككى QQ نومۇر تېپىپ ئۇلارغا يېزىپ بېرىۋېدىم ، ئۇلار ئىككىسى خوشال ھالدا بىزنى قويۇۋەتتى . 
كېيىنچە ئۇ ئىككى ساقچى بىلەن توردا يېقىن دوستلاردىن بولۇپ كەتتۇق . كېيىن بىلىشىمچە ، ئۇلار ئىككىسى ئەسلىدە جىنايى ئىشلار ساقچىسى ئىكەن ، ئۇلار ئىدارىسىنىڭ ماشىنىسىنى دەرەخكە سوقۇۋەتكەن سەۋەبلىك ، شۇ تۆت كوچىدا 1 ھەپتە قاتناش باشقۇرۇش ئارقىلىق جازالىنىپتىكەن .
كۈنلەر ئۆتۈپ ئادەم ئالداش كۈنى ئاخىرى يېتىپ كەلدى . ئادەم ئالداش بايرىمى مېنىڭ ئەق ياخشى كۆرىدىغان بايرىمىم . 
مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئىنتايىن يۇۋاش ھەم سەمىمىي ئىدىم ، شۇڭا چوڭلار نېمە ئىشىنىۋېرەتتىم . كەچتە ئۇخلىغىم كەلمىسە ، ئاپام ماڭا سىرتتا قاۋاۋاتقان ئىتلارنىڭ ئاۋازىنى جىننىڭ ئاۋازى دەيتى ، ھەمدە ئۇ جىنلار ئۇخلىمايدىغان بالىلارنى ئېلىپ قاچىدۇ دەپ قورقۇتاتتى . مەن ئىشىنىپ دەرھال ياتقاننىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ كۆزلېرىمنى چىڭ يۇمۇپ ئۇخلايتىم . نەتىجىدە بىر كۈنى مۇئەللىم تەبىئەت دەرىس ۋاقتىدا ئىتنىڭ قاۋىشى توغرىسىدا سۆزلەۋاتقاندا مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ :"مۇئەللىم ، جىنمۇ ئىتتەك قاۋايدىغۇ ؟ ئۇنداقتا جىنمۇ ئىتمۇ ؟" دەپ سورىۋېدىم ، مۇئەللىم مېنى سىرتقا چىقىپ تۇرۇش جازاسىنى بەردى ، ھەمدە مېنى كەپسىز ئوقۇغۇچى دەپ تەنقىد قىلدى . 
يەنە بىر قېتىم تەنتەربىيە دەرىسى ۋاقتىدا يامغۇر يېغىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ، دەرىسنى سىنىپتا ئۆتۈشكە توغرا كەلدى . بۇ ۋاقىتتا ماتىماتىكا مۇئەللىمىمىز سىنىپقا كىرىپ :"بۈگۈن يامغۇر ياغقاچقا تەنتەربىيە دەرىسى ئۆتۈشكە ئامال بولمىدى ، شۇڭا ماتىماتىكا دەرىسى ئۆتىمىز . ئەگەر تەنتەربىيە دەرىسى ئوقۇماقچى بولغانلار بولسا چىقىپ كەتسەڭلار بولىدۇ" دېۋىدى ، مەن مۇئەللىمنىڭ سۆزىنى راست دەپ قېلىپ ، كىچىك كۈنلۈكۈمنى ئېلىپ سىرتقا پاتقاق ئوينىغىلى چىقىپ كەتكەن ئىدىم . شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق سەمىمىيلىكىم تۈپەيلىدىن مەكتەپتىكى كەپسىز ئوقۇغۇچىغا ئايلىنىپ قالدىم .
كېيىن گېزىتتىن چەتئەللەردە مەخسۇس ئادەم ئالداش بايرىمىنىڭ بارلىقىنى ، بۇ كۈندە خالىغانچە ئادەم ئالدىسا بولىۋېرىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم . ئاخىرى تۆتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى يېتىپ كەلگەندە مەن سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ قول سائىتىمنىڭ ھاجەتخانىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتىم . ئۇ ۋاقىتلاردا سائەت دېگەن ھازىرقى يانفونلاردەك قىممەتلىك بولغاچقا ،مۇئەللىم مېنى باشلاپ ھاجەتخانىغا سائەت ئىزدىگىلى كەلدى . مۇئەللىم ھاجەتخانىغا كېلىپ بارلىق تەرەت قىلىپ ئولتۇرغان بالىلارنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىۋېتىپ ، تەبىئەت ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ كېپىنەك تۇتىدىغان تور خالتىسىنى قولىغا ئېلىپ ھاجەتخانىدىن سائەت سۈزۈشكە باشلىدى . تەخمىنەن بىر سائەت ئۆتكەندە تور خالتىغا ئاخىرى مېنىڭ ھاجەتخانىغا قەستەن تاشلىۋەتكەن سۇلياۋ ئويۇنچۇق سائىتىم پوققا مىلەشكەن ھالدا چىقتى . مەن قاراپ بېقىپ :"بولدى بەك مەينەت بولۇپ كېتىپتۇ ، ئالمايمەن" دېدىم . شۇ كۈنى ئېنىق ئېسىمدە ، مۇئەللىمنىڭ كۆزىدە غەزەپ ئوتى لاۋۇلداپ كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ ، قولىدىكى تور خالتىنىڭ سېپىنى قارس قىلىپلا سۇندۇرىۋەتتى . ئەگەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى بولمىغان بولسا ، مۇئەللىم مېنى چوقۇم پوختىخانا ئىچىگە تاشلىۋەتكەن بولاتتى .
گەرچە كېيىن مەن مۇئەللىمگە گېزىتتە كۆرگەن ھېلىقى ئادەم ئالداش بايرىمىنى كۆرسەتكەن بولساممۇ ، نەتىجىدە يەنىلا بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن كېيىن پۈتۈن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلېرى ئالدىدا تۇرۇپ ، دادام يېزىپ بەرگەن تەكشۈرۈش ماقالىسىنى ئوقۇدۇم .
كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىدا ھەر قېتىملىق ئادەم ئالداش بايرىمى شۇنداق قىزىپ كېتەتتى . مەنمۇ باشقا ساۋاقداشلېرىم بىلەن بىرلىكتە ئادەم ئالداپ تازا پۇخادىن چىقاتتىم . بىراق مېنىڭ ئادەم ئالدىشىم باشقىلارغا ئوخشاش ئۇنچە ئاددىي ئەمەس . مەسىلەن باشقا ئوقۇغۇچىلار :"سېنى پالانچى مۇئەللىم چاقىرىۋاتىدۇ" دېگەندەك گۆدەكلەرچە ئۇسۇللارنى ئىشلەتمەيتىم . يە بولسا سىنىپ پەن ۋەكىلى سالاھىتىمنى ئىشلىتىپ ، كەچتە دەرىستىن چۈشىدىغان ۋاقىتتا ، دوسكىغا چىقىۋېلىپ ، بىرمۇنچە تاپشۇرۇق يېزىپ قويۇپ ، ئەتە يىغىمەن دەيتىم . ياكى ياندىكى سىنىپنىڭ قارا دوسكىسىنى ئوغرىلاپ ئېلىپ چىقىپ ، :"ھاجەتخانا بۇزۇلدى ، ئىشخانا بىناسىغا چىقىڭ" دەپ يېزىپ قويۇپ ، ھاجەتخانىنىڭ ئىشىك ئالدىغا قويۇپ قوياتتىم . شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلار ھاجەتخانىسىغا تىقىلىپ كىرىشىۋالاتتى . 

ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن بېرى چوڭ بولۇپ قالغىنىمنىڭ ئىشىمىكىن ، تۈزۈك ئادەم ئالدىمايدىغان بولۇپ قالدىم .ئالدىساممۇ ئادەتتىكىچىلا ئالداپ قوياتتىم . بۇ يىلمۇ ئادەم ئاڭلاشقا ئانچە كۆڭلۈم بارمىدى . بىراق مەن باشقىلارنى ئالدىمىغان بىلەن ، باشقىلارمۇ مېنى ئالدىمايدۇ دېيەلمەيمەندە .
4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ياتاقتا كومپىيۇتېر ئويناپ ئولتۇرسام تۇيۇقسىزلا تېلىفون جىرىڭلاپ كەتتى . تېلىفوننى رەناگۈل ئۇرغان ئىكەن . ئۇ ھاسىرىغان ھالدا ئانارگۈلنىڭ ۋېلىسپىت مىنىۋېتىپ ماشىنىغا سوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ، ھازىر دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى ، مېنىڭ دەرھال بېرىشىمنى دېۋىدى ، بىر ئاڭلاپلا يالغانلىقىنى بىلدىم . چۈنكى ئانارگۈل ئەزەلدىنلا ۋېلىسپىت مىنەلمەيدۇ .تېلىفوندىكى كەلگەن نومۇرغا قارىسام 201 تېلىفون كارتىسىكەن ، شۇنىڭ بىلەن رەناگۈلدىن بۇ قېتىملىق قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن ئورنىنى ، سوقۇۋەتكەن ماشىنىنىڭ نومۇرىنى ، شوپۇرنىڭ ئىسمىنى ، قايسى ئىدارىدە ئىشلەيدىغانلىقىنى ، ئانارگۈلنىڭ قايسى دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى ، قايسى ياتاقتا ئىكەنلىكىنى ، ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ياكى ئەمەسلىكىنى ، يەنە تېخى ئەتە دەرىسى بار - يوقلىقىنى ، دەرىسى بولسا رەناگۈلنىڭ روخسەت سوراپ قويۇشىنى دېگەندەك گەپلەرنى قىلىۋەردىم ، رەناگۈلمۇ مېنى ئالداپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەپسىلىي جاۋاب بەرگىلى تۇردى . تازا ئۇزاق گەپ سورىغاندىن كېيىن بىر ۋاقىتتا تېلىفوندىن مەن كۈتكەن ئاۋاز ئاڭلاندى :"كارتىڭىزدىكى پۇل تۈگىدى ، سىز يەنە بىر مىنۇت پاراڭلىشالايسىز" . شۇنىڭ بىلەن مەن :"ئادەم ئالداش بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن" دەپ قاقاقلاپ كۈلدۈم . رەناگۈل سەل سۈكۈتتە تۇرۇپ قېلىپ ، ئەڭ ئاخىرقى بۇ بىر مىنۇتقىمۇ يەتمىگەن ۋاقىتنى مېنى تىللاشقا سەرىپ قىلدى . 
كەچتە ئانارگۈل بىلەن تاماق يېگەن ۋاقىتتا ، ئۇ ماڭا ئەسلىدە رەناگۈلنىڭ مېنى ئالداپ تېلىفون ئۇرۇشىنىڭ ئانارگۈلنىڭ كۆرسەتكەن ئەقلى ئىكەنلىكىنى ، رەناگۈلنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن ، ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىنىڭ تېلىفون كارتىسىنى چىقارغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى .
بىراق ئانارگۈل مېنىڭ بۇ تېلىفونغا شۇنچە پەرۋاسىزلارچە قارىغىنىمغا ئاچچىقى كېلىپ قاپتۇ ، ھەمدە مېنى ئۆزىگە پەقەتلا كۆيۈنمەيدىكەن دەپ ئاچچىقلاندى . مەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ:"مەن سىزنىڭ ۋېلىسپىت مىنەلمەيدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق بىلىدىغان تۇرسام ، قانداقسىگە ئىشىنەي . يەنە كېلىپ سىزنى مۇشۇنچىلىك چۈشەنگەنلىكىڭىزدىن خوش بولسىڭىز بولىدۇ" دېۋىدىم ، ئۇ ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ يەنە يۈزۈمنى چىمدىۋالدى . ئەمدى كۆزۈمدىن ياش ئاققۇزاي دەپ تۇرسام ، ئانارگۈل مېنى توسۇۋېلىپ :"بولدى يىغلىماڭ ! مەن كەچۈرۈم سوراي ، نېمە دېسىڭىز مەيلى" دېۋىدى ، ئۇزۇندىن بېرى كۈتۈپ كەلگەن پۇرسەت كەلدى دەپ ئۇنىڭغا ئىككى تەلەپ قويدۇم :"بىرىنچىسى :مېنى سۆيۈپ قويۇڭ ؛ ئىككىنچىسى : مەن سىزنى سۆيۈۋالىمەن؛" 
ئانارگۈل ئاغزىدىن چىقىپ كەتكەن گەپ بولغاچقا ئامالسىز خېلى ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ ئاخىرى مېنىڭ سۆيۈپ قويۇشۇمنى تاللىدى ، بىراق ئۇمۇ ھازىر خىجىل بولىدىغانلىقىنى ، 3 كۈندىن كېيىن كاللىسىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئاندىن سۆيۈشۈمنى دەپ تەلەپ قويدى .

ئۆمرۈمدىكى ئەڭ ئۇزۇن بۇ ئۈچ كۈننى قانداقلارچە ئۆتكۈزگۈنۈمنى بىلمەيمەن ، ئىشقىلىپ شۇنچە تەسكە توختىدى . ئاخىرى ئۈچىنچى كۈنىمۇ يېتىپ كەلدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55640
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1681
تۆھپە نۇمۇرى: 99
توردا: 1111 سائەت
تىزىم: 2011-9-9
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 05:01:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنىڭ بىلەنچۇ ؟  

يەنە ساقلامدۇق

                       ....ۋايجان......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12633
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5357
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 3118 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 06:09:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما ئاداشنىڭ ئىككى ياتاقدېشىغا شۇنداق ئىچىم كۆيدى    

كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملگەر خار بولمىغان !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6430
تۆھپە نۇمۇرى: 1058
توردا: 439 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 06:56:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا... بۇ يازمىڭىزنى ئوقىغان ئادەم كۈلۈپ توختىيالماي قالىدىكەن، كۈلۈپ تېلىقىپلا قاپتىمەنغۇ... ھا ھا ھا
يازمىڭىزنىڭ ئاخىرىنىڭ تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشىغا تىلەكداشمەن، خوشال-شاتلىققا تولدۇرىدىغان ھېيت-ئايەم كۈنلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە يارىشا، ئوقۇرمەنلەرگە كۆپ كۈلكە ئاتا قىلغىنىڭىزغا بەكلا رەخمەت جۇمۇ!

قەلبنىڭ پاكلىقى_كۆڭۈل ئاقلىقى،
ئۇنىڭدىن ھاسىلدۇر تەننىڭ ساقلىقى.
تىلىڭنى قەدىرلە ھەربىر سورۇندا،
بولمايدۇ ئۇنىڭسىز ھايات شادلىقى.

ئاناتىل

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8851
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12059
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 12642 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 09:58:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولدى كۈلەي ئىنكاس يازغۇم يوق.. [s:308] [s:308] [s:308] [s:308] [s:308] [s:308] [s:308] [s:308] [s:308] [s:308] [s:308] [s:308] [s:308] [s:308] [s:308] [s:308] [s:308] [s:308] [s:308] [s:308] .....

ئاللاھ گۇناھلىرىمنى مەخپىرەت قىلىپ،ئىسلام يولىغا باشلىغايسەن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش