مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: hmzdj

ئالىي مەكتەپ ھاياتىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6430
تۆھپە نۇمۇرى: 1058
توردا: 439 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 02:48:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈچ كۈننى ئۆتكۈزۈپ، ئۈچىنجى كۈنىدە توختاپ قاپسىزغۇ، داۋامىنى ساقلاپ كەتتىققۇ.

قەلبنىڭ پاكلىقى_كۆڭۈل ئاقلىقى،
ئۇنىڭدىن ھاسىلدۇر تەننىڭ ساقلىقى.
تىلىڭنى قەدىرلە ھەربىر سورۇندا،
بولمايدۇ ئۇنىڭسىز ھايات شادلىقى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44389
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 638
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 853 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 05:31:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككىمىز مەكتەپ سىرتىدىكى بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ، چوڭ بازارنىڭ كەينىدىكى بىر تارچۇققا كىرىپ كەتتۇق . مەن ئانارگۈلگە ئاستا :"ئەمدى سۆيۈۋالسام بولار" دېۋىدىم ، ئۇ يۈزلېرى قىزارغان ھالەتتە بېشىنى لىڭشىتتى . شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ يۈزلېرىم قىزارغان ، يۈرەكلېرىم دۈپۈلدەپ سوققان ھالەتتە ئاغزىمنى ئاستا ئۇنىڭ يۈزىگە ئاپاردىم . كالپۇگۈم ئەمدى ئۇنىڭ مەڭزىگە تېگىشىگىلا ، تۇيۇقسىز تېلىفونۇم سايراپ كەتتى ، ئەسلىدە ئاپام تېلىفوندا كومپىيۇتېردا ماشىنا ئويۇنى ئويناپ ئېكران قېتىپ قالسا قانداق قىلىمەن دەپ ئۇرغان تېلىفون ئىكەن . شۇنچە دەپ بەرسەممۇ "reset" كونۇپكىسىنى تاپالمىدى . ئاخىرى ئامال يوق توك سىمىنى ئۈزۈۋېتىپ قايتىدىن سانچىپ قوي دېيىشكە مەجبۇر بولدۇم . تەتىلدە مەن ئۆيدىكى كومپىيۇتېرغا ماشىنا ئويۇنىنى قاچىلاپ ئوينىۋېدىم ، ئاپام بىر كۆرۈپلا قىزىپ قالدى ۋە كۈندە كومپىيۇتېردا ماشىنا ھەيدەيدىغان بولۇۋالدى . شۇنىڭدىن كېيىن كۈندە دادام ئاپام ئىككىسى كومپىيۇتېر تالىشىپ سوقۇشىدىغان بولۇپ قالدى . 
ئاپامنىڭ بۇ بۇزغۇنچىلىق قىلغان تېلىفونى ئىككىلىمىزنىلا ئوڭايسىلاندۇرۇپ قويدى ، مەنمۇ قايتا سۆيۈشكە جۈرئەت قىلالمىدىم . ئاخىرى جىمجىتلىقنى يەنىلا مەن بۇزدۇم . ئۇنىڭدىن ئۇسسىدىڭىزمۇ دەپ سورىۋېدىم ، ھەئە دېدى ، شۇنىڭ بىلەن ماگىزىن ئىزدەشكە ماڭدىم . قېرىشقاندەك بىرمۇ ماگىزىن تاپالماي ئاخىرى كوچىدا سېتىۋاتقان دوغاپتىن ئىككىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم ، ھەم دۇكاندارغا "ئىستاكانىڭىزنى ھېلى چوقۇم ئەكىلىپ بېرىمەن" دەپ ۋەدە قىلىپ ئانارگۈل تەرەپكە بۇرۇلدۇم . بۇ چاغدا يىراقتا تۇرغان ئانارگۈلنىڭ يېنىدا يەنە ئىككى ئادەم تۇراتتى ، يىراقتا تۇرۇپلا ئۇلار ئىككىسىنىڭ مەس ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى . دەل مۇشۇ چاغدا بىرسى ئانارگۈلنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋېدى ، ئانارگۈل ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋېتىپ :"ماڭا چېقىلما !" دەپ ۋارقىرىدى . كاللامدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى - دە ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئانارگۈلنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ باردىم .
يۈگۈرۈپ بېرىپ ئانارگۈلنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالدىم دە ، قولۇمدىكى بىر ئىستاكان دوغاپنى ياندىكى ستولبىغا بىرنى ئۇرۇپ چېقىۋەتتىپ ، ئۇچلۇق قىلىۋالدىم - دە ، ئۇلارغا قاراپ :"سىلەرگە دەپ قوياي ! ئەڭ ياخشىسى چىرايلىقچە كۆزۈمدىن يوقال" دەپ ۋارقىرىدىم . ئەپسۇس ، ئەينەك پارچىسى تۇتقان قولۇمدىن قان ئېقىشقا باشلىدى .
كىچىكىمدىنلا ئاسان ئاچچىقلانمايتىم ، بىراق ئاچچىقلىنىپ قالسام ھېچنېمە كۆزۈمگە كۆرۈنمەيدىغان خۇيۇم بار ئىدى . ئېسىمدە قېلىشىچە ، كىچىك ۋاقتىمدا بىر كۈنى دادامنىڭ ئىشخانىسىغا بارغىنىمدا ، دادامنىڭ بىر خىزمەتدىشى ئىشخانىغا كىرىپ دادام بىلەن تىلللىشىپ كەتكەن ئىدى ، شۇۋاقىتتا قانداق ئاچچىقىم كەلگەننى بىلمەيمەن ، ئۇدۇللا ئۈستەلگە چەكرەپ چىقىۋېلىپ ، ھېلىقى بىر قولۇمدا خىزمەتدىشىنىڭ چېچىنى يولغان ، يەنە بىر قولۇمنى تاس قالدىم كۆزىگە تىقىپ قارىغۇ قىلىپ قويغىلى . كېيىن ئاپام بۇ ئىشنى ئاڭلاپ تۇماردىن بىرنى ياساپ ، ئۈستىگە "چىدا" دېگەن سۆزنى يېزىپ قويۇپ بوينۇمغا ئېسىپ قويغانىدى .
شۇنىڭدىن بېرى تۈزۈك ئاچچىقىم كېلىپ باقمىغان ، بىراق بۈگۈن بۇ ئىككىسىنىڭ ئانارگۈلگە پوخورلۇق قىلىشى ، تومۇرۇمدىكى قاننى بىراقلا ئۇرغۇتىۋەتتى . ئەمما يەنىلا ئاپامنىڭ سۆزىنى ئەسلەپ ئاچچىقىمنى بېسىۋېلىپ ئۇلارغا تىكىلىپ قاراپ تۇردۇم . ئۇلار ئىككىسىمۇ ماڭا چەكچىيىپ قارىغىنىچە ئۇزۇنغىچە تۇرۇپ قالدى . ئۇلار قولۇمدىكى چېقىلغان ئۇچلۇق ئەينەك ئىستاكانغا ۋە قان ئېقىۋاتقان قولۇمغا يەنە مېنىڭ قىزىرىپ كەتكەن كۆزۈمگە قاراپ سەل قورقۇپ قالدى بولغاي ، بىر ھازا تىكىلىپ تۇرۇپ :"ھۇ ھاراملىق ! بۇنىڭدىن كېيىن بىزگە يولۇقۇپ قالما!" دەپ ئارقىغا بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى .
شۇنىڭ بىلەن ئانارگۈلنى ئېلىپ تاكسى توسۇپ مەكتەپكە قاراپ ماڭدىم . مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ئانارگۈلنى ياتاققا ئاپىرىپ قويغاچ بايىقى ئىشنى ئەسلەپ سەل قورقۇپ قالدىم . تاياق يېيىشتىن ئەمەس ، چۈنكى نېمىلا دېگەن بىلەن ئىككى مەستكە تېتىغۇچىلىك كۈچۈم بار ئىدى . ئەمما ئەگەر راستلا ئۇرۇشقان بولسام ، قولۇمدىكى ئەينەك سۇنۇقىنى بىرەرسىگە تىقىۋېتىشىم تۇرغانلا گەپ ئىدى . خۇداغا شۈكرى ھېچ ئىش بولمىدى دەپ ئانارگۈلگە قارىسام ئۇ قورققىنىدىن تىتىرەپ كېتىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى مۈرىسىدىن قۇچاقلىۋالدىم . ئۇنىڭ بەدىنىدىن تېخىچە تىتىرەۋاتاتتى . بايىقى دوغاپ ساتقۇچىمۇ ئەپتىمنى كۆرۈپ بىرەر لۈكچەك ئوخشايدۇ دەپ قالغان چېغى ، مەندىن ئىستاكانىنىمۇ سورىمىدى ، مەنمۇ ئېسىمدە يوق يەنە بىر ئىستاكاننى قولۇمدا كۆتۈرگەن پېتى كېتىپتىمەن . ئاخىرى ئانارگۈلنىڭ ياتىقى ئالدىغا كەلگەندە ئۇ ماڭا قاراپ :"بايا مېنى بەكلا قورقۇتىۋەتتىڭىز ، سىزنىڭ ئاچچىقلانغان ھالىتىڭىزنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن" دېدى . مەن :"ئۇ ئىككىسىنى سىزنى بوزەك قىلىۋاتسا ، مەن ئاچچىقلانماي تۇرالايمەنمۇ" دېدىم . شۇندىلا ئۇ قولۇمدىكى قاننى كۆرۈپ قالدى ۋە يىغلاشقا باشلىدى . بۇ ۋاقىتتا قان ئاللىبۇرۇن توختاپ قالغان بولۇپ ئۇيۇپ قاپتۇ . مىڭ تەسلىكتە بەزلەپ يۈرۈپ ئاخىرى يىغىدىن تۇختاتتىم . تۇيۇقسىز ئانارگۈل چاقماق سۈرئىتىدە يۈزۈمگە بىرنى سۆيۈپ قويدى دە يۈگۈرگىنىچە ياتاققا كىرىپ كەتتى . مەن ئېسىمنى بىلەلمەي جايىمدا بىر ھازاغىچە تۇرۇپ قالدىم دە ئاستا ياتىقمغا كىرىپ كەتتىم . ياتاققا كىرىپ ، ئەينى ۋاقىتتىكى مەخمۇتنى دوراپ ئۇزاققىچە چىرايىمدىن خوشاللىق كۈلكىسى كەتمىدى . 
ئانارگۈل مېنىڭ ئالدىنقى بىر مەۋسۈملۈك يېتەكچىلىكىم ئاستىدا ، ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى . ئانارگۈل ماڭا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن كەچتە مېنى ياخشى ئاشخانىغا ئېلىپ بېرىپ مېھمان قىلماقچى بولدى . شۇنىڭ بىلەن مەن بىر كۈن تاماق يېمەي قورسىقىمنى تازا ئاچۇردۇم . 
ئەمما كەچ بولغاندا ئانارگۈل تېخىچە تېلىفون ئۇرمىدى . تېلىفون بەرسەم تېلىفونىنىڭ پۇلى تۈگەپ كېتىپ ئالغىلى بولمىدى . ياتىقىغا تېلىفون بەرسەم ياتىقىدىكىلەر ئۇنى سىرتقا چىقىپ كەتكەن دېدى . ساقلا ساقلا ، ئاخىرى ئانارگۈلدىن تېلىفون كەلدى ۋە ماڭا :" مەكتەپ ئالدىغا چىقىڭ" دېدى . بۇ ۋاقىتتا سائەت توققۇز بولغان ئىدى ، دېگەندەك ئانارگۈل مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئىكەن . نەدە يۈردىڭىز دەپ بولغۇچە ، يۈرۈڭ ، تاماق يەيمىز دەپ ئۇدۇللا ياندىكى كالا گۆشى ئۈگرىخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ :"خالىغانچە بۇيرۇتۇڭ ! پۇلى ماڭا ھېساب !" دېدى . يىغلىۋەتكىلى تاس قالدىم ، ۋە ئۇنىڭغا :"شۇنچە كۆپ پۇل مۇكاپات ئېلىپ تۇرۇپ مېنى ئاران مۇشۇ يەردە مېھمان قىلامسىز؟" دېۋىدىم ، ئۇ بۈگۈن مەكتەپ بانكىسىدىكى پۇل ئېلىش ماشىنىسىنىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى ، سىرتقا چىقىپ پۇل ئالاي دەپ بانكا كارتا مەخپىي نومۇرىنى نەچچە قېتىم خاتا كىرگۈزۈپ قويۇپ ، بۈگۈن پۇل ئالغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ، بۈگۈنچە مۇشۇنداق يەپ تۇرۇشۇمنى ، ئەتە پۇلنى ئالغاندا ئېسىل يەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى دېدى . ئامال يوق بىر قاچا ئۈگرە بۇيرۇتتۇم . تاماق ساقلاپ ئولتۇرساق ، تۇيۇقسىز ئانارگۈلنىڭ چىرايى ئۆزگۈرۈپ كەتتى . نېمە بولدىكىن دەپ كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىسام ، كەينىمىزگە بىر توپ ئادەم يىغىلىشىپ كېتىپتۇ . ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىككىسىنى تونۇۋالدىم ، دەل ھېلىقى كۈنى ئانارگۈلگە پوخورلۇق قىلغان ئىككىسى ئىدى . ئۇلار ماڭا :"ھە ھاراملىق ! ئۇ كۈنى قولۇڭدا ئەينەك بار ئىدى ، بۈگۈن ئەينىكىڭمۇ يوق . ئەمدى قىلە گېپىڭنى!" دەپ ۋارقىرىدى .
ئەتراپقا قاراپ باقسام دېگەندەك قولغا ئالغۇدەك ھېچنىمە تېپىلمىدى . ئەتراپقا قارىسام بىرمۇ ئادەم يوق . ئاشخانا مۇلازىمەتچىلېرىمۇ ئۇلاردىن قورقسا كېرەك ، جىممىتە ئىچىگە كىرىپ كەتتى . 
ئۇلارغا قارىسام 4 ئادەم ئىكەن ، بىر ئىككىنىغۇ ئۇرۇۋالارمەن ، بىراق قالغانلېرىغا كۈچۈم يەتمەيدۇدە دەپ ئويلاپ تۇرسام ، كاللامغا تۇيۇقسىزلا بىر ئەقىل كېلىپ قالدى ، ۋە ئۇلارغا قاراپ پوچىلىق بىلەن :"ئەڭ ياخشىسى چىشىمغا تېگىشمە ! مېنىڭ كىم بىلەن ئارىلىشىدىغانلىقىمنى بىلىشەمسەن ؟ " دېۋىدىم ، ئۇلار قاقاقلاپ كۈلۈپ :"كىمكەن ئۇ ؟ بۇ كوچىنى بىز سورايمىز !قانداق ئادەم كەلسە ئوخشاشلا XXXمەن ! " دېدى . ئىچىدە بىرى تېلىفونىنى چىقىرىپ :"نوچى بولساڭ ئارىلىشىدىغان شۇ ئادىمىڭنى چاقىر ! بوپتۇ سېنى ھازىرچە ئۇرمايمىز . سەل تۇرۇپ ئادىمىڭ كەلگەندە ھەممىڭنى بىراق قاتلايمەن !" دېدى . شۇنىڭ بىلەن مەن بىر تېلىفون نومۇرنى ئېيتىپ بەردىم ۋە ئۇنىڭغا :"ئۆزۈڭ سۆزلەش" دەپ قويدۇم . ئۇ تېلىفوننى ئۇرۇپ :"سېنىڭ دوستۇڭ مۇختەر ھازىر بىزنىڭ قولىمىزدا ، ئەگەر قۇتقۇزغۇڭ بولسا ھازىرلا كەل !" دەپ ئاشخانىنىڭ ئادرىسىنى ئېيتىپ بېرىپ تېلىفوننى قويۇۋەتتى . ئەسلىدە بۇلار مۇشۇ يەردە زومىگەرلىك قىلىپ يۈرىدىغانلار ئىكەن ، ھەتتا بۇ ئاشخانا خوجايىنىمۇ ئۇلاردىن قورقۇيدىكەن . ئۇلار ساقلاپ زېرىكىپ كەتتى بولغاي ، ئاشخانىدىكى نەرسىلەرنى چېقىشقا باشلىدى . بۇ ۋاقىتتا كەچ سائەت 10 بولۇپ كەتكەن بولۇپ ، كوچىدىمۇ تۈزۈك ئادەم قالمىغان بولغاچقا ھېچكىممۇ كىرەي دېمەيتى . ئۇزاق ئۆتمەي مەن كۈتكەن ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ ، بىر توپ ساقچىلار ئاشخانىغا بۆسۈپ كىرىپ كەلدى . باش بولۇپ كەلگەن دەل مېنىڭ ھېلىقى ساقچى دوستۇم ئىدى . مەن ھېلىقى لۈكچەككلەرگە قاراپ :"دېدىمغۇ ،مېنىڭ چىشىمغا تېگىشمە دەپ . مېنىڭ كىم بىلەن ئارىلىشىدىغانلىقىمنى ئەمدى بىلىشكەنسەن" دېۋىدىم ، ھېلىقى بىچارىلەرنىڭ ئۈنىمۇ چىقماي بىر بىرلەپ قولىغا كويزا سېلىپ ساقچى ماشىنىسىغا چىقىپ كەتتى . 
ھېلىقى ساقچى دوستلېرىم ماڭا :"بۇرادەر ، سىلەرگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ سەنمۇ تازا بابلاپسەن ، ئۇلارغا تېخى مېنىڭ تېلىفون نومۇرۇمنى دەپ بېرىدىغان بولغاندىن كېيىن . ھا ھا ! ئالدى بىلەن ئىككىڭلار بىز بىلەن ساقچىغا بېرىپ ئاغزاكى ئىسپات يېزىپ  بېرىڭلار" دەپ بىزنىمۇ ساقچىخانىغا ئېلىپ ماڭدى . 
ئىسپاتنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن سائەتكە قارىسام 11يېرىمدىن ئېشىپتۇ . ئارقىدىن ساقچى دوستۇم ساقچى ماشىنىسى بىلەن بىزنى ئاپىرىپ قويدى . 
كېيىن ساقچى دوستۇمدىن ئاڭلىسام ، ھېلىقى لۈكچەكلەر نەچچە يىل كېسىلىپ كېتىپتۇ . ئەسلىدە شۇ ئىشتىن نەچچە كۈن بۇرۇن بىر چوڭ ئوغرىلىق دېلوسى يۈز بېرىپتىكەن ، ئۇلار بۇ لۈكچەكلەرنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن ، بارماق ئىزىنى تەكشۈرۈپتىكەن ، دەل مۇشۇلار بولۇپ چىقىپتۇ . مەنمۇ خوش بولدۇم ، بەرىبىر ئۇلار تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن مەن ئاللىبۇرۇن بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كېتىپ بولىمەندە !
بىر كۈنى ئانارگۈل ئۆزىنىڭمۇ بىر بالا ئالغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى -- چۈنكى مەن كومپىيۇتېرىمنى بالام دەپ ئاتايدىغان بولغاچقا ، ئانارگۈلمۇ كومپىيۇتېرىمنى بىزنىڭ بالىمىز دەپ ئاتايتى . شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭمۇ بىر يېڭى كومپىيۇتېر ئالغۇسى كېلىپ قاپتۇ ، بۇ يېڭى بالىمىزنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىنى شەنبە كۈنىگە بېكىتتۇق .
شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ، مەن بالدۇرلا تۇرۇپ كەتتىم - دە ، يولۋاسنى چاقىردىم . بىراق شۇنچە چاقىرساممۇ قوپقىلى ئۇنىمىدى . شۇنىڭ بىلەن سۈپۈرگە بىلەن مەخمۇتنىڭ يېڭى يۇمىغىلى بىر ئاي بولغان پايپىقىنى قىسىپ بىر دەم بۇرنىغا تۇتۇۋېدىم ، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇيقۇسىدىن يېشىلدى . ئۇ ئەمدى ئاچچىقلىناي دېگەن ۋاقىتتا مەن دەرھال ئۇنى بىر قاپ ئېسىل تاماكا بىلەن سېتىۋالدىم ، ھەم ئۇنىڭغا بۈگۈن بىزگە ياردەملىشىپ كومپىيۇتېرنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېلىپ بېرىشىنى دېدىم . بىز ئۈچىمىز ئەمدىلا مەكتەپ دەرۋازىسىغا چىقىشىمىزغا ئەتىگەنلىك تاماقتىن يانغان چىشى يولۋاسنى ئۇچرىتىپ قالدۇق . چىشى يولۋاس بىزنىڭ كومپىيۇتېر ئالغىلى بارماقچى بولغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ ئۇمۇ بارىمەن دەپ تۇرۇۋالدى . شۇنىڭ بىلەن تۆتىمىز بىللە قىزىل بايراق كوچىسىغا يۈرۈپ كەتتۇق . 
بارغاندىن كېيىن 3 ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچقان دۇكىنىغا كىردۇق ، ئەمما ئۈمىدسىزلىنىپ يېنىپ چىقتۇق ، بىرسىگە بىزگە بولغان مۇئامىلىسىگە ئاچچىقىمىز كېلىپ قالدى . بىرىنچى دۇكانغا كىرىپ كومپىيۇتېر ئالماقچى ئىدۇق دېۋىدىم ، ئىچىدە ئولتۇرغان بىر ئۇيغۇر قىز ھومىيىپ :"ئېلىڭلار ! ھەممىسى كومپىيۇتېر!" دېمەسمۇ ، قورققىنىمىزدىن يېنىپ چىقتۇق . بەلكىم باشقا بىرەرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ كۆڭلى تازا ياخشى ئەمەس چېغى دەپ ئويلاپ ئىككىنچى بىر ئۇيغۇرلارنىڭ دۇكىنىغا كىردۇق . دۇكاندا بىر ئۇيغۇر بالا ئولتۇرغان بولۇپ بىزگە قارىغۇدەكمۇ چولىسى يوق كومپىيۇتېردا QQ پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى . كومپىيۇتېر ئالماقچى ئىدۇق دېۋىدىم ، بىزگە قاراپ قويۇپ ، ياندىكى بىر پارچە كومپىيۇتېر تەشۋىق قەغىزىنى تاشلاپ بېرىپ :"كۆرۈڭلار" دەپ قويۇپلا ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىۋەردى . قاراپ باقسام پۈتۈنلەي ماركىلىق كومپىيۇتېر ئىكەن ، شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بالىغا :"بىز قۇراشتۇرغان كومپىيۇتېر ئالماقچى ئىدۇق" دېۋىدىم ، ئۇ :"ئۇستام يوق! قۇراشتۇرۇپ بېرەلمەيمەن" دەپلا گەپنى تۈگەتتى . "ئۇستىڭىزغا تېلىفون بېرىپ باقسىڭىز بولمامدۇ ؟ ئۇيغۇر بولغاندىن كېيىن مۇشۇ يەردىن ئالاي دېۋىدۇق " دېسەم ، بىزگە قاراپ قويۇپ ، ئورنىدىن شۇنچە تەستە قوپقىنىچە ئۇستىسىغا تېلىفون بەردى ، ۋە ئارقىدىن بىزگە قاراپ :"ئۇستام بۈگۈن كېلەلمەيدىكەن! ئەتە كېلىڭلار" دەپ ئۆزىنىڭ QQ سىنى پاراڭلىشىشقا باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن سەل ئاچچىقىم كېلىپ :"ئۇنداقتا سەن كومپىيۇتېر قۇراشتۇرالمامسەن؟" دېۋىدىم ، ئۇ ماڭا :"كومپىيۇتېر ساتمايمەن ! پىلاستىنكا ، تىڭشىغۇچ ، مېكروفون دېگەندەك نەرسىلەرنى ئالساڭلار كۆرۈڭلار ، بولمىسا مېنى ئاۋارە قىلماڭلار" دېۋىدى ، ئانارگۈل مېنى تارتىپ :"يۈرۈڭ ، باشقا يەرگە قاراپ باقايلى" دېدى . ئاچچىقىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ ئۈچىنچى بىر ئۇيغۇرلارنىڭ دۇكىنىغا كىردۇق . بۇ دۇكاندا 3 ئادەم باركەن ، ئىككىسى كومپىيۇتېر قۇراشتۇرۇۋېتىپتۇ . ئەمدى كىرىشىمىزگىلا بىر بالا يۈگۈرۈپ ئالدىمغا كېلىپ :"كومپيۇتېر ئالامسىلەر؟ قاندىقىنى ئالىسىلەر؟ دۇكىنىمىزدا قانداق كومپىيۇتېر دېسەڭلار شۇندىقىنى قۇراشتۇرۇپ بېرىمىز" دەپ ۋاتىلداشقا باشلىدى . بىزمۇ مال ساتقۇچى دېگەن مۇشۇنداق بولمامدۇ دېيىشىپ ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاشقا باشلىدۇق . ئاخىرى مەن ئۆزۈمنىڭ ئالماقچى بولغان سەپلىمىسىنى ئېيتىپ بېرىۋىدىم ، ئۇ ھەممىسىنى قەغەزگە يېزىپ بولۇپ باھاسىنى چىقاردى . باھاغا قاراپلا چۆچۈپ كەتتىم . مەن ئالماقچى بولغان بۇ سەپلىمىلىك كومپىيۇتېر ئەڭ قىممەت دېگەندىمۇ 3800 يۈەنگە كېلەتتى ، ئەمما بۇ ئاداشنىڭ باھاسى 9000 مىڭ يۈەن ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا :"ئاداش ، چاقچاق قىلماڭلار ، مەنمۇ كومپىيۇتېر بىلىمەن ، بۇ باھارىڭلار بەكلا قىممەتكەن . ھەممىمىز ئۇيغۇر بولغاندىن كېيىن ئەسلى باھاسىنى دەڭلار ، بىزدىن بۇنچە كۆپ پايدا ئالىمەن دېسەڭلار بولماسمىكىن" دېۋىدىم ، ئۇ تارتىشىپ يۈرۈپ ئاران 500 يۈەن چۈشۈردى . شۇنىڭ بىلەن چەتتە ئېچىقلىق تۇرغان كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا بېرىپ ، بىر كومپىيۇتېر زاپچاسلېرى تور بېتىگە كىرىپ ، مەن ئالماقچى بولغان بارلىق زاپچاسلارنىڭ باھاسىنى چىقاردىم ، ھەم ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قويۇۋېدىم ، ئۇ دەيدىغان گەپ تاپالماي ئاخىرى :"8000 يۈەن ، ئالساڭلار ئېلىڭلار ، ئەمدى چۈشەلمەيمەن" دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى . ئەرۋايىم نەدىن ئۇچتى ، ئاچچىقىمنى باسالماي :"ھەي ! باشقىلاردىن ئالساقمۇ ئالىمىز ، ئۇيغۇركەن ، بىر مىللەت بولغاندىن كېيىن سىلەردىن ئالايلى ، سىلەرنى پۇل تېپىۋالسۇن دەپ مۇشۇ يەرگە كىردۇق . ھازىر باشقا خەنزۇلارنىڭ دۇكىنىغا كىرسەم ھازىرلا 4500 كويغا بېرىدۇ . بىزنى مەتوكەن ، قارا قورساقكەن دەپ قويغۇڭ بارمىدى ؟ قاسقىنىڭنى كۆتەر ! بولدى ئالماپتىمەن! " دەپ ئانارگۈلنى تارتىپ مېڭىۋېدىم ، ئىچىدە گەپ قىلماي تۇرغان بىرى :"بولدى ، تالاشمايلى ، 4500 كوي بولسۇن" دېدى . بىراق مېنىڭ بىراقلا رايىم يېنىپ كەتكەن بولغاچقا گەپمۇ قىلماستىن چىقىپ كەتتىم . ئانارگۈل :"بولدى ئالايلى ، 4500 كويغا بەردىغۇ " دېۋىدى ، مەن :"مەن سىزگە 3500 كويغا ئېلىپ بېرىمەن! يۈرۈڭ!" دەپ ئۇنى تارتىپ ماڭدىم . جىممىدە ماڭساققۇ نېمە دەي ، ھېلىقى مال ساتقۇچى ئاداش كەينىمىزدىن :"پۇلۇڭلار يەتمىگەن بولسا پەستە 5 كويچەنلىك كىچىك ھېساپلاش ماشىنىسى بار ، شۇنى ئېلىڭلار" دېمەسمۇ ، ئاچچىقىمدا كەينىمگگە بۇرۇلاي دەپ تۇرسام يولۋاس مېنى تۇتۇۋېلىپ قەشقەرلىقكەن بولدى قىل دەپ سۆرەپ كەتتى . 
چىقىپلا يىراقتىن كومپىيۇتېر ئالامسىلەر ؟ دەپ چاقىرغان بىر خەنزۇنىڭ دۇكىنىغا كىرىپ كەتتۇق . ئاچچىقىم كەلگەن چېغى ، بۇ كومپىيۇتېرنى چوقۇم 3500 كويغا ئالىمەن دېگەن خىيالدا ئارقا ئارقىدىن 7 دۇكانغا كىردۇق . ھەر بىر دۇكاندىكى باھالار 4000 دىن 5000 كويغىچىلىك ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرى بىر دۇكانغا كىرىپ سورىۋېدىم ، ئۇ 3800 كويغا بېرەلەيدىغانلىقىنى دېدى . شۇنىڭ بىلەن ئانارگۈلنىڭ ئالايلى دېگىنىگە قارىماي ئۇلارنى باشلاپ چىقىتىم - دە ، ئۇلارنى سىرتقا باشلاپ چىقىپ :"سىلەر باشتا كىرمەي تۇرۇڭلار ، مەن ئۆزۈم بىر كىرىپ سۆزلىشەي" دەپ قويۇپ ئۇ دۇكانغا قايتا كىرىم . 
دۇكانچى مېنىڭ يالغۇز كىرگىنىمنى كۆرۈپ سەل چۈشەندى بولغاي ، ماڭا :"ئۇلار سەن باشلاپ كەلگەن خېرىدارمۇ؟" دەپ ئۇدۇللا سورىدى . مەنمۇ :"شۇنداق ، ئۇلارنى ئايلاندۇرغىلى بەك ئۇزاق بولدى ، ئەگەر خالىساڭ مەن ئۇلارنى مۇشۇ يەردىن ئېلىشقا كۆندۈرىمەن ، ماڭا ئوتتۇرىدىن نەچچە پايدا بېرەلەيسەن ؟" دېدىم . ئۇ سەل تۇرۇپ كېتىپ :"100 يۈەن بېرەي" دېدى . ئىككىمىز بىردەم تالىشىپ ئاخىرى ماڭا 300 يۈەن پايدا بېرىشكە ، ئۇلارغا 3800 يۈەنگە سېتىشقا ماقۇل بولدى . پىلانىمدىكىدەك بولدى ، دەپ دەرھاللا ئانارگۈللەرنى چاقىردىم ، ھەم ئۇلارغا بولغان ئىشنى ئېيتىپ بېرىۋېدىم ، ئانارگۈل خوش بولۇپلا كەتتى . بۇ ۋاقىتتا قارىساق چۈش بولۇپ كېتىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن يولۋاسنى چاقىرىپ :"بۇ دۇكانچىنى چۈشلۈك تاماق ئېلىشقا ئۇنۇتالامسەن ؟" دەپ سورىۋېدىم ، يولۋاس :"ماڭا قويۇپ بەر" دەپ ، كومپىيۇتېر نى سەپلەشكە باشلىغان دۇكاندارغا :"بىز ئۈچىمىز شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېدىن ، ئەگەر كومپىيۇتېرىڭ ياخشى چىقسا كېلەر قېتىم ساۋاقداشلېرىمىزنىمۇ باشلاپ كېلىمىز" دەپ ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ قويۇۋېدى ، دۇكانچى خوشال بولغان ھالدا تېلىفون ئۇرۇپ بىزگە قاپلىق تاماق چارقىرىپ بەردى ۋە :"مەن مېھمان قىلغاي بولاي" دېدى . شۇنىڭ بىلەن چۈشلۈك تامىقىمىزنىمۇ شۇ يەردە ئولتۇرۇپ يېدۇق . بىراق 2 سائەتتەك ئولتۇردۇق . 2 سائەتتەك ئولتۇرساقمۇ بۇ ئاداش كومپىيۇتېرنى سەپلەپ بولاي دېگەندەكمۇ قىلمايتى ، شۇنىڭ بىلەن مەن بېرىپ سەپلەشكە باشلىدىم . دۇكانچى مېنىڭ شۇنچە چەبدەسلىك بىلەن قاچىلىشىمنى كۆرۈپ ھەيران قالدى دە ئۆزىنىڭ مۇشۇ دۇكاننىڭ خوجايىنى ئىكەنلىكىنى ، قولىدا پەقەت بىرلا خىزمەتچىسى بارلىقىنى ، ئىش ئالدىراشلىق سەۋەبىدىن يېتىشەلمەيۋاتقانلىقىنى ، مېنىڭ خالىسا دۇكىنىدا ئىشلەپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى دېدى . دېمىسىمۇ بەلكىم باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ھېلىقى :"بۇزغۇنچى" دېگەن ھېكايە بەك تەسىر قىلغان بولۇشى كېرەك ، مەن كومپىيۇتېرىمنى ئالغاندىن كېيىن كۈندە نەچچە قېتىم چۇۋۇپ قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقاتتىم . شۇڭلاشقا قاتتىق دېتال دېسە كۆزۈمنى يۇمۇپمۇ قۇراشتۇرۇپ چىقالايدىغان سەۋىيىگە يەتكەن ئىدىم . دۇكانچىنىڭ بۇ سەمىمىي تەكلىپىنى چىرايلىقچە رەت قىلدىم ، ئەگەر ئالىي مەكتەپتە 5 يىل ئوقۇپ ئاخىرىدا بۇ يەردە كومپىيۇتېر سەپلەيدىغان خىزمەت تېپىۋالسام ئۆيدىكىلەر پارچىقىمنى چېقىۋېتەر . 
شۇنداق قىلىپ كومپىيۇتېرنىمۇ قۇراشتۇرۇپ بولدۇم ، ئەمدى ئىچىگە كېرەكلىك يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلىۋەتسەكلا ئىش تۈگەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن دۇكاندارنى شىلاپ يۈرۈپ بىر مۇنچە يۇمشاق دېتال پىلاستىنكىسىنى سوراپ ئېلىپ قاچىلاشقا باشلىدىم . ئاخىرىدىمۇ ئۇ يۇمشاق دېتال تەخسىلېرى ھەممىسى بىزگە تەئەللۇق بولدى . 
كومپىيۇتېرنى پۈتۈنلەي قاچىلاپ بولۇپ كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان ۋاقىتتا دۇكاندارغا كۆزۈمنى قىسىپ قويۇۋېدىم ، ئۇمۇ ماڭا بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى . شۇنىڭ بىلەن سىرتقا چىقىپلا چەتكىرەك بېرىپ كومپىيۇتېرنى يەرگە قويۇپ قايتىدىن دۇكانغا يۈگۈرۈپ كىردىم . دۇكاندارمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي دېيىشكىنىمىز بويىچە 300 كوينى قولۇمغا تۇتقۇزدى . 
سىرتقا چىقىپ ئانارگۈلگە 300 يۈەننى بېرىۋېدىم ، ئۇ خوشال بولغان ھالدا :"سودا قىلىشقا بەكلا ئۇستىكەنسىز ! كېلەر قېتىم كىيىم ئالغۇچە مەن بىلەن تەڭ چىقىشىپ بېرىڭ!" دېدى . مەن ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ئىشىم دەل قىزلار بىلەن چىقىپ كىيىم ئېلىش . بۇرۇن سىڭلىمغا كىيىم ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەڭ باشلاپ چىقىۋېدىم ، ئەتىگەندىن كەچكۈچە ھارغۇدەك بازار ئايلىنىپ ئارانلا 1 قۇر كىيىم ئالدى . شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈمدە ئىككىنچى قىزلار بىلەن بازارغا چىقمايمەن دەپ قەسەم ئىچىۋەتكەن ئىدىم . شۇنداق قىلىپ تۆتىمىز تاكسى توسۇپ مەكتەپكە قاراپ كەتتۇق .
تولىمۇ قىزىق دەيمەن ، ئادەتتە دەرىس ئوقۇغان كۈنلېرى ئەتىگەنلېرى پەقەتلا قوپالمايتۇق ، لېكىن ھازىر بىزگە ھېچقانداق دەرىس يوق يوق بولسىمۇ ئەتىگەن شۇنداق بالدۇر تۇرۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالدۇق . شۇنىڭ بىلەن كۈندە ئەتىگەن تاماق يېيىشنى ئادەت قىلماقچى بولۇپ تاماق ئەكىرىدىغان بىرىنى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق سايلاپ چىقماقچى بولدۇق . شۇنچە ئۇزۇن سايلام ئۆتكۈزگەن بولساقمۇ ئۇششۇقلۇق سەۋەبىدىن ھېچكىمنى سايلىيالمىدۇق . ئەڭ ئاخىرى ياتاقتا كىم ئەڭ ھورۇن بولسا شۇ چىقىپ تاماق ئەكىرىدىغانغا دېيىشتۇق ھەمدە ئەڭ ھورۇن بولغان مەخمۇتنى سايلاپ قويدۇق . مەخمۇت دەرۋەقە ئۇششۇقلۇق قىلىپ تۇرۇۋالدى . ئامال يوق باشقا چارە تاپايلى دەپ تۇرساق يولۋاس تۇيۇقسىزلا :"بولدى بولدى ، مەن چىقىپ ئەكىرەي" دېۋىدى ، مەن ئىككىنچى قەۋەتتىكى كارىۋاتتىن دۈم چۈشكىلى تاسلا قالدىم . مەخمۇتمۇ بىر ھازاغىچە ھەيرانلىق بىلەن تۇرۇپ قېلىپ ئىشكابىدىكى قىزىق توختىدىغان دورىنى ئېلىپ يولۋاسقا :"قىزىپ قالغان بولساڭ دەرھال ئىچىۋال" دېدى . 
دېگەندەك شۇ كۈندىن باشلاپ يولۋاس شۇنداق ئىشچان بولۇپ كەتتى . ئەزەلدىن قولىغا سۈپۈرگە ئېلىپ باقمىغان ئادەم ياتاقنى كۈندە تازىلايدىغان ، چايدان كۆتۈرۈپ پەسكە چۈشۈپ باقمايدىغان ئادەم كۈندە قايناقسۇخانىدىن چاي ئەكىرىدىغان بولۇپ قالدى . ھەتتا مەخمۇتنىڭ ھېچكىم تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان پايپىقىنى يۇيۇپ بېرىدىغان بولۇپ قالدى . يولۋاستىكى بۇنداق چوڭ ئۆزگىرىش ھەممىمىزنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى ، ئاخىرى بىر كۈنى يولۋاسنىڭ ھاجەتخانىنى تازىلاۋاتقانلىقىغا قاراپ چىدىيالماي قولىمىزغا پول سۈرتكۈچنى ئېلىپ ئۇنىڭغا تەڭلەپ تۇرۇپ زادى نېمە بولغانلىقىنى سورىۋېدۇق ، ئۇ چىشى يولۋاسنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاز قالغانلىقىنى ، شۇڭا ئۇ بىزدىن ئازراق پۇل ئارىيەت ئالماقچى بولغانلىقىنى ئىقرار قىلدى . خاتالىقىنى يۇۋاشلىق بىلەن ئىقرار قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ يېنىمىزدا بارىنى يولۋاسقا بېرىپ تۇردۇق . ئۇ قولىغا پۇلنى ئالغاندىن كېيىن:"ئەمىسە ئەتىدىكى تاماقنى قايسىڭلار ئەكىرىسىلەر؟" دەپ ھىجايدى ، قولىمىزغا سۈپۈرگە - پول سۈرتكۈچنى ئېلىۋېدۇق ، ئۇ :"ئەلۋەتتە مەن ئەكىرىمەندە" دەپ قېچىپ كەتتى .
كەچ كىرگەندە يولۋاس بىر سومكا نەرسىنى كۆتۈرۈپ كەلدى . تالىشىپ يۈرۈپ سومكىنىڭ ئاغزىنى ئېچىۋېدۇق ، ئىچىدىن بىر رەخت چېدىر بىلەن بىر مۇنچە ئۇششاق يەل يېمىشلەر چىقتى . مەن مەخمۇت بىلەن قايسى لاتىسىنى ئۆزىمىزنىڭ پۇلىغا ئالغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ تۇرساق يولۋاس پەقەت ئىچىدىكى سېرتمىنىلا ئۆزىنىڭ پۇلىغا ئالغانلىقىنى دېدى ، ھەمدە ئەتە چىشى يولۋاس بىلەن نەنسەنگە چىقىپ ئوينىماقچى بولغانلىقىنى دېدى . مەن يولۋاسقا نەنسەنگە چېدىر ئېلىپ چىقىش ھاجەتسىزلىكىنى ، شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا چېدىر تەمىنلەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيىتسام ، ئۇ مېنىڭ بالدۇر دېمىگەنلىكىنى دېدى . 
شۇنىڭ بىلەن مەخمۇت ئىككىمىز يولۋاسنىڭ شۇنچە كۆپ پۇلىمىزنى ئېلىپ بىكارچى بىر نەرسە ئالغانلىقىغا ئاچچىقلىنىپ ئۇنى چېدىرى جازالاپ ھاجەتخانىغا بىلەن سولاپ قويدۇق . ئەمما يېرىم كېچىدە ئۇنى يەنە چىقىرىۋەتتۇق ، چۈنكى ئۇ ھاجەتخانىغا چېدىر قۇرۇۋالسا بىز ھاجەت قىلالمايدىكەنمىز .
ئەتىسى يولۋاس ئەتىگەندىلا چىقىپ كەتتى ، بىراق چۈش بولۇپلا قايتىپ كەلدى ۋە :"نەس باسقاندەك بۈگۈن يامغۇر يېغىپ كەتكىنىنى ! بىر كۈنلۈك پىلانىمىز پوققا چىلاشتى!" دېدى . بىراق چىشى يولۋاسنىڭ چىڭ تۇرۇۋېلىش نەتىجىسىدە يامغۇر توختاپ كەچ بولۇپ قاراڭغۇ چۈشكەندە مەكتەپ ياتاق بىناسىنىڭ يېنىدىكى چىملىققا بىر چېدىر تىكىلدى . ئىچىدىكى دەل يولۋاس بىلەن چىشى يولۋاس ئىككىسى ئىدى . بىراق ئۇزۇن ئۆتمەستىنلا بىچارە يولۋاس ياتاققا يەنە قايتىپ كىردى . ئاڭلىشىمىزچە مەكتەپتىكى كېچىلىك كۆزەتچى ئۇلارنى قوغلىۋېتىپتۇ . شۇنداق قىلىپ بىچارە چىشى يولۋاس تۇغۇلغان كۈنىنىمۇ ئۆتكۈزەلمىدى .
ئەتىسى ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئانارگۈلگە سۆزلەپ بەرسەم ، ئۇ يولۋاسنى ماختىغان ھالدا :"نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ قىز دوستىغا نېمە دېسە قىلىپ بېرەلەيدىكەن ، سىزمۇ شۇنىڭدەك قىلالامسىز" دېدى . ئىچىمدە خەپ دەپ قويدۇم . 
ئانارگۈلنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگىمۇ ئاز قالدى ، ئەمما پۇلۇمنى يولۋاسقا قەرىز بېرىپ بولغاچقا يېنىمدا تۈزۈكمۇ پۇل قالمىغان ئىدى . مەيلى ، كىم تۇغۇلغان كۈندە چوقۇم پۇل خەجلەش كېرەك دەپتىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40948
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 573
تۆھپە نۇمۇرى: 198
توردا: 1146 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 05:24:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرادەر ناھايىتى ياخشى يىزىپسەن لىكىن ئادەمنى بەك تەققەزا قىلۋەتتىڭ،ئەگەر زاپاس نۇسخىسى بولسا مىنىڭ چ چ رىمغا ئەۋەتىپ بەرگىن مەن ساڭا ۋاكالىتەن يولىۋىتەي . نەشىر ھوقۇقى ساڭا مەنسۇپ ،مەن پەقەت ئوقۇۋالساملا بولدى .بىكارغا ئۇرۇپ بىرمەن .
  چ چ 1208533187

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44389
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 638
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 853 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 11:58:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 . 
ئەتىسى ئۇدۇللا تاۋزىچاڭغا باردىم ، ئۇ يەردە بىر ساپال قاچا دۇكىنىنىڭ ئايال خوجايىنىنى تونۇيتۇم . ھەر ھالدا ئۇ خوجايىن مېنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ . شۇنىڭ بىلەن كېلىش مەقسىتىمنى دېۋىدىم ، ئۇ دەرھاللا ماقۇل بولدى ، ھەم قولۇمغا بىر پارچە ساپال لېيىنى تۇتقۇزۇپ ئۆزۈڭ مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ ياسىۋال ، مەن تاۋلاپ بېرەي دېدى . شۇنىڭ بىلەن كىچىك ۋاقتىمدىكى سېغىز پاتقاق ئويناش تەجرىبەمنى ئىشقا سېلىپ ئانار شەكلىدە ساپال ياساشقا كىرىشىپ كەتتىم . دېگەندەك ياسىغىنىم تۈزۈك ئوخشىماي قالدى . دۇكاندار ماڭا تاۋلاپ بېرىپ :"بولدى پۇل ئالمايمەن ، قىز دوستۇڭغا بەكلا ۋاپادار ئىكەنسەن !" دەپ تاۋلاپ بولغان ئانارنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى . 
سوۋغات بۇيۇمى شۇنداق قىلىپ پۈتتى . ئەمدىكى گەپ تۇغۇلغان كۈنى تورتىدا . ھازىرقى تورتلار تولىمۇ قىممەت دېسە ، ئامال يوق ئويلىنىپ يۈرۈپ تورتنىمۇ ئۆزۈم ياساشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم - دە ، تورتخانىغا كىرىپ بىر قىسىم تورت خام ماتىرىياللېرىنى ئېلىپ چىقتىم . يولۋاس بىلەن مەخمۇت كۆرۈپ :"ياتاقتا ئوچاق بولمىسا ، قانداق پۇشۇرىسەن؟" دەپ ھەيران قالدى . ئەلۋەتتە ، مېنىڭمۇ كۆڭلۈمدە سوقۇپ قويغان پىلانىم باردە .
ئاخىرى ئانارگۈلنىڭ تۇغۇلغان كۈنى يېتىپ كەلدى . ئۇ كۈنى مەن ئەتىگەندىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم ، ھەم كارىۋات ئاستىدىن نەچچە پاسىلداق قۇتا تېپىپ چىقتىم ، ھەم پىچاق بىلەن ئۈستىنى قىيىپ ئېلىۋەتتىم . ئىچىگە ئازراق ھاجەت قەغىزى سالدىم (ئەلۋەتتە تېخى ئىشلىتىپ باقمىغىنى) . ئاندىن مەخمۇتنىڭ ئىشكابى ئىچىدىن يېرىم پوتۇلكا قالغان ئاق ھاراقنى ئېلىپ چىقتىم . ياتاقتا مەخمۇتنى زابوي دېسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ ، چۈنكى ئۇ داۋاملىق بىرەر يەردە ئولتۇرۇپ قالساقلا چوقۇملا ئاق ھاراق ئىچىدۇ ، باشقىلار ھېچكىم ئىچمىسىمۇ ئۆزى يالغۇز ئىچىپ ، ئېشىپ قالغىنىنى ياتاققا كۆتۈرۈپ كېلىپ ئىشكابىغا تىقىپ قويىدۇ . ھەر ھالدا بۇ تىقىپ قويغان ھارىقى بۈگۈن ئەسقاتتى . شۇنداق قىلىپ ھاراقنى پاسىلداق قۇتىنىڭ ئىچىگە قۇيدۇم . شۇنداق قىلىپ كىچىك ئوچاق پۈتكەن بولدى . بىرقېتىملىق ئىشلىتىلىدىغان چوكىنى كۆيدۈرۈپ ، پاسىلداق قۇتىنىڭ ئىچىدىكى تازىلىق قەغىزىگە تۇتاشتۇردۇم - دە ، تاماق قاچامنىڭ ئىچىگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىۋالغان تورت پاراشوكىنى يەنە بىر پاسىلداق قۇتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قاقلاپ پۇشۇرۇشقا باشلىدىم . 
ھاراق يەتمەي مەخمۇتنىڭ بارلىق تىقىپ قويغان ھاراقلېرىنى كۆيدۈرۈپ تۈگەتكەن چاغدا تورت ئاخىرى پىشتى ، ئەمما پۈتۈن ياتاق ئىچى ھاراق پۇرىقىغا توشۇپ كەتتى . 
تورتنى ياساپ بولغاندىن كېيىن مەخمۇت بىلەن يولۋاسقىمۇ يېگۈزمەي تىقىپ قويۇپ ، يالغاندىن ئانارگۈلنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلمەس قىياپەتكە كىرىۋالماقچى بولۇپ تېلىفونۇمنى ئېتىۋەتتىم . ياتاققا تېلىفون كەلسىمۇ قەتئىي ئالمىدىم . خىيالىمدا ئانارگۈلنى سەل جىلە قىلىپ ، كەچ بولغاندا بىراقلا خوشال قىلىۋەتمەكچى ئىدىم . 
شۇنداق قىلىپ كەچ بولدى . ئانارگۈلگە تېلىفون بېرىپ ئۇنىڭ پەسكە چۈشۈپ تۇرۇشىنى تاپىلىدىم دە ياتاق ئالدىدا ساقلاشقا باشلىدىم . ئۇزۇن قالمايلا ئانارگۈل بىغەم چىقىپ كەلدى . قارىغاندا مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۇنتۇپ قالغىنىمدىن بىر ئازمۇ خاپا ئەمەستەك قىلاتتى . شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئۆزۈم جىلە بولۇپ ، چىرايلىق بولاققا ئورالغان ئۆزۈم بىر قوللۇق ياساپ چىققان ساپال ئانارنى قولىغا تۇتقۇزىۋېدىم ، ئۇ خىجىل بولغان ھالدا :"نېمە ماڭا سوۋغا ئېلىپ يۈرىسىز ، ئاۋارە بولمىسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ !" دېگىنىچە بولاقنى يىرتتى . دېگەندەك ئانارگۈل بولاقنى يىرتىپ ئۈستىگە :"ئانارگۈل ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان" دېگەن سۆز ئويۇلغان ساپال ئانارنى كۆرۈپ ، ھاياجانلانغىنىچە رەھمەت دەپ مېنى قۇچاقلىۋالدى . مەن :"ھاياجانلانماي تۇرۇڭ ، سىزگە بېرىدىغان يەنە بىر نەرسە بار" دەپ ئۇنى ئوقۇتۇش بىناسىغا باشلاپ ماڭدىم .
ھېلىمۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى بىلەن تونۇش بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ پائالىيەت ئۆيىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىۋالغان ئىدىم . سىنىپنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان ۋاقتىمدا ، ئىچىدىن قويۇق ھاراق پۇرىقى گۈپۈلدەپ كەلدى ، مەن ئۈستىگە يىگىرمە تال شام يېقىلغان تورنى كۆرسىتىپ ئانارگۈلگە :"تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن !" دېدىم .
ئەسلىدە ئانارگۈلنى خوشال بولۇپ كېتىپ مېنى سۆيۈپ قويىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن ، ئەمما ئۇ ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قاراپ :"بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم بولمىسا؟" دېۋىدى ، ئارقىمغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاسلا قالدىم . مەن ئالدىنقى قېتىم توردا ئانارگۈلگە EMAIL ئىلتىماس قىلىپ بەرگەن ۋاقتىمدا دەل مۇشۇ كۈننى يازغان ئىدى ، شۇڭا مۇشۇ ئىشنى دېۋىدىم ، ئۇ كۈلگىنىچە :"ئەينى ۋاقىتتا خالىغانچە تولدۇرسام بولامدۇ دېسەم ئۆزىڭىز بولىدۇ دېدىڭىزغۇ ؟ شۇڭا قالايمىقان تولدۇرۇپ قويغان ئىدىم" دېدى . شۇنداق قىلىپ بىر بىرىمىزگە قاراپ بىر ھازاغىچە كۈلۈشۈپ كەتتۇق . نېمىلا بولمىسۇن ، ئانارگۈل يەنىلا ئىنتايىن كۆڭۈللۈك تۇغۇلغان كۈنى ئەمەس بىر تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدى . 
شۇنداق قىلىپ 5 - ماي بايرىمىمۇ يېتىپ كەلدى . بەرىبىر ئىلمىي ماقالەمنى يېزىپ بولغاچقا بىرەر يەرگە بېرىپ ئويناپ كېلىشنى خىيال قىلدىم . مەخمۇتقا مەسلىھەت سالسام ، ئۇ ھېچنەرگە بارماي ئويۇن ئوينايمەن دەپ تۇرۇۋالدى . يولۋاسقا مەسلىھەت سالسام ، ئۇ بېرىپ چىشى يولۋاستىن سوراپتىكەن ، چىشى يولۋاس ئالدىنقى قېتىم بۇغدا كۆلىگە بارالمىغاننىڭ ئاچچىقىدىمىكىنتاڭ ، بۇغدا كۆلىگە بارىمىز دەپتۇ . ئانارگۈلدىن سوراپ باقسام ئۇمۇ خوشال بولغان ھالدا ماقۇل بولدى ، شۇنداق قىلىپ بۇغدا كۆلىگە بارىدىغانغا ھەممەيلەن كېلىشىپ بولدۇق . 
بىراق بىزگە چوقۇم بىر يول باشلىغۇچى كېرەك ئىدى ، شۇنداق قىلىپ پاراللىل يىللىقتىكى ئالىمنى ئىزدەپ تاپتىم . ئۇ فۇكاڭلىق بولغاچقا قەيەرلەرگە بېرىپ ئوينىشىمىزغا چوقۇم ياخشى يول كۆرسىتەلەيتى . ئالىممۇ ئوچۇقلا ماقۇل بولدى ، ھەمدە بىزنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگىمۇ بېرىشنى تەكلىپ قىلدى . ئۇنىڭ تۇرۇپلا بۇنچە خوشاللىق بىلەن بىزنى تەكلىپ قىلغىنىغا ھەيران قېلىۋېدىم ، كەينىدىنلا ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىپ بولالمىغانلىقىنى ، مېنىڭ ياردەم قىلىشىمنى ئۆتۈندى . ئامال يوق بۇ سودىنى قوبۇل قىلدىم . گېپىم تولىلىقنىڭ سەۋەبىمىكىنتاڭ ، مەن يىللىقلار بويىچە بىرىنچى بولۇپ ئىلمىي ماقالىنى يېزىپ بولغان ئىدىم . 
مەخمۇت يەنىلا بارمايمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى . نېمە بولدىكىن دېسەك ، ئەسلىدە يېنىدا تۈزۈك پۇلى قالمىغان ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن يولۋاس ئىككىمىز ماڭىدىغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى بىر كېچە ئۇنىڭغا ياپونىيەنىڭ قورقۇنۇچلۇق(咒怨 ، 午夜凶铃) دېگەن فىلىملېرىنى قويۇپ بېرىۋېدۇق ، بىچارە قورقۇپ كەتكەن چېغى ، ئەتىسى ياتاقتا يالغۇز قېلىشتىن ئەنسىرەپ كۈدە-كۆرپىسىنى كۆتۈرگىنىچە بىز بىلەن تەڭ ماڭدى . 
شۇنداق قىلىپ ئاخىرى بۇغدا كۆلىگە يېتىپ كەلدۇق . خوشاللىقىمىزدا ئالدىدا ئالىمنىڭ ئۆيىگىمۇ كىرمەستىن كۆلگە قاراپ چاپتۇق ، ھەم ساياھەتچىلەر كېمىسىگە چىقتۇق . بۇغدا كۆلى ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل ئىكەن . ھەممەيلەننىڭ كۆڭلى شۇنچە خوشال ئىدى . شۇڭا مەنمۇ خوشاللىقىمدىن :"ۋاھ ! ئاخىرى دېڭىزنى كۆردۈم !" دەپ ۋارقىرىۋېدىم ، ئالىمدىن باشقا ھەممىسى ماڭا ئەگىشىپ ۋارقىراشقا باشلىدى . ئالىم "بۇ دېڭىز ئەمەس ، بۇ پەقەتلا بىر كۆل " دەپ چىڭ تۇرۇۋېدى ، بەشىمىز ئۇنىڭ قۇلىقىنى سوزۇپ ئىدىيە خىزمەت ئۆتىۋېدۇق ، ئۇ ئاخىرى بۇنىڭ دېڭىزلىقىنى ئېتىراپ قىلدى . 
خوشاللىق ئىچىدە ئۆتكەن ۋاقىت تولىمۇ تېز دېسە ، بىر دەمدىلا كەچ بولۇپ كەتتى . بىزمۇ ئالىمنىڭ باشلىشى بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدۇق . 
ئالىمنىڭ ئۆيى ھەقىقەتەنمۇ چوڭ ئىكەن ، ھويلىسىغا بىر ئايروپىلان قونالىغۇدەك چوڭ ئىكەن ، ئۆيلېرىمۇ كۆپ ئىكەن . ئۆيىدىكىلېرىمۇ شۇنچە مېھماندوستلۇق بىلەن بىزنى كۈتۈۋالدى ، ھەم ئالدىمىزغا سەرخىل تائاملارنى تۆكۈۋەتتى . ئۆي تامىقى يېمىگىلى ئۇزۇن بولغان بىزمۇ تۈزۈت قىلماي ئاچكۆزلەرچە يېيىشكە باشلىدۇق . 
قورساقمۇ تويدى ، بىز ھويلىدا بىر ئاز تاماق سىڭدۈرگەچ پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇخلاشقا كىرىپ كەتتۇق . ئەسلىدە كېلىشتىن بۇرۇن ئانارگۈلگە ئەگەر ئالىملارنىڭ ئۆيى كىچىك بولسا ، ئىككىمىز بىر يەردە قىستىلىشىپ ئۇخلاش تەكلىۋىنى قويۇۋېدىم ، تاس قالدىم مېنى ئۇرۇپ ئۇچۇرىۋەتكىلى . ئەمدى ئويلاپ باقسام ئانارگۈلنىڭ تايىقىنى ھارام يەپتىمەن . ئەگەر بۇ يەردە بۇنچە ئۆي كۆپلىكىنى بىلگەن بولسام ھەرگىزمۇ ئانارگۈلگە ئۇنداق دېمەسكەنمەن . 
ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەنلىك تاماقنى يەپ بولۇپلا بىز ئۇدۇللا تاغقا چىقىپ كەتتۇق ، ھەمدە كەچتە يىغىلىشىشقا پۈتۈشۈپ ھەممىمىز ئايرىلدۇق . ئەلۋەتتە ، مەن ئانارگۈل بىلەن بىر گۇرۇپپا . ئىككىمىز قول تۇتۇشۇپ ئالدىمىزغا قاراپ كېتىۋەردۇق ، بۇ يول خۇددى ئايىغى چىقمىغاندەكلا ئۇزۇن ئىدى ، مەكتەپنىڭ كىچىك ئورمانلىقىغا ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايتى . ئىككىمىز ھەممىنى ئۇنتۇپ خۇددى باشقىلا دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك ھېسىياتتا يولبويى پاراڭلىشىپ ، چاقچاقلىشىپ ماڭدۇق ، خۇددى بۇ دۇنيادا ئىككىمىزدىن باشقا ھېچكىم يوقتەكلا . بىز بارلىق غەم ئەندىشىلەرنى ، كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇدۇق ، يەنە ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئايرىلىدىغانلىقىمىزنى ئۇنتۇدۇق .
مېڭىۋېرىپ ھېرىپ كېتىپ بىر چىملىق ئۈستىدە ئاسمانغا قاراپ يېتىۋالدىم ، ئانارگۈلمۇ يېنىمدا ئاسمانغا قاراپ ياتتى . كۆڭلىمىز تەسۋىرلىگۈسىز خوشال ئىدى ، بەلكىم شۇ ۋاراڭ چۇرۇڭلۇققا تولغان شەھەردىن ئايرىلغاننىڭ ئىشىمىكىن ، ئەتراپتا شامال ئاۋازىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايتى . بىر ھازادىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئانارگۈلنى تارتىپ ، :"بىر ئويۇن ئوينايلى ، ئىككىلىمىز ئۆز ئالدىمىزغا بىر تالدىن چۆپ ئىزدەيمىز ، ئاندىن ئىككىسىنى بىر بىرىگە كىرىشتۈرۈپ پىجىرنى رەگەتكە قىلىپ ئاتقاندەك تارتىمىز ، ئەگەر كىمنىڭ تارتقان چۆپى ئۈزۈلسە شۇ ئۇتتۇرغان بولسۇن "دېۋىدىم ، ئانارگۈلمۇ ئىككىلەنمەستىن :"مەيلى ، ئۇتقانغا نېمە مۇكاپات بار؟" دېدى . شۇنىڭ بىلەن ئويلىنىپ ئەگەر مەن ئۇتسام ئانارگۈلنى بىرنى سۆيۈپ قويۇشنى ، ئەگەر ئۇتتۇرسام ئانارگۈلنىڭ مېنى بىرنى سۆيۈپ قويۇشىنى دېۋىدىم ، ئانارگۈل بۇنداق بولسا مەن زىيان تارتمامدىم دەپ ئۇنىمىدى . بىراق ئاخىرى يەنىلا ئەگەر مېنىڭ ئۇتسام ئانارگۈلنى سۆيۈۋېلىشىمنى ، ئەگەر ئۇتتۇرسام ، ئانارگۈلنىڭ كاسسامغا بىرنى تېپىشىغا پۈتۈشتۇق . 
شۇنداق قىلىپ ئويۇننى باشلىدۇق . ھەر قېتىمدا مەن ئۇتىۋەردىم ، ئانارگۈلنىڭ يۈزى سۆيۈپ تېخىمۇ قىزىرىپ كەتكەنىدى ۋە ئاچچىقىدا تېخىمۇ پىششىق چۆپ ئىزدەيتى . ئاخىرى ئۇ چىدىمىدى بولغاي ، بىر تال ياۋا ئوتنىڭ بوغۇمىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ :"ئەمدى ئۇتقىنىڭىزنى بىر كۆرەي!" دېدى . مەن :"چىدىماسلىق قىلماڭ" دېسەم ، ئۇ :"سىز يە بۇنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دېمىسىڭىز" دېمەمدۇ ، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ بېرىپ دەرەخنىڭ بىر تال شېخىنى سۇندۇرۇپ كەلدىم . ئانارگۈل بىر ھازاغىچە كۆزلېرىنى چوڭ ئېچىپ ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قاراپ تۇرۇپ ، ئارقىدىن :"چىدىماس ! سىزنى بۈگۈن بىرنى تەپمىسەم ھېساپ ئەمەس !" دەپ مېنى قوغلاشقا باشلىدى . مەنمۇ شۇ قاچقانچە كۆل يېنىغا كەلدىم . ئانارگۈل بەك ھېرىپ كەتكەن چېغى ، كۆل يېنىغا بېرىپلا ئولتۇرۇۋالدى . شۇنىڭ بىلەن مەن گۇناھىمنى يۇيۇش ئۈچۈن بېرىپ كىچىك قولۋاقتىن بىرنى ئىجارىگە ئېلىپ كەلدىم ۋە ئۇنىڭ يېنىغا ھەيدەپ بېرىپ ئۇنى قولۋاققا چۈشۈرۈۋالدىم . ئانارگۈل قولۋاقنى كۆرۈپ خوشال بولۇپ مېنى تېپىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان چېغى ، ئىككىمىز بىرلىكتە قولۋاققا پالاق ئۇرۇپ ئىچىگە قاراپ ھەيدەپ كەتتۇق . مەن تېخى ئانارگۈلنى بىراقلا ئۇنتۇپ كەتكەن چېغى دەپتىمەن ، كىم بىلسۇن ، قولۋاق قۇرۇقلۇقتىن يىراقلاپ كەتكەن ۋاقىتتا :"بايا نېمىشقا ئۇتىۋەرگەن سەۋەبىڭىزنى دەپ بېرىڭ ، بولمىسا سىزنى قولۋاقتىن تاشلىۋېتىمەن" دەپ پالاقنى كۆتۈرۈپ تەھدىد سېلىشقا باشلىدى . مەن يانچۇقىمدىن كىچىك بىر تال توك سىمىنى چىقىرىپ :"كۆردىڭىزمۇ ؟ بايا مەن بۇنى چۆپنىڭ بوغۇمى ئىچىگە تىقىۋەتكەن ئىدىم" دېدىم . ئانارگۈل باشتا ئاچچىقلاندى ، كېيىن :"بوپتۇ . راست گەپ قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزنى كەچۈرەي . بىراق سەل تۇرۇپ قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن كاسسىڭىزنى ماڭا يۇۋاشلىق بىلەن تەڭلەپ بېرىڭ ، قانغۇدەك تېپىۋالمىسام ھېساب ئەمەس" دېدى . 
ئاخىرى پالاق ئۇرۇپ ھېرىپ كەتكەن ۋاقتىمىزدا قارىساق كۆلنىڭ شۇنچە ئىچىگە كىرىپ بوپتۇق . شۇنىڭ بىلەن ئانارگۈلنى قۇچاقلىغان ھالدا ئىككىمىز جىمجىت ئولتۇردۇق . قانچىلىك ئولتۇرغىنىمىزنى بىلمەيمەن ، تۇيۇقسىزلا يانفونۇم سايراپ كەتتى . قارىسام يولۋاس ئۇرۇپتۇ . تېلىفوننى ئېلىپلا بۇنىڭ بىر ياردەم سوراش تېلىفونى ئىكەنلىكىنى بىلدىم . ئارقامغا بۇرۇلۇپ قارىۋېدىم ، بىزدىن ئانچىمۇ يىراقتا بولمىغان بىر قولۋاقتا يولۋاس بىلەن چىشى يولۋاسنى كۆردۈم ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ يېنىغا قولۋاق ئۇرۇپ كەتتۇق .
ئەسلىدە يولۋاسقا بىر قىز ساۋاقدىشىدىن تېلىفون كېلىپتىكەن ، چىشى يولۋاس ئاچچىقىدا پالاقنى كۆلگە تاشلىۋېتىپتۇ . بىچارە يولۋاس قولى بىلەن پالاق ئۇرۇپ كېمىنى قۇرۇقلۇققا قايتۇرالماي بېشى قېتىپ تۇرغان ۋاقىتتا بىزنى كۆرۈپ قېلىپ تېلىفون ئۇرغان ئىكەن . بىز ئىزدە ئىزدە ئاخىرى چىشى يولۋاس تاشلىۋەتكەن پالاقنى تېپىپ كېلىپ ئۇلارغا ئەكىلىپ بەردۇق .
ئىككىنچى كۈنى ئالىملارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋېرىشتىن خىجىل بولۇپ مەكتەپكە قايتىپ كەلدۇق . شۇنداق قىلىپ 5 - ماي بايرىمى ئاخىرلاشتى ، بىراق كۆك ئاسمان ، ئاق بۇلۇت ، كۆل ، قولۋاق ، چۆپ ، دەرەخ شېخى ، يەنە توك سىمى ، ئەڭ مۇھىمى ئانارگۈل بىلەن بىرگە ئۆتكەن شۇ كۈن ئۇنتۇلغىسىز بىر گۈزەل ئەسلىمە بولۇپ قالدى . 

كۈنلەر مۇشۇنداق قىلىپ ئاستا ئاستا ئۆتۈشكە باشلىدى . ھەر كۈنى قىلىدىغان ئىشىم توردا خىزمەت ئىزدەش ، ئانارگۈل بىلەن بىرگە ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ، پۈتتۈرۈش لاھىيەسى ئىشلەش ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە تاماق يېيىش قاتارلىقلار . يولۋاسنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئاساسەن چىشى يولۋاس بىلەن بىرگە ئۆتۈش ، ئەمما مەخمۇت شاھماتقا قايتىدىن قىزىقىپ قالدى . بىز يولۋاسقا قالغان ئىمتىھانلېرىنى ياخشىراق بېرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشىنى ، مەكتەپ پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغانلىقىنى شۇنچە دېسەكمۇ ، يەنىلا شاھماتنى كۆتۈرگىنىچە خوشنا ياتاققا چىقىپ كېتەتتى .
مۇشۇنداق تىنىچ تۇرمۇشنى ئاخىرى بىر پارچە ئوقۇش پۈتتۈرۈش رەسمىيەتلېرىنى ئۆتۈش قەغىزى بۇزۇۋەتتى . ھېسابتا ئىچكى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق بۇ قەغەز بىزنى ئوقۇغۇچىلىقتىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئادەمگە ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدى . ھەر بىر پۈتتۈرمەكچى بولغان ئوقۇغۇچىلار ئالدىراش بولۇپ كەتتى . ئۆي ئىزدەيدىغانلېرى ئۆي ئىزدەپ ، خىزمەت ئىزدەيدىغانلېرى خىزمەت ئىزدەپ دېگەندەك . بۇرۇن داۋاملىق :"خىزمەت دېگەن تېپىلىدىغۇ " دەپ بىغەم يۈرىدىغانلار ئەمدى كەلگەندە ھەممىسى خىزمەت ئىزدەپ يۈرەتتى يۇ ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا قايتىپ كېلەتتى . ھەر كۈنى ئاخشىمى ياتاقلاردا خىزمەت ئىزدەشنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى يۇ ئەينى ۋاقىتتا قانداق ئوينىغانلىقىنى ، قانداق دەرىستىن قاچقانلىقىنى ھېچكىممۇ ئويلىمايتى . 
باشقىلاردىكى بۇ ئارامسىزلىك مەخمۇتنىمۇ سەل ئويغىتىپ قويدى بولغاي ، بىر كۈنى كەچتە ئۇ بىزدىن :"راستلا ھەممە پەن ئىمتىھانلېرىدىن تولۇقلاپ ئۆتمىسە دېپلوم بېرىلمەمدۇ؟" دەپ سورىۋېدى ، بىز شۇنداق دېدۇق ، مەخمۇت ئولتۇرغىنىچە بىر ھازاغىچە ئېغىر خىيال سۈرۈپ كەتتى ، ۋە ئارقىدىن تۇيۇقسىزلا كىتابىنى كۆتۈرگىنىچە چىقىپ كەتتى . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەخمۇت كۈندە كۈتۈپخانىغا كىرىۋالىدىغان بولۇپ قالدى . بىزمۇ ئۇنىڭغا ياردەم قىلغۇدەك يەرلېرىگە ياردەم قىلىپ ئۇنىڭ دېپلوم ئېلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتۇق . 
بۇ قەغەز ئانارگۈل بىلەن ماڭىمۇ خېلى تەسىر قىلدى . مەن قەغەزنى ئانارگۈلگە كۆرسىتىۋېدىم ، شۇنىڭدىن  كېيىن ئىككىمىزمۇ بۇرۇنقىدەك بىغەم يۈرۈۋەرمەيدىغان ، داۋاملىق قىسقىغىنە خوشاللىقتىن كېيىن بىر بىرىمىزگە قاراپ ئۇھ تارتىدىغان بولۇپ قالدۇق . نېمىگە ئۇھ تارتىدىغانلىقىمىز ئىككىلىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى .
بىر كۈنى بىر شېركەتتىن تېلىفون كەلدى ، ئالسام بىر ئېلانچىلىق شېركىتى ئىكەن ، ئۇلار توردىن مېنىڭ ئارخىپىمنى ئوقۇپتۇ ۋە مەن بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشنى ئويلاپ تېلىفون قىلغانكەن . مەن ئەزەلدىن يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ باقمىغاچقا قانداق قىلىشىمنى بىلمەي يۈرسەم ئانارگۈل :"مەن ئىمتىھان ئالغۇچى بولۇپ سىزدىن سوئال سوراي ، مەشىق قىلىۋېلىڭ" دېدى . بۇمۇ بولغىنى دەپ ئانارگۈل بىلەن بىر كۈن مەشىق قىلدىم . ئانارگۈل قەيەردىن تېپىپ كەلدىكىن ، بىر كىتاپنى كۆتۈرۈۋېلىپ مەندىن بىرمۇنچە مەن بىلمەيدىغان ، ھەتتا مېنى جىلە قىلىپ ئانارگۈلنى ئېلىپ چىقىپ تازا ئۇرغۇدەك بولۇپ كەتكۈدەك شۇنچە تەس سوئاللارنى سوراشقا باشلىدى . شۇنداق قىلىپ مەشىقنى ئاياغلاشتۇرۇپ ئىككىنچى كۈنى شېركەتكە باردىم . مەشىق قىلغىنىم ھېچنىمىگە ئەسقاتمىدى ، يەنى ھېچكىم مەندىن سوئال سورىماي ئۇدۇللا قولۇمغا ئىككى پارچە سىنارىيە تۇتقۇزۇپ ، ئىچىدىكى پېرسوناژلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ، خارەكتىرىنى تەھلىل قىلىشىمنى ۋە سىنارىيىنىڭ داۋامىنى يېزىپ كېلىشىمنى ئېيتتى .
يېزىپ بولۇپلا سىنارىيىنى ئاپىرىپ بەردىم . كۆڭلۈمدە چوڭمۇ ئۈمىد كۈتۈپ كەتمىدىم ، چۈنكى ھورۇنلۇقتا سىنارىيىنى تۈزۈكمۇ ئوقۇپ باقمىغان ئىدىم . ئەمما كۈتۈلمىگەن ئىش بولۇپ ئۇلارنىڭ مېنى قوبۇل قىلغانلىق تېلىفونىنى ئالغىنىمدا ھەيرانلىق بىلەن چىسىلاغا ئۇزاققىچە قاراپ بۈگۈن ئادەم ئالداش بايرىمى ئەمەستۇ ؟ دەپ ئويلاپ كەتتىم .
شۇنداق قىلىپ خىزمەتمۇ بار بولدى . يولۋاس خىزمەتتىن ئەنسىرىمەيتى ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاتىسى ئەمەلدار بولغاچقا خىزمەت ئىزدەش ئورۇنلېرىدا مۇناسىۋىتىمۇ ياخشى ئىدى ، شۇڭا ئۇنىڭغا قايتىپ كەتسە خىزمەت تەييار ئىدى . مەخمۇت بارلىق ئارام كۈنلېرىنىمۇ ئىسراپ قىلماستىن كۈندە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلاتتى . بەزىدە ئۇخلاۋېتىپمۇ :"ۋاقىت قالمىدى ! ۋاقىت قالمىدى !" دەپمۇ جۆيلۈپ قوياتتى .

ئوقۇش پۈتتۈرۈش رەسىمىگە چۈشىدىغان ۋاقىتتا ، مەخمۇت رەسىمگە چۈشۈپ بولۇپلا ، دەرھال باكلاۋرلىق كىيىمىنى سېلىۋېتىپ كۈتۈپخانىغا كىتاپ ئوقۇش ئۈچۈن كېتىپ قالدى . ئانارگۈل مەخمۇتنىڭ كىيىمىنى تالىشىۋېلىپ ئۆزى كىيىۋېلىپ ، مېنى تارتىپ بىللە نۇرغۇن رەسىمگە چۈشتى . ئويلاپ باقسام بۇ بىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق بىرگە رەسىم چۈشىشىمىز ئىكەن .
كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىكار ۋاقتىم بولسىلا ئانارگۈل بىلەن بىللە ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ قالدىم . ھەر دائىم كەلگۈسىمىزنى ، يەنى ھەر بىرىمىزنىڭ كەلگۈسىگە پىلان تۈزەيتۇق ، ئەمما ئىككىمىزنىڭ كەلگۈسى توغرىلىق ئېغىز ئاچمايتۇق ، چۈنكى ئىككىمىزنىڭ كەلگۈسى يوقلىقىنى ئېنىق چۈشىنەتتۇق . بەزىدە بىز يەنە ئوقۇش پۈتتۈرگەن شۇ كۈننى قانداق ئۆتكۈزۈشنى مەسلىھەتلىشەتتۇق ، ئەمما ھېچقايسىمىز كۆڭۈلدىكىدەك جاۋاب بېرەلمەيتۇق . 
ئىككىمىزنىڭ بۇ ئاخىرقى بىرگە يۈرگەن ۋاقىتلېرىمىزنى مەكتەپنىڭ (ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەكتەپتىن ئايرىلىش) توغرىسىدىكى چۈشكەن ھۆججىتى بۇزۇۋەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئىشخانىمۇ ئىشخانا ، بىنامۇ بىنا چېپىپ يۈرۈپ بىر تالاي رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشكە باشلىدىم . كۆز ئالدىمدىكى قىرائەتخانا كىنىشكىسى ، ياتاق كىنىشكىسى قاتارلىقلارنىڭ بىر بىرلەپ ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىلگەنلىكىنى ، ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكەمنىڭ ئۈستىگە پۈتتۈرگەنلىك تامغىسى بېسىلغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ، ئىچىم ئېچىشىپ ، كۆڭلۈم بىر خىل دەپ بەرگۈسىز ھېسىياتقا تولدى . 


ئىككىنچى كۈنىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا بارمىدىم . ئانارگۈلنىڭ يانفونىغا تېلىفون ئۇرسام يانفونى تاقاق ئىكەن ، ياتىقىغا تېلىفون ئۇرسام رەناگۈل ئۇنى سىرتقا چىقىپ كەتكەن دېدى . 
ئىچىم شۇنداق سىقىلىپ كەتكەچ ، سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرىشنى ئويلاشتىم . سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتقان ئىدى ، كۈنلۈك ئىزدىسەم ياتاقتىكى كۈنلۈكلەر بىرسىمۇ تېپىلمىدى . بولدىلا دەپ سىرتقا چىقىپ يامغۇر ئىچىدە ئايلىنىشقا باشلىدىم . كاللام قۇپقۇرۇق ، قانداق ماڭغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن ، بىلىپ بىلمەي مەكتەپ ئىچىدىكى كۆلنىڭ يېنىغا كېلىپ قاپتىمەن . 
تۇيۇقسىزلا كۆل ئۇدۇلىدىكى قىرغاقتا تۇرغان تونۇشلا بىر جۈپ ئاياقنى كۆرۈپ قالدىم . داۋاملىق ئۈستىگە قارىسام دەل ئانارگۈل ئىكەن. ئوخشاشلا كۈنلۈك ئالماپتۇ . پۈتۈن بەدىنى سۇبولۇپ كەتكەن بولۇپ تېخىمۇ ئوماق بولۇپ كەتكەنىدى ، دەل شۇ ئوماق چىراي ئىچىدىكى ئىككى قارا كۆز ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى . 

--سىزنىڭ چوقۇم مۇشۇ يەرگە كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم !
--ھەرگىز سۇغا سەكرىمەڭ !چۆكۈپ كېتىسىز !ئارىلىقىمىز بەك يىراق ! ئۈزۈپ بېرىپ بولالمايمەن !
--بىز بىرىنچى قېتىم دەل مۇشۇ يەردە ئۇچراشقان !
--سىزنى يەنە بىر ئايلاندۇرۇپ كېلەي !
--دەسلەپ تونۇشقاندا سىز باشقا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سالاھىيىتىگە كىرىۋېلىپ مېنى ئالدىغان !
--مەخمۇت ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېپلومىنى ئالالمايدىغان بولدى !
ئۇ بىر جۈپ قارا كۆزلەر ماڭا قاراپ تۇراتتى ، مەنمۇ بۇ كۆزلەردىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قاچماي بىر بىرىمىزگە ئۇزاققىچە قاراپ تۇردۇق . 
مەن ئانارگۈلنىڭ يېنىغا بېرىپ :"يۈرۈڭ ! سىزنى سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا ئاپىرىپ قوياي" دېدىم . ئانارگۈلمۇ بېشىنى لىڭشىتتى . شۇنداق قىلىپ ئەسلىدىكى سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا قارشى ماڭغان يولىمىز بىلەن ئانارگۈلنى باشلاپ ماڭدىم . يولدا يەنىلا بۇرۇنقىدەك ھەر بىر يەرنى كۆرسىتىپ چۈشەندۈرۈپ ماڭدىم ، پەقەت بۇ قېتىمقى چۈشەندۈرۈشۈم بىزنىڭ بۇ يېرىم يىلدىن بۇيانقى شۇ يەرلەردە قىلغان ئىشلېرىمىز ، شۇ يەرلەردە قالغان خاتىرىلەر بولدى .
بىز شۇنچە ئاستا ماڭغان بولساقمۇ يەنىلا سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدۇق .
-بۈگۈن مەن پۈتتۈرىمەن .
-ھەئە . بۈگۈن بىز ئايرىلىپ كېتىمىز .
-ئەمىسە كېيىنچۇ؟
-مەنمۇ بىلمەيمەن.
-دوست بولۇپ ئۆتەمدۇق؟
-بەلكىم شۇنداق بولار.
-ئادەتتىكى دوستقا قارىغاندىچۇ؟
-ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ يېقىن بولار.
-دوستقا قارىغاندا تېخىمۇ يېقىن بولسا ، ئۇ مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار بولۇپ قالمامدۇ؟
-..................................
خېلى ئۇزۇنغىچە ھېچكىم بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدۇق.
-بولدى سىز قايتىڭ ، ئەمدى كەتمىسىڭىز مەكتەپ سىزنى قوغلايدۇ.
ئەمىسە مەن كەتتىم.
-خەيىر خوش!
-ۋاقتىم چىقسا مەكتەپكە كېلىپ سىزنى كۆرۈپ تۇرىمەن.
-ھە.
بەدىنىمنى شۇنچە تەستە كەينىمگە بۇرىدىم ، پۇتۇمنى شۇنچە تەسلىكتە يۆتكەپ قايتىپ كەتتىم.
ياتاققا كېلىپ بىر ھازاغىچە كارىۋاتتا ياتتىم ، كەينىدىن نەرسە كېرەكلېرىمنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدىم . كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئالدىم ، كېرەكسىزلېرىنى تاشلاشقا باشلىدىم . كومپىيۇتېرىمنىمۇ كىلولاپ 400 يۈەنگە تۆۋەن يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا سېتىۋەتتىم . تاكى كەچ بولغىچە ئاران ھەممىنى يىغىشتۇرۇپ بولدۇم . مەخمۇت ئىككىمىز قارىساق يولۋاس تېخىچە ياتاققا كىرمىدى . ئەسلىدە بۈگۈن كەچتە ھەممىمىز ئايرىلىش تامىقى يېمەكچى ئىدۇق . تېلىفونىغا ئۇرساق تېلىفونى تاقاق . بىر ھازادىن كېيىن يولۋاس ئۈستىبېشى سۇ ھالدا قايتىپ كىردى . مەن بىر لۆڭگىنى بېرىپ :"نېمانچە يىغلاپ كەتتىڭ ؟ ئۈستىبېشىڭ پۈتۈنلەي سۇ بولۇپ كېتىپتۇ" دېۋىدىم ، ئۇ لۆڭگە بىلەن يۈزىنى سۈرتكەچ :"سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتسا" دېدى ، ۋە لۆڭگىنى پۇراپ بېقىپ :"بۇ لۆڭگە نېمە لۆڭگە ئىدى؟" دەپ سورىۋېدى ، مەخمۇت :"بۇ مېنىڭ پۇت لۆڭگەم ئىدۇغۇ" دەپ سالدى . شۇنداق قىلىپ يولۋاس سۇخانىدا بىر ھازاغىچە يۈزىنى يۇدى .
ئاشخانىغا ماڭغاچ يولۋاس بىزگە ئۆزىنىڭ چىشى يولۋاس بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى ، ئايرىلىدىغان ۋاقتىدا چىشى يولۋاسنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن باشقا ئوغۇللارغا ھەرگىز بۇنداق ياۋۇزلۇق قىلماسلىقىنى ، ھەممە ئوغۇللارنىڭ ئۇنىڭ قىلغىنىنى كۆتۈرمەيدىغانلىقىنى دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى . ئۇلار ئايرىلغاندىن كېيىن يولۋاسمۇ مەكتەپ ئىچىدە يالغۇز ئايلىنىپ يۈرگەن ئىكەن ، تا كەچتە بىزنىڭ بىللە تاماق يېمەكچى بولغانلىقىمىزنى ئېسىگە ئالغان ۋاقىتتا ئاندىن ياتاققا قايتىپ كىرىپتىكەن .
ئادەتتە بىللە تاماق يېسەك نېمە يېيىش توغرىسىدا قاتتىق مۇزاكىرە قىلىشاتتۇق ، ئەمما بۈگۈن ئۇنى مۇزاكىرىلىشىدىغانغا كەيپىياتىمىزمۇ يوق . مەخمۇت ئۆتەلمىگەن ئىمتىھانلېرى بەك كۆپ بولغاچقا دېپلوم ئالالمىغان ئىدى . ھەممىمىزنىڭ كۆڭلى شۇنچە يېرىم ، شۇڭا بۇرۇنقىدەك چاقچاق قىلىشماي بىر رومكا-بىر رومكىدىن ھاراق كۆتۈرۈشكە باشلىدۇق . 
تاماق يەپ بولۇپ سىرتقا چىققان ۋاقتىمىزدا ئۈچىلىمىز ئېغىر مەست بولۇپ كەتكەن ئىدۇق . بەك كەچ بولۇپ كەتكەچ مەكتەپ دەرۋازىسىنى تاقاپ بولۇپتىكەن ، دەرۋازا ئالدىدا دەرۋازىۋەن بىزنى توسۇۋالدى . ئەمدى بىزنىڭ ئىسمىمىزنى قوندۇرماقچى بولۇۋېدى ، ئۆزىمىزنىڭ بۈگۈن مەكتەپ پۈتتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ يازساڭ يېزىۋەر دېدۇق . دەرۋازىۋەن ئاچچىقلاپ يەنە سۆزلىمەكچى بولغاندا مەخمۇت شالاققىدە قىلىپ دەرۋازىۋەننىڭ ئۈستىبېشىغا شالاقشىتىپ قۇسۇۋەتتى . بىچارە دەرۋازىۋەن يىغلىغۇدەك بولۇپ ئاخىرى بىزنى ئۆتكۈزىۋەتتى . مەخمۇت بىزنىڭ شۇنچە   قىلماقچى بولغان ئىشىمىزدىن بىرنى قىلدى .قايتىپ كېلىپ ئۇنى بۇنى پاراڭلىشىپ ئۇخلاپ كەتتۇق .
ئەتىسى ئەتىگەن بالدۇرلا تۇرۇپ كەتتۇق ، ئاخشام بەك كۆپ ئىچىۋالغاننىڭ سەۋەبىمىكىن ، ھەممىمىز بېشىمىز شۇنداق ئېغىر قوپۇپتۇق . 
مەخمۇت بىلەن يولۋاس ئىككىسى شۇ كۈنىلا يۇرتىغا قايتاتتى . شۇڭا ئۇلارنى پويىز ئىستانسىسىغا ئۇزىتىپ چىقتىم . ئۈچىمىز قۇچاغلىشىپ خوشلاشتۇق . مۇشۇ بىر ئايرىلغانچە قاچان كۆرىشىشىمىزنى ھېچكىم بىلمەيتى . خوشلىشىپ بولغاندىن كېيىن مەنمۇ ياتاققا قايتتىم . خىزمەت ئورنۇم ئۈرۈمچىدە بولغاچقا نەرسە كېرەكلېرىمنى يېڭى ياتىقىمغا يۆتكىشىم كېرەك ئىدى . 
ياتاققا قايتىش يولىدا ، پۈتۈن شەھەردە ئۆزۈم يالغۇز قالغاندەكلا ھېسىياتقا كېلىپ قالغان ئىدىم ، مەن ئەزەلدىن بۇ دۇنيانى بۇنچە ناتونۇش ھېس قىلىپ باقمىغان ئىدىم . نېمە قىلىشىمنىمۇ بىلمەيتىم . ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم ، دوستلېرىم بىر بىرلەپ مېنى تاشلاپ كېتىپ قالدى ، بىر خىل يېتىمسىراپ قالغاندەكلا بولۇپ قالغان ئىدىم . شۇلارنى ئويلاپ شۇنداق يىغلىغۇم كەلدى ، بىراق يىغامنى سىرتقا چىقىرالمىدىم ،بۇ يىغامنى بۇ ناتونۇش شەھەر سىغدۇرالمايدىغاندەكلا ھېس قىلاتتىم . 
ياق ، گەرچە مەن ھازىر يالغۇز قالغان بولساممۇ ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويماسلىقىم كېرەك ! ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلايمەن، خۇددى ئەينى چاغدا مەن يېڭى مەكتەپكە كەلگەن ۋاقتىمغا ئوخشاش . شۇ ۋاقىتتىمۇ مەنمۇ ئۆيدىن يالغۇز چىقىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەن ، شۇ ۋاقىتتىمۇ ئەتراپىمدا ھېچكىم يوق . مەن بىر ئوغۇل بالا ، ئۈرۈمچىدەك رىقابەتكە تولغان بۇ چوڭ شەھەردە ھازىر ھېچكىم بولمىسىمۇ ئەمما ئالىي مەكتەپتە ئۆگىنىپ چىققان بىلىمىم ماڭا ھەمراھ . ئۆيۈمدىكى ئاتا ئانام ماڭا ئارقا تېرەك .
ئاخىرى ياتاققا قايتىپ كەلدىم . تۇيۇقسىز ياتاق بىناسى ئالدىدا بىر ئىنتايىن تونۇش ئادەمنىڭ سايىسىنى كۆردۈم . بۇ تونۇش سايە تونۇش بىر قولنى ماڭا ئۇزىتىپ ، تونۇش ئاۋازى بىلەن :"بىز يەنە مۇشۇ ۋەدىمىزگە ئەمەل قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟" دەپ سورىدى .
-ۋەدە قىلغان ئىشنى ئەمەلدىن قالدۇرماسلىق كېرەك .
بۇ قول سەل تىتىرىگەندەك قىلدى ، ئەمما داۋاملىق ماڭا سوزۇلۇپ تۇراتتى .
-ئەمما بىز يېڭىدىن بىر مۇھەببەت باشلىساق بولىدۇ. ماڭا قايتىدىن قىز دوست بولۇشنى خالامسىز ؟ دەپ
كۈلۈمسىرىگەن ھالدا قولۇمنى چىقاردىم . ئىككى قول چىڭ سىقىلدى .

تۈگىدى . 

خاتىمە
بۇ ھېكايىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا بېغىشلايمەن . 
ھازىر بىزدىكى بىرقىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلېرىمىزدە چۈشكۈنلۈك بەك ئېغىر .بىزدە ئائىلىمىزگە ،
 جەمىيەتكە ،ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىزگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى يوق . شۇڭا بىزدە ئېنىق نىشان يوق .بىزدىكى تەييارتاپلىق ،ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ تېگىدە مانتا يەپ ياتىدىغان بىغەملىككە كۆندۈرۈۋەتكەن.بىز بەدەل بېرىشتىن كۆپرەك بەھىرلىنىشكە ئىنتىلىمىز . تورخانا ، دېسكوخانا ۋە باشقا ئەيشى ئىشرەتكە بېرىلىمىز . ئوغۇللار قانداق قىلىپ چىرايلىق قىزلارنى كەلتۈرۈۋېلىشنى ، قانداق قىلىپ چېكىملىكلەرنى چېكىپ ھەرخىل ئەيشى ئىشرەتلەر بىلەن ئويناشنى ، قىزلار قانچە قىممەت باھالىق ئوچۇق بولسىمۇ كىيىملەرنى
 كىيىپ ياسىنىشنى ئويلايمىز . ئەمما ئىمتىھانلاردىن ئۆتەلمىسەك خىجىل بولماي مۇئەللىملەرگە قانداق قىلىپ يول مېڭىپ ئۆتكۈزۈۋېتىشىنى ئويلايمىز . ئىمتىھانلاردا كۆچۈرۈپ تۇتۇلۇپ قالساق ئۆزىمىزنىڭ ئۆگەنمىگەنلىكىمىزدىن كۆرمەي تۇتۇۋالغان مۇئەللىملەردىن كۆرىمىز .نەچچە ئاي بۇرۇن مەكتەپلەر ئوقۇش باشلىغان ۋاقىتتا مەنمۇ بىر ئىش بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتتىم . پويىزدا ئاساسەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلېرى بولۇپ ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن ئورۇن قالماي تۇرىدىغان بېلەت ئېلىپتۇ . مەنمۇ ئورۇن يوق شۇلار بىلەن بىر قاتاردا تۇرۇپ ماڭدىم . نەچچە ئوقۇچى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم . پاراڭلىشىش نەتىجىسى مېنى شۇنچە ئويلاندۇردى . نەچچە ئوغۇل قىز تۇرىدىغان يەر يوق ، قىستىلىشىپ ئىشىك ئالدىدىكى تارچۇقتا تۇرغان بولۇپ ، پويىز ئىچىدە ھەر خىل قىلىقسىز چاقچاقلارنى قىلاتتى . ئۆتكەن كەچكەن يولوچىلار ئۇلارغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ كېتىپ قالاتتى .  گەپلېرى ئاساسەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ قانداق ئويناش ، قايسى دېسكوخانىغا بېرىش ، ئاتا ئانىسى بەرگەن ئوقۇش پۇلىنى قانداق يالغان باھانە توقۇپ قەيەرلەرگە بېرىپ خەجلەش ... دېسەم گەپ تۈگىمەيدۇ .  ئەدەپ ئەخلاق قەيەردە ؟؟؟ پويىز ئىچىدە شۇنچە كۆپ ئادەم ئىچىدە سۆيۈشۈش ... باشقىلارغا ھەقسىز كىنو قويۇپ بېرىۋاتامسىلەر دېيىشكە ئاز قالدىم .يېنىمدىكى سەبدىشىم ماڭا «سىلەر ئۇيغۇرلارنى خېلى يۈزى تۆۋەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن ، ئۇنداقمۇ ئەمەسكەنغۇ» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ ئىچىم ئاچىق بولۇپ قالدى . بوپتۇ ، مۇھەببەتلىشىڭ ، ئەمما بىزدىكى نومۇس ، ھايا دگەنلەر قەيەرگە كەتتى ؟ مانا بۇ بىزنىڭ ھازىرقى ئالىي بىلىم يۇرتلېرىدا ئوقۇۋاتقان ساپالىق ئوقۇغۇچىلېرىمىز . 
بېشىمىزنى سىلكىۋېتەيلى ئوقۇغۇچىلار . بىزنىڭ شۇ ئاتا ئانىلېرىمىز 17يىل جاپا چېكىپ بىزنى بېقىپ ئاخىرىدا بىزدىن نېمىنى تەلەپ قىلىپ باقتى ؟ شۇلارغا يۈز كېلەلەيمىزمۇ ?  ئەمەلىيەتتە بىزدەك ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ياشلار قانچىلىك ؟ بەش يىل ، پۇرسەتكە تولغان بەش يىل ، سىزنىڭ ئامەت ، كەلگۈسىڭىز يارىلىدىغان بەش يىل . مەيلى قانداق مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولسىڭىمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بىلىم ئېلىڭ .   شۇ مەكتىپىڭىز سىز باشقىلارغا تىللاپ بېرىدىغان ،ئەمما كېيىن باشقىلار تىللىسا كۆڭلىڭىز ئۇنىمايدىغان يەر .ئالىي مەكتەپ ھاياتى بىزگە بىرلا قېتىم كېلىدۇ . قەدىرلەڭ .
ئاخىرىدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشىر قىلغان ، پولات ھېۋىزۇللا ، ئىمىرھەسەن مەخمۇت ، روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ يازغان ''ياشلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر'' ناملىق كىتابنى تەۋسىيە قىلىمەن . ئوقۇپ بېقىڭ ، 21يۈەنلىك بۇ كىتاب سىزنىڭ كاللىڭىزنى ئويغۇتالىسا ئەجەب ئەمەس .
ئاخىرىدا ھەممىڭلارغا ئايەم سالىمى يوللايمەن !!!

كۈلۈپ ياشاش كېرە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49711
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 848
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4002 سائەت
تىزىم: 2011-7-30
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 12:01:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېـتىدۇ.过一天算一天

كۇلۇپ ياشايمەن!!!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39153
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 719
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 594 سائەت
تىزىم: 2011-4-29
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 03:30:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6430
تۆھپە نۇمۇرى: 1058
توردا: 439 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 06:37:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالى مەكتەپ ھاياتىدىكى، بەزى ئوقۇچىلارنىڭ مەكتەپ تۇرمۇشى يۇمۇرىستىك تىللار بىلەن بەك يارقىن ئىپادىلىنىپتۇ، ئەسەردە يېزىلغان كۆپ ئەھۋاللار يەنى: ئويۇنغا بېرىلىش، دەرس ۋاختىدا ئۇخلاش، دەرىستىن قېچىش، تولۇقلىما ئىمتىھاننى بولۇشىغا بېرىش،  مەكتەپ پۇتتۇرگەن كۈنگە قەدەرلا مۇھەببەت بولۇشۇپ ئۆتۈش، دېپلوم ئالالماسلىقتەك بۇ بىر قاتار ئەھۋاللار، ھەقىقەتەن ھازىرقى بەزى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا بار ئەھۋاللار، بۇ ئەھۋاللا گەرچە كۈلكە ئىچىگە يۇغۇرۇلۇپ، يۇمۇرىستىك تىللار بىلەن ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئادەمنى ئويغا سالماي قويمايدۇ. چۈنكى ئەسەر ئاخىرىدا ھەقىقى بىلىملىكلەر خىزمەت تېپىپ، ئۈگەنمەي ئويناپ يۈرگەنلەر خىزمەت تاپالماي قالغان ئەھۋاللارنىمۇ، تىلغا ئېلىپ ، يەنىلا ھەقىقى بىلىم ئېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ياخشى ئىپادىلەپسىز.
ئاخىرىدا يۇمۇرىستىك قەلەم كۈچىڭىزنىڭ داۋاملىق ئۇرغۇپ تۇرۇشىغا تىلەكداشمەن.

قەلبنىڭ پاكلىقى_كۆڭۈل ئاقلىقى،
ئۇنىڭدىن ھاسىلدۇر تەننىڭ ساقلىقى.
تىلىڭنى قەدىرلە ھەربىر سورۇندا،
بولمايدۇ ئۇنىڭسىز ھايات شادلىقى.

يولۇمنى تاپتىم!!!

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63680
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2011-11-5
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 07:16:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاھاھاھاھا.............تولا ھىجاراپ ماۋۇ يېنىمدىكى يولداشلارنىڭ  تىنىچلىقىنىمۇ بۇزدۇم.....\"\"\"\"......

مەنمۇ مۇشۇنداق كۈلكىلىك ئىشلانى باشتىن كەچۈرمەكتىمەن ھازىر.........

دوستىدىن يامانلىماس ئەقلى بار كىشى، دوستىدىن يامانلىغان ئەخمەقنىڭ ئىشى.

بۇ  كۇن

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60434
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 140
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2011-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 08:02:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى چۇ؟؟؟؟؟    [s:310] [s:310] [s:310] [s:310] [s:310]

ئەگەر ھايات ئالدىسا سىنى،         زەخمە چەكمە بولما بىئارام، تىنىچلانماق لازىم ئۇيقىدا، خۇشال كۇنلەر كىلدۇ ھامان!

كۇلۇپ تۇرۇپ يىغل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56641
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 479
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2011-9-15
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-7 06:11:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋوي  ئككىمىز مەكتەپداشكەنمىز......لېكىن مەن ھازىرئوقۇۋاتىمەن.....مەكتەپتىكى تۇرمۇشنى بەك ياخشى ئپادىلەپسىز.....ھازىرقى داشۆ باللىرىنى ھەقىقى ئەكىس ئەتتۇرۇپسىز..........رەخمەت سىزگە....بۇ ئەسىرىڭىز مېنى تېخىمۇ ياخشى ئوقۇشقا ئلھاملاندۇردى....مېھرىبان اللاھ ئشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن...نادىر ئەسەرلىرىڭىزنى بىزدىن ئايىمىغايسىز

دەرت قالاركەن كۇي بولۇپ، دەرتمەن كىتەركەن ئاھ ۇرۇپ. دەرتمەن ئەرزىنى  ئىلىپ ،، قادىر خۇداغا مەن باراي...

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24018
تۆھپە نۇمۇرى: 322
توردا: 5166 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-7 10:18:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇقۇپ بولغىچە كۈلۈپ ئۈچەيلىرىم ئۈزۈلۈپ كىتەيلا دەپ قالدى ... بەك قىزىقارلىق يېزىپسىز ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58979
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2011-10-4
ئاخىرقى: 2011-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-8 04:51:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6430
تۆھپە نۇمۇرى: 1058
توردا: 439 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-8 05:16:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

33قەۋەتتىكى(hmzdj) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، سىزنىڭ قىزىقارلىق بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ،  بۇ خىل يۇمۇرلۇق ئۇسلۇپتا ئەسەر يېزىشتىكى قەلەم كۈچىزگە، خېلىلا قايىل بولغانتىم.
بۇ ئەسىرىڭىز ئاخىرلىشىپ بولسىمۇ، يەنە كىرىپ قويىۋاتىمەن، مەقسەت يېڭى ئەسەرلىرىڭىزنى يەنە قاچان كۆرىمىزكىنتاڭ. ئەگەر يەنە ئەسەر يوللاپ قالسىڭىز ماڭا ھايت دەۋېتەسىز -ھە.

قەلبنىڭ پاكلىقى_كۆڭۈل ئاقلىقى،
ئۇنىڭدىن ھاسىلدۇر تەننىڭ ساقلىقى.
تىلىڭنى قەدىرلە ھەربىر سورۇندا،
بولمايدۇ ئۇنىڭسىز ھايات شادلىقى.

كىملەرنىڭ ئەزىز

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11997
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8171
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 4096 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-8 06:14:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلغا خېلى بايكەنسىز، تىلى بەك يۇمۇرىستىك چىقىپتۇ. ئەگەر يېزىقچىلىققا قىزىقسىڭىز چوقۇم ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقالىغۇدەكسىز.
يەنە بىر ئەسىرىڭىزدە كۆرۈشەيلى، ئامان بولۇڭ!

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4807
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 50999
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 1998 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-8 11:48:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇمۇرىستىك تىللار ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھاياتىنى ناھايىتى ياخشىى ئىپادىلەپ بېرىپسىز،ئوقۇپ بولغۇچە كۈلۈپ كۆزلىرىمدى ياش چىقىپ كەتتى.....
ئاخىرقى خاتىمە قىسمىدىكى ئالىي مەكتەپ ياشلىرىغا قىلىنغان خىتابنى ئوقۇپ ،ئىنتايىن سۆيۈندۈم...
بۇ ئەسىرىڭزگە نادىر ئەسەر دەپ باھا بەردىم....

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش