ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 11قەۋەت barimtay كە 2011-11-03 11:48 AMئەۋەتىلدى :
مەن بۇ ئىنكاسلىغا قارشى بىر ئىنكاس يىزىپ باقاي ، نامراتلىق، قاقشاقلىق، ۋەيرانىچىلىق، مەينەتچىلىك پەخەرلىنىدىغان ئىپتىخارلىنىدىغان كۆزگە سۈرتىدىغان نەرسە نەرسە ئەمەس، بۇندا خارابى ئەسكىلىكلىنى تۈزلەپ سۈپۈرىۋەتكىنىمۇ بىر ھىساپتا ياخشى بولدى،
ئەجىبا،نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان خارەبىلىككە ئايلانغان كېسەك تاملار،كونا كوچىدىكى جەلپكارلىق،دۇنيا بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئەڭ بۇرۇن مۇشۇ يەردە كۆرۈلگەنلىكى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئايان ئىدى،جوڭگۇ ۋە چەتئەل ساياھەتچىلىرىنىڭ يوغان فوتۇ ئاپراتلىرىنى كۆتۈرۋىلىشى،ئېرىنمەي سۈرەتكە تارتىشى،شۇ تار كوچىدا ئويناۋاتقان سەبىي بالىلارنى سۈرەتكە تارتىش،دۇنيادا بىردىن-بىر نامى قالغان بۇ تەۋەرۈك شەھەر 21-ئەسىردە سەرەنگە بىنالار كۆپىيىشگە باشلىدى،ئەسلى،قەشقەر كونا شەھەر رايۇننى چاقمىسىمۇ،قوغدىغان بولسا،قەشقەر ھېيتگاھ ئەتراپىنى بويلاپ قىلغان،يۇمۇلاق شەھەرنى قوغدىغان بولسا،ئۇ ھېچقانداق ئىشقا تاقاشمايتى،پۇتلىكاشاڭ بولمايتى،ئەجىبا،جوڭگۇ ئىچىدە 4بىۋاستە قاراشلىق شەھەر بولغان بېيجىڭ،شاڭخەيلەردىكى ئېگىز بىنالار ئۇلارنى ھەرگىزمۇ بېيجىڭ،شاڭخەي قىلغان ئەمەس،گۇگۇڭ خان سارىيى،شاڭخەيدىكى كونا شاڭخەي شۇ شەھەرنىڭ شەھەرلىك ئالاھىلىدىكىنى ساقلاپ كەلگەن،شۇ شەھەردىمۇ نۇپۇس كۆپ،ئادەم سىغدۇرۇش رەھبەرلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرغان مەسىللەرنىڭ بىرى ئىدى.بەلكىم،شۇ شاڭخەي،بېيجىڭلاردىكى كونا شەھەرلەرنى قەشقەرگە ئوخشاش ئۆزگەرتكەن بولسا،كۆپ ئادەمنىڭ تۇرالغۇ،ئولتۇراق ئۆي مەسىلسىنى تامامەن ھەل قىپ كەتكىلى بولاتتى.
قەشقەردە مەن ئالدىنقى يىلى ئۇزاق تۇردۇم،بۇيىل ئاللاھ خالىسا،نېسىپ قىلسا،مەن يەنە بارىمەن،بۇ شەھەرگە ئادەم قانمايدۇ،سىز دېگەندەك،پىكرىڭىزدىن بىر چوڭقۇر مەنا چىقىپ تۇرۇۋاتىدۇ،يېڭى بىنالاردا ئولتۇرۋاتقان ئاھالىلەر بىلەنمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ باقتىم،كۆپ مۇڭداشتىم،لېكىن،قەشقەرنىڭ تار كوچىنىڭ مەرى،مېھرى نەقەدەر ئىللىق،ئىسسىق بولدىغانلىقى،ساياھەتچىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇردىغىنى ئېنىق.
دەرۋەقە،قەشقەردە،يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى كۆپلەپ يۈز بەردى،ھۆكۈمەتنىڭ غەمخۇرلۇق قىلىپ،يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيگە كۆچۈرۈش پىلانى،تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالدىغان ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش پىلانى خەلقنىڭ جان-دىل مەنپەتىگە پايدىلىق بولغان كۆيۈنۈشلەرنىڭ بىرى دەپ چۈشىنىش كېرەك،ھۆكۈمەتكە بۇ جەھەتتە كۆپ مىننەتتارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.
ئەمما،5قەۋەتلىك بىنالارنى7-8قەۋەت،10نەچچە قەۋەتلىك بىنانى 20نەچچە قەۋەت سالسىمۇ،لېكىن،تار كوچىلارنى چاقمىسا،قەشقەرنىڭ كۆزنى قاماشتۇردىغان بۇ قەدىمىي بىنالىرى يوقاپ كەتمىسە،بۇ تار كوچىلاردا ئادەم ئولتۇرمىسىمۇ،تار كوچا پېتى تۇرۇپ،ئەۋلادلىرىمىزنى تارىخ،مەدەنىيەت تەربىيلەش ئورنى قىلساقمۇ بۇ بىزگە پايدىلىق،تار كوچىلار دۇنيا بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئەڭ كۆركەم نامايەندىسى،ئۇ يالغۇز قەدىمىيلىكى بىلەنلا ئەمەس،قەشقەرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيىتىنى،ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت،دىننىي-ئېتىقاد،بىناكارلىق،ئەلمىساقتىن داۋام قىپ كېلىۋاتقان قول ھۈنەر-سەنئەت،دۇنيا قاراش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە تۇتاشقان،تەتقىق قىلىش قىممىتى بىر قەدەر يوقىرى بولغان تىرىك مەدەنىيەتنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە ئۆز ئوبرازىنى دۇنياغا نامايەن قىلدۇ،شۇڭا،تار كوچىلار بولسۇن،شۇ كوچىدا ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئەتلىرىنىڭ قايسى كەسىپىنى قىلغان ئادەملەر بولسۇن،تار كوچىنىڭ بەدىي قىممىتى،تارىخىتىكى تۇتقان ئورنىنى بايقاش تەس ئەمەس.
سىز دېگەندەك بەزى تار كوچىلار بەك مەينەت،يوللاردا ئەخلەتلەر تاشلاقلىق،يۇندىلارنى خالىغانچە چېچىپ تۇرغان،بەزى يەرلەر سېسىق پۇراپ تۇرغان،بۇ يەرلەرگە قارىسا،ئۇيغۇر ئىسلام ئېتىقاد سېستىمىسى بىلەن ياشاش ئۇسۇلىدا باشقىلارغا ئەكس تەسىر بەرگەن ئىشلارمۇ بەك كۆپ،كۆپ ئادەملەردىن سوراپ كەتتىم،بىرەرسىمۇ ماڭا قايىل قىلغۇدەك جاۋاب بېرەلمىدى،‹‹تار كوچىنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ بېرىڭە؟قانداق مەيدانغا كەلگەن؟››
،مەن ئىزا تارتىشنى بىلمىدىم،ھەممىلا ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىرىلا بەردىم،بوۋاي-مومايلار،ھەر قانداق كىشىلەرنىڭ بېردىغان جاۋابى بىر بولدى:‹‹بوۋىمىزنىڭ بوۋىسى بىلمىسە،بىز بىلمەيمىز جۇمۇ ئۇكام.....››،ھەي،بۇ گەپلەرنى 30دەك ئۆيگە كىرىپ ئاڭلىدىم،مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ‹‹قۇم باسقان شەھەر››دىكى ماۋۇ ئابزاس كۆز ئالدىمغا كەلدى:
بۇ ھېكايلەرنى بوۋام سۆزلەپ بەرگەن،بوۋامغىمۇ بوۋىسى سۆزلەپ بېرىپتىكەن،بوۋامنىڭ بوۋىسىغىمۇ بوۋىسى سۆزلەپ بەرگەنمىكىن دەيمەن.
ئامىركىنىڭ ئىشلىگەن ‹‹يىلتىز››ناملىق كىنۇسى ئىسىمگە كەچتى،ئۇلار ئۆز تارىخىدىن خەۋەردار،لېكىن،بۇ تار كوچىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيەت يۇلتۇزى چاقنىغان بۇ مېھرى ئىسسق كوچىدا ئۆز مەدەنىيەت تارىخىنى سۆزلەپ بېرەلمىگىنى مېنى بەك ئۈمىدسىزلەندۈردى،ئاخىرى كوچىنى ئايلىنىپ تۈرۈپ،پۇل تۆلەپ كىردىغان يەرنىڭ تېمىغا ئېسىقلىق بىر ئابىدىنى كۆرۈپ،ئازراق بولسىمۇ،تارىخىنى تۇنۇش ئويىغا كەلدىم.
نەق گەپنى دېسەم، barimtayئەپەندى،دېگىنىڭىزنىڭمۇ ئاساسى بار،مەدەنىيەتنى بەك چۈشەنمىگەنكىن،چېقىپمۇ بىر ھېسابتا ياخشى بولدى دەپ......