ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 17قەۋەت 9-bulak كە 2011-11-03 12:20 PMئەۋەتىلدى :
ئىسمىڭىزدىن قارىغاندا قازاق ئوخشىمامسىز؟؟
مەن ئۇيغۇر بىقىپ چوڭ قىلغان، ئۇيغۇرچە ئوقۇغان مۇڭغۇل، لىكىن مۇڭغۇل تىلىنى بىلمەيمەن، ئايالىم تىخى تارانچى ئۇيغۇرلىرىدىن، بارىمتاي دىگەن ئىسمىم مۇڭغۇلچە قۇللۇققا تۇتۇلغان ئوغۇل دىگەن مەنىدە،
نىمە ئۈچۈن قەشقەرنىڭ كونا كوچىلىرى بۈگۈنكى كۈندە تۇيۇقسىز كۆزنى قاماشتۇرۇپ دىققەتنى جەلىپ قىلىدۇ، چۇنكى ئۇ يەرلىدە ئۇغۇر خاسلىغى ساقلانغان، لىكىن خاسلىق دەۋىر بىلەن تەڭ تەرەققى قىلىشى كىرەك. مىللى خاسلىقنىڭ ۋەكىللىك قىلىپ ئەكىس ئەتتۈرىنى قالاقلىق نامراتلىق مەينەتچىلىك قاقشاقلىق بولۇپ قالماسلىغى كىرەك . بۇنداق بولغاندا ئىسلاى قىلىنىشى كىرەك، قازاقىستان ئاستانە يىڭى سىلىندى، لىكىن ھەققىقى مىللى پۇراق ئارلاشتۇرۇلۇپ باشقا رايونلىنىڭ مىللى ئۇسلۇبىدىن ئۆرنەك ئىلىنىپ تۇرۇپ سىلىندى، قەشقەرمۇ شۇنداق بولىشى كىرەكتى، لىكىن بۇ ئەسكىلىك خارابىلىقلىنى جۇلىغى چىقىپ كەتكەن مازارنى ساقلاپ قالغاندەك ساقلاپ قىلىش دىگەنلىك ئەمەس، ئۇ خارابىلىقلاردىكى تۇرمۇش سۈپىتىنى دىمەيلا قويايلى ھەممىسى شۇ يەرگە سولىنىۋالسا بىرلا يەر تەۋرىسە قاندا بولىدۇ؟ دوست ئاغرىتىپ ئىيتار دەيدۇ، بىز تەرەپتە دىۋانىنى كۆرسىلا قەشقەرلىق دەيدۇ.
مەن ئارتۇق سۆزلەپ قويغاندىمەن ، مەن شۇ يەردىكى توپا تومان مۇھىتلىدىكى قېرىنداشلارنىڭ تىخىمۇ بىخەتەر پاكىزا ئازادە مۇھىتتا ياشىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن، غۇلجىدا چوكانلار ھەر قانچە نامرات بولسىمۇ بىر كويچەنگە ئىككى كىلو ھاك ئىلىپ ئۆي دىگەننى ئاقارتىپ سەت چىرايلىق نۇرلۇق قىلىۋىتىدۇ، ھەتتا ھويلىنىمۇ كۈندە ئۆمىلەپ تۇرۇپ نەچچە يۇيۇپ چىقىدۇ، توپا پۇقىراپ تۇرىدىغان ئىش يوق ، بىر خىل پاكىزە ئازادە. لىكىن بۇ رەسىملىدىكى توپا شۇقىراپ تۇرغان ئۆلىچۇ؟ گىپىم تىمىدىن چەتنەپ كەتتى. مىنىڭ ياخشى كۆڭلۈمنى چۈشەنگەيسىلە