خىزمىتىنى تاشلاپ قاچقان مۇئةللىم
(ھېكاية)
1
_ ئةخمةت مۇئةللىم،سىز تۆتىنچى سائةت دةرس ۋاقتىنىڭ يېرىمى قالغاندا نةگة باردىڭىز؟
_ ياتىقىمغا كىرىپ تاماق ئىتىپ يىگةن ئىدىم.
_ تاماقنى چۈشلۈك ئارامدا ئىتىپ يىسىڭىز بولمامدۇ؟
_ قىرىق مىنۇتلۇق چۈشلۈك ئارامدا تاماق پىشۈرۈپ يةپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايدىكةنمةن،شۇڭا تۆتىنچى سائةتتة دةرسىم بولمىغاندىن كېيىن بالدۇرراق تاماق ئىتىپ يىگىلى چىققان ئىدىم.
_ تۆتىنچى سائةتتة دةرسىڭىز بولمىغان بىلةن خىزمىتىڭىز بارنى بىلمةمتىڭىز!
_ بىلىتىم،بىلسةممۇ قانداق قىلىمةن! ئاچ قورساق خىزمةت قىلغىلى بولمايدىكةن بۇ سةھرادا.
_ كىم سىزنى ئاچ قورساق خىزمةت قىلسۇن دةپتۇ،تاماق ئىتىپ بېرىدىغان خوتۇن ئالسىڭىز بولمامدۇ!؟
_ ئةمدى شۇ شۇجاڭ،قىز بالا بىكارغا تةگمةيدىكةن،بۇ ئاتمىش يۈةن ئىش ھةققىم بىلةن يا ئۆيلةنگۈدةك پۇل يىغالمىدىم.
_ پۇل يىغالمىغان بولسىڭىز،مةن خوتۇن ئالىتىم،ياردةم قىلىڭلار دةپ،خورجۇن كۆتۈرۈپ تىلةڭ!
_ ئۇنداقمۇ دةپ كةتمىسىلة شۇجاڭ،مةنمۇ رةسمىيلىشىپ قالامةن بىر كۈنى.
_ نېمىشقا دېمةيمةن! بىر كۈنى بولسا كېچىكىڭ،بىر كۈنى بولسا بالدۇر ئارام ئېلىۋېلىڭ!‹‹ھېجىقىز تۆۋة قىلماپتۇ،تۆۋة قىلسا كۆڭلى قويماپتۇ››دةپ شۇنچة قېتىم نةسىھةت قىلسام تۈزةلمىگةن...
_ ھةي ئوغىرى كىم ھېجىقىزىكةن!ئاغزىڭنى چاغلاپ گةپ قىل جۇمۇ!كىچىكةن،بالدۇر ئارام ئالغان بولسام،ھةر ئايدا كاڭگۇڭ قىلىۋاتىسةنغۇ!
_ سةن ھېجىقىز! سةن بولماي كىم ھېجىقىز بولۇتتى!
_ مېنىڭ قېيىرىم ھېجىقىزكةن،ھېجىقىزلىقىمنى كۆرسىتة!
_ ھېجىقىزلىقىڭنى تېخىچة بىلمةيۋاتامسةن!ھېجىقىز بولمىساڭ يىگىرمة ئالتة يېشىڭغىچة خوتۇن ئالالماي يۈرةمتىڭ!
_ نېمة دةيدۇ ماۋۇ ماز ئوغىرى،چىشىڭنى بىردىن تۆكۈمةن ھازىرلا!
ئةخمةت مۇئةللىم چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ مةكتةپ مودېرى تۇرةك توختىنىڭ ئالدىغا ئېتىلدى.دةل شۇ چاغدا دةرستىن چۈشۈپ ئىشخانىغا كىرگةن ئوقۇتقۇچىلار قولىدىكى ماتېرياللىرىنى قۇيۇپ ئۇلارنى تۇتىۋېلىشتى.
_ ۋوي نېمة بولدى ئةخمةتجان،گةپ بولسا چىرايلىق دةڭ!
_ مېنى قويۇپ بېرىڭلار ئاداش،ماۋۇ ماز ئوغۇرى مېنى ھېجىقىز دةيدا ئةجةپ،بۈگۈن يا ئۇ مېنىڭ ھېجىقىزلىقىمنى چىقىرىدۇ، يا مةن ئۇنىڭ چىشلىرىنى بىردىن تۆكۈمةن.
_ ھېجىقىز بولماي نېمة سةن،يةنة دةيمةن،سةن ھېجىقىز!ھېجىقىز بولمىساڭ،خوتۇن ئالالايتىڭ!
_ شوجاڭ،سىلىمۇ چىرايلىق گةپ قىلسىلا بولمامدۇ! ماڭسىلا،بىردةم ئۆيلىرىگة كىرىپ تاماكا چىكىپ چىقسىلا!
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىككةيلةننى ئايرىۋېتىشى بىلةن بۇ جىدةل ئاران بېسىقتى.
2
_ مائارىپ ئىدارىسىغا قةدةملىرى يىتىپ قاپتىغۇ تۇرةك شۇجاڭ!ئۆزلىرى،بالا-ۋاقىلىرى،مةكتةپ ئىچى تىچلىقتۇ؟
_ تېچلىق...،جۇيجاڭ،سىلىگة مةلۇم قىلىدىغان جىددىي ئىش بار ئىدى، شۇڭا...
_ ھة،نېمة ئىشتى،يةنة ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشىلىتةلمىدىم،بوي سۇنمىدى،دةپ كةلمىگةنلا!
_ ياق... بۇ قېتىم،ئىقتىسادىي ئىش بىلةن كةلگةن.
_ ئىقتىسادىي ئىش؟ قانداق ئىقتىسادىي ئىش، تېز دېسىلة!
_ مةكتىۋمىزنىڭ بۇغالتىرى ئةخمةت مةمةت مةكتةپنىڭ ئالتة مىڭ ئۈچ يۈز ئةللىك نةچچة يۈةن نةق پۇلى بىلةن بۇيىل تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ئونبةش ياشلىق چىرايلىق قىزىم گۈلباھارنى ئېلىپ قېچىپتۇ!
_ ۋوي تۈز گةپ قىلسىلا،بىر ئوبدان خىزمىتنى تاشلاپ قاچىدىغان ئوقۇتقۇچىمۇ بولامدۇ؟
_ ئۇ ئاتمىش يۈةن ئىش ھةققى ئالدىغان دةيكۇ ئوقۇتقۇچى ئىدى،شۇڭا...
_ دةيكۇ ئوقۇتقۇچى؟!مةكتةپتة گۇڭبةن ئوقۇتقۇچى يوقمىتى! سىلة نېمىشقا دةيكۇ ئوقۇتقۇچىغا بۇغالتىرلىقنى تۇتقۇزغان؟ئۇنى نةدىن تاپسىلا –تاپسىلا، بولمىسا ئۇ ئېلىپ قاچقان پۇلنىڭ ھةممىسىنى ئۆزلىرى تۆلةيلا!
_ ھۈ..ھۈ.... مةن يا خةنزۇ تىلى بىلمىسةم،ئةمدى قانداق تاپامةن ئۇ ھېجىقىزنى كۇلىيدىن.....
_يىغلىماي سۆزلىسىلة!ئۇلارنىڭ كۇلىيگة كةتكىنىنى سىلة قانداق بىلدىلة؟
_ ئاخشام تېلېفۇن قىلىپتۇ بىز لةنجۇدا دةپ.
_ كىم تېلېفۇن قىلىپتۇ؟
_ ئةخمةت دېگةن ھېجىقىز تېلېفۇن قىلىپتۇ.
_ چىرايلىق گةپ قىلسىلا،قىزلىرىنى ئېلىپ قاچقان ئادةمى تولا ھېجىقىز دةۋةرمىسىلة.نېمة دةيدۇ ئۇ تېلېفۇندا؟
_ قىزلىرىدىن خاتىرجةم بولسىلا،كېلةر يىللىققا قىزلىرى يةڭگىگةندة ئاندىن ئۇنى ئېلىپ مةھةللىگة بارمةن دةيدۇ.ھۈ...ھۈ...قىزىم تېخى يةنة ئونبةش كۈندىن كېيىن تولۇقسىزنى پۈتتۈرةتتى.مةن ئۇنى ئالىي مةكتةپ پۈتتۈرگىچة ئوقۇتاي دةپ ئويلاپ كېلىۋاتاتتىم.ھۈ...ھۈ...
_ ئۇلار قاچقىلى قانچة كۈن بولدى؟
_ قىزىم بىلةن ئىككىسى يوقاپ كةتكىلى بىر ھةپتة بولدى،بىز ئۇلارنى ئىزدىمىگن جاي قالمىدى.
_ بىر ھةپتة بولغىچة نېمة ئىش قىلدىلا،ئىدارىگة مةلۇم قىلماي،ئۇلارنى ئۆزلىرى قاچۇرۋةتلىمۇ يا!
_ تۆۋة دېسىلة جۈيجاڭ،مةن ئۇنىڭغا بةك ئۆش.بىز ئۇرۇشۇپ قالغان،گةپ قىلىشمىغىلىمۇ يېرىم يىلدةك بولغان...
_ ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇتىدىغان سىنىپى بارمىتىى؟
_ سىنىپ تۇتمايتى،خةنزۇ تىلى دةرس ئۆتةتتى.
_ بولدى،كۆڭۈللىرىنى پاراكةندة قىلماي،ئىدارىگة قارىتا بۇ ئىش توغۇرلۇق تةپسىلى مةلۇمات يازسىلا! ئۇ كةلمىسة ئېلىپ قاچقان پۇلنى سوت ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىدىن ئالارمىز.
_ ۋاي جۈيجاڭ،نةدة ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بولسۇن،دادىسى ئۇ باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقاندا ئۆلۈپ كېتىپتىكةن،ئاپىسى ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مةكتةپنى پۈتتۈردىغان چاغدا ئۆلۈپ كېتىپتۇ.ھېچنىمىسى يوق يالاڭتۆش دېسىلة ئۇ......
3
- قاقشال مەكتەپتىكى تۈرەك شوجاڭنىڭ يەتتە يىل ئىلىگىرى ئەخمەت مەمەت بىلەن قېچىپ كەتكەن قىزى گۈلباھار تۈنۈگۈن ئىككى بالىسىنى سېلىپ،نەچچە يۈز مىڭ يۈەنلىك بىر سانتانا ماشىنىنى ھەيدەپ كېلىپتۇ.
- ئۆزى ھەيدەپ كەلمىگەندۇ!؟
- ئۆزى ھەيدەپ كەلگەننى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.
- ماشىنا كىمنىڭ ماشنىسىدۇ؟
- ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ماشنىسىمىش.
- سىلە نەدىن ئاڭلىدىڭلا؟
- مەن گۈلباھار ئۆزىدىن سورىدىم.
- نەدە يۈرۈپ ماشىنا ئالغۇدەك پۇل تېپىپتۇ؟
- ئۈرۈمچىگە چىقىپلا ئاۋۋال ھەر ئىككىلىسى ئاشخانىدا ئىشلەپتىمىش،ئاندىن تاپقان پۇلىغا ئەخمەت شوپۇرلۇق مەكتەپتە ئوقۇپ كىنىشكە ئېلىپ،تاكسى شىركىتىگە ئىشقا ئورۇنلىشىپتىمىش.ئارقىدىن گۈلباھارنىمۇ ئوقۇتۇپ شوپۇرلۇق كىنىشكە ئالغاندىن كېيىن،ھەر ئىككىلىسى تاكسى شىركىتىدە ئىشلەپ تاپقان پۇلىغا شەخسىي ماشىنا ئېلىپتىمىش.
- قىز بالىنىڭ ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگۈنەلەيدىغانلىقىغا ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ.
- ماشىنا ھەيدەشلا ئەمەس،خەنزۇچە سۆزلەش قابىليىتىمۇ شۇنداق يوقۇرىكەن.يۈرۈش-تۇرۇشى كېيىم-كېچىكى،گەپ-سۆزىگە قاراپ ئۇنى تۇرەك شوجاڭنىڭ تولۇقسىزنى پۈتتۈرمەي قېچىپ كەتكەن قىزى شۇ دېسە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ.
- ئەخمەت مەمەت كەلمەپتىمۇ؟
- ئۇ گۈلباھارغا ئۆز ۋاقتىدا مەكتەپتىن ئېلىپ قېچىپ كەتكەن پۇللارنى تۇتقۇزۇپ،سىز ئاۋۋال بېرىڭ،قېيناتام ئاچچىغىدىن يانغاندا تېلېفون قىلىڭ،مەن ئاندىن بارىمەن،دەپ ماڭدۇرۇپتىمىش.
- تۇرەك شوجاڭ ئەخمەتنى ئەپۇ قىلارمۇ؟
- ئەپۇ قىلىپتۇ.ئەپۇ قىلمايمۇ ئامال يوقكەن،قىزى ئۇنىڭدىن بەش بالىلىق بولۇپتۇ.
- بەش بالىلىق!؟
- شۇنداق،ئۇلارنىڭ ھازىر بەش بالىسى،ئىككى ماشىنىسى،يەنە تېخى بىنادا ئۆيى بار ئىكەن.بۇ قېتىم ئۇلار ئۆزلىرىگە توي خېتى ۋە بالىلىرىغا نوپۇس بىجىرمەكچىكەن.
- ئۇلار قېچىپ كېتىپ راستلا تەرەققىي قىلىپتۇ. بىز بولساق، ئاران ئەمدى رەسمىيلىشىپ مىنبەن ئوقۇتقۇچى،دەيكۇ ئوقۇتقۇچى دېگەن قالپاقتىن قۇتۇلدۇق.
- بۇرۇن بۇغالتىر ۋاقتىمدا شوجاڭ مېنىمۇ تىللىغان بولسا،مەنمۇ مەكتەپنىڭ بەش مىڭ كوي پۇلىنى ئېلىپ قاچقان بولسام،بۇ كەمگە ئۈرۈمچىدە خېلى باي بولۇپ قالاركەنمەن،ئىسسىت مەكتەپتە توقسان كوي بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرۈم.
2007-يىل يېزىلغان 2008-يىلى شەبنەم مۇنبىىگە يوللانغان،بۇ قېتىم3-قىسىمى تولۇقلاپ يېزىلدى
مەنبە: ئۆز قەلەم