مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5406|ئىنكاس: 40

ئاياللار ۋە ناماز توغرىسىدا . [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈلۈم ۋە ھايات!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 3586
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 12063
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2727 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 10:43:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1 ـ ئاياللارنىڭ نامىزى بىلەن ئەرلەرنىڭ نامىزى ئوتتۇرسىداھېچبىر پەرق يوق. بىربۆلۇك پىقھى شۇناسلار بەزىبىر پەرقلەرنى ئوتتۇرغا قويغان، ئۇنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. ناماز خۇددى: « نامازنى مەن ئوقۇغاندەك ئوقۇڭلار». يەنى: مەن قانداق ئوقۇغان بولسام سىلەرمۇ شۇنداق ئوقۇڭلار دېگەنلىك، بۇ ھەدىس ئەر - ئايالغا ئورتاق. ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش رۇكۇ، سەجىدە قىلىپ قىرائەتنى ئۈنلۈك ئوقۇيدىغان جايلاردا ئۈنلۈك ئوقۇش سۈننەت. [شەيخ ئىبنى باز]

2 ـ ئاياللار ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا يېپىشقا تېگىشلىك ئەزالىرىدىن پاقالچەك، پۇت دۇمبىسى ۋە باش ياكى باشنىڭ بىرقىسمى ئېچىلىپ قالسا ئۇنىڭ ئوقۇغان نامىزى دۇرۇس ئەمەس. [شەيخ ئىبنى باز]

3 ـ نامازدا ئاياللارنىڭ يۈزى ۋە ئالىقىنىدىن باشقا پۈتۈن بەدىنى ئەۋرەتتۇر (يېپىشقا تېگىشلىكتۇر) لېكىن ئۇلارنىڭ ئالدىدا يات ئەركىشى بولۇپ قالسا يۈزى ۋە ئالىقىنىنى يېپىش كېرەك.

4 ـ ئاياللارمۇ نامازنى ئۈنلۈك ئوقۇسا بولامدۇ؟

- قىرائىتى ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان نامازلاردا ئاياللارنىڭ ئۈنلۈك قىرائەت قىلىشى مۇستەھەب. ئەمما ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى يات ئەرلەر ئاڭلاپ پىتنىگە چۈشۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولسا مەخپىي ئوقۇغىنى ياخشى[شەيخ ئىبنى فەۋزان]

5 ـ كۈندۈزلۈك نامازلىرىغا كەلسەك، ئۇ قىرائىتى ئۈنسىز ئوقۇلىدىغان نامازلاردۇر، ئۇنىڭدا پەقەت كىشى ئۆزى ئاڭلىغۇدەك قىرائەت قىلىدۇ. [شەيخ ئىبنى فەۋزان]

6 ـ ئاياللارنىڭ سۈرەت ۋە كىرسىت بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن كىيىملەرنى كىيىشى ھارام، شۇنداق كىيىملەردە ناماز ئوقۇسا نامىزى گۇناھ بىلەن دۇرۇس.

7 ـ ناماز ئىچىدە چۈشكۈرۈش: ناماز ئىچىدە چۈشكۈرگەندە ئۈنسىز «ئەلھەمدۇلىللاھ» دېيىش كېرەك. [شەيخ ئىبنى فەۋزان]

8 ـ نامازدا ئىشارەت قىلىش: مەسىلەن: بىرسى سىز ناماز ئوقۇۋاتقاندا بىرەر مەسىلە سورىسا سىز مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇرۇپ باش ياكى قول ئىشارىتى قىلسىڭىز كېرەك يوق، نامازمۇ بۇزۇلمايدۇ. [شەيخ ئىبنى باز]

9 ـ ناماز ئىچىدە كۆپ ھەرىكەت قىلىش: ناماز ئوقۇغۇچى شۇ ھەرىكەتلەرنى كۆپىنچە بىھۇدە ھەرىكەت دەپ قارىسا ۋە شۇ ھەرىكەت ئارقا ـ ئارقىدىن يۈز بەرسە، ئۇنىڭ ئوقۇۋاتقىنى پەرز ناماز بولسا، نامازنى قايتا ئوقۇش ۋە تەۋبە قىلىش لازىم. بىراق ھەرىكەت ئۈچ قېتىم بىلەن چەكلىنىش كېرەك دېگەن سۆزگە كەلسەك، ئۇنىڭ ھېچبىر ئاساسى يوق، ئاجىز سۆزدۇر. [شەيخ ئىبنى باز]

10 ـ ئاياللارنىڭ، ئاياللار ئالدىدا ياكى سۈرەت ئالدىدا ناماز ئوقۇشى: ئاياللار نامازدىن كاشىلا قىلىدىغان ۋە ئېلىشتۇرىدىغان ھەر قانداق بىر نەرسىدىن يىراق تۇرۇشى لازىم ۋە سۈرەت ئېسىلمىغان ھەيكەل قويۇلمىغان جايدا ناماز ئوقۇش كېرەك.

11 ـ سەجىدە قىلغاندا ئىككى جەينىكىنى يەرگە قويۇش: مەيلى پەرز ناماز بولسۇن، مەيلى نەپلە ناماز بولسۇن جەينەكنى يەردىن كۆتۈرۈپ سەجىدە قىلىش سۈننەت ۋە سەجىدە قىلغاندا ئالىقىنىغا تايىنىپ تۇرۇش كېرەك. [شەيخ ئىبنى باز]

12 ـ ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ بۇرنى قانىسا: ئەگەر چىققان قان ئاز بولسا ئەپۇ قىلىنىدۇ ۋە لۈڭگىدەك نەرسە بىلەن سۈرتىۋەتسە بولىدۇ، ئەگەر قان كۆپ چىقىپ كەتسە نامازنى توختىتىپ قاننى تەلتۈكۈس تازىلىۋەتكەندىن كېيىن نامازنى باشتىن باشلاپ ئوقۇش كېرەك.

13 ـ ئاللار ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئىشىك قوڭغۇرىقى چېلىنسا: ئەگەر ئايالنىڭ ئوقۇۋاتقىنى نەپلە ناماز بولسا ئۇنىڭغا يول كەڭرى، نامىزىنى توختۇتۇپ ئىشىك قاققۇچىنىڭ كىملىكىنى بىلىپ باقسا بولىدۇ. ئەمما پەرز نامازدا بىرەر مۇھىم ئىش بولمىسا ئالدىرماسلىق كېرەك. ئاگاھلاندۇرۇش ئىمكانىيىتى بولسا شۇنداق قىلىش كۇپايە.

14 ـ سۈيدۈك دائىم تامچىپ تۇرىدىغان ئايال نامازنى تەرك ئەتمەيدۇ، ئۇ خۇددى ئىستىھازەلىك ئايالغا ئوخشاش ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە تاھارەت ئېلىپ، مۇمكىن بولسا سۈيدۈك يولىغا پاختىدەك بىرنەرسە تىقىپ قويۇپ نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇشى كېرەك. [شەيخ ئىبنى باز]

15 ـ قىبلىنڭ غەيرىدە جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرىتى بار جايدا ناماز ئوقۇش: مۇسۇلمان شەرىئەت كۆرسەتكەن ئۇسۇلدا ئادا قىلسا نامىزى دۇرۇس، بىراق سۈرەتسىز جاينى تېپىپ ئوقۇش ئەۋزەل.

16 ـ بىلمەستىن قىبلىنىڭ غەيرىگە قاراپ ناماز ئوقۇش: يېزا ـ قىشلاقلاردا بولۇپ قالسا قىبلە تەرەپنى تېپىشقا تىرىشىش، تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن ناماز ئوقۇش، شۇنداق ئوقۇغان ناماز دۇرۇس ۋە ئۇنىڭغا قازامۇ كەتمەيدۇ. بىراق يۇرت ئىچىدە بولسا نامازنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك. چۈنكى ئۆز يۇرتىدا قىبلىنى سوراپ تېپىش ئىمكانىيىتى بولىدۇ. [شەيخ ئىبنى باز]

17 ـ ئاياللارنىڭ مۇمكىن بولسا خۇپتەن نامىزىنى كىچىك تۇرۇپ ئوقۇغىنى ئەۋزەل لېكىن كېچىنىڭ يېرىمىغىچە كىچىكتۈرۋېتىش توغرا ئەمەس. [شەيخ ئىبنى باز]

18 ـ نامازدىكى ئوغرىلىق: ئوغرىلىقنىڭ ئەڭ يامىنى ناماز ئوغرىلاش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، «ئادەملەرنىڭ ئەڭ يامىنى ئۆز نامىزىنى ئوغرىلايدىغان ئادەمدۇر» دېدى ساھابىلەر: ئى ئاللانىڭ ئەلچىسى، كىشىلەر قانداقمۇ ئۆز نامىزىنى ئوغرىلىسۇن؟ دېيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋابەن: «نامازنىڭ رۇكۇسىنى ۋە سەجىدىسىنى تولۇق قىلمايدۇ، (ئەنە شۇ نامىزىنى ئوغرىلىغانلىق)» دېدى (ئەھمەت رىۋايەت قىلغان) رۇكۇ، سەجدىنى كامىل قىلماسلىق ۋە رۇكۇ، سەجىدە ئارىلىقىدا ئارام ئالماسلىق خەتەرلىك ئەھۋال.

19 ـ نامازدا ئەسنەكنى يۇتىۋېتىش: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىرەرسىڭلارغا نامازدا ئىچىدە ئەسنەك كەلسە ئۇنى يۇتىۋەتسۇن (بولمىسا) شەيتان كىرىۋالىدۇ» دېگەن. [بۇخارى رىۋايەت قىلغان]

ئەسنەكنى يۇتۇش قولنى ئېغىزغا قويىۋېلىش بىلەن بولىدۇ.

20 ـ ئايال كىشىنىىڭ نامىزى، ئالدىدىن ئايال كىشىنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇزۇلامدۇ؟

- شۇنداق بۇزۇلىدۇ، لېكىن ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا توسۇق بولسا، ئۆتكۇچى شۇ توسۇقنىڭ كەينىدىن ئۆتسە ياكى جاي ناماز ئۈستىدە ئوقۇۋاتقان بولسا جاينامازنىڭ كەينى تەرىپىدىن ئۆتسە ۋە ياكى جاينامازمۇ يوق، توسۇقمۇ يوق ئەھۋالدا سەجىدە قىلىدىغان جايدىن چەتنەپ ئۆتۈپ كەتسە دەخلىسى يوق، بىراق ئىمامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇۋاتقان بولسا ئۇنىڭ نامىزىنى ھېچ قانداق نەرسە ئۈزۈپ قالالمايدۇ. چۈنكى ئىمامنىڭ توسىقى كەينىدىكىلەرنىڭمۇ توسىقىدۇر. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن]

21 ـ ئەگەر ئايال ئايروپىلاندا بولۇپ ناماز ۋاقتىنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن قورقسا گەرچە كىيىم ـ كىچىكى ناپاك بولغان تەقدىردىمۇ نامىزىنى ئوقۇيدۇ. [پەتىۋا كومىتېتى]

22 ـ ئايروپىلان ئىچىدە ناماز ئوقۇش: ئايروپىلان ئۈزلۈكسىز ئۈچىۋاتقاندا ناماز ۋاقتى كىرىپ قالسا ۋە ئايروپىلان بىرەر ئايروپورتقا قونۇشتىن ئىلگىرى ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىش ئېھتىمالى بولسا ئايروپىلان ئىچىدىلا شۇ نامازنى رۇكۇ، سەجىدە ۋە قىبلىگە قاراش جەھەتلەردە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئادا قىلىش ۋاجىپ.

23 ـ بىراق نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئايروپىلاننىڭ بىرەر ئايروپورتقا قونۇشى بىلىنسە پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى بىرىنىڭ ۋاقتىغا جەمىلەپ ئوقۇسا بولىدۇ، كۆپلىگەن ئالىملار ئايروپىلان ئىچىدە ناماز ئوقۇش جايىز دېگەن قاراشقا قوشۇلغان. [پەتىۋا كومىتېتى]

24 ـ نامازدا كىچىك بالا كۆتۈرۈۋېلىشى: تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالدا نامازدا بالا كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بالا پاك بولغان ئەھۋالدا، كۆتۈرۋالمىسا زادى بولمىسا ئاندىن بالاكۆتۇرۋېلىشقابولىدۇ. [شەيخ ئىنى ئۇسەيمىن]

25 ـ ھەرەمدە ناماز ئوقۇۋاتقان ئايال بالىسىنى تۇتۇۋېلىڭ ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان نامىزىنى ئۈزۈپ قويسا بولامدۇ؟

-ئەگەر ئايالغا نامىزىنى ئۈزۈپ قويمايمۇ بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇمكىن بولسا نامىزىنى ئۈزۈپ قويماي خەۋەر ئېلىش، ئەگەر بالىسىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن قورقسا نامىزىنى توختىتىپ قويۇپ بالىسىنى مۇھاپىزەت قىلسا بولىدۇ. [پەتىۋا كومىتېتى]

26 ـ ئوقۇغۇچى پېشىن ۋاقتى كىرىش بىلەن دەرسخانىغا كىرسە، دەرسنىڭ ئىككى سائەت داۋاملىشىشىنى بىلسە قانداق قىلىدۇ؟

-پېشىننىڭ ۋاقتى ئىككى سائەتتە چىقىپ كەتمەيدۇ، ناماز پېشىننىڭ ۋاقتى كۈن ئىگىلىگەندىن تاكى ئەسىرنىڭ ۋاقتىغىچە بولىدۇ. بۇ ئارىلىقتىكى ۋاقىت ئىككى سائەتتىنمۇ كۆپرەك، ئەگەر دەرس ئەسىر ۋاقتى كىرىپ قالغاندا تۈگەش مۆرچەرلەنسە ۋە دەرسخانىدىن چىقىش ئىمكانىيىتى بولمىسا پېشىننى ئەسىر بىلەن جەملەپ ئوقۇش جايىز. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن]

27 ـ ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇيدىغان كېسەل سەجىدە قىلىدىغان جايغا ياستۇق قويۇپ ياستۇق ئۈستىگە سەجىدە قىلسا بولامدۇ؟

- سەجىدە قىلىدىغان جايغا ياستۇق ۋە باشقا نەرسە قويۇپ ئۈستىگە سەجىدە قىلىش سۈننەت بولماستىن بەلكى مەكرۇھقا يېقىنراق، ئۇنداق ئايال رۇكۇ، سەجىدىلەرنى باش ئىشارىتى بىلەن قىلسا بولىدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن]

28 ـ كېسەل ئادەمنىڭ قىيامدا تۇرۇش ھالىتى بەدەشقان قورۇپ ئولتۇرۇشتۇر. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن]

30 ـ كېسەل ئادەم تۇرالىسا تۇرۇپ، بولمىسا ئولتۇرۇپ، ئۇمۇ بولمىسا يېنىچە يېتىپ دېگەندەك چامىنىڭ يېتىشىچە ناماز ئوقۇيدۇ. كېسەللىك سەۋەبى بىلەن نامازنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، ئەمما پېشىن بىلەن ئەسسىرنى،شام بىلەن خۇپتەننى بىرەرسىنىڭ ۋاقتىغا جەمىلەپ ئوقۇسا بولىدۇ. [پەتىۋا كومىتېتى]

31 ـ نامازدا زېھنىنى چېچىش: زېھنى چېچىلاڭغۇ ھالەتتە ئوقۇغان ناماز دۇرۇس، لېكىن چېچىلىش دەرىجىسىگە قاراپ نامازنىڭ ساۋابىمۇ كېمىيىپ ماڭىدۇ، نامازنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگەن،اللە دىن ئەيمەنگەن ھالدا ئوقۇش ئۈچۈن ئىمكان بار زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈڭ، شۇنداق بولغاندا ئوقۇغان ئايەتلىرىڭىزنىڭ مەنا - مەزمۇنلىرىنى مۇلاھىزە قىلىپ تۇرالايسىز، بۇنىڭ ئامالى: كۆڭلىڭىزگە اللە نىڭ سىزنى كۈزۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەكېلىڭ، قوغلاندى شەيتان ئەلەيھى لەئىندىن اللە قا سېغىنىپ كۆپ پاناھ تىلەڭ! [پەتىۋا كومىتېتى]

23 ـ نامازدا سەھۋەنلىك كۆرۈلۈپ بىرەر رەكئىتى ئۇنتۇلۇپ قالسا، نامازنى باشتىن باشلاپ ئوقۇيامدۇ؟

-باشتىن باشلاپ ئوقۇش كەتمەيدۇ، لېكىن ئۇنتۇلۇپ قالغان قىسمىنىلا ئوقۇيدۇ. [پەتىۋا كومىتېتى]

24 ـ بىرەرسى كۈن چىققۇچە ئۇخلاپ قالسا بامدات نامازنى ئوقۇمدۇ ياكى ئوقۇمامدۇ؟

- كىشى راستتىنلا قاتتىق ئۇخلاپ قېلىپ كۈن چىققۇچە ئويغۇنالمىسا، بامدات نامازنى كۈن چىققاندىن كېيىن ئىلگىرىكىدەكلا ئوقۇيدۇ ۋە پەرەزنىڭ ئالدىدا سۈننىتىنى ئوقۇيدۇ.

25 ـ ئەر ئۆز ئايالىنى مەسچىتكە چىقىشتىن توسسابولامدۇ؟

- ئايال پۈتۈن بەدىنىنى تولۇق يۆگەپ ئاندىن مەسچىتكە چىقماقچى بولسا، ئېرىنىڭ ئۇنى توسۇشى جايىز ئەمەس. [پەتىۋا كومىتېتى]

26 ـ ھەيزدار ئايال مەسچىتكە كىرسە بولامدۇ؟

- ھەيزدار ئايالنىڭ مەسچىتكە كىرىشى ھارام ۋە شۇنىڭدەك مەسچىتكە يانداپ سېلىنغان جايلارغا كىرىشمۇ ھارام. [پەتىۋاكومىتېتى]

27 ـ نامازدا خۇشۇئ قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى: ناماز اللە تائالا بىلەن مۇڭدىشىش ئىكەنلىكىنى بىلىش، نامازخاننىڭ قەلبىدە، اللە نىڭ بۈيۈكلۈكى ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇش ھازىر بولىدۇ. نامازنى ئارام دىللىق بىلەن بىلەن ئوقۇش، ئالدىرماسلىق. نامازدا ئوقۇلغان ئايەتلەرنى ۋە نامازنىڭ زىكرى- تەسبىھلىرىنى ئويلىنىش نامازنىڭ قىرائىتىنى ئېنىق، دانىمۇدانە، گۈزەل ئاۋاز بىلەن قىلىش. سەجىدىگاھقا قاراپ تۇرۇش، ئوڭ ـ سول تەرەپكە قارىماسلىق. نامازخاننى كاشىلا قىلىدىغان ھەر قانداق نەرسىدىن يىراق بولۇش.

28 ـ ناماز ئىچىدە كۆزنى يۇمۇۋېلىش: ناماز ئىچىدە كۆزنى يۇمۇپ تۇرۇش، ئوت پەرەسلەرنىڭ ئوتقا ئىبادەت قىلغان چاغدىكى ھالىتىگە، يەھۇدىيلارنىڭ ناماز ئوقۇش شەكلىگە ئوخشاپ قالغانلىق ئۈچۈن مەكروھ، ئىسلامىيەت ئىلگىرىكى دىنلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندۇر.

29 ـ زۆرۈرىيەتسىز نامازدا ئوڭ سولغا قاراش: نامازنىڭ مەكروھلىرىدىندۇر، چۈنكى ئىنسان نامازغا تۇرسا، اللە ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرغان بولىدۇ، شۇڭا نامازدا ئۇيان ـ بۇيانغا قاراش اللە قا ئەدەپسىزلىك قىلغانلىق.

30 ـ نامازدا شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تۈكرىۋېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

-ناماز ئىچىدە شەيتان كۆڭلىگە بىرەر ۋەسۋەسە سالسا قەلبىدە بولسىمۇ اللە قا سېغىنىپ شەيتاندىن پاناھ تىلەپ سول تەرەپكە ئۈچ قېتىم تۈكۈرۈۋېتىش كېرەك. [شەيخ ئىبنى جۇبەيرىن]

31 ـ ناماز ئوقۇمايدىغان ئايالنىڭ بالىلىرى: ئايالنىڭ ناماز ئوقۇمايدىغان ئەردىن بولغان باللىرى ياكى ئەرنىڭ ناماز ئوقۇمايدىغان ئايالدىن بولغان بالىلىرى شۇلارنىڭ بالىلىرىدۇر. گەرچە نىكاھدا شۈبھە بولسىمۇ بالا يەنىلا ئۇلارغا مەنسۇپ.

32 ـ ئادەم نامازدا تۇرۇپ سۈيدۈك ماڭغاندەك بىر سېزىم ـ ھېس قىلىدۇ. شۇ خىل سېزىم نامازنى بېكار قىلامدۇ؟

- بۇ خىل سېزىم بىلەن تاھارەت سۇنۇپ كەتمەيدۇ، نامازمۇ بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ چۈنكى ئۇ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى خالاس، بىراق سۈيدۈك راست ماڭغانلىقى جەزم قىلىنسا ئاندىن ناماز بۇزۇلىدۇ.

33 ـ نامازدا سۈرە فاتىھە ئوقۇغان ياكى ئوقۇمىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالسا قانداق قىلىدۇ؟

- گۇمان بىلەن تەكرار ئوقۇش ۋە قايتىلاپ ئوقۇش مەكرۇھ، بىراق قايتىلاپ ئوقۇپ قالسا ئېھتىيات يۈزىسىدىندۇر، سەھۋە سەجىدىسى كەتمەيدۇ، مۇباداسەجىدە قىلپقالسا كېرەك يوق. [شەيخ ئىبنى جۇبەيرىن]

34 ـ تۇغۇت ئەلىمىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇسام دۇرۇس بولامدۇ؟

-ئاياللار ھەيزدىن ياكى نەپاسدىن پاك بولغان ھالەتلىرىدە ناماز ئوقۇيدۇ، بىراق تۇغۇتنىڭ بىرەر كۈن ئالدىدا قان كۆرسە ئۇ نەپاسنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. ئۇ ھالدا ناماز ئوقۇمايدۇ. ئەمما قان كۆرمىسە گەرچە تۇغۇت ئەلىمىنى ھېس قىلىپ تۇرسىمۇ ناماز ئوقۇيدۇ. خۇددى كېسەل ئادەم كېسەللىك ئازابىنى ھېس قىلىپ تۇرسىمۇ ناماز ئوقۇغاندەك، كىشىنىڭ ئەقلى- ھۇشىلا بولىدىكەن ئۇنىڭدىن ناماز ساقىت بولمايدۇ.

35 ـ ئاياللارنىڭ جىنسىي يولدىن چىققان ھاۋا نامازنى بۇزامدۇ؟

- جىنسىي يولدىن چىققان ھاۋا تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ. [پەتىۋا كومىتېتى]

36 ـ داۋاملىق سۇيۇقلۇق كېلىپ تۇرىدىغان ئايال، پەرز نامازغا تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇسا ۋە قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلسا بولامدۇ؟

- يەنە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگىچە پەرز- نەپلە نامازلارنى ئوقۇسا ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلسا بولىدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن]

37 ـ ئايال كىشىنىڭ ئىككى ھەرەمدە ئوقۇغان نامىزى ئەۋزەلرەكمۇ ياكى ئۆز ئۆيىدە ئوقۇغان نامىزى ئەۋزەلرەكمۇ؟

- ھەرەمگە قارىغاندا مەككىدە ئوقۇغان نامازنىڭ ساۋابى ھەسسىلەپ ئارتۇق بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئۆيى مەككىدە بولسا ئىنشا اللە ئۇنىڭ ساۋابىمۇ ھەسسىلەپ بولغۇسى. مەدىنىگە كەلسەك: ساۋابنىڭ ھەسسىلەپ بولۇشى مەسجىد نەبىۋىگە خاستۇر، لېكىن ئايال كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلىش يۈزىسىدىن ئۆز ئۆيىدە ئوقۇسا ئۇنىڭدىن كۆپ ساۋابقا نائىل بولالىشىدا ئۈمىد بار. [شەيخ ئىبنى فەۋزان]

38 ـ ئايال كىشى يۈزىنى ئوراپ ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟

- ئاياللارنىڭ نامازدا يۈزىنى ئورىۋېلىشى مەكرۇھتۇر، چۈنكى رومال ئۇنىڭ پېشانە ۋە بۇرنىنى ناماز گاھتىن ئايرىپ قويىدۇ. [كىتابۇل مۇغنى]

39 ـ ئايال كىشى تەراۋىھ نامىزىغا چىقىش ئۈچۈن ئائىلىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرنى تاشلاپ قويسا بولامدۇ؟

-ئايال كىشى تەراۋىھ نامىزىغا چىقىش سەۋەبلىك ئائىلە ئىشلىرى تاشلىنىپ قالسا، تەراۋىھ نامىزىغا چىقماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئايال كىشىنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشى، ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى ۋاجىپ، بىرەر توسالغۇ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا مەسجىدكە چىقىشى مۇباھ. [شەيخ ئىبنى فەۋزان]

40 ـ نامازدا ئاياللارنىڭ ئالقىنى ۋە پۇتىنىڭ دۇمبىسىنى يۆگەشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

- گەرچە قېشىدا ئەركىشى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ نامازدا ئالقىنى ۋە پۇتىنى يۆگەش ۋاجىپ، بىراق قېشىدا مەھرەملىرىدىن باشقا ئەركىشى بولمىغان ئەھۋالدا يۈزىنى يېپىش بۇنىڭ سىرتىدا. [شەيخ ئىبنى فەۋزان]

41 ـ ئاياللار نامازدا چېچىنى پېشانىسىگە چۈشۈرۋالسا بولامدۇ؟

- ماڭلاي چاچىنىڭ پېشانىگە چۈشۈۋالغىنىنىڭ ھېچ بىر زىيىنى يوق. لېكىن سەجدىدە پېشانىنىڭ بىۋاسىتە يەرگە تېگىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پېشانىگە چۈشۈۋالغان چاچىنى ياغلىق ئىچىگە تىقىۋەتكەن ئەۋزەل. [شەيخ ئىبنى باز]

42 ـ بەزى بىر چاغلاردا ناماز ئوقۇۋاتسام ئاق سۇ ماڭىدۇ، شۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟

-ئۇ سۇ نىجىس، سۈيدۈكنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش، سىز ئىستىنجا قىلىپ بولغاندىن كېيىن تاھارەت ئېلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئۇ شەھۋەتىسز كەلگەن بولسا غۇسلى ۋاجىپ ئەمەس. بەدىنىڭز ۋە كىيىمىڭىزنىڭ ھېلىقى سۇ يوقۇپ قالغان جايلىرىنى يۈيۈۋېتىشىڭىزلازىم. [پەتىۋا كومىتېتى]

ئوقۇلماي قالغان نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر

43 ـ بامداتتىن ئىلگىرى پاك بولغان ئايال ناماز شام بىلەن ناماز خۇپتەننى ئوقۇمدۇ؟

- ھەيزدار ياكى نەپاسدار ئايال ناماز بامداتتىن ئىلگىرى پاك بولۇپ قالسا شام بىلەن خۇپتەننى ئوقۇشى كېرەك.

[شەيخ ئىبنى باز]

44 ـ شامدىن بۇرۇن پاك بولۇپ قالسا پېشىن بىلەن ئەسىرنى جەملەپ ئوقۇش ۋاجىپ. [شەيخ ئىبنى باز]

45 ـ ناماز بامدات ئوقۇش ئۈچۈن ئويغاندىم لېكىن كۈن چىققاندىن كېيىن قان كۆردۈم شۇڭلاشقا ناماز بامداتنى قايتا ئوقۇشۇم كېرەكمۇ؟

- توغرا، سىز تېخى قان كۆرمەستە ھەم بامداتنىڭ ۋاقتى كەتمەستە ئويغىنىپمۇ نامازنى كۈن چىققۇچە ئوقۇماي قان كۆرۈپسىز، شۇڭا ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن شۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشىڭىز كېرەك. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن]

46 ـ بىرەر ئايال تالاق قىلىنىپ نەتىجىدە قانمۇ كۆرمەي ئىككى كۈنلۈك نامازنى ئۇنتۇپ قالسا كېيىن شۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟

- شۇنداق قازاسىنى قىلىدۇ، چۈنكى ئۇنتۇپ قېلىش، كېسەللىك ۋە دەرد ـ ئەلەم سەۋەبلىك نامازنىڭ ۋاجىپلىقى ساقىت بولمايدۇ. [شەيخ ئىبنى سەئىد]

47 ـ بىر ئايال چۈشتە پېشىن نامىزى ئوقۇماي تۇرۇپلا ھەيز كۆرۈپ قالغان بولسا كېيىن شۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشى لازىم. چۈنكى بىر ۋاقلىق نامازنىڭ قازاسىنى قىلىش جاپالىق ئەمەس. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن]

48 ـ بامدات نامىزىنى كۈن چىققاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان ئادەمنىڭ ھۆكمى نېمە؟

-كۆپىلىگەن ئالىملارنىڭ قارىشىدا قەستەن شۇنداق قىلغان بولسا دىندىن چىقىدۇ، قىلمىشىغا قاتتىق تۆبە قىلىشى لازىم. بىراق ئۇنتۇپ قېلىپ، ياكى ئاغرىپ قېلىپ ۋە ياكى ئۇخلاپ قېلىپ شۇنداق قىلسا قازاسىنى قىلىدۇ. [شەيخ ئىبنى باز]

49 ـ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن نامازنىڭ قازاسى: كىشى نامازنى قەستەن تەرك ئەتسە قازاسى قىلىنمايدۇ. بەلكى قىلىپ بولغىنىغا تەۋبە قىلىدۇ ۋە كەلگۈسىدە ناماز تاشلىماسلىققا بەل باغلايدۇ، بىراق كېسەل سەۋەبىدىن ياكى ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن ۋە ياكى ئۇخلاپ قالغانلىقتىن بولسا قازاسىنى قىلىدۇ. [شەيخ ئىبنى باز]

50 ـ بىر ئايال بامدات نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن ئويغىنىپ كۈن چىققاندىن كېيىن ھەيزنىڭ قېنى كەلسە: پاك بولغاندىن كېيىن ناماز بامداتنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، چۈنكى نامازنىڭ ئەسلى ۋاقتىدا قان كەلمىگەن. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن]

51 ـ ھەيزدار ئايال، ھەيزدىن پاك بولۇپ نامازنىڭ ئاۋۋالقى ياكى ئاخىرقى ۋاقتىدىن بىر رەكەت ناماز ئوقۇغۇدەك ۋاقىت تاپسا، ناماز ئوقۇش ۋاجىپ. ئاۋۋالقى ۋاقىت دېگىنىمىز، مەسىلەن: بىرەر ئايال كۈن كىرىپ كېتىپ بىرەر رەكىئەت ناماز ئوقۇۋالالىغۇدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ھەيز كۆرۈپ قالسا پاك بولغاندىن كېيىن ناماز شامىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ شۇ ۋاقىتنى ھەيز كۆرۈشنىڭ ئالدىداتاپقان. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمن]

52 ـ ئاخىرقى ۋاقتى دېگىنىمىز، مەسىلەن: بىرەر ئايال كۈن چىقىشتىن بىرەر رەكىئەت ناماز ئوقۇشقا يەتكۈدەك ۋاقىتنىڭ ئالدىدا ھەيزدىن پاك بولسا ناماز بامداتنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ناماز بامداتنىڭ ۋاقتىدىن بىرەر رەكىئەت ناماز ئوقۇشقا يەتكۈدەك ۋاقىتنى تاپقان. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن]

نەپلە نامازغا ئالاقىدار مەسىلىلەر

53 ـ چاشكا نامىزى: ئۇ نامازنى قۇياش كۆتۈرۈلۈپ قىزىقلىقى ئاشقاندا ئوقۇغان ئەۋزەل، چاشكا نامىزىنىڭ ئەڭ ئەقەللىسى ئىككى رەكىئەت، كۆپنىڭ چېكى يوق. [شەيخ ئىبنى باز]

54 ـ تەسبىھ نامىزى: تەسبىھ نامىزى توغرىلىق كەلگەن ھەدىس سەھىھ ئەمەس. چۈنكى ئۇ ھەدىسنىڭ تېكىستى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەپلە ناماز توغرىلىق سۆزلىگەن سەھىھ ھەدىسلىرىگە خىلاپ. [پەتىۋا كومىتېتى]

55 ـ ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى بامدات نامىزىغا ئەزان چىقىپ قالسا قانداق قىلىدۇ؟

- ۋىتىر نامىزىنى چاشكا نامىزىغىچە كىچىكتۈرۈپ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن ئوقۇيدۇ، ئەگەر ۋىتىر نامىزىنى ئۈچ رەكىئەت ئوقۇپ ئادەتلەنگەن بولسا-يۇ كېچىدە ئۇخلاپ قېلىپ ياكى كېسەل بولۇپ قېلىپ ئوقۇيالمىسا چاشكا نامىزىنى ئىككى سالام بىلەن (ئىككى رەكىئەت، ئىككى رەكىئەتتىن) تۆت رەكىئەت ئوقۇيدۇ، ئەگەر ئۇ بەش رەكىئەت ئوقۇپ ئادەتلەنگەن بولسا ئۈچ سالام بىلەن ئالتە رەكىئەت ئوقۇيدۇ. [شەيخ ئىبنى باز]

56 ـ نەپلە ناماز ۋە نەپلە روزا تۇتۇش يوللۇق بولسىمۇ ۋاجىپ ئەمەس. بىرەر زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ئۈزۈپ قويسا بولىدۇ. ئەمما ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش، كامىل تاماملاش ئەۋزەل، بىراق ھەجگە ياكى ئۆمرىگە نىيەت قىلسا گەرچە ئۇ نەپلە بولسىمۇ كامىل تاماملاش ۋاجىپ. [شەيخ ئىبنى باز]

57 ـ تۆبە نامىزى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇنداق بىر ھەدىس قالغان: «بىرەر بەندە گۇناھ سادىر قىلىپ سالغاندىن كېيىن(گۇناھىغاپۇشايمان قىلىپ) تاھارەتنى ئوبدان ئېلىپ ئىككى رەكىئەت ناماز ئوقۇپ قېلىپ سالغان گۇناھى ئۈچۈن، اللە قا تۆبە قىلسا اللە ئۇنىڭ تۆبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ». (ئەھمەد رىۋايەت قىلغان) [شەيخ ئىبنى باز]

58 ـ ئىستىخارە نامىزى: ئوقۇش ئۇسۇلى باشقا نەپلە نامازلارغا ئوخشاش بولۇپ ئىككى رەكىئەت ئوقۇلىدۇ، ئىستىخار دۇئاسى بولساسالامدىن كېيىن ئوقۇلىدۇ. [شەيخ ئىبنى باز]

59 ـ ۋىتىر نامىزى ئوقۇۋاتقاندا بامداتقا ئەزان چىقىپقالسا؛ ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇۋېرىدۇ، ئۇنىڭ ھېچ بىر زىيىنى يوق. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن]

60 ـ بىرەر كىشى كىچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇپ يەنە شۇ كىچىنىڭ ئاخىرىدا ناماز ئوقۇماقچى بولسا؛ ۋىتىرسىز ئىككى رەكىئەت، ئىككى رەكىئەتتىن خالىغانچە ئوقۇسا بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر كېچىدە ئىككى قېتىم ۋىتىر نامىزى ئوقۇش يوق» دېگەن. [شەيخ ئىبنى باز]

61 ـ خىزمەت ۋاقتىدا چاشكا نامىزى ئوقۇش؛ مۇ ئەللىمەلەر ياكى باشقا خىزمەتچىلەر چاشكا نامىزىنى ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا مۇھىم ۋەزىپىسى بولمىسا ئوقۇسا بولىدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن]

62 ـ ھاجەت نامىزى ۋە قۇرئان كەرىمنى يادلاش نامىزى: ھەر ئىككىلىسى توغرا ئەمەس، شەرئى جەھەتتە دەلىلسىز، ئىسپاتلاش مۇمكىن ئەمەس. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن]

جامائەت نامىزىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر

63 ـ ئاياللارنىڭ ئەزان، تەكبىر ئېيتىشى يوللۇقمۇ؟

- ئاياللارنىڭ مەيلى يالغۇز ناماز ئوقۇغاندا بولسۇن، مەيلى ئاياللار بىلەن جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغاندا بولسۇن ئەزان- تەكبىر ئېيتىشى يولغا قويۇلمىغان، ئەزان- تەكبىر مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن ئەرلەرگە خاستۇر. [پەتىۋا كومىتېتى]

64 ـ ئايال كىشى ئاياللارغا ئىمام بولۇپ پەرز نامازلارنى ۋە تەراۋىھ نامازىنى ئوقۇپ بەرسە بولىدۇ، بىراق ئەرلەرنىڭ ئىماملىرىغا ئوخشاش سەپنىڭ ئالدىغا چىقىۋالماسلىقى كېرەك. [پەتىۋا كومىتېتى]

65 ـ ئەر مەسجىد ئىچىدە ئايالى بىلەن بىرسەپتە تۇرۇشى جايىز ئەمەس، بىراق ئايالى يالغۇز بولسا كېرەك يوق. [شەيخ سەئىد]

66 ـ ئاياللارنىڭ مەسجىدىل ھەرەمدە ئوقۇغان نامىزىدىن ئۆيدە ئوقۇغان نامىزى ئەۋزەل، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە تۇرۇپ: «ئاياللار ئۈچۈن ئۆز ئۆيلىرى ياخشى» دېگەن. چۈنكى ئۇلار ئۆز ئۆيلىرىدە ئەڭ ئوبدان ھىجاپلىنالايدۇ ۋە پىتنىدىن ئەڭ يىراق تۇرالايدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن]

67 ـ ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان يىرى ئەرلەرنىڭكىدىن يىراق، ۋە ئايرىم بولسا پىتنە خەۋپى تۈگەيدۇ،شۇنداق بوغاندا ئۇلار ئۈچۈن سەپنىڭ ئەۋۋىلى ياخشى. [شەيخ ئىبنى جۇبەيرىن، شەيخ ئىبنى فەۋزان]

68 ـ ئاياللارنىڭ جۈمە نامىزى ئوقۇشى: ئاياللار ئىمام بىلەن جۈمە نامىزى ئوقۇسا دۇرۇس، ئەگەر ئۆز ئۆيىدە ئوقۇسا پېشىن نامىزىنىلا ئوقۇيدۇ. [پەتىۋا كومىتېتى]

69 ـ رادىئو ۋە تېلېۋىزورلاردىن ئىمامنىڭ قىرائىتىنى، رۇكۇ، سەجىدىلەرگە ئېيتقان تەكبىرلىرىنى ئاڭلاپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ پە-نەپلە نامازلارنى ئوقۇشى جايىز ئەمەس. [پەتىۋا كومىتېتى]

70ئاياللار نامازدا پەلەي كىيىۋالسا ھېچ ۋەقەسى يوق، چۈنكى ئۇلار نامازدىمۇ مەستۇرە بولۇشقا بۇيرۇلغان.

جامائەت نامىزىدا ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى

71 ـ ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيتىدەك تەكىتلەنمەيدۇ.

72 ـ ئۇلارنىڭ ئىماملىرى سەپنىڭ ئچىدە تۇرىدۇ.

73 ـ ئۇلار ئەرلەرنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ.

74 ـ ئۇلار ئەرلەر بىلەن جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغاندا، ئۇلارنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن ئاخىرقى سېپى ئەۋزەل. [ئىمام نەۋەۋى]

75 ـ ئاياللار مەسجىدتە پەقەت ئىمامنىڭ ئاۋازىنىلا ئاڭلاپ ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇسا ئىمامنىڭ ئۆزىنى كۆرمىسىمۇ نامىزى دۇرۇس، چۈنكى ئىمام بىلەن بىر ئورۇندا، شۇڭا ئىمامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇشى تامامەن مۇمكىن. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن]

76 ـ ئاياللارنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇش؛ ئەسلى ئەرلەر ئىمامنىڭ كەينىدىلا تۇرىدۇ، ئاياللار مەسجىدنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تۇرىدۇ، ئەمدىكى مەسىلە ؛ ئەر كىشى ئەرلەر سېپىغا بېرىشقا بوش يەر تاپالماي، ئاياللار سېپىنىڭ ئاخىردا تۇرۇپ ناماز ئوقۇشقا مەجبۇر بولسا ئۇنىڭ نامىزى دۇرۇس. [پەتىۋا كومىتېتى]

77 ـ ئەر ئۆز ئايالى بىلەن ناماز ئوقۇغاندا ئايال ئەرنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ، چۈنكى ئاياللار ئەرلەر بىلەن ناماز ئوقۇغاندا مەيلى ئۇلار ئاياللارنىڭ مەھرەملىرى بولسۇن ياكى يات كىشىلەر بولسۇن ئاياللار ئەرلەرنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ. [پەتىۋا كومىتېتى]

78 ـ ئاياللارنىڭ جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشى جايىز؛ لېكىن ئۇلارغا سۈننەتمۇ ياكى مۇباھمۇ دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، مۇباھقا يېقىنراق، چۈنكى ئۇ ئېنىق سۈننەت ئەمەس. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن]

79 ـ ئاياللارنىڭ بالاغەتكەيەتمىگەن ئوغۇللارغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇشى دۇرۇس ئەمەس. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن]

80 ـ ئاياللارنىڭ مەسجىد ئىچىدە ئەرلەرنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن چېدىر تىكلەپ بەر دۇرۇس. ھەمدە ئۇنى مەسجىد دەپ ئاتاشقىمۇ ياكى ناماز گاھ دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. [پەتىۋا كومىتېتى]

81 ـ ئاياللارنىڭ مەسجىدكە چىقىشىنىڭ شەرىتلىرى. 1- كىيىم بىلەن كامىل ئورالغان ۋە ھىجاپلانغان بولۇش. 2- خۇشپۇراقسىز بولۇش. 3- كىيىم كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن بېزەل مىگەن بولۇش. 4- ئۆزىنىڭ ئەرلىرى ۋە پەرزەنتلىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيتىنى زايا قىلمىغان بولۇش. 5- پىتنىدىن يىراق بولۇش. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن]

82 ـ ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇسا جامائەت نامىزىنىڭ ئەجرىگە ئېرىشەلەمدۇ؟

-جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش ئەرلەرگىلا خاس. ئۇلار جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشقا ۋاجىپ يولى ئارقىلىق چاقىرىلغان، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق بىر ھەدىسى بار: «ئەرنىڭ جامائەت بىلەن ئوقۇغان نامىزى ئۆز ئۆيىدە ئوقۇغان نامىزىغا قارىغاندا 25 ھەسسە ئارتۇق.» ئاياللار بۇنداق ئەجرىگە نائىل بولالمايدۇ. بىراق مەسجىدكە مېڭىپ بارغاننىڭ ئەجرىگە ۋە ئۇلار مەسجىددە بولغاندا ئېرىشىدىغان پەرىشتىلەرنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن]

83 ـ كىيىمىدە نجاسەت بارلقىنى ئۇنتتۇپ نامازغا كىرسە-يۇ، نامازدا تۇرۇپ كىيىمىدە نىجاسەت بارلىقى ئىسىگە كەلسە قانداق قىلىدۇ؟

-ئەگەر نىجاسەتنى نامازئىچىدە تۇرۇپ يوققىلىش ئىمكانىيىتى بولسا تىزلا يوققىلىش كېرەك. بىرقېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىئىلنىڭ خەۋەر قىلىشى بىلەن كەشىنى نامازدا تۇرۇپ سېلىۋەتكەن. ئەگەر نىجاسەتنى نامازئىچىدە تۇرۇپ يوققىلىش مۈمكىن بولمىسا نامازنى توختۇتۇپ نىجاسەت يوقۇپ قالغان كىيىمنى سېلىۋەتكەندىن كېيىن قايتا ئوقۇش لازىم. [شەيخ ئابدۇللا ئىبنى ئابدۇرراھمان جۇبەيرىن]

84 ـ ئىستىخار نامىزى ۋە سۇ تەلەپ قىلىش نامىزىنىڭ دۇئا لىرى سالامدىن كېيىن ئوقۇلامدۇ ياكى ئاخىرقى سەجدىدە ئوقۇلامدۇ؟

-ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ سالام بىرىپ بولغاندىن كېيىن قول كوتۇرۇپ ئىستىخار دۇئاسى ئوقۇيدۇ. سۇتەلەپ قىلىش نامىزمۇ ئوخشاشلا ئىككى رەكئەت ئوقۇلىدۇ، سالامدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ بىر خۇتبە ئوقۇيدۇ، ئاخىردا ھەركىم ئۆزى

ئوقىيالايدىغان دۇئالارنى ئوقىسا بولىدۇ. [شەيخ ئابدۇللا ئىبنى ئابدۇرراھمان جۇبەيرىن]

مەنبە ؛ ئاياللار توغۇرلۇق ھەدىسلەر.

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللا ھ،مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8057
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5045 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 11:21:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت  مەن ساقلىۋېلىپ كەلگۇسىدىكى خاتۇنۇمغا دەپ بىرەي ھە

خەپ  ئىچكى دۈشمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36697
يازما سانى: 498
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4095
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 4366 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 11:25:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن، نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولدۇق
اللە ئىلمىڭىزنى تىخىمۇ زىيادە قىلغاي

سۇقۇلدىغان ساندال بۇلغۇچە، ئۇرىدىغان بازغان بۇل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63569
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4355
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 391 سائەت
تىزىم: 2011-11-4
ئاخىرقى: 2012-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 11:44:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمە ئەجەپ ئاياللار ئوقۇماي ئەپەندىلەر دۇم چۈشتۇقمۇ ماۋۇ تېمىغا؟
سىزگە تەشەككۈرلەر بولسۇن

ئۆلۈمۈڭنى ئويلاپراق ياشا!

باھادىرنامە.

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37446
يازما سانى: 526
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1581
تۆھپە نۇمۇرى: 98
توردا: 988 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2012-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 12:20:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئوغۇل  بالا بولساڭ  قىلغان  ئىشىڭغا پۇشايمان قىما، ئەگەر  بىر  ئىشنى  قىلىپ  بۇلۇپ ،ئارقىدىن  پۇشايمان  قىلساڭ، ئۇ  ئىش دەل  سىنىڭ   ئاجىزلىقىڭ .

ئاللاھتىن بەختى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28786
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10720
تۆھپە نۇمۇرى: 1150
توردا: 7128 سائەت
تىزىم: 2011-2-2
ئاخىرقى: 2012-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 12:27:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.....بەك ياخشى تېما يوللاپسىز....

تاڭ ساباسى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3506
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11524
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 2792 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 12:41:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم .ئاياللار توغۇرلۇق ھەدىسلەر ھەممىمىز بىلىۋىلىشقا تېگىشلىك .

ھايات شامى ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يىنىق ،
كەلدىڭمۇ دۇنياغا كەتمىگىڭ ئىنىق .
شۇ كىلىپ كىتىشنىڭ ئۆزى بىر سۇئال ،
تەييار بول سۇئالغا پۇتكىچە تىنىق .

*گۇناھنىڭ كىچىكلىكىگە قارىمىغىن ،لكىن ئۆزۈڭ ئاسىيلىق قىلىۋاتقان زاتنىڭ كاتتىلىقىغا قارىغىن!

ئاناڭ سۈتىنى ئاق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64807
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7079
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 01:40:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما يوللىغۇچىغا كۆپ رەھمەت ، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى زىيادە بەرسۇن .

مەزكۇر تېمىنى ئۇقۇپ پايدىلانغۇچىلارغىمۇ جانابى ئاللاھتىن ئىككى دۇنيالىق بەخىت تىلەيمەن.

ئاناڭ سۈتىنى ئاقلايمەن دىسەڭ - ئانا يۇرتۇڭغا قان-تەرىڭنى سىڭدۈر

پۇراقسىز گۈلدىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9690
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12981
تۆھپە نۇمۇرى: 414
توردا: 2304 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2012-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 01:49:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

رەنابولسا،مەھبۇبەڭ بولسۇن، دانابولسا،ئۆيۇڭدە قونسۇن، بىلمگەننى سوراپ بىل،لىكىن، ئازبولسىمۇئۆزئەقلىڭ بولسۇن

بىر ئاللادىن باش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51146
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7530
تۆھپە نۇمۇرى: 884
توردا: 1850 سائەت
تىزىم: 2011-8-10
ئاخىرقى: 2012-9-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 08:29:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم رەخمەت

ئالدىراپ كۇلمىگىن تەڭشەپ تۇردۇ، دەت_ئەلەم كۆزۇڭنى ياشلاپ قويدۇ. ئۇنۇتما بىرگە-بىر تەڭشەلگەن جاھان، نامەرتلە سىنىمۇ ئالداپ قويىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش