ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 11قەۋەت gulumnada كە 2011-11-16 10:28 AMئەۋەتىلدى :
مەن نامازلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئولتۇرۇپ ئۇقۇيمەن، ماڭا شارائىت شۇنداق بۇلۇپ قالغان، يەنى مىنىڭ كارۋىتىم ئاستىدا بولغاچقا ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئۇقۇي دىسەم بېشىم تاقىشىپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياتاقتا ناماز ئوقۇشقا ماس كەلگۈدەك باشقا جايمۇ يوق كارۋىتىمدا پەردىلىرىمنى چۇشىرىۋېتىپ ئوقۇيمەن، شۇڭا بۇئىشقا مەن قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپ بىرەرسىلەرمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن قېرىندىشىم!شەرت-شارائىتىڭىز ھەقىقەتەن سىز تەسۋىرلەپ بەرگەندەك، پەقەت ئامال قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە بولسا ،شۇ ھالىتىڭىز بىلەن نامازنى ئادا قىلىڭ. ھەممىدىن نىيەت ئەلا! نىيىتىڭىزدە ،بىر ئاللاھ قا بولغان ئېتقادىڭىز مۇستەھكەم بولسا نامىزىڭىز ئاللاھ خالىسا ئادا تاپىدۇ. ناماز ئۇقۇغۇدەك جاي يوق دەپ، باھانە كۆرسىتپ يۈرگەندىن ياخشىراقتۇر.مېھرىبان ئاللاھ! بىزگە زىمىننىڭ ھەرقانداق پاكىزە يىرىنى مەسجىد قىلىپ بەرگەن .قانداقلا يەردە ناماز ئۇقۇيلى، چىن نىيىتىمىز بىلەن ،خۇشۇھ بىلەن ئۇقۇساق بىر ئاللاھ ھەممىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر!
‹‹ياتىغىڭىزدا كارۋات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۇقۇغاندىن ،قارمۇ -قارشى كارۋات ئارلىقىدىكى ،ئادەتتە ياتىغىڭىز ئىچىدە ماڭىدىغان
جايدا قىبلىنى توغۇرلاپ ئۇقۇغىلى بولماسمۇ؟
شۇنىڭغىمۇ ئىمكان بولمىسا ،شۇ جايىڭىزدا ئولتۇرۇپ ئۇقىۋىرىڭ.بۈيۈك ئاللاھ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر!››