ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 12قەۋەت uyghur@boy كە 2011-11-16 09:23 PMئەۋەتىلدى :
سەنەم جان بۇئىلانمۇ؟
ياق!بۇنى ئېلان دەپ چۈشەنسىڭىزمۇ ،قۇلايلىق ،پايدىلىق ئۇچۇر دەپ چۈشەنسىڭىزمۇ بولىدۇ.ئەڭ ياخشى يېرى سىز ھەر كۈنى 18 خىل مەزمۇندىكى 18 تال رەڭلىك ئۇيغۇرچە ئۇچۇرنى يانفۇنىڭزدا ،ھەر جايدا تۇرۇپ خالىغانچە كۆرەلەيسىز.مەزمۇنلىرى ھەقىقەتەن بەك ئىلغار.
مەن ئوقۇش جەريانىدىمۇ ئوقۇش پۈتتۇرگەندىن كېيىنمۇ ئىمتېھان دېگەننى خەنزۇ تىلىدا تولا بېرىپ ،شۇنداق زىرىكىپ كەتكەن ئېدىم،يەنە مۇشۇ يانفۇنۇمدىمۇ كەلگەن ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە،،،،،گەرچە كەسپىم تەرجىمانلىق بولسىمۇ ئادەم تىل دېگەندە يەنىلا قېينىلىدىكەن.بۇ تىل دېگەنچۇ ئۈگەي ئانا بىلەن ئۆز ئانىنىڭ بالىغا بەرگەن مېھرىدەكلا ئېكەن،سىز ئۆز ئانىڭزنىڭ قۇچىقىدا بىمالال ئەركىلەپ مەڭزىلىرىگە سۆيەلىگىنىڭز بىلەن ئۈگەي ئانىڭزغا ئۇنداق قىلالمايدىكەنسىز.مەن تېلېفۇنۇمدا ئانا يېزىقىمىزدىكى سەرخىل ئۇچۇرلارنى خالىغانچە كۆرەلىگىنىمدىكى ھېسياتىمنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن.
كۈنسىرى ھەر خىل خىرىسقا دۈچ كېلىۋاتقان ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ ئاسمېلاتسىيە بولۇپ كېتىشى ئەمەس تېخىمۇ راۋاجلىنىشىغا ،ئەسلى قىممىتىنى ھەممىمىزنىڭ يانفۇنى ئارقىلىق تېپىشىغا ھەقىقى ئىشىنىمەن.